نۆۋەتتىكى تېما : ئامېرىكا<<مۇستەقىللىق خىتابنامىسى>>(ئۇيغۇرچە) تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 437ـ كۆرۈرمىنى
tahir.imin

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1395
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرىتى: 6 نومۇر
پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-08
ئاخىرقى : 2008-10-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئامېرىكا<<مۇستەقىللىق خىتابنامىسى>>(ئۇيغۇرچە)

                    ئامېرىكا<<مۇستەقىللىق خىتابنامىسى>>
 
                                 
      تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن  2008-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر، ئۈرۈمچى
مەنبەسى: ئامېرىكا تارىخى تورى

ئەسلى ئنگىلىزچە ئادىرسى:http://www.ushistory.org/declaration/document/index.htm

    << مۇستەقىللىق خىتابنامىسى>>  ئارقا كۆرۈنۈشى:
    ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى-1776-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى توماس جىففىرسون تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، دەسلەپتە مۇستەقىللىق جاكارلىغان ئون ئۇچ شتاتتىن كەلگەن ۋەكىللەر ئىمزا قويغان شىمالى ئامېرىكىدىكى ئون ئۇچ شتاتنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن مۇستەقىللىق جاكارلىغان ھۆججەت بولۇپ، ئامېرىكا ۋە دۇنيا سىياسىي تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
    18-ئەسىرنىڭ 60-ۋە 70-يىللىرىدا شىمالى ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكە رايونلار بىلەن ئەنگلىيە پادىشاھلىقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسايىن جىددىيلەشتى.1775-يىلى لىكسىڭتۇن ۋە كانكىت شەھىرىدە شەھەردە ئۇرۇش پارتلىدى.
    بۇ ئامېرىكا ئىنقىلابى ئۇرۇشنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. دەسلەپتە گەرچە مەقسەت پۈتۈنلەي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش بولمىسىمۇ، بىراق توماس پىيئىننىڭ <<ئومۇمى چۈشەنچە >>ناملىق كىتابچىسى كىشىلەرگە پۈتۈنلەي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ چىقىشلا بىردىنبىر ئاقىدىغان چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى تونۇتتى.
    1776 -يىلى ئىككىنچى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق قۇرۇلتىيىدا ۋىرگىنىيە شتاتىدىن كەلگەن رىچارد ھىنرى لىر مۇنداق بىر تەكلىپ بەردى،:<<بىز مۇستەملىكە رايونىدىكى ئاقكۆڭۈل خەلقنىڭ نامى ۋە ئىجازىتى بىلەن شۇنى تەنتەنىلىك بىلەن جاكارلايمىزكى، بارلىق مۇستەملىكە جايلار ئسمى-جسمىغا لايىق يوسۇندا ئەركىن ۋە مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولىدۇ، ئەنگلىيە بىلەن بولغان بارلىق بېقىنىش مۇناسىۋىتىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ، برىتانىيە  پادىشاھلىقى بىلەن بولغان بارلىق سىياسىي مۇناسىۋىتى تەلتۆكۈس  بىكار قىلىنىدۇ>>.
    6-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇرۇلتاي <<مۇستەقىللىق خىتابنامىسى>>نى يېزىپ چىقىش ھەيئىتى بەلگىلەپ چىقتى. خىتابنامىنى ئاساسلىقى توماس جىففىرسون يېزىپ تەييارلىدى.7-ئاينىڭ 4-كۈنى <<مۇستەقىللىق خىتابنامىسى>>قۇرۇلتايدا ماقۇللىنىپ،13شتاتلىق پالاتا ئەزالىرىنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. بۇ ئون ئۇچ شتات بولسا يىڭى ھامپىشىر، ماسساچۇستىس، رودىن ئارىلى، كونناكتىكۇت، نيۇ-يورك، يىڭى جىرسى، پىنسىلۋانىيە، دىلاۋەير، مارىلاند، ۋىرگىنىيە، شىمالى كارولىنا، جەنۇبى كارولىنا، جورجىيە قاتارلىق شتاتلار ئىدى.
خىتابنامە يېزىپ چىقىش ھەيئەتلىرى -ماسساچۇستىس شتاتىدىن جون ئادامىش، پىنسىلۋانىيە شتاتىدىن بىنجامىن فىرانكىلىن، ۋىرگىنىيە شتاتىدىن توماس جىففىرسون، نيۇ-يورك شتاتىدىن روبىرت لىۋنستون ۋە كوننەكتىكۇت شتاتىدىن روج شىرمان قاتارلىقلار دىن تەشكىللەنگەن  ئىدى.  خىتابنامىنىڭ كۆپ قىسمىنى جىففىرسون تەييارلىدى، خىتابنامە قۇرۇلتايدا ماقۇللىنىشتىن ئاۋۋال جىنايى ئىشلار سوتىدا قايتا يېزىلدى. ئېلىۋېتىلگەن بىر بۆلەك قۇللۇق تۇزۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
    توماس جىففىرسون، بنجامىن فىرانكلىن تەييارلىغان خىتابنامە قىسمەن تۈزىتىلىپ قۇرۇلتايدا ماقۇللانغاندىن كېيىن زور تەسىر قوزغىدى. توماس جىففىرسون مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى <<دۇنياغا قىلىنغان خىتابنامە>>دەپ ئاتىغان ئىدى.1776-يىلىدىن بۇيان مۇستەقىللىق خىتابنامىسىدىكى پرىنسىپلار ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى ئىسلاھاتچىلارنىڭ مۇھىم مۇراجىئەت مەنبەسى بولۇپ قالدى. قانداق مەقسەتتە دېيىلسۇن، ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ياكى ئاياللار ھوقۇقى، قۇللۇق تۇزۇمنى بىكار قىلىش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاممىغا <<ھەممە ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا باراۋەر>>دېگەننى ئەسكەرتىپ ماڭىدۇ. مەيلى نەدىلا بولسۇن، كىشىلەر مۇستەبىت ھۆكۈمەتكە قارشى ئىلىپ بارغان كۈرەشلىرىدە ھامان جىففىرسون ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن<< ھۆكۈمەتنىڭ توغرا بولغان ھۆكۈمرانلىقى خەلقنىڭ رازىلىقى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بولۇشى كېرەك >>دېگەن سۆزىنى ئىشلىتىدۇ. خىتابنامە ئۇچ بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلەك مەزمۇنى سىياسىي پەلسەپە، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك پەلسەپىسىنى ، ئىككىنچى بۆلەك ئەنگلىيە پادىشاھى جورجى 3 نىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان ناھەق سىياسەتلىرىنى پاش قىلىدىغان مىسال پاكىتلارنى، ئۈچىنچى بۆلەك مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىش ۋە ئۇنى قوللاش ئۇچۇن قىلغان قەسەمنى مەزمۇن قىلىدۇ.
                                                                    مەزمۇنى:
    ئىنسانىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ يەنە بىر مىللەت بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى بىكار قىلىپ، ، ئۇلارغا تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى ۋە تەبىئەتنىڭ ياراتقۇچىسى بەرگەن مۇستەقىل ۋە باراۋەر ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى زۆرۈر بولغاندا، ئىنسانىيەتتىكى جامائەت پىكىر-يۆنىلىشنى چىقىش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ياشاش غايىسىنى دۇنياغا جاكارلىشى كېرەك.

