سەلجۇقىلار ئىمپىرىيەسىنىڭ مەشھۇر ۋەزىرى نىزامۇل مۇلك ( ئەبۇ ئەلى ھۈسەيىن ) نىڭ سىياسەتنامە ناملىق كىتابىدا غەزنەۋىلەر خانلىقى ۋە سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىگە ئائىت مەزمۇنلار كۆپ ئۇچرايدۇ . غەزنەۋىلەر خانلىقى قۇرۇلىۋاتقان شۇ ۋاقىتتىن سەل ئىلگىرى دىيارىمىزدىكى قاراخانلار خانلىقىمۇ سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ باشچىلىقىدا ئىسلام دىنىنى يېڭىدىن قوبۇل قىلىپ ، ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بەزى ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە سامانىيلار خانلىقىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان ۋاقىتلار ئىدى . كېيىن سۇلتان مەھمۇدنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە غەزنەۋىلەر خانلىقى بىلەن بىرلىشىپ سامانىيلار خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىدى . تۆۋەندىكى بايانلار شۇ كىتابنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى بابى : « چاكارلارنى ئەمگەككە سېلىشنىڭ بايانى » دىكى غەزنەۋىلەر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئائىت مەزمۇنلاردۇر .
غەزنەۋىلەر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە
ئالىپ تېكىن سامانىيلار خانىدانلىقىنىڭ چاكىرى ۋە ئەركە ئوغلى ئىدى. ئۇ 35 ياشقا كىرگەندە خۇراسان قوشۇنىنىڭ سۇ باشى بولىدۇ. ئۇ تولىمۇ دىيانەتلىك ۋە ئىشەنچلىك كىشى بولۇپ، قورقۇمسىزلىقتا مەشھۇر ئىدى. تۈرك نەسلىدىن بولغان بۇ كىشى دانا ۋە يىراقنى ئويلىيالايدىغان، تەدبىرلىك – چېۋەر، چىقىشقاق – مۇلايىم ئىدى. ئۇ ئۆز قولىدىكى قوشۇنغا غەمگۈزار ۋە سېخى ئىدى. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشتا يېگانە ئىدى. ئۇنىڭ جىسمىغا سامانىيلار خانىدانلىقىنىڭ بارچە ئېسىل پەزىلەتلىرى مۇجەسسەملەشكەن بولۇپ، خۇراسان ۋە ئىراقنىڭ باج – سېلىق ئىشلىرىغا خوجا ئىدى. ئۇنىڭغا قاراشلىق قورۇقچىلار ۋە قۇللار 1700 گە يېتەتتى. بىر كۈنى ئالىپ تېكىن 30 نەپەر تۈرك قورۇقچى قۇل سېتىۋالدى. سۇلتان مەھمۇدنىڭ ئاتىسى سۇبۇق تېكىنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە بار ئىدى. سۇبۇق تېكىننىڭ ئالىپ تېكىننىڭ قولىغا سېتىلىشى بىلەن ئۇنىڭ بەخت – سائادىتىنىڭ بىرىنچى سەھىپىسى ئېچىلدى. ئىككىنچىسى شۇ بولدىكى، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ ئالىپ تېكىننىڭ يېنىدىكى چاپراس تۇرغان قورۇقچىلار قاتارىدا تۇرغاندا ئوردا ۋەزىرى ئالدىغا چىقىپ ئالىپ تېكىنگە « ئاقساقال بولۇپ خىزمەتتە تۇرۇۋاتقان پالانچى ئەجەل شەربىتى ئىچتى. ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى كىمگە ھاۋالە قىلماق زۆرۈر؟ » دېدى. شۇ ئەسنادا ئالىپ تېكىننىڭ كۆز نۇرى ئايلىنىپ كېلىپ سۇبۇق تېكىنگە چۈشتى ۋە: « بۇ خىزمەتنى مۇشۇ قورۇقچىغا تاپشۇرايلى دېدى. ئوردا ۋەزىرى: « يارەببىم! بۇ چاكارنى ئالغىنىمىزغا تېخى ئەمدىلا ئۈچ كۈن بولدىغۇ؟ ئۇنى يەتتە يىلدىن كېيىن ئاندىن مۇشۇ مەرتىۋىگە قويۇش كېرەك ئىدىغۇ؟ » دېدى. ئالىپ تېكىن: « مەن ئەزەلدىن دېگىنىمنى قىلىمەن » دېدى قورۇقچى بۇ سۆزنى ئىشىتكەندىن كېيىن تەزىم ئارقىلىق ئۆز تەشەككۈرىنى ئىزھار قىلدى. ئالىپ تېكىن: ئۇنىڭغا بۇ مەرتىۋىنى بەرگىنىمىز بىزنىڭ زور ئىلتىپات قىلغىنىمىز. ئەمما ئۇ يەنىلا تەرتىپ بويىچە ئۆسۈشى كېرەك ئىدى » دېدى. ئالىپ تېكىن قانداق قىلىپ يەتتە يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىنكى قورۇقچىغا بېرىلىدىغان مەرتىۋىنى ئەمدىلا ئالغان بىر قورۇقچى قۇلغا ھەدىيە قىلىۋەتكەنلىكى توغرىسىدا ئۆز كۆڭلىدە ئويلايتتى.: « ئېھتىمال ئۇ تۈركىستاندىكى بىرەر كاتتا جەمەتنىڭ پەرزەنتىدۇر. ئېھتىمال ئۇنىڭ يۇلتۇزى ئۈستۈندۇر، ئېھتىمال ئۇنىڭ كەلگۈسى ئامەتلىكتۇر ». كېيىنچە ئۇ بۇ يېڭى ئاقساقالنى سىناپ كۆرمەكچى بولۇپ پۈتۈن يارلىق – پەرماننى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى ۋە « ئېيتقانلىرىمنى تەكرارلاپ كۆرگىن » دېدى. سۇبۇق تېكىن بىر سۆزنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي تەكرارلىدى. ئالىپ تېكىن: « بارغىن، جاۋاب ئېلىپ كەلگىن » دېدى. سۇبۇق تېكىن كېلىپ بۇيرۇقنى يەتكۈزدى ۋە ئەڭ تېز سۈرئەتتە جاۋاب ئېلىپ كەلدى. ئالىپ تېكىن ئۇنىڭ كۈنسايىن يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولدى. ئۇنى سۇ توشۇغۇچى قورۇقچىلىققا تەيىن قىلىپ ئەسكىرىي خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە قويدى، يەنە ئون لەشكەرنى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇپ ئۇنى توختاۋسىز ئۆستۈردى.
سۇبۇق تېكىن 18 ياشقا كىرگەندە 200 قورۇقچىنىڭ سەردارى بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ئالىپ تېكىننىڭ قائىدە – يوسۇن، يېمەك – ئىچمەك، مېھمان كۈتۈش، شىكارغا چىقىش، چەۋگەن ئويناش، ئوقيا ئېتىش، رەئىيەتكە خۇشخۇي بولۇش، ئەسكىرىي خادىملارغا ئۆز قېرىندىشىدەك بولۇش كەبى ئادەتلىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۈردى. ئەسلىدىمۇ ئۇ قولىدا بىر تاللا ئالما بولغان ھالەتتىمۇ ئۇنى قالغان ئون ھەمراھى بىلەن تەڭ ئۈلەشتۈرۈپ يېيەلەيدىغان زات ئىدى. ئۇنىڭدا ئاشۇنداق ئىسل پەزىلەتلەر كۆپ بولغاچقا ھەممىلا كىشى ئۇنى ياقتۇراتتى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئالىپ تېكىن خىللانغان 200 قورۇقچىسىنى قالاچ تۈركلىرى ۋە تۈركمەنلەرنىڭ ئۈستىگە تېگىشلىك ئولپاننى يېغىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. سۇبۇق تېكىنمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدا ئىدى. ئۇلار بارغاندا قالاچ تۈركلىرى بىلەن تۈركمەنلەر ئولپاننى بەلگىلەنگەن مىقداردا تۆلەشكە قارشى چىقتى. قورۇقچىلار غەزەپلىنىپ قوراللىرىنى ئالغىنىچە ئۇلار بىلەن سوقۇشماقچى بولۇشتى ۋە قوراللىق ھالدا ئولپاننى يىغماقچى بولدى. سۇبۇق تېكىن: « مېنىڭ بۇ سوقۇشنى قىلغۇم يوق، ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغۇممۇ يوق » دېدى . ھەمراھلىرى بۇنىڭ ۋەجىنى سورىۋىدى ئۇ: « خوجىمىز بىزنى سوقۇشۇشقا ئەمەس، ئولپان يىغقىلى ئەۋەتكەن. ناۋادا ھازىر ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ ئالىمادىس يېڭىلىپ قالساق يۈزىمىز تۆكۈلىدۇ، خوجىمىزنىڭ ئىناۋىتىمۇ يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ. شۇنداقلا خوجىمىز بىزنى ئۇنىڭ بۇيرۇغىنى ئىجرا قىلمىغانلىقىمىز سەۋەبىدىن ئەيىبلەيدۇ. ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا نومۇستىن ئۆلىمىز، كېيىنكى پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەن » دېدى. قورۇقچىلارنىڭ كۆپ قىسمى سۇبۇق تېكىننىڭ سۆزىنى توغرا تېپىپ سوقۇشۇشتىن يالتايدى ۋە ئاز – تولا غىژ – غاژدىن كېيىن قايتىپ كېتىشتى. ئۇلار قايتىپ ئالىپ تېكىنگە ئۇلارنىڭ ئولپاننى تۆلەشكە قارشى چىققانلىقىنى بايان قىلغاندا ئالىپ تېكىن: « قولۇڭلاردا ياراغ بولغاندىكىن نېمىشقا شۇنىڭ بىلەن ئىشنى پۈتتۈرمەيسىلەر؟ » دەپ سورىدى. قورۇقچىلار دوبۇلغا ساۋۇتلىرىمىزنى تەخلەپ، سوقۇشقا تەييارلانغىنىمىزدا سۇبۇق تېكىن بىزنى توسۇپ قويدى، بىزمۇ ئويلىنىپ قالدۇق. شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇق » دېيىشتى. ئالىپ تېكىن سۇبۇق تېكىنگە قاراپ « نېمە ۋەجىدىن ئۇلارنى سوقۇشتىن توستۇڭ؟ » دەپ سورىدى. سۇبۇق تېكىن: « خوجىمىز بىزگە ئۇرۇشۇش توغرۇلۇق يارلىق بەرمىگەن. ناۋادا بىز يارلىق بولمىغان ئەھۋالدا ئۆز مەيلىمىزچە سوقۇش قىلساق ھەر بىرىمىز چاكار ئەمەس، خوجايىن بولۇپ قالمامدۇق. چۈنكى چاكار دېگەن خوجىسى بۇيرۇغاننىلا قىلىدۇ. ناۋادا بىز سوقۇشۇپ يېڭىلىپ قالساق خوجىمىز مۇقەررەركى سىلەرنى سوقۇشقا كىم بۇيرۇغان دەپ سورايدۇ. شۇ چاغدا خوجىمىزنىڭ غەزىپىنى نېمە بىلەن ياندۇرىمىز؟ ناۋادا بىز يەڭسەك شۈبھىسىزكى بىر قىسىم ئادەملەر قىرىلىپ كېتىدۇ، ئۇ چاغدا مايىللىق ۋە تەشەككۈرنىڭ ئورنىغا لەنەتكە قالىمىز. ئەگەر سەن بىزگە سوقۇشۇشنى بۇيرۇساڭ بىز ھازىرلا ئاتلىنىمىز. يا سوقۇشۇپ ئۆلىمىز، يا ئولپاننى ئېلىپ كېلىمىز » دېدى. مەمنۇن بولغان ئالىپ تېكىن: « سۆزۈڭ بەرھەق » دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئالىپ تېكىن سۇبۇق تېكىننى ئۆستۈرۈپ 300 قورۇقچىغا باش قىلدى.
خۇراسان ئەمىرى نوھ ئىبنى ناسىر ① بۇخارادا ئاخىرەت سەپىرىگە يول ئالغاندا ئالىپ تېكىن نىشاپوردا ئىدى. ۋەزىرلەر ئاستانىدىن ئۇنىڭغا مەكتۇپ يوللاپ شۇم خەۋەرنى يەتكۈزۈشتى ۋە: « خۇراسان ئەمىرى ئەجەل شارابى ئىچتى، ھاياتىدىن 30 ياشلىق قېرىندىشى ۋە 16 ياشلىق بىر ئوغلى تەۋەررۈك قالدى. سەن بولساڭ خانىدانلىقىمىزنىڭ تۈۋرۈكى. سېنىڭچە بىز كىمنى ۋارس قىلساق بولار؟ » دەپ سوراشتى. ئالىپ تېكىن دەررۇ بىر ئەلچىدىن جاۋاب مەكتۇپ ماڭدۇرۇپ: « ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ۋارس بولغۇدەك قابىلىيىتى بار، ھەر ئىككىسى خانىدانلىقىمىزنىڭ بەگ – تۆرىلىرى. ئۇلاردىن پادىشاھنىڭ قېرىندىشى كۆرگەن بىلگىنى كۆپ، جاھاننىڭ رەپتارىنى بىلىدىغان، ئورنى ۋە يۈزى بار كىشى. ئوغلى بولسا ھېچقانچە جاھان كۆرمىگەن ئۆسمۈر. مەن ئۇنىڭ يا رەئىيەتنى ئىدارە قىلالماي، يا ھۆكۈمرانلىقنى قاملاشتۇرالماي ئىشنى بۇزۇپ قويۇشىدىن ۋايىم يەۋاتىمەن. شۇڭا ئىنىسى ۋارس بولسا ياخشىراقمىكىن » دېدى. ئەتىسى ئۇ يەنە بىر ئەلچىدىن ئوخشاش بىر مەكتۇپنى يوللىدى. بەش كۈندىن كېيىن ئەلچىدىن بىر شاھزادىنىڭ ۋارىسلىق تەختىگە چىققانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلىپ كەلدى. ئالىپ تېكىن ئۆزى ماڭدۇرغان ئىككى ئەلچىدىن خاتىرجەم بولالماي: « چۈپرەندىلەر! ئەسلىدە خانزادىنى ۋارىسلىققا كۆرسىتىشمەكچى بولۇپ تۇرۇپ يەنە مېنى كولدۇرلاتقىنى نېمىسى. مەن ئۇلارنى ئوخشاشلا ئەتىۋارلىغان بولساممۇ يەنىلا ئىنىسىنى ۋارس قىلىشقا مايىل ئىكەنلىكىمنى ئوچۇق ئېيتقانىدىم. ئىككى ئەلچى مەكتۇپلارنى ئېلىپ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئاستانىگە بارسا خانزادە رەنجىيدۇ، مېنى تاغىسىغا يان بېسىپتۇ، دەپ ماڭا ئاداۋەت تۇتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شۇنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى چۈپرەندىلەر ئۇنى دەي – دەيگە سېلىپ ئارىمىزنى يىراقلاشتۇرىۋېتىدىغۇ؟ » دېدى. ئۇ دەرھال يۈگۈرۈك تۆگىدىن بەشنى راسلاپ ھېلىقى ئىككى ئەلچىگە يېتىشىۋېلىش ۋ ئۇلار جەيھۇندىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋال ياندۇرۇپ كېلىش ھەققىدە ئەمىر قىلدى. تۆگىچىلەر جان – جەھلى بىلەن قوغلاپ ئامۇرغا يېقىن جايدىكى چۆلدە ئەلچىنىڭ بىرىگە يەتتى، يەنە بىر ئەلچى بولسا جەيھۇندىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ئالىپ تېكىننىڭ ئەلچىسى مەكتۇپنى بۇخاراغا يەتكۈزگەندە ياش پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ھەقەمسايىلىرى قاتتىق خورلۇق ھېس قىلىشىپ: « ئۇ قانداقمۇ خاننىڭ تاغىسىنى تاللىۋالغاندۇ؟ نەسەب دېگەن قېرىنداشلار بىلەن ئەمەس پەرزەنتلەر ئارقىلىق داۋام قىلمامدۇ دېيىشتى. ئۇلار مۇشۇ تەرىقىدە غۇلغۇلا قىلىشىۋېرىپ پادىشاھنى ئالىپ تېكىنگە ئۆچ قىلىۋېتىشتى. شۇ چاغدا ئالىپ تېكىننىڭ ئادەملىرى كېلىپ قايتا – قايتا ئۆزرە ئېيتىپ سوۋغات قويغان بولسىمۇ ياش پادىشاھنىڭ كۆڭلىدىكى ئاداۋەت تۈگىمىدى. كۆڭلىگە تۈرلۈك شۇملۇقلار يوشۇرۇنغان سۇخەنچىلەر ياش خاننى ئېچىتىپ نارازىلىقىنى ئاشۇردى. ئالىپ تېكىن ئەسلىدە ئەھمەد ئىبنى ئىسمايىلنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا سېتىۋالغان چاكىرى بولۇپ، ئىزچىل شۇ زادقا خىزمەت قىلغانىدى ۋە نۇھ زامانىسىدا خۇراساننىڭ سۇ باشى بولغانىدى. نۇھ ئالەمدىن ئۆتكەندە نۇھنى ئوغلى، يەنى ياش شاھزادە مەنسۇر تەخـتكە ۋارىسلىق قىلدى. مەنسۇر تەختكە چىقىپ ئالتە يىل ئۆتكىچىمۇ ئالىپ ئارسلان ناھايىتى كۆپى پۇل – پۇچەك سەرپ ئېتىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ بولالمىدى. سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان زەھەرخەندىلەرنىڭ خۇشامەتچىلىكى ئۇنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىغا توسۇق بولغانىدى. بۇ ئارىلىقتا ئالىپ تېكىننىڭ ئايغاقچىلىرى ئاستانىدە بولۇۋاتقان ھەممىلا ئىشلارنى ئۇدۇللۇق ئۇنىڭغا مەكتۇپ ئارقىلىق بايان قىلىپ تۇردى. سۇخەنچى كىشىلەر مەنسۇر ئىبنى نۇھقا مۇنداق دېيىشتى: « ئالىپ تېكىننىڭ كۆز قارىچۇقىغا توپا قونمىغۇچە ئالىيلىرى مەملىكەتنىڭ ھەقىقىي ھۆكۈمدارى بولالمايلا. ئۇنىڭ خۇراساندا ئۆزى خان، ئۆزى بەگ بولۇۋالغىنىغا ئون يىلدىن ئاشتى. يېتەرلىك مال دۇنيامۇ توپلاپ بولدى. پۈتكۈل قوشۇن ئاشۇنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ. ئالىيلىرى ئۇنى زىندانغا بەند قىلغاندىلا خاتىرجەم ياتالايدىلا، شۇندىلا ئۇنىڭ يىغقان بايلىقلىرى سىلىنىڭ خەزىنىلىرىگە چۈشىدۇ. ئالىيلىرى شاھلىق تەختىگە چىققاندىن بۇيان ئۇ زادىلا ئۆز ساداقىتىنى كۆرسىتىپ باقمىدى. شۇڭا ئىشنىڭ ئەۋزىلى شۇكى، ئۇنى مۇشۇ باھانىدە ئوردىغا چىللايلى. ئاندىن قالسا ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭ قوبۇلغا كىرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىدىلا، ئۇ دېگەن سىلىگە ئاتا يوللۇق ئادەم. ھالبۇكى، خانىدانلىقىمىزنىڭ ئاپىرىدە بولۇشى ئاشۇ كىشىنىڭ تىرىشىشى بىلەن بولغان، ئۇ نېمىلا دېگەن بىلەن خۇراسان بىلەن ماۋارە ئۈننەھرنىڭ ۋالىيسى، سەلتەنەتنىڭ تۈۋرۈكى. ھاسىل كالام، ئۇ كىشى قوبۇلغا ماقۇل كەلمەيدۇ. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا ئۇ تېزدىن ئوردىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ قىلمىش – ئەتمىشلىرىگە توۋا قىلىشى، شۇ ئارقىلىق شاھ ئالىيلىرىنى خاتىرجەم قىلىپ ۋەزىر – ئەشيانلارنىڭ ئېغىزلىرىنى تۇۋاقلىشى زۆرۈر. ئۇ مۇشۇ يەرگە قەدەم باسقان ھامان سىلى ئۇنى خاس قوبۇل قىلىدىلا ۋە كاللىسىنى كېسىۋالىدىلا ».
مەنسۇر شاھ مەسلىھەت بويىچە ئىش تۇتۇپ ئالىپ تېكىننى ئوردىغا چاقىرتتى. ئالىپ تېكىننىڭ ئايغاقچىسى مەكتۇپ يوللاپ بۇ قېتىمقى قوبۇلنىڭ مەقسەت – مۇددىئاسىنى بايان قىلدى. ئالىپ تېكىن بۇخاراغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قوشۇندىكىلەرگە سەپراس بولۇش يارلىقىنى چۈشۈردى. ئۇ نىشاپوردىن يولغا چىقىپ سەرخىسقا كەلگەندە تۇغى ئاستىغا ئۈچ تۈمەن چەۋەنداز يىغىلدى. سەرخىستا ئۈچ كۈن تۇرغاندىن كېيىن بارلىق سۇ باشلىرىنى يىغىپ: « سىلەرگە ئېيتىدىغان بىر ئىش بار، ئاڭلىغىنىڭلاردىن كېيىن نەق گەپنى قىلىڭلار. بۇ ئۆزۈڭلارغىمۇ پايدىلىق » دېدى. ھەممەيلەن: « پەرمان بەردارمىز » دېيىشكەندىن كېيىن ئۇ:« شاھ مەنسۇرنىڭ مېنى ئوردىغا چاقىرىشىدىكى سەۋەبنى بىلەمسىلەر؟ » دەپ سورىدى. ئۇلار: « ئۇ سەن بىلەن مۇلاقەتتە بولۇپ سەن بىلەن بىرەر ئىش توغرىسىدا ئەھدىلىشەر، نىمىلا دېگەن بىلەن سەن ئۇنىڭغا ئاتا يوللۇقتە » دېيىشتى. ئالىپ تېكىن: « شاھنىڭ مۇددىئاسى باشقا، ئۇ ھازىر مېنىڭ كاللامنى كېسىۋېلىشنىڭ كويىدا بولماقتا. ئۇ تېخى گۆدەك ئۆسمۈر، ئادەمنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەيدۇ. ھەرقايسىڭلارغا سىر ئەمەسكى 60 يىلدىن بۇيان سامانىيلارغا تۈۋرۈك بولۇپ كەلدىم. سامانىيلار تۇپرىقىغا كۆز ئالايتىپ كەلگەن تۈركىستان قاغانلىرىنى بىر قانچە رەت ئەدەپلىدىم. قەيەردە ئىسيان بولسا بېرىپ تىنچىتتىم. بارلىق – پەرماندىن ھېچقاچان باش تارتىپ باقمىدىم. بۇ گۆدەك بالىنىڭ بوۋىسى ۋە ئاتىسىنى شاھلىق تەختتە خاتىرجەم ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغاندەك ئۇنىمۇ شۇنداق قىلىۋاتىمەن. ئەمما بۇنىڭغا جاۋابەن ماڭا كەلگەن مۇكاپات تەرىقىسىدە، قىلىچنىڭ سوغ بىسى بوينۇمغا تەڭلەپ قويۇلماقتا. ئۇ ھەتتا بۇ پادىشاھلىقنىڭ بىر گەۋدىگە ئوخشايدىغانلىقىنى، مېنىڭ باش ئىكەنلىكىمنى چۈشەنسە كاشكى! بېشى كېسىلگەن تەن نىمىمۇ قىلالار؟ سىلەرچە مەن قانداق قىلاي؟ بۇنى بىز قانداق ئوڭشايمىز؟ » دېدى. ھەممە ئەمىرلەر بىردەك: « قىلىچتىن ئۆزگە نەچارە؟ ئۇ مۇشۇنداق قىلىۋاتقان يەردە ئۇنىڭدىن يەنە نېمە كۈتۈش مۇمكىن؟ ھەممىلا ئادەم سېنىڭ تەۋەلىكىڭدە تۇرۇۋاتىدۇ. 50 يىلنىڭ ئالدىدىلا ئۇلارنىڭ قولىدىن شاھلىق تەختىنى تارتىۋالالايتتۇق. بىز ئۇنىڭغا ياكى ئۇنىڭ ئاتىسىغا ئەمەس ساڭا ئەگىشىمىز. سامانىيلار خانىدانلىقىدا مەرتىۋىسى ۋە ئورنى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلى – ۋەسلىدىكى بارچە نەرسىلەرگە سېنىڭ سايەڭدە نائىل بولغان. بىز ساڭىلا ئەگىشىمىز، ساڭىلا جان پىدا قىلىمىز. شۈبھىسىزكى خۇراسان، خارەزىم، نىمرۇز سېنىڭ مۈلكۈڭدۇر. مەنسۇر ئىبىن نوھ بىلەن قىلىچلىشىپ شاھلىق تەختىگە چىققىن. خالىساڭ ئۇ بۇخارا بىلەن سەمەرقەندكە شۈكۈر قىلىپ ياتسۇن، خالىمىساڭ بۇ ئىككى ۋىلايەتنىمۇ تەسەررۇپىڭغا ئۆتكۈزگەيمىز » دېيىشتى. ئەمىرلەرنىڭ سۆزى تۈگىشىگە ئالىپ تېكىن « ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي! ھەرقايسىڭلار يۈرىكىڭلاردىن مۇنداق دەۋاتساڭلار، بارچە ئۈمىدىمنى سىلەرگە باغلىماقتىن باشقا نە چارە بولسۇن؟ ئاللاھ ( رەببىمىز ھەممىگە قادىردۇر، رەببىمىزگە ئالقىشلار بولسۇن) سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي. ئەمدى قارارگاھىڭلارغا قايتىپ يارلىق كۈتۈڭلار، ئەتە نېمە ئىشلار بولاركىن » دېدى. شۇ چاغدا ئالىپ تېكىننىڭ ئىلكىدە ئۈچ تۈمەن چەۋەنداز بولۇپ، ئۇنىڭچە بولسا قوشۇننى ئون تۈمەنگە يەتكۈزمەكچى ئىدى. ئەتىسى بارلىق ئەمىرلەر ئالىپ تېكىننى يوقلاپ كەلدى. ئالىپ تېكىن چېدىردىن چىقىپ كۇرسىدا ئولتۇردى ۋە بىر دەملىك سۈكۈتتىن كېيىن: « تۈنۈگۈن ھەرقايسىڭلارنى سىناپ كۆرۈش، ساداقىتىڭلارنى ۋە بەرگۈسى مەدەتلىرىڭلارنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن يۈرەك – باغرىمنى ئىزھار قىلغانىدىم. سىلەرگىمۇ روشەن بولدىكى، بۇ ئۆسمۈرنىڭ زىيانكەشلىكىنى قىلىچتىن باشقا ھېچ نەرسە توسالمايدۇ. ئۇ تېخى بىر گۆدەك، ھاكىمدارلىق توغرىسىدا ھېچ نەرسە بىلمەيدۇ. شۇڭا تۆت توك – توك مۇناپىقلارنىڭ گېپىگە كىرىپ ئاق – قارىنىمۇ پەرق قىلالماس بولۇپ قالدى. خانىدانلىققا بىر ئۆمۈر ھالال خىزمەتتە بولغان مەندەك بىر كىشىگە سول كۆزىدە قاراپ، مەملىكەتنىڭ ھۈلىنى كولايدىغان. بەچچىغەرلەرنى ئەتىۋارلاۋاتىدۇ. ئۇلار بىلەن دوست تارتىشىپ خانىدانلىقتىكى مالىمان بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ ۋە مەندىن ئۆزىنى تارتىپ يۈرۈۋاتىدۇ. ھازىر قولۇمدىن كېلىدىغىنى ئۇنىڭ تاغىسىنى تەختكە چىقىرىش. ھېچ بولمىغاندا ئۆزۈم تەختكە چىقىپ شاھ بولۇش. ئەمما بۇنداق قىلسام جىمى جاھان ئالىپ تېكىن 60 يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى سامانىي خوجىسىنى قورۇقداپ يېشى 80 گە بارغاندا ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلدى، قىلىچ ئارقىلىق شاھلىقنى تارتىۋېلىپ ئۆزى خوجا بولۇۋالدى راستىنلا شاپائەتنى بىلمەيدىغان تۇزكوركەن، دېيىشىدۇ. بىر ئۆمۈر شۇنچە شانلىق زەپەرلەرنى قۇچۇپ ئابرۇي – ئىناۋەتنى تىكلىدىم. ئەمدى ئىككى پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىغاندا ئۆز شەنىمنى بۇلغايدىغان ئەخمىقانىلىكلەرنى قىلىپ يۈرسەم قاملاشمايدۇ. روشەنكى، خاتالىق ئەبۇ مەنسۇردا، ئەمما ھەممىلا ئادەم بۇنى بىلىپ كەتمەيدۇ، بەزىلەر ئالىپ تېكىن خاتالاشتى، دېيىشەر. ئۇنىڭ شاھانە تەختىگە كۆز تىكمىسەممۇ، ئۇنىڭغا يامانلىق قىلىش نىيىتىدە بولمىساممۇ خۇراساندىلا بولسام ھېلىقىدەك ئۆسەك سۆز تۈگىمەيدۇ. ئۇلار بۇ گۆدەك بالىنى قۇترىتىپ ئوتتۇرىمىزغا ئاداۋەت ئۇرۇقى چاچىدۇ. ناۋادا بۇ مەملىكەتتىن يوقالسام ئۇ پىتنىكەشلەرگە قىلىشىدىغان گەپمۇ قالمايدۇ. ناۋادا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆمرۈمنى جەڭگى - جېدەل بىلەن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلسە قىلىچىمنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ ئېتىقادسىزلارغا قارشى ئاتلانغىنىم ياخشى. ب ماڭا زور تەسكىن بولىدۇ. شۇڭقار سۈپەت سانغۇنلىرى سەرۋازلىرىم، خۇراسان، خارەزىم، نېمرۇز ۋە ماۋەرائۈننەھر سانغۇنلىرى؛ يادىڭلاردا بولسۇنكى، ئەمىر مەنسۇر خۇراسان ۋە ماۋەرائۈننەھرنىڭ ھۆكۈمدارى، سىلەر ھەممىڭلار ئۇنىڭ خادىملىرى، مەن ھازىرغىچە ئاشۇ مەنسۇرنىڭ نامىدا سىلەرگە ئۆز ھۆكمىمنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدىم. سىلەر ئاستانىگە بېرىپ پادىشاھ بىلەن دىدارلاشساڭلار ۋە ساداقىتىڭلارنى بىلدۈرسەڭلار مەنسەپ دەرىجەڭلار ئۆسىدۇ. مەن ھىندىستان دىيارىغا بېرىپ ئېتىقادسىزلارغا قارشى ئاتلىناي. جەڭدە يەر ئۆپسەم شېھىتلىك مۇقامىغا يېتەرمەن، بەختكە يارىشا ئامان قالسام ۋە نۇسرەت قۇچسام بۇتپەرەسلەر خانىدانلىقىنى ئىسلام خانىدانلىقىغا ئايلاندۇرىمەن. بۇ جەننەتكە كىرىش، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ھەمدۇ سانا ئوقۇش ئۈچۈندۇر. ئۆتمۈشتە قىلغان – ئەتكەنلىرىم ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن مەنسۇر شاھ مېنى دەپ بېشىغا پىت سېلىۋالمىسۇن. قولىنى چىشلىيەلىگەن ئادەم سۈكۈت قىلالايدۇ. بۈگۈندىن ئېتىبارەن خۇراساندىكى قوشۇن ۋە رەئىيەت مەنسۇر شاھنىڭ ھۇزۇرىدا بولىدۇ » دېدى.
سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئالىپ تېكىن دەست تۇرۇپ ئەمىرلەرگە: « ئالدىمغا كېلىڭلار، بىر – بىرلەپ ۋىدالىشاي » دېدى. ئەمىرلەر شۇنچە نەسىھەت قىلىپمۇ ئۇنى پەيلىدىن ياندۇرالمىدى. ئۇلار يىغا – زارە قىلىشىپ بىر – بىرلەپ ئالدىغا چىقىپ قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئالىپ تېكىن ئۆز چېدىرىغا كىرىپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ ھېچكىممۇ ئۇنىڭ خۇراساندىن ھىندىستانغا بارىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. چۈنكى خۇراساندا ۋە ماۋەرائۈننەھردە ئۇنىڭغا ئىقتا قىلىپ بېرىلگەن 500 يېزا، مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدىلا قورۇ – جاي، ئايۋان – ساراي، چاھار باغلار، دەڭ ئۆتەڭلەر بار ئىدى. يەنە ئۇنىڭ ئىلكىدە يۈز تۈمەن تۇياق قوي، ئون تۈمەن ئات، قىچىر ۋە تۆگە بار ئىدى. دەرۋەقە ئەتىسى كىشىلەر ناغرا ئاۋازىنى ئاڭلىشىپ قارىسا ئالىپ تېكىن ئۆزىنىڭ مەھرەم قورۇقچىلىرى بىلەن خوشلىشىپ بەلخ يولىغا چۈشكەنىكەن. بارچە بايلىقى تاشلىنىپ قالغانىكەن، ئارقىدىن خۇراسان ئەمىرلىرى بۇخاراغا ماڭدى.
بەلخقە بارغاندىن كېيىن ئالىپ تېكىن بۇ جايدا بىر – ئىككى ئاي مىقدارى ماكانلىشىشنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى جىھادقا بېغىشلىغان باھادىرلارنى ماۋەرائۈننەھر، خۇتلان، تۇخارىستان ۋە بەلخ ۋىلايەتلىرىدىن توپلاشنى، ئاندىن مۇشۇ جايدىن ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىشنى لايىق تاپتى. خۇسۇمەتچى ئالا كۆڭۈللەر ئەمىر مەنسۇرغا: « ئالىپ تېكىن دېگەن بىر قېرى بۆرە، سىلى ئۇنى باقى ئالەمگە ئۇزاتمىسىلا ئۇ سىلىگە ھەرگىزمۇ ئاراملىق بەرمەيدۇ، دەررۇ قوشۇن بىلەن قوغلاپ يېتىپ ئاستانىگە باغلاپ ئېلىپ كەلسىلە » دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەنسۇر شاھ بىر ئەمىرنىڭ ② ئىخـتىيارىغا 16 مىڭ كىشىلىك چەۋەندازلار قوشۇنىنى تاپشۇرۇپ بۇخارادىن بەلخقە ماڭدۇردى. ئۇلار تېرمىزغا بېرىپ جەيھۇندىن ئۆتۈۋاتقاندا ئالىپ تېكىن بەلىختىن مېڭىپ قۇرۇم تامان كېتىۋاتقانىدى. بەلخ بىلەن قۇرۇمنىڭ ئارىلىقىدا تۆت فەرسەخ كېلىدىغان تار جىلغا بولۇپ قۇرۇم ئۆتكىلى، دەپ ئاتىلاتتى. جىلغىنىڭ ئىككى يېقىدا ئاندا – ساندا يېزا – قىشلاقلار ئۇچراپ قالاتتى. ئالىپ تېكىن جىلغا ئىچىگە بارگاھ تىكىپ 200 چەۋەندازنى جىلغا ئېغىزىدا جېسەكتە تۇرۇشقا ماڭدۇردى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىختىيارىدا 2200 كىشىلىك قورۇقچى قۇللار قوشۇنى بار بولۇپ، بۇ قورۇقچى قۇللارنىڭ ھەممىسى جەڭ ئىشلىرىغا ئۇستا نۆكەرلەر ئىدى. ئۇلاردىن سىرت يەنە ئۆزىنى ھەربىي يۈرۈشكە بېغىشلىغان 800 چەۋەندازمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلغانىدى.
ئەمىر مەنسۇرنىڭ قوشۇنى جىلغا ئېغىزىغا كېلىپ ئىچىگە مېڭىشقا ئىلاج قىلالماي كەڭ دالاغا قارارگاھ تىكتى. مۇشۇ تەرىقىدە ئىككى ئايچە ۋاقىت ئۆتكەندە سۇبۇق تېكىنگە جېسەك نۆۋىتى كېلىپ قالدى. ئۇ جىلغا ئېغىزىغا كېلىپ كەڭ دالاغا يېيىلغان قوشۇنغا، ئۇلارنىڭ ياسىغان قارارگاھ مۇداپىئەلىرىگە قارىغىنىچە: « خوجىمىز خۇراساننى تاشلاپ ئۆزىنىڭ ئەسلى – ۋەسلىنى ئەمىر مەنسۇرگە تەسەررۇپ ئەتتى. ئۇلار بولسا تېخىچە ئۇنىڭ ۋە بىزنىڭ جېنىمىزنىڭ قەستىدە يۈرىدۇ. ئۇ تۇغۇلۇشىدىن ئۇلارغا سەمىمىي – ساداقەتتە بولۇپ كەلدى، جاپادا ۋە ھالاۋەتتە بارىنى تەڭ كۆردى، ئەمدىلىكتە خوجىمىز بىزنى ھالاكەتكە باشلىماس. بۇنى قىلىچ بىلەنلا جۆندىگىلى بولىدۇ، سۈكۈت قىلىۋەرسەك ئۇلار قوغلاپ كېلىۋېرىدۇ. ئاھ قادىر ئاللاھ، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بەندىلىرىڭگە ئاسانلىق بەرگىن، ساڭا روشەنكى، ئۇلار زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. بىز بولساق جەبىر تارتىۋاتىمىز » دەپ ئويلىدى ۋە بۇرۇلۇپ قورۇقچىلىرىغا: « قولغا قىلىچ ئالىدىغان پەيت كەلدى، نۇسرەت ئۇلار تەرەپتە بولسا ھېچقايسىمىز ھايات قايتىمىغايمىز، قېنى كارامىتىمىزنى سىناپ كۆرەيلى. خوجىمىز نېمە دېسىمۇ باشقا كەلگەننى كۆرەرمىز » دېدى. ئۇ ھەرقاچان دېگىنىنى قىلىدىغان كىشى ئىدى. ئۇ 300 قورۇقچىنى باشلاپ ياۋ قارارگاھىغا شۇنداق تۇيۇقسىز تاشلاندىكى، ياۋا تىرىپىرەن بولۇپ دوبۇلغا – ساۋۇتلىرىنى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قېلىشتى. بىرەرمىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈكى دالانى قاپلىدى، ياۋ ئەس ھوشىنى يىغىپ ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغۇچە سۇبۇق تېكىن بارار جايىغا قايتىپ بولدى.
بىراۋ سۇبۇق تېكىننىڭ ياۋغا ئۆزىنى ئۇرۇپ ئۇلارنى قىر – چاپ قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئالىپ تېكىنگە خەۋەر يەتكۈزدى. ئالىپ تېكىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە: « نېمىگە شۇنچە ئالدىرىدىڭ؟ كۈتۈشۈڭ كېرەك ئىدىغۇ؟ » دېدى. سۇبۇق تېكىن جاۋابەن: « ئەي پاسىبانىم! مەن قانداقمۇ سەۋر قىلاي؟ ھازىر جان ساقلاش ئۈچۈن ياۋغا تاشلانماي بولمايدىغان پەيت كەلمەكتە. بۇنىڭدا قىلىچتىن باشقىغا مۇراجىئەت قىلىش يارىمايدۇ. شۇڭا تىنىقىمىزلا بولىدىكەن ياۋنى قىرىشىمىز لازىم » دېدى. ئالىپ تېكىن: « ياۋنىڭ چىشىغا تېگىپ قويدۇڭ، ئەمدى ياخشىراق بىر چارە تاپمىساق بولمىدى. پۈتۈن قوشۇن لاقا – لۇقىلىرىنى تەق قىلسۇن. خۇپتەندىن كېيىن ئاتلىنىمىز، تۇغان مىڭ قورۇقچى بىلەن ئاستاغىنا پالانى جىلغىنىڭ ئوڭ يېنىغا بارسۇن. سەن مىڭ قورۇقچىنى باشلاپ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتكىن مەن مىڭ ياساۋۇلنى باشلاپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ ئاۋۇ تۈز جايغا قارارگاھ تىكەي. ئەتە ئۇلار بۇ جايغا كېلىپ ئىنىسى – جىننىڭ قارىسىنى كۆرمىگەندىن كېيىن بىزنى قېچىپتۇ، دەپ ئويلىشىدۇ ۋە ئاتلىرىغا ئالدىراش مىنگىنىچە قوغلاشقا ئۆتىدۇ ۋە جىلغىغا كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ يېرىمى جىلغىدىن چىققاندا بىزنىڭ تۈزلەڭدە تۇرغانلىقىمىزنى كۆرىدۇ. شۇ چاغدا سىلەر يوشۇرۇنۇپ تۇرغان جايلىرىڭلاردىن ئېتىلىپ چىقىپ، قىلىچلىرىڭلارنى يالتىراتقىنىڭلارچە نەرە تارتىپ، كۆكنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ ياۋغا تاشلىنىسىلەر. ياۋنىڭ بەزىسى بېشىنى بۇراپ قاچىدۇ، بەزىسى ئۆتكۈر قىلىچىڭلاردا جان تەسلىم قىلىدۇ. ئاندىن مەن ئالدى تەرەپتىن، سىلەر ئىككى يان تەرەپتىن ياۋغا تاشلىنىمىز ۋە ئۇلارنى قاپ بەلدىن بۆلۈپ تاشلايمىز. ئۇلار قۇيرۇقىنى قىسىپ خادا قىلغاندا ئۇلارغا قېچىشقا بىر يول قالدۇرىمىز ۋە تۇرغان جايىمىزغا قايتىپ كېلىمىز. جىلغىدىن چېكىنىپ ئۇلارنىڭ قارارگاھلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ تاشلاپ غەنىيمەتلەرگە ئىگە بولىمىز » دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن بۇ مەسلىھەتنى لايىق تاپتى. ئەتىسى مەنسۇرنىڭ قوشۇنلىرى ساۋۇت – دوبۇلغىلىرىنى كىيىپ ئۆتكەلگە كېلىپ جەڭگە تەييارلاندى. ئۇلار جىلغىدا بىرمۇ ئىنساننىڭ قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىچكىرىلەپ بىرەر فەرسەخ مېڭىپ باقتى ۋە ئالىپ تېكىننىڭ قاچقانلىقىنى جەزملەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل قوشۇنغا: « تېزدىن ئالغا! ياۋنى قوغلاپ يېتىڭلار. جىلغىدىن چىقىۋالساقلا بىردەمدىلا ئۇلارغا يېتىشىپ ئالىپ تېكىننى تىرىك تۇتۇۋالىمىز. » دەپ پەرمان چۈشۈرۈلدى. يارلىققا بىنائەن پۈتۈن خىللانغان قوشۇن ئەڭ ئالدىدا جېدەللەپ ماڭدى. ئۇلار مېڭىپ جىلغىنىڭ يېرىمىغا بارغاندا ئالىپ تېكىننىڭ بىرەر مىڭچە چەۋەنداز ۋە بىر قىسىم پىيادە نۆكەرلەر بىلەن كۈتۈپ تۇرغىنىنى كۆرۈشتى. ئۇلارنىڭ يېرىمى جىلغىدىن چىقىپ بولغۇچە تۇغان مىڭ ياساۋۇل بىلەن سول تەرەپتىن ئېتىلىپ چىقتى ۋە ياۋنى قاتتىق ساراسىمىگە سالدى. شۇنداقلا بىرمۇنچىسىنى ياتقۇزۇۋەتتى: سۇبۇق تېكىن بولسا، مىڭ ياساۋۇلنى باشلاپ ئوڭ تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئاندىن تۇغان بىلەن سۇبۇق تېكىننىڭ قوشۇنى قوشۇلۇپ ئەمدىلەتىن جىلغىدىن چىققان ياۋ قوشۇنىنىڭ ئارقا قسىمىغا تېگىش قىلدى ئالىپ تېكىن ياۋنىڭ باش تەرىپىگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار ياۋنى ئالدى – ئارقا تەرەپتىن قىسىپ زور تالاپەتكە ئۇچراتتى. ياۋ سانغۇنى قورسىقىغا ئوق تېگىپ دۈمبىسىدىن كىرگەن نەيزە كۆكرىكىدىن تېشىپ چىقىپ جان بەردى. ياۋ پىتىراپ ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى. ئالىپ تېكىننىڭ ياساۋۇللىرى جىلغىدىن ئۆتۈپ ياۋنىڭ قارارگاھىنى ۋەيران قىلدى. قولغا چىققانلىكى ئات – قىچىر ۋە تۆگە – قويلارنى، ئالتۇن كۈمۈش بۇيۇملارنى، پۇل – پۇچەك ۋە قۇللارنى تارتىۋالدى. پەقەت چېدىر – بارگاھ، كىگىز دېگەندەك نەرسىلەرنىلا تاشلاپ كەتتى. شۇ ئەتراپتىكى دېھقانلار چېدىر بارگاھلاردىكى نەرسىلەرنى بىرەر ئايغىچە توشۇپ تۇردى. ئۇلار دالاغا يېيىلغان ئۆلۈكلەرنى ساناپ كۆرسە 4750 چىققانىكەن. بۇنىڭغا زەخىملەنگەن ۋە يارىلانغانلار كىرمەيتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئالىپ تېكىن قۇرۇمدىن ئاتلىنىپ باميانغا باردى. باميان ئەمىرى قولىغا قىلىچ ئېلىپ ئالىپ تېكىنگە قارشى چىققان بولسىمۇ ئەسىرگە چۈشتى. ئالىپ تېكىن ئۇنى ئەپۇ قىلىپ تون كىيگۈزدى ۋە ئۆزىگە ئوغۇل قىلىۋالدى. بۇ زات شۇنىڭ بىلەن شىر بارىك دەپ ئاتالدى. ئالىپ تېكىن بامياندىن كابۇلغا يۈرۈپ كابۇل ئەمىرىنى يەڭدى ۋە ئوغلىنى ئەسىر ئالدى. ئالىپ ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئۇنى ئاتىسىنىڭ يېنىغا يولغا سېلىپ قويدى. ئارقىدىنلا ئالىپ تېكىن غەزنە شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. كابۇل ئەمىرىنىڭ ئوغلى بولسا غەزنە ئەمىرى لاۋىقنىڭ كۈيئوغلى ئىدى. بۇ كۈيئوغۇل ساراخسقا قېچىپ بېرىپ قېيناتىسىدىن ياردەم سورىدى. ئالىپ تېكىن غەزنە شەھىرىنىڭ سېپىلى ئالدىغا كەلگەندە لاۋىق شەھەردىن چىقىپ ئۇنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۇتۇشتى. سوقۇشتا كابۇل ئەمىرىنىڭ ئوغلى ئىككىنچى قېتىم ئەسىرگە چۈشتى. لاۋىق تەڭ كېلەلمەي شەھەرگە كىرىۋالدى. ئالىپ تېكىن شەھەر تۈۋىدە قارارگاھ تىكىپ شەھەرنى قورشىۋالدى. ئۇ ئۆز نۆكەر – سەرۋازلىرىغا پەرمان چۈشۈرۈپ ئىجازەتسىز رەئىيەتنىڭ قىل چاغلىق نەرسىسىگە تېگىشكە بولمايدىغانلىقىنى ۋە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا رەھىمسىز سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن زاۋۇلىستان پۇقرالىرىنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتى ھەسسىلەپ ئاشتى.
بىر كۈنى ئالىپ تېكىن بىر تۈرك ياساۋۇلنىڭ ئاتلىق كېتىۋاتقانلىقىنى، ئاتنىڭ تورۋىسىدا لىققىدە چۆپ چۆپ، ئېگەرگە غانجۇغىلانغان بىر چۈجە بارلىقىنى كۆرۈپ:« ئاۋۇ ياساۋۇلنى چاقىرىڭلار! » دەپ بۇيرۇدى. ھېلىقى ياساۋۇل كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئالىپ تېكىن: « تورۋاڭدىكى چۆپ ۋە مۇنۇ چۈجىنى قەيەردىن ئالدىڭ؟ » دەپ سورىدى. ھېلىقى نۆكەر: « بىر دېھقاننىڭ ھويلىسىدىن ئالغانمەن » دېۋىدى ئالىپ تېكىن:« ئايلىق تەمىناتىڭنى ئالمىغانمىدىڭ؟ » دەپ سورىدى. نۆكەر: « ئېلىۋاتىمەن » دېدى. ئالىپ تېكىن:« ئەمىسە نېمە ۋەجىدىن بۇ نەرسىلەرنى ئالدىڭ؟ مېنىڭ ساڭا ئايمۇ – ئاي تەمىنات بېرىشىم يوقسۇللارنى قاقتى – سوقتى قىلمىسۇن دېگەن مۇددىئا ۋەجىدىن ئىدى. يەنە مەن قاتتىق پەرمان جاكارلاپ بۇنى مەنئى قىلغاندىمغۇ؟ » دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېلىقى نۆكەرنى بېشىدىن جۇدا قىلىپ كاللىسىدىكى يەم بىلەن چۈجىگە قوشۇپ ئۈچ كۈن سازايى قىلدى ھەمدە ئۆز ئالدىغا رەئىيەتكە جەبىر قىلغۇچىلار بولسا مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە مۇپتىلا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سەرۋاز – نۆكەرلەرنىڭ يۈرەكلىرى سىرقىراپ پۇقرالار خاتىرجەم بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن تەرەپ – تەرەپتىن قوشۇنغا ئاتالغان ئوزۇق – تۈلۈك توشۇپ كېلىنگەن بولسىمۇ، ئالىپ تېكىن بىر دانە ئالما چاغلىق نەرسىنى شەھەرگە كىرگۈزمىدى.
غەزنىدىكى پۇقرالار ئادالەتنىڭ مۇنداق سەمەرىسىنى كۆرۈپ: « بىز بىر ئادىل پادىشاھقا تەشنا بولۇۋىدۇق. ئۇ زات تۈركلەر بولسۇن ياكى پارسلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ مېلى، جېنى ۋە خوتۇن – بالىلىرىنى مۇتلەق ئەمىنلىككە مۇيەسسەر قىلدى » دېيىشتى ۋە شەھەر قوۋۇقىنى ئېچىپ ئالىپ تېكىن قوشۇنىنى شەھەرگە باشلاپ كىردى. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن لاۋىق ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، 20 كۈن ئۆتكەندە قورغاندىن چىقىپ ئالىپ تېكىننىڭ ئالدىغا كەلدى. ئالىپ تېكىن ئۇنىڭغا زور ئىنئام بېرىپ غەزنىنى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ماكانى قىلىپ بېرىۋەتتى.
ئالىپ تېكىن ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىپ زور مىقداردىكى غەنىيمەتلەرنى بىلەن ياندى. خەزىنە دىيارىدىن بۇ دىنسىزلار ماكانىغا ئىككى كۈنلۈك يول ئىدى. ئالىپ تېكىن ھىندىستاننىڭ قوۋۇقىنى ئېچىپ سانسىز بايلىققا، چارۋىغا ۋە قۇلغا ئىگە بولدىكى، ئۇلارنىڭ ئېنىق سانى بىر ئاللاھقا مەلۇملۇق ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئىشىتكەن خۇراسان، ماۋەرائۈننەھر، نېمرۇز كىشىلىرى تۇشمۇ تۇشتىن ئالىپ تېكىننىڭ بارگاھى ئەتراپىغا يىغىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئالتە مىڭ ئاتلىققا يەتتى. ئۇ بىر قانچە ئۆلكىنى تەسەررۇپ قىلىپ ئىستىلا زېمىنىنى پىشاۋۇرغىچە يەتكۈزدى. ھىندىستان پادىشاھى ئالىپ تېكىننى ھىندىستان تەۋەلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىش مۇددىئاسىدا ئون تۈمەن ئاتلىق، بەش تۈمەن پىيادە نۆكەر ۋە 1500 جەڭ پىلى ئارقىلىق سوقۇشقا ئاتلاندى. خۇراسان ئەمىرى مەنسۇر قۇرۇم ئۆتكىلىدىكى ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىشنىڭ ئازابىدىن ئىزتىراپ بولغاچقا ئەبۇ جەئفەر دېگەن كىشىنىڭ باشچىلىقىدا 25 مىڭ كىشىلىك بىر زور ئاتلىق قوشۇننى مەغرىپ تەرەپتىن ئالىپ تېكىنگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئالىپ تېكىن ئەبۇ جەئفەرنى بىر فەرسەخ يىراقلىققا كەلگۈچە كۈتتى. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالتە مىڭ ئاتلىق قوشۇنى بىلەن خۇراسان قوشۇنىغا شۇنداق تاشلاندىكى بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئىچىدىلا ئۇلارنىڭ 25 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇنىنىڭ ۋەتۋەرىكى چىقىپ كەتتى. بۇ سان بەلخ يېنىدىكى سوقۇشتا يېڭىلگەن خۇراسان قوشۇنىنىڭ ئون ھەسسىگە باراۋەر ئىدى. ئەبۇ جەئفەر پۈتۈن قوشۇنىنىڭ تىرىپىرەن بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ بېشىنى ئېلىپ قاچتى. يولدا ئۇنى دېھقانلار تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەنلىكتىن ئات قورال – ياراغ ۋە نەرسىلىرىنى تارتىۋېلىپ قويۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقىچە ياسىنىپ بەلخكە پىيادە قايتىپ كەلدى. خۇراسان قوشۇنىنىڭ بارلىق ئەسلىھەلىرى، ئوزۇق – تۈلۈكى، ئەسكىرىي يۈك – تاقى غەنىيمەت سۈپىتىدە ئالىپ تېكىننىڭ قولىغا چۈشتى. خۇراسان ئەمىرى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئالىپ تېكىنگە كۈچتە تەڭ كېلەلمەيدىغان بولدى. ئالىپ تېكىننىڭ ئايرىلىپ چىقىشى بىلەن سامانىيلار خانىدانلىقى بەكلا زەئىپلىشىپ خانىدانلىق سەلتەنىتىدىن يوغانلا بىر كامار ئېچىلدى ۋە تۈركىستان قاغانلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا يوچۇق بولدى.
ئالىپ تېكىن ئەبۇ جەئفەرنى قايتۇرغاندىن كېيىن زېھنىنى ھىندىستان پادىشاھلىقىغا قاراتتى. ئۇ خۇراسان ۋە باشقا جايلارغا ياردەم مەزمۇنىدا مۇراجىئەتنامىلارنى يوللىغاندا ئولجا غەرىزىدە تولۇق قوراللانغان يىگىتلەر تۈركۈم – تۈركۈملەپ كېلىپ 11 مىڭ 500 كىشىلىك ئاتلىق ۋە پىيادە قوشۇن بولۇپ تەشكىللەندى. ئۇلار ھىندىستان پادىشاھلىقىغا شىردەك تاشلىنىپ ياۋدىن بىر تۈمەندىن ئارتۇق كىشىنى قىرىۋەتتى. ئۇ غەنىيمەتلەرنى يىغمايلا قوشۇننى باشلاپ تېزدىن چېكىندى. پادىشاھنىڭ قوشۇنلىرى ئۇلارنى تۇتالماي ئىزىنى يوقىتىپ قويۇشتى. شۇ مۇدھىش تاغلار ئارىسىدا بىر ئۆتكەل بولۇپ ھىندىستان پادىشاھى جەزمەن شۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەتتى. ئالىپ تېكىن بۇ ئۆتكەلنى چىڭ ساقلاپ تۇرۇۋالغاچقا ھىندىستان پادىشاھى قوغلاپ كېلىپ شۇ ئۆتكەل ئالدىدا قاپسىلىپ قالدى. پادىشاھ ئۆتكەل سىرتىدا قارارگاھ تىكىپ ئىككى ئاي ياتتى. بۇ ئارىلىقتا ئالىپ تېكىن قەرەلسىز ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ھىندىلارنى تالاپەتكە ئۇچرىتىپ تۇردى. شۇ سوقۇشلاردا سۇبۇق تېكىن ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ شىجائەت – پاراسىتىنى نامايان قىلدى. ھىندىستان پادىشاھى مۈشكۈلاتتا قېلىپ يا ئالدىغا ماڭالمىدى، يا مەقسەتكە يېتەلمىدى. ئاخىرى ئالىپ تېكىنگە: « سىلەرنىڭ خۇراساندىن بۇ يەرگە كېلىشىڭلار نان ئۈچۈن ئەمەسمىدى؟ مەن سىلەرگە يەر ۋە قورال ھەدىيە قىلاي، سىلەر مېنىڭ بۈيۈك قوشۇنۇمغا قوشۇلۇڭلار » دېگەن مەزمۇندا نامە يوللىدى. ئالىپ تېكىننىڭ سەرۋاز – سانغۇنلىرى بۇنى ماقۇل كۆرۈپ جاۋاب يوللىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇلارغا بىر نەچچە شەھەر – ۋىلايەت ۋە بەش قەلئە ھەدىيە قىلىشقا ماقۇل بولدى. ئەمما قورۇل سەركەردىلىرىگە خۇپىيانە ھالدا ئۆزى چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن قورۇلنى تاپشۇرۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا يارلىق بېرىۋەتتى. ئىشلار شۇ تەرىقىدە روياپقا چىققاندىن كېيىن ئالىپ تېكىن: « كېلىشىمنى بىز ئەمەس سىلەر، سىلەر بۇزدۇڭلار » دېگىنىچە ھۇجۇمنى قايتا باشلاپ شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىۋالدى ۋە ئاشۇ قورۇللارنى قورشىۋالدى. مۇشۇ قېتىمقى سوقۇشتا ئالىپ تېكىن ئاخىرەت سەپىرىگە يول ئالدى. ئۇنىڭ نۆكەر – سەرۋازلىرى نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئەنە شۇ چاغدا دىنسىزلار يوپۇرۇلۇپ كېلىپ ئۇلارنى قورشاۋغا ئېلىۋالدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئولتۇرۇپ كېڭەشكە چۈشتى ھەممىسى:« ئالىپ تېكىننىڭ ئىزىنى باسقۇدەك ئوغۇل پەرزەنتى يوق. ئەمما بىزگە باش بولغۇدەك ئادەممۇ يوق. ھالا بۈگۈنكى كۈندە ھىندىستان مەملىكىتىدە زور ئابرۇي – ئىناۋەت ساھىبى بولۇپ قالدۇق. ھىندىلار بىزدىن ئوبدانلا ئەدىپىنى يەپ ھېيىقىدىغان بولدى. ناۋادا كىمنىڭ ئورنى يۇقىرى بولۇشى كېرەك كىم ھاكىمدارلىق قىلىشى كېرەك دېگەنلەر بىلەن بولۇپ كەتسەك شان – شەۋكىتىمىز توزۇپ تۈگەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياۋ ئۈستۈنلۈكنى قولغا ئالىدۇ . ناۋادا بىز بىر يەڭدىن قول چىقىرالمىساق، قىلىچ شەمشىرىمىزنى دىنسىزلارغا ئەمەس بىر – بىرىمىزنى قىرغىن قىلىشقا شىلتىساق قولغا ئالغان بارلىق زېمىندىن مەھرۇم بولىمىز. شۇڭا ئىشنىڭ ياخشىسى ئارىمىزدىن مۇۋاپىق بىرىنى بىزگە باش بولۇشقا كۆرسىتەيلى، شۇنىڭ شەمشىرى قاياققا شىلتىلسا شۇ ياققا تاشلىنايلى، ئۇنى ئالىپ تېكىننىڭ ئورنىدا كۆرەيلى » دېيىشتى. بۇنى ھەممەيلەن مۇۋاپىق تاپتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئابرۇي – ئىناۋەتتە ۋە جەسۇرلۇقتا يېتىلگەن بىر نەچچە ياساۋۇلنىڭ ئىسىملىرىنى تىلغا ئىېلىشقان بولسىمۇ قالغانلار ئۇنى مۇۋاپىق تاپمىدى. ئاخىرىدا سۇبۇق تېكىننىڭ نامى تىلغا ئېلىنىۋىدى ھەممەيلەن سۈكۈتكە چۆمدى. ئارىدا بىرەيلەن: « يېگانە ئارتۇقچىلىقى بار دېيىلسە قالغانلار پەقەتلا بالدۇرراق ياساۋۇل قورۇقچى بولغان، خالاس. پاراسەت، جاسارەت، مەردانىلىك، دوستانە مېماندوستلۇق، ئېھسان ۋە ساخاۋەت، تەقۋادارلىق ۋە سەمىمىيەت بابلىرىدا سۇبۇق تېكىن ئوخشاشلا لاياقەتلىك. ئۇنى خوجىمىز بىر قوللۇق يېتىشتۈرگەن. خوجىمىز ئۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىدى. راستىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭدا ئالىپ تېكىندىكى بارلىق كامىللىق ۋە سەردارلىق قابىلىيىتى تېپىلىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ بىلگەنلىرىمنى ئېيتتىم، كۆڭۈل كۆزۈڭلاردا دەڭسەپ كۆرۈڭلار » دېدى. ئۇلار بىردەم كېڭەشكەندىن كېيىن سۇبۇق تېكىننىڭ باش بولۇشىنى ماقۇل كۆرۈشتى. ئاخىرى سەرۋازلار بىر نەرسە دېيىشكە ئۈندىگەندىلا سۇبۇق تېكىن بېشىنى كۆتۈرۈپ: « باشقا تاللاش مەۋجۇد بولمىسا بۇ ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئالىمەن. ناۋادا بىرەرى قارشى چىقسا، ماڭا ئىتائەت قىلىشنى خالىمىسا، بارلىق پەرمانىمنى ئويۇن بىلسە مېنى قوللاپ شۇ كىشىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇڭلار » دېدى. ھەممەيلەن بۇنى لايىق كۆرۈپ ساداقەتمەنلىك ھەققىدە ئەھدە قىلىشتى. ئارقىدىنلا ئۇلار سۇبۇق تېكىننى كۆتۈرۈپ ئالىپ تېكىن ئولتۇرىدىغان كۇرسقا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى ۋە ئۇنىڭغا ئەمىرلەرگە خاس سالام قىلىشىپ تىللا تەڭگىلەرنى چاچقۇ قىلىپ چېچىشتى.
سۇبۇق تېكىن بەجا كەلتۈرگەن ھەممىلا ئىش، باشلىغان ھەممە جەڭلەر ئۇتۇقلۇق بولدى. ئۇ زاۋۇلىستان بېگىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ ئۇلاردىن مەھمۇد تۆرەلدى. مانا بۇ مەھمۇدنىڭ نېمە ۋەجىدىن مەھمۇد زاۋۇلى دەپ ئاتىلىشنىڭ سەۋەبىدۇر. مەھمۇد كىچىكىدىنلا ھەر تامان يۈرۈشلەرگە ئىشتىراك قىلىپ ئاتىسىنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىدى. سۇبۇق تېكىن كۆپلىگەن ئۇرۇشلارنى قىلىپ قۇدرەتلىك دۈشمەنلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى ۋە ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن ئۆلكىلىرىنى ئىستىلا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا باغداتتىكى خەلىفە ئوردىسىدىن « نەسرۇددىن » ( دىننىڭ قوغدىغۇچىسى) ئاتىقى ھەدىيە قىلىندى. سۇبۇق تېكىن جان ئۈزگەندىن كېيىن سۇلتان مەھمۇد ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ ئاتىسىدىن ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇلى، ئوقۇش ۋە يېزىش دېگەنلەرنى ئۆگىنىپ بولغان بولۇپ، پادىشاھلار ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاشقا ھېرىسمەن ئىدى، شۇ ۋەجىدىن ئۇ يۈرگۈزگەن يوسۇنلارنىڭ ھەممىسىلا تەرىپلەشكە ئەرزىيتتى. ئۇ نىمرۇزنى ۋە خۇراساننى ئىستىلا قىلدى. ھىندىستان مەملىكىتىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ سومناتنى تارتىۋالدى ۋە ھۆرمەت بۇتىنى ئېلىپ كەتتى. ئۇ ھىندىستان پادىشاھلىرىنى پايخان قىلىپ سەلتەنەتنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىقتى.
①بۇ ۋەقەلەر سامانىيلار خاندانلىقىدىكى ئەمىر ئابدۇل مەلك ئالەمدىن ئۆتكەندە ( مىلادى 961 - يىلى ) يۈز بەرگەن . قانداقتۇر نۇھ ئىبنى ناسىر ئالەمدىن ئۆتكەندە ( 943 - يىلى ) يۈز بەرگەن ئەمەس
مەنبە : مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمدارلىق يولى ( سىياسەتنامە) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003 - يىلى 5- ئاي 1 - نەشرى