نۆۋەتتىكى تېما : مەھمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1024ـ كۆرۈرمىنى
kisek

دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1354
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 154
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە154دانە
شۆھرىتى: 182 نومۇر
پۇلى: 1810 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :88(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-02
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 مەھمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار

      مەھمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار 


    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مائارىپ كومىتېتى 2008 - يىلىنى مەخمۇت كاشغەرى يىلى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ﻫەر قايسى جايلىرىدا مەخمۇتكاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخمۇت كاشغەرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ﻫەققىدە ئىلمىي مۇﻫاكىمە يىغىنلىرى ۋە ﻫەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

     بۇ خىل ئىلمىي مۇﻫاكىمە يىغىنلىرىدا مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار ﻫەققىدە كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالىلار ئوقۇپ ئۆتۈلمەكتە. بۇ ماقالىلاردا ﻫازىرغىچە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ باقمىغان يېڭى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

     11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار ناملىق يىغىندا تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن `مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار` تېمىسىدا سۆز قىلدى.

     پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۇ دەۋىردىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بىرىنى قۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قانداق يوق بولغانلىقىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، مەخمۇت كاشغەرى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلار ﻫەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە ﻫازىرغىچە ئۇيغۇر تارىخى ﻫەققىدە ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان بەزى كۆز قاراشلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ﻫەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     ئۇيغۇر دۆلىتى قانداق بىر دۆلەت ئىدى؟ ئۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق ئىدى؟ ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى ۋەتەنلىرىگە قاچان كەلگەن؟ مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟

     8 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلار
   
      پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىگە 700 - يىللاردىكى ئۇيغۇرلار ﻫەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق باشلىدى: "    مەن مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆزلەشتىن بۇرۇن، مەخمۇت كاشغەرىدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار ﻫەققىدە توختىلىپ ئۆتەي. مەخمۇتكاشغەرىنىڭ ئەسىرى 1070 - يىللاردا يېزىلغان. بۇ ئەسەر يېزىلىشتىن بۇرۇن 770 - يىللاردا، ئوردۇ بالىقتىكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تەختىدە بۇگىخاقان ئولتۇراتتى. 750 - يىلىدىكى تالاس ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان، ئەنلۇشەن قوزغىلىڭى بىلەن قالايمىقان بولۇپ ۋەيران بولغان تاڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن دۆلىتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئىدى. تاڭ دۆلىتىدىكى قوزغىلاڭلارنى ئۇيغۇرلار باستۇرۇپ بەرگەچكە، ئۇيغۇرلارغا رەخمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ﻫەر يىلى يۈزمىڭ توپ يىپەكنى ئۇيغۇر خاقانلىقىغا يەنى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئوردۇبالىققا ئەۋەتىپ بېرىدىكەن."

"تاڭنامە" دە بۇ ﻫەقتە شۇنداق دەپ يېزىلغان: "تاڭ خاندانلىقى غەزىنىسى قۇرۇپ، دۆلەت كادىرلىرىغا مائاش بېرەلمەيدىغان دەرىجىدە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، تاڭ خاندانلىقى ﻫەر يىل ئۇيغۇرلارغا 100 مىڭ توپ يىپەك ئەۋەتەتتى. ئۇيغۇرلار تاڭغا بېرىپ كېلىپ يۈرۈپ كۆنۈپ قالغان بولغاچقا ﻫەر يىلى باﻫار پەسلىدە تاڭنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە بارىدىكەن. ئۇيغۇرلار تىجارەتكە ماﻫىر بولغاچقا داۋاملىق تاڭدىن مال ئېلىپ تىجارەت قىلىدىكەن. ئۇيغۇرلار تاڭغا بىر ئات بېرىپ 40 توپ يىپەك ئالىدىكەن. يەنە خەنزۇ مەنبەلىرىدە، 773 - يىلىدا تاڭ ئۇيغۇر دۆلىتىگە رەخمەت ئېيتىش ئۈچۈن مىڭ ئات ﻫارۋىسى يىپەكنى ئورخۇن دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇر دۆلىتىگە ئاپىرىپ بەرگەنلىكى يېزىلغان."

