ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
TOXRI
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
---|
ھازىرقى ۋقىتتا ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن مەركىزى ئاسىىيانىڭ كۆپ جايلىرىدا ياشايدۇ.ئۇيغۇرلار قەدىمىي زاماندىن تارتىپ شانلىق ۋە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان تۈرك خەلقىدۇر.شۇ قەدىمقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ھازىرقى ۋاقىتتا مەركىزى خىتتاينىڭ(ئەسلى كىتابتا شۇنداق دىيىلگەن)گەنسۇ ۋىلايىتىدە سۇجۇ ۋە گەنجۇ شەھەرلىرى ئەتراپلىرىدا ياشايدۇ.بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى"سېرىق ئۇيغۇرلار"دەپ ئاتايدۇ ۋەئۆزلىرىنىڭ قەدىمقى زامان دىنى بولغان بۇددا مەزھىپىگە ئىبادەت قىلىدۇ.شۇ قاتاردا ئۇلار مىللىي دىنى---شامانىزىمنىمۇ تاشلىماي كېلىدۇ.سېرىق ئۇيغۇرلار ئون مىڭغا يېقىن بولۇپ،بىر قىسمى موڭغۇللىشىپ،بىر قىسمى خىتتايلىشپ كەتكەن.ئۇلارنىڭ ئاساسىي كەسپى چارۋىچىلىقتىن ئىبارەتتۇر. شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى بىلەن سېرىق ئۇيغۇلارنىڭ تىلى ئارىسىدا خېلىلا پەرق بار.سېرىق ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بولمىدى .شۇنىڭ ئۈچۈن سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا ئەرەپ ۋە پارىس سۆزلىرى يوق.ئۇلارنىڭ تىلىدا بىراز بولسىمۇ خىتاينىڭ مەمۇرىي ۋە بۇددا مەزھىپى سۆزلىرى ئارلىشىپ قالغان.ئاساسەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرچا ئانا تىلىدا سۆزلىشىدۇ.سېرىق ئۇيغۇرلار تىلىنىڭ فونېتىكا تۈزۈلىشىنى ناھايىرى كونا دەپ ئويلاشقا توغرا كېلىدۇ.كۆپچىللىك تۈرك خەلقلىرىنىڭ تىللىرىدا جاراڭلىق تاۋۇش بولسا،سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا تولاراق جاراڭسىز تاۋۇش.مەسىلەن:سېرىق ئۇيغۇرلار كەلتى،پارتى دىسە،باشقا تۈرك خەلقلىرىدە كەلدى،باردى،ئالدى دەپ ئېيتىلىدۇ.سېرىق ئۇيغۇرلار "مۇندىن،بۇرۇندا"دىگەن سۆزلەرنى "مۇنتا، بۇرۇنتا" دەيدۇ،ئۇلاردا "ي"ھەرپى قايسى بىر ئورۇنلاردا "ز"غا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ .مەسىلەن:ئاياق--ئازاق،قويماق--قوزماق،تويماق-- توزماق"دەپ ئېيتىلىدۇ. سېرىق ئۇيغۇرلار ساناشنى كونا تەرتىپتە يۈرگۈزىدۇ.ئۇلار"ئون بىرنى--پىر يىگىرمە،يىگىرمە بىرنى--پىر ئوتتۇز،ئوتتۇز بىرنى--پىر قىرىق "دەيدۇ. پېئىللارنى سەرفلەشمۇ باشقىچە،سېرىق ئۇيغۇرلاردا ئۆتكەن زامان پېئىلى شۇنداق ئېيتىلىدۇ:"مەن كەلتى، سەن كەلتى،ميس كەلتى ئالار كەلتى...... شەرقى تۈركىستاندا سېرىق ئۇيغۇركارنىڭ قېرىنداشلىرىمۇ ياشايدۇ.لېكىن بۇلار ئۆزلىرىنى سېرىق ئۇيغۇرلار دەپ ئاتىمايدۇ.ئۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىمقى زاماندىكى بوۋىلىرىغا ئوخشاش بۇددا ياكا خىرىستىيان مەزھەپلىرىدە ئەمەس، ئۇلار مۇسۇلمانلار، ئۇلارنىڭ ئاساسىي كەسپى دېھقانچىلىق بولۇپ،ئۇلار قول ھۈنەرۋەنچىلىك(گىلەم توقۇش،قەغەز ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقىلار)،چارۋىچىلىق ۋە باشقا كەسپلەر بىلەنمۇ مەشغۇل بولىدۇ. ئۇيغۇرلار بىرنەچچە قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.مەسىلەن:لوپنۇر ئۇيغۇرلىرنى(بۇلار ئۆزلىرنى "لوپتۇق" دەپ ئاتايدۇ)ئالساق شىنجاڭدىكى كۆپچىللىك ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا،ئۇلارنىڭ تىلىدا ۋە مەدەنىيىتىدە پەرق بار.ئەنگلىيە ساياھەتچىسى ئاۋرىل.ستەييىننىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا ،ئۇنىڭ تەرجىمىلىرى قايسى بىر ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر شىۋىسىنى تەرجىمە قىلىشدا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان. لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى تام ۋە قومۇشتىن سېلىنغان ئۆيلەردە ياشايدۇ.ئۇلار بېلىقچىلىق،ئوۋچىلىق ھەم دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىغا يېقىن بولغان ئۇيغۇرلار ---دولانلار بولىدۇ.بۇ .ۇيغۇرلار مارال بېشى،بوغرا ئەتراپلىرىدا ۋە باشقا جايلاردا ياشايدۇ. خوتەن ۋىلايىتىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى بىر گۇرۇھقا بۆلۈش مۈمكىن،چۈنكى بۇلارنىڭمۇ تىلىدا بىر ئاز پەرق بار.شىنجاڭدىكى قالغان بارلىق .ۇيغۇرلارنى ئالساق،بۇلار تەبىئي شارائىتلار ئارقىسىدا (تۇرپان بىلەن قۇمۇل ئوتتۇرىسىدىكى تاغلار ۋە چۆل باياۋانلار)بىر -بىرسىدىن ئاجرىلىپ ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ،ئۇلار ھەممىسى بىر پۈتۈن خەلق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. س س س ر دا ئككى يۈز مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.بۇ ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىن چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تولىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80نچى يىللىرىدا كۆچۈپ چىققان. سوۋېت ئۇيغۇرلىرى ئۆزبېكىستاندا،قازاقستاندا،قىرغىزسستاندا بىر ئاز قىسمى تۈرمەنستاندا(بەيرام ئەلى ئەتراپلىرىدا ياشايدۇ) مەنبە:"ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تىلى" س س س ر پەنلەر ئكادىمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى،پروففىسسور---س .ي.مالوف [[p][/p ] |
||
![]() |
hakan
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
kukyal
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
TOXRI
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
Qutghur
دەرىجىسى :پانسات |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
pidaiy
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
kumluk138
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
mavlan
دەرىجىسى :پانسات |
|
|||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
erkhon
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
|||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
Bolivar
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|