ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
سىز بۇ تېمىنىڭ 637ـ كۆرۈرمىنى
IZTURK
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
---|
ھونلارنىڭ يېزىقى تۇرغۇن ئالماس يېقىنقى چاغلارغىچە شەرىق ۋە غەرىپ ئالىملىرى ئارىسىدا، ھونلارنىڭ يېزىقى مەسىلىسى ھەققىدە بىر - -بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھەر خىل قاراشلار ھۆكۈم سۇردى. بۇنداق قاراشلارنى ئاساسەن ئۈچ خىلغا ئايرىش مۇمكىن . 1) بەزى تارخىچىلار << ھونلارنىڭ يېزىقى يوق ئىدى، تىل بىلەنلا چەكلىنەتتى >> دېگەن پىكىرنى ئالغا سۈرىدۇ . 2) بەزى تارىخچىلار << ھونلار خەنزۇ يېزىقىنى قوللانغان بولىشى مۇمكىن >> دېيىشىدۇ . 3) بەزى تارىخچىلار << ھونلار ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان يېزىقنى قوللانغان ياكى باشقا ئىلغار مىللەتلەرنىڭ يېزىقىنى قوبۇل قىلغان، يىغىپ ئېيتقاندا، ھونلار يېزىق قوللانغان >> دېيىشىدۇ . تارىخىي تەرەقىيات باسقۇچلىرىنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە قانونىيىتى ۋە جۇڭگونىڭ قەدىمكى يىلنامىلىرىدىكى پاكىتلار، يېقىنقى يىللاردا تېپىلغان يازما يادىكارلىقلارغا ئاساسلىنىپ ھونلار مىلادىدىن بەش ئەسىر بۇرۇنلا يەنسەي ئۇرخۇن يېزىقىنى قوللانغان، دەپ قەتئى ھۆكۈم قىلىش ئاساسىغا ئىگىمىز . شۇنداق ئىكەن، ئۇچاغدا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى خىل قاراشلارنى ئۈزۈل-كېسىل رەت قىلىش لازىم. ئەمدى پاكىتلارغا نەزەر سالايلى : 1) مەدەنىيەت بولسا جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ. ھونلار مىلادىدىن بىرنەچچە ئەسىر بۇرۇنلا فېئوداللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويغان. ئۇلار شۇ چاغلاردىن باشلاپلا تۆمۈر، مىس، ئالتۇن قاتارلىق قارا ۋە رەڭلىك مېتاللاردىن ھەربىي قورال، سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىق تۈرلۈك نەرسىلەرنى ياساشتا خېلى يوقۇرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەن. تۆمۈر قوراللارنىڭ ياسىلىشى( ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ) ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى يوقۇرى كۆتۈرگەن . بۇنداق تەرەققىيات باسقۇچىدا ئاللا قاچانلا يېزىق قوللانغان . ف. ئېنگىلىس مۇنداق دەپ يازىدۇ: << تۆمۈر رودىسىنى ئېرىتىشتىن تارتىپ، ھەرىپلىك يېزىقنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ يېزىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى ئارقىلىق مەدەنىيەتكە ئۆتىدۇ. >> تارىخىي تەرەققىيات قانۇنى بويىچە ئېيتقاندا، مىلادىدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇن مېتال ئېرىتىپ ( مىس، تۆمۈر، ئالتۇن ) تۈرلۈك قوراللار ۋە سايمانلار ياساشتا ئالاھىدە يوقۇرى سەۋىيەگە يەتكەن، قۇدىرەتلىك ئۇلۇغ ھون تەڭرىقۇتلىقىنى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەشكىلىي تۈزىمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ خىلمۇخىل تۈرلىرىنى ياراتقان ھونلارنىڭ يېزىق قوللانماسلىقى تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگىمۇ، ئەقىلغىمۇ زادى سىغمىسا كېرەك . 2) ھونلارنىڭ يېزىق قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تارىخىي پاكىتلارمۇ ئاز ئەمەس. باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ مىلادىدىن 192يىل بۇرۇن خەن قىرالچىسى ( ئايال پادىشاھى ) لۇيخۇغا، مىلادىدىن 176يىل بۇرۇن خەن پادىشاھى ۋىندىغا يازغان مەكتۇپلىرى، كىيۇك تەڭرىقۇتنىڭ مىلادىدىن 162يىل بۇرۇن خەن پادىشاھى ۋىندىغا يازغان مەكتۇپى، بۇلارنىڭ ھەممىسى دەلىل بولالايدۇ. مەكتۇپلەرنىڭ بىرسىدە كىيۇك تەڭرىقۇت خەن ۋۇدىغا مۇنداق دەپ يازغان : << كۆك تەڭرى بىلەن يەر تەڭرىسى تەرىپىدىن ھايات بېرىلگەن، كۈن تەڭرى بىلەن ئاي تەڭرى تەرىپىدىن تەخىتكە چىقىرىلغان ئۇلۇغ ھون تەڭرىقۇتى خەن پادىشاھسىنىڭ سالامەتلىگىنى ئېھتىرام بىلەن سورايدۇ >>، قامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھونلار ئاسمانغا ، يەرگە ، كۈنگە ، ئايغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئادەتكە ئىگە ئىدى . شۇڭا ئۇلارنىڭ يازغان مەكتۇپلىرى قامان دىنىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچۇرغاندىن تاشقىرى، بەدىئىي جەھەتتىمۇ ئوبرازلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىدى ، 3) ھونلار مىلادىدىن بۇرۇنلا ئۆز دۆلىتىنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي خەرىتىلىرىنى سىزغان ۋە ئۇنى قوللانغان. مىلادىدىن 36يىل بۇرۇن قۇتىئوش تەڭرىقۇت ( 56 - 36 ) ئۆلتۈرۈلگەندە خوشاللىقىنى باسالماي قالغان خەن پادىشاھسى يەندى ( 48 - 33 ) ۋەزىرلىرىگە بەرگەن زىياپىتىدە قۇتىئوش تەڭرىقۇت ھايات چېغىدا ئىشلەتكەن خەرىتىنى ئۆز ئەمەلدارلىرىغا كۆرسەتكەن ئىكەن، مانا شۇ خەرىتىگە ھونلار تېررىتورىيىسىدىكى تاغلار ۋە دەريالار چۈشۈرۈلگەن. شۇ خەرىتە قۇتىئوش تەڭرىقۇتنىڭ سىياسىي، ھەربىي ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان خەرىتىسى بولىشى مۇمكىن . مىلادىنىڭ 48-يىلى ھونلارنىڭ باتىس بەي خانى خەن پادىشاھسى گۇاڭ ۋۇدىغا گۇ خىڭ ئاتلىق خەنزۇ ئارقىلىق ھونلار دۆلىتىنىڭ خەرىتىسىنى مەخپىي ھالدا ئەۋەتىپ بەرگەن . مانا بۇ خەرىتىنىڭ قۇتىئوش تەڭرىقۇتنىڭ خەرىتىسى بىلەن ئوخشاش خەرىتە بولىشى تەبىئىي. ھونلار سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا خەرىتىلەرنى سىزىپ، ئۇنى قوللانغان ئىكەن، ھونلارنىڭ ئۇ چاغدىكى خەرىتىلەردىكى شەرتلىك بەلگىلەرنى يېزىق ئارقىلىق ئىزاھلىغانلىقىدا شەك يوق . 4) مىلادىنىڭ 250 - يىللىرى جۇڭگو پادىشاھسى ( بۇ مەزگىل ئۈچ دۆلەت مەزگىلى ئىدى ) كامبودژاغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى كاڭتەي ئاتلىق ئادەم دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندە، كامبودژالىقلارنىڭ يېزىقى ھونلارنىڭ يېزىقىغا ئوخشايدىكەن دېگەن. شۇ چاغلاردا كامبودژالىقلار ھىندى يېزىقىنى قوللانغانىدى. ئەلچى كاڭتەي كامبودژالىقلار قوللانغان ھىندى سانسىكىرىت يېزىقى ( ياكى قارۇشتى يېزىقى ) بىلەن قەدىمكى چاغلاردا ھونلار قوللانغان يەنسەي ئۇرخۇن يېزىقىنىڭ پەرقىنى تازا ئايرىيالماي، شۇنداق دېگەن بولىشى مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى ھونلارنىڭ يېزىقى بارلىقىنى 3 - ئەسىردە ياشىغان خەنزۇلارمۇ بىلىدىكەن . يۇقۇرىدا كەلتۈرۈلگەن تارىخي يازما پاكىتلار ( ھونلارنىڭ يازغان مەكتۇپلىرى، ھون خەرىتىلىرى، كاڭتەينىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرى ) ھونلارنىڭ يېزىقى بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا يارىسىمۇ، لېكىن ھونلارنىڭ زادى قانداق يېزىق قوللانغانلىقى ھەققىدە بىرنەرسە دېيىش قىيىن ئىدى. مانا شۇ ئەڭ قىيىن، ئەڭ جىددىي ھەل قىلغۇچ مەسىلە ھازىر ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولدى . پاكىتى تۆۋەندىكىچە : 5) << كېيىنكى يىللاردا رۇسلار قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالمۇتادىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىسىقكۆل ئەتىراپىدا بىر قورغان خارابىسىنى قازدى. بۇ قېزىش ئىشلىرىدا ئارخېلوگىيە تارىخىغا < ئالتۇن كىيىملىك ئادەم > دەپ يېزىلغان ۋە ياش ئۆلۈپ كەتكەن بىر تۈرۈك شاھزادىسىنىڭ مازىرى تېپىلدى، شاھزادىنىڭ يېنىدا كۆمۈش تاۋاقتا كۆكتۈرۈك ئېلىپبەسىنىڭ دەسلەپكى شەكلى دەپ ھىساپلانغان ۋە تۈرۈكچە ئىكەنلىگى ئالغا سۈرۈلگەن ئىبارىلەر بار. بۇ تېپىلما مىلادىدىن بەش ئەسىر بۇرۇنقى تارىخقا مەنسۇپ بولۇپ، تۈرۈك مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمىيلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى. بۇ ئەھۋال قەدىمكى تۈرۈك مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىياتلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. >> مانا بۇ ھونلارنىڭ قوللانغان يېزىقى يەنسەي ئۇرخۇن يېزىقى ( كۆكتۈرۈك يېزىقى ) ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا رەت قىلغىلى بولمايدىغان پاكىت . ھونلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان ۋە ھونلارغا قېرىنداش بولغان تۈرۈكلەرنىڭ يېزىقىنى ھونلارنىڭ قوبۇل قىلىپ، ئۇنى قوللانماسلىقى زادى مۇمكىن بولىدىغان ئىش ئەمەس. قىتانلار دۆلىتى ( 916-1211 ) . ئۇلۇغ مۇڭغۇل ئىمپېرىيىسى ( 1209-1368 ) قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى دۆلەت يېزىقى سۈپىتىدە قوللانغان ئەمەسمۇ ؟ تىبەتلەرمۇ مۇڭغۇللار ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلىپ تاكى ھازىرغىچە قوللىنىپ كەلمەكتە . بەزىلەرنىڭ ئۇرخۇن بويلىرىدىن تېپىلغان كۆكتۈرۈك مەڭگۈ تاشلىرى ۋە ئۇيغۇرخانلىقىغا دائىر مەڭگۈ تاشلارغا ئاساسلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يازما ئەدەبىياتى 7- ئەسىردىن باشلىنىدۇ، 7- ئەسىردىن باشلاپ يېزىققا ئىگە بولغان دېيىشلىرى ئەمدى ئوبيېكتىپ تارىخى پاكىتلارغا يارىشا رەت قىلىنىشى كېرەك . خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ھونلار مىلادىدىن بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا يەنسەي ئۇرخۇن يېزىقىنى قوللانغان . |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 637ـ كۆرۈرمىنى
mavlan
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 637ـ كۆرۈرمىنى
chaghri
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 637ـ كۆرۈرمىنى
barhan
دەرىجىسى :مىڭ بېشى |
رەسىم :
![]()
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 637ـ كۆرۈرمىنى
koktash
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 637ـ كۆرۈرمىنى
izdinix
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 637ـ كۆرۈرمىنى
arkim
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|