    بىز  تۆۋەندىكىدەك قىل سىغمايدىغان ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىمىزكى، ھەممە ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا باراۋەر يارىتىلغاندۇر، ھەممە ئادەم ياراتقۇچىسى تەرىپىدىن ھېچكىم دەخلى-تەرۇز قىلالمايدىغان ھايات كەچۈرۈش، ئەركىنلىك ۋە بەخت ئىزدەش قاتارلىق ھوقۇقلارنى بېرىلگەندۇر. بۇ ھوقۇقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۇچۇن، ھۆكۈمەتلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ توغرا بولغان ھۆكۈمرانلىقى خەلقنىڭ رازىلىقى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بولۇشى كېرەك.
ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت بۇ مەقسەتلەرنى زىيانغا ئۇچراتقان ھامان كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئۆزگەرتىش ياكى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بەخت-سائادىتىنى بەكرەك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى مۇمكىن بولغان يىڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە بۇ پرىنسىپلارنى شۇ ھۆكۈمەتنىڭ  ئاساسىغا ئايلاندۇرۇش، بارلىق ھوقۇقنى ئاشۇ شەكىلدە تەشكىللەش ھەققى بار.
    ئەستايىدىللىق شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى، قۇرۇلغىلى ئۇزۇن بولغان ھۆكۈمەتلەر ئۇنۇمسىز ۋە ۋاقىتلىق مەقسەتلەر ئۇچۇن ئۆزگەرتىلمەسلىكى كېرەك، (ئۆتمۈشتىكى) بارلىق تەجرىبىلەردىن ئايانكى، ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى ئۇچۇن ئۆزى ئادەتلىنىپ كەلگەن تۈزۈملەرنى بىكار قىلىشتىن كۆرە چىداش مۇمكىن بولغان بارلىق  ئازاب-ئوقۇبەتكە چىشنى چىشلەپ چىداپ باقىدۇ. بىراق  ئوخشاش مەقسەت ئۇچۇن ئۇزاققا سوزۇلغان ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە ئادالەتسىزلىكلەر ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنى ھاكىممۇتلەق مۇستەبىت تۇزۇم ئاستىدا باشقۇرۇش پىلانىنى ئىسپاتلىغاندا خەلقنىڭ ئۇنداق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇۋېتىش، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى بىخەتەرلىكى ئۇچۇن يىڭى كاپالەت بەرپا قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.
    مانا مۇستەملىكە رايونلار دەل مۇشۇنداق ئازابلارغا بەرداشلىق بېرىپ كەلدى. دەل مۇشۇنداق سەۋەب ئۇلارنى ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت سىستېمىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلدى. بۈگۈنكى بۈيۈك برىتانىيە پادىشاھىنىڭ تارىخى -تەكرار-تەكرار ئازاب-ئوقۇبەتكە سەۋەب بولۇش ۋە زۇلۇم-سىتەم يۈرگۈزۈش بولۇپ كەلدىكى، ئۇ ئاشۇ شتاتلاردا مۇتلەق مۇستەبىت تۇزۇمدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇشنى بىۋاسىتە مەقسەت قىلغان.
    سۆزىمىزنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن، بىز دۇنياغا تۆۋەندىكىلەرنى جاكارلايمىز:
    ئۇ خەلقنىڭ بىر پۈتۈن ۋە ئەڭ زۆرۈر بولغان مەنپەئەتىگە مۇۋاپىق قانۇن-تۈزۈملەرنى تەستىقