چىنگىزخاننىڭ قىزىغا قىلغان نەسھىتى
ئىدىقۇت ئىلى قىتانلارنىڭ ھۈكۈمىرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇڭغۇل ئىلى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەندىن كىيىن، ئىدىقۇت خانى بىلەن مۇڭغۇل خانى ئۆز-ئارا قۇدۇلىشىپتۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا مۇڭغۇل ئىلىنىڭ خاقانى چىنگىزخان قىزى ئالتەن بەكە (مۇڭغۇل تىلىدا ئالتۇن دىگەن مەنىدە) نى ئىدىقۇت ئىلىگە يولغا سېلىش ئالدىدا قىزىغا نەسىھەت قىلىپ: "بەخىتلىك ئايالنىڭ ئۈچ ئىرى بۇلىدۇ، بۇلارنىڭ بىرى دۆلەت، ئىككىنچىسى ياخشى نام، ئۈچۈنچىسى ئۆز ئىرىڭ. مانا مۇشۇ ئۈچ ئەرگە ئىگە بۇلالىساڭ، سەن بەخىتلىك بۇلىسەن. ئەگەر سەن دۆلەتكە سادىق بۇلۇپ، ئەدەپ-قائىدىلەرگە ئەمەل قىلساڭ، تەبىئى ھالدا ياخشى نامدىن ئىبارەت ئىككىنچى <ئەرگە> ئىگە بۇلىسەن. ياخشى نامىڭنى مەھكەم ساقلىيالىساڭ ھېچقانداق ئەرنىڭ سېنى تاشلىۋەتكۈسى كەلمەيدۇ" دەپتۇ.
<ئىدىقۇت يۇلتۇزى> ناملىق كىتابتىن ئېلىندى