     800 - يىللارنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇرلار

     پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن سۆزىدە 800 - يىللارنىڭ بېشىدىكى ئۇيغۇرلار ﻫەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "800 - يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلسەك، بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ تەختىدە ئەدىس خاندانلىرىدىن ئالپ ئۇلۇغ بىلگە خاقان ئولتۇرۇۋاتاتتى. يېنىسەي بويلىرىدا بولسا قىرغىزلار بار ئىدى، ئالپ ئۇلۇغ بىلگە خاقان قىرغىزلارغا ﻫۇجۇم قىلىپ، 400 مىڭ ئەسكىرى بار قىرغىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى. ئۇيغۇرلار قىرغىزلارنى خانىۋەيران قىلىۋەتكەن. 820 - يىلىغا كەلگەندە تامىن بىنباﻫ ئىسىملىك بىر ئەرەپ ساياﻫەتچى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئوردۇبالىق شەﻫىرىگە بارغان بولۇپ، ئۇ ساياﻫەتنامىسىدە ئۇيغۇر دۆلىتىدە كۆرگەنلىرى ﻫەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: `ئوردۇبالىق ئىنتايىن چوڭ بىر شەﻫەر ئىكەن، شەﻫەرنىڭ ئەتراپى تېرىلغۇ يەر ۋە مېۋە باغلىرى بىلەن قاپلانغان بولۇپ، خەلقى ئىنتايىن باي ئىكەن. خەلقى بايلىق ئىچىدە باياشات ياشايدىكەن. خەلقى مانى دىنىغا ئېتىقات قىلىدىكەن.` ئەرەپ ساياﻫەتچى كىتابىدا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ﻫەربىي كۈچى ﻫەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: `ئۇيغۇرلارنىڭ 17 قەبىلىسى بار، ﻫەر قەبىلىنىڭ قەبىلە رەئىسىگە قاراشلىق 13 مىڭ ئەسكىرى بار، بۇلاردىن باشقا خاقاننىڭ قول ئاستىدا 12 مىڭ ﻫەربىي بار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جەمى 333 مىڭ ئەسكىرى بار ئىكەن."

     ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى

     پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىدە 839 - يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ چۆكۈشكە قاراپ يۈز تۇتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "ناچار بىر ۋەزىيەت، ئارىدىن 20 يىل ئۆتۈپ 839 - يىلىغا كەلگەندە، كۈرەبىر ئىسىملىك بىر ۋەزىر، ئۇيغۇر خاقانىنى تەختتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن توپىلاڭ چىقارغان. ئۇيغۇر خاقانى ئالت قۇلۇ بىلگە خاقان بۇنى كۆرۈپ چىدىيالماي ئۆلۈۋالىدۇ. توپىلاڭ قوزغىغان ۋەزىر قازار تېكىننى تەختكە چىقارغان. بۇلار ئاڭلىتىلغان `كۆچ` ناملىق بىر داستانمۇ بار، بۇ توپىلاڭدىن كېيىن قىش مەۋسۇمى يېتىپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئات - ئۇلاغلىرى ئۆلۈپ، نامراتلىق ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ ئۇيغۇر دۆلىتى ۋەيران بولۇپ كەتكەن. توپىلاڭ چىققاندا ئۇيغۇر پايتەختىنىڭ سىرتىدا بولغان تۇلۇغ بۇغا ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ﻫەربىي قوماندان بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، دەرﻫال قىرغىزلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، 100 مىڭ قىرغىز ئەسكىرىنى ئېلىپ ئۇيغۇر پايتەختى ئوردۇبالىق شەﻫىرىگە يەنى ئۇيغۇر دۆلىتىگە ﻫۇجۇم قىلغان. قىرغىزلار ئۇيغۇرلاردىن ئۆچ ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان دەل بۇ مەزگىلدە، قىرغىزلار بۇ خائىن ئۇيغۇر قوماندانغا ياردەم قىلىپ 100 مىڭ كىشىلىك قىرغىز ئارمىيىسى بىلەن ئۇيغۇر دۆلىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن 840 - يىلىدا ئۇيغۇرلار غەربكە قاراپ يەنى بۈگۈنكى شىنجاڭغا قاراپ كۆچۈشكە باشلىغان. بىزنىڭ مەشﻬۇر `كۆچ` داستانىمىز بۇ كۆچ نەتىجىسىدە مەيدانغا چىققان. مەخمۇت كاشغەرى تۈركىي تىللار دىۋانىدا دېگەن ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇ ئۇيغۇرلار. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار شىنجاڭغا كېلىشتىن بۇرۇن  شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار بارمىدى؟" 

                                               ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى   

   
         پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى ئۇيغۇر دۆلىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، پەرىشان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش جەريانىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇرلار كۆچۈپ كېلىشتىن بۇرۇن غەربى يۇرۇتتا ئۇيغۇرلار يوقمىدى؟ ئۇيغۇر دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن، 840 - يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 13 قەبىلىسى جەنۇبقا ، 15 قەبىلىسى غەربىي جەنۇبقا قاراپ كۆچكەن. جەنۇبقا كۆچكەن ئۇيغۇرلار كەنسۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنى، غەربىي جەنۇبقا كۆچكەن ئۇيغۇرلار بولسا، قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان. بەزى تارىخچىلار ئۇيغۇرلار 840 - يىلىدا غەربكە كۆچۈشتىن بۇرۇن غەربى يۇرۇتتا ئۇيغۇرلار يوق ئىدى دەيدۇ، بۇ كۆز قاراش توغرا ئەمەس. 697 - يىلىدا غەربى يۇرۇتنىڭ بەزى جايلىرىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بار ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار كۆكتۈرك دۆلىتى خاقانى بىلگە خاقاننىڭ تاغىسى قاپاغان خاقان ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلەتكەن ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى غەربى يۇرۇتقا كۆچۈپ كەلگەن. 697 - يىلىدا ئورخون يېنىسەي بويىدىن غەربى يۇرۇتقا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بار. ﻫەممىمىزگە مەلۇم 745 - يىلىدا كۆكتۈرك دۆلىتىنى ئاغدۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ﻫۆكۈمدارى مويۇنچۇر خاقان مەزگىلىدە غەربى يۇرۇت ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئىدى. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر خاقان بۇ يەرگە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنى جايلاشتۇرغان ئىدى.غەربى يۇرۇتنى قىسقا ۋاقىت تىبەتلەر بېسىۋالغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇرلار يەنە قايتۇرۇۋالغان. ئۇيغۇرلار 6 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ۋە 7 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىزدە تولىس خەنزۇچە مەنبەلەردە تېلى دەپ ئاتالغان تۈرك قەبىلىلەر بىرلىكىنىڭ ئىچىدە ئىدى. بۇ مەزگىلدە يەنى 481 - يىلىدا ئۇيغۇرلار تەڭرى تاغلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇب رايونىدىكى تۇرپانغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. دېمەك مەﻫمۇت قەشقىرى ئەسىرىدە يازغان ئۇيغۇرلار غەربى يۇرۇتىغاناﻫايىتى قەدىمى تارىختا كەلگەن."
 
                          مەھمۇت  كاشغەرى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار

    پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن مەﻫمۇت كاشغەرى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ﻫەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " مەﻫمۇت كاشغەرى مەزگىلىگە كەلسەك، 840 - يىلى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن تۇرپاندا قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇلغان. كانسۇ ئۇيغۇر دۆلىتى مەﻫمۇت كاشغەرى تۇغۇلغان يىللاردا 1028 - 1036 يىللىرى ئارىسىدا تاڭغۇتلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. ئەمما مەﻫمۇت كاشغەرى مەزگىلىدە قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىدى. يېڭى قۇرۇلغان مەزگىلدە ﻫازىرقى غەربى يۇرۇت زېمىنى پۈتۈنلەي تۇرپان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئىدى. 11 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاراخانىيلار دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى كىچىكلەپ كەتكەن. مەﻫمۇت كاشغەرى تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرىدە غەربى يۇرۇتىكى يەر ناملىرى ﻫەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن. مەﻫمۇت كاشغەرى كۈسەن سۆزىنى ئىزاﻫلاپ، كۈسەن يەنى بۈگۈنكى كۇچانىڭ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ چېگرا رايونى ئىكەنلىكىنى يازغان. يەنى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ چېگرىسى جەنۇبتا كۇچاغىچە، شىمالدا بولسا ئىلى دەرياسىغىچە ئىكەن. تۈركىي تىللار دىۋانىدا بېرىلگەن بۇ مەلۇماتلار بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇﻫىم."

                                                  ھازىرقىئۇيغۇر ئۇقۇمى

         پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىدە بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئۇقۇمى ﻫەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: "بۇ مەلۇماتلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئۇقۇمى ئۈچۈن بەك مۇﻫىم. 1920 - يىللاردا غەربى يۇرۇتىكى خەلققە ئۇيغۇر دەپ نام بېرىلگەن ئىدى. ﻫازىرقى ئۇيغۇر ئاتالغۇسى بىلەن مەﻫمۇت كاشغەرى دېگەن ئۇيغۇر ئۇقۇمى تازا ئوخشاپ كەتمەيدۇ. چۈنكى بىز ﻫازىر بۇرۇنقى قاراخانىيلار دۆلىتى ئىچىدىكى قەشقەر، ئاقسۇ، يەركەن قاتارلىق جايلاردىكى ئىنسانلارنىمۇ ئۇيغۇر دەيمىز، ئەمما مەﻫمۇت كاشغەرى بۇلارنى ئۇيغۇر دېمەيتتى. ئۇلار قاراخانىيلار ئىدى، مۇسۇلمان ئىدى. مەﻫمۇت كاشغەرى غەربى يۇرۇتنىڭ شەرقىدىكى بۇددا ۋە مانى دىنىگە ئېتىقات قىلغان كىشىلەرنى ئۇيغۇر دەيتتى. شۇڭا مەﻫمۇت كاشغەرى دېگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ﻫازىرقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 70 پىرسەنت ئوخشاشلىق بار دېيىش مۇمكىن. ﻫازىر ﻫەممىسى ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدۇ. دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى، ئۆزبېكلەر ۋە قىرغىزلارنىڭ بۈيۈك بىر قىسمى قاراخانىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر."

                                         مەﻫمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟

        پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن يىغىندا قىلغان مەﻫمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار ماۋزۇلۇق نۇتىقىدا مەﻫمۇت كاشغەرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى بىر قانچە مەسىلە ئۈستىدە توختالماقچىمەن. بىرىنچىسى قاراخانىيلارنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىدۇر. بۇ ﻫەقتە ئىككى خىل كۆز قاراش بار. بىرىنچىسى بەزى مۇتەخەسسىسلەر قاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرغان ﻫۆكۈمدارلارنىڭ قارلۇق قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى تارىخچىلار ياغما قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مەشﻬۇر تارىخچى بارتولد ، زەكى ۋەلىدى توغان، تونۇلغان تارىخچى رەشات گەنچ قاتارلىق كىشىلەر قاراخانىيلارنىڭ ياغما قەبىلىسىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇلار ئەرەبچە `ﻫۇدۇد - ئىل ئالەم` ئىسىملىك تارىخ ۋە جۇغراپىيە كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا تايىنىپ تۇرۇپ بۇ كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كىتابتا ياغمالار ﻫەققىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان. `قاراخانىيلار دۆلىتى ﻫۆكۈمدارلىرى توققۇز ئوغۇز قەبىلىسىدىندۇر.` توققۇز ئوغۇز كىم؟ قەدىمقى ئەرەب مەنبەلىرىدە ئۇيغۇرلار توققۇز ئوغۇز دەپ قەيت قىلىنغان. دېمەككى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ﻫۆكۈمدارلىرى ئۇيغۇر ئىكەن. يەنە `مۇجىمەلىت تەۋارىخ` ئىسىملىك كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان: `ياغمىلارنىڭ پادىشاﻫىغا بۇغراخان دەيدۇ`. دېمەككى قاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرغان ﻫۆكۈمدارلار ياغما قەبىلىسىدىندۇر. ياغما قەبىلىسىمۇ توققۇز ئوغۇز ئىكەنلىكىگە قارىغاندا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ﻫۆكۈمدارلىرى ئۇيغۇردۇر. يەنى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئۇيغۇردۇر. مەﻫمۇت كاشغەرى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ﻫۆكۈمدار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا، مەﻫمۇت قەشقىرىمۇ ئۇيغۇردۇر. ﻫەممىمىزگە مەلۇم مەﻫمۇت قەشقىرى ئەسىرىدە قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى يازمىغان."


               ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى

      پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى مەﻫمۇت كاشغەرى دىۋانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ﻫەققىدە يازغانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "مەﻫمۇت كاشغەرى دىۋانىدا يەنە بىر يەردە ئۇيغۇرلار ﻫەققىدە مۇنداق دەپ يازغان. `ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ﻫەقىقى تۈرك تىلىدۇر. ئەمما ئۆزئارا ئوخشىمايدىغان دىيالېكتلەردىمۇ سۆزلىشىدۇ`. دېمەك ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇ چاغلاردا ئەدەبىي تىلىدىن باشقا، دىيالېكتىمۇ بار ئىكەن."
            

                                                           تۇركىي تىللار دىۋانىنىڭ قىممىتى

         پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مەﻫمۇتكاشغەرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرىنىڭ قىممىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "مەﻫمۇت كاشغەرى ئەسىرىدە يۇقۇرىدىكىدەك ئۇيغۇرلار ﻫەققىدە قىممەتلىك مەلۇماتلارنى بەرگەن. ئەسەرنىڭ ئەﻫمىيىتى پەقەتلا ئۇيغۇرلار ﻫەققىدە بېرىلگەن بۇ مەلۇماتلاردىن ئىبارەت ئەمەس. ئوغۇزلار توغرىسىدىمۇ تالاي مەلۇمات بېرىلگەن. تۈركىي تىللار دىۋانىدا باشقا تۈركىي مىللەتلەر ﻫەققىدىمۇ ناﻫايىتى كۆپ مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئەسەر ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرك دۇنياسىنى بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن بىر قامۇستۇر. 1000 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ مەﻫمۇت كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى يەنىلا ئۇلۇغدۇر."

  مەنبە: تۈركىيە خەۋەرلىرى ( شەبنەم)
1som
| ۋاقتى : 2008-12-17 01:28 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 1024ـ كۆرۈرمىنى
Nawayi

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 354
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-05-30
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەندە مىلادى 840-يىلىدىكى غەرىىپكە كۆچكەن  ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇنىدىن بۇرۇن  شىنجاڭدا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنى باغلاپ بىقىشتا چۈشۈنۈكسىز مەسىلىلە يوق ئەمەس بەلكى ناھىيىتى كۆپ دىسەم بولىدۇ ، بولۇپمۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىغى قىرغىزلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ ئۇيغۇرلار غەرىپكە كۆچكەندىن ئىبارەت بۇ تارىخ ھازىر جوڭگودىكى نۇرغۇن تارىخ تەزكىرىچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار شىنجاڭغا يەرلىك مىللەت ئەمەس تىخى مىڭ نەچچە يۈز يىللا ئىلگىرى ئورخۇن دەريا بويلىرىدىن مۇساپىر بولوپ شىنجاڭغا كۆچۇپ كەلگەن دەپ چۇقان سىلىشىغا دەستەك بولۇپ بەردى ھەتتا بۇ توغرىلىق جوڭگۇ ئىجدىمائىى پەنلەر ئاكادىمىيىسى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭمۇ شۇنداق خۇلاسىسى باركەن ، ئەلۋەتتە بۇلاردا 840 يىلىدىن بۇرۇن شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار يوقمىدى دىگەنلەر كۇپ تەكىتلەنمەپتۇ  پەقەت كىرورانلىىقلار لوپنۇر مىللىتى دەپ تىللغا ئىلىنغان ،بۇنىڭدىن مەن بىر خىل كىرىزىس تۇيغۇسىنى ھىس قىلدىم مۇناسىۋەاتلىك كونكىرىت مەزمۇنلارنىڭ ئۇلىنىشىنى مەن توردىن ئىزدەپ بۇدا ئىنكاستا  ئۇلىنىش قىپ قوياي ، دىمەكچى بولغىنىم بۇ تىمىدا بۇ مەسىلىلەر ئىخچام ئىنىق كونكىرىت دەلىلللەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويىلىپتۇ بۇنى ئوقۇپ بەك خوش بولدۇم ، تىمىغا مۇناسىۋەتلىك تولۇقلىما مەزمۇنلارنى يولداشلارنىڭ ئىنكاسىدىن داۋاملىق كۆرسەم دىگەن ئۇمۇتتىمەن ، يىقىن مەزگىل ئىچىدە باش سۆڭەك قاتارلىق ئۇستىىخان ئەۋرىشكىلىرىدىن گېن گۇرۇپپىسى ئايرىشنى باشلىماقچى  بولدۇم ،ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلىك رايونلارغا تارقالغان جانلىقلارنىڭ  گېن گۇرۇپپىسىنىڭ ئوخشاش مەنبەلىك ياكى قانداشلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ سىلىشتۇرمىسىغا ئاساسەنتارىخى  ئىتنىك قۇرۇلمىسىغا ھۆكۇم قىلىش تامامەن مۇمكىن بولۇپلا قالماي ھازىر ئانتروپلوگىيە ۋە ئىتنىكا تەتقىقىتىدىكى ھەر قانداق يازما ياكى ئاغزاكى تارىخى پاكىتنىڭ چىنلىغىنى ئىلمى ۋە ئوبىكتىپ مەيداندىن دەلىللىيەلەيدىغان ۋاستىلىك  ئۇسۇل بولۇپ قالدى ، مىنىڭمۇ پۇرسەت بولسا بۇ تەرەپلىدە كىيىن ئىزدىنىپ باققىم بار .
1som
| ۋاقتى : 2008-12-17 03:10 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1024ـ كۆرۈرمىنى
koktash

دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 380
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-06-09
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى ناھايىتى ياخشى تەھلىل قىپتۇ،

ئاپىرىن!!!
| ۋاقتى : 2008-12-17 03:40 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1024ـ كۆرۈرمىنى
Nawayi

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 354
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-05-30
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

گىنىتىكا ئىلمىدىكىDNA تەتقىقاتىنىڭ ئانتروپلوگىيە ياكى ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىدە قوللىنىلىشى توغرىللىق مۆلجەر بۇرادىرىمىز  بۇلتۇر بىربەك ياىشى  تىما يوللىغان ۋە بۇ توغرىلىق بەك قىزغىن مۇنازىرە بولغان ھەم ئۇيغۇرچە خەتنى ئىلىببەگە قاراپ  بەك تەس يازىمەن شۇڭا مۆلجەرنىڭ ئۇ تىمىسىنى ئۇلىنىش قىپ قويدۇم 
گېن تەتقىقاتچىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان ئۇيغۇر  گېن تىپى قۇرۇلمىسى
/bbs/read.php?tid=263#893
بۇ توغرىدا مىنىڭمۇ بىر تىمام بار قىزىققۇچى يولداشلارغا
/bbs/read.php?tid=802#2924
كەچۈرىسىلەر بايا مەن ئۇلىنىش قىپ قويماقچى بولغان شىنىخۇا تورىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 840-يىلنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا يىزىلغان بايان ئۆچۈرۈلۈپ كىتىپتۇ ، ئۆچۈرۈلۇپ كەتمىنىمۇ ياخشى بوپتۇ .
| ۋاقتى : 2008-12-17 03:51 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1024ـ كۆرۈرمىنى
mavlan

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 1140
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 255
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە255دانە
شۆھرىتى: 289 نومۇر
پۇلى: 2880 سوم
تۆھپىسى: 48 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :340(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-22
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ماخمات قاسقارى دەيدىغانلار يوقاپ كەتتا ، قىفشاق غالىمى دىسە  ئىچىلىرىم سىقىلىپ كىتەتتى . كۆرە مانا .
مىنىڭ "تۇر،تۇرا ،تۇران ،تۈرك ،ئۇيغۇر " دىگەن تمامنى ئوقوسڭىىز ،ئويغۇرلارنىڭ قاچان كەلگىنىنى چۈشىنەلەيسىز،ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىزنىڭ تارىخنى ئۆزىمىز يازايلى !!!!
بىز پۈتكۈل تۈرك دۈنياسىنىڭ يادىرۇسى ،ئاتالمىش 840يىلى قىرغىز ئاتلىرى كىشنىگەندە ................................................................................................................
[ بۇ يازما mavlan تەرىپىدىن 2008-12-17 15:39 دە قايت ]
yol
| ۋاقتى : 2008-12-17 13:30 4 -قەۋەت

ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.055177(s) query 4, Time now is:01-11 09:45, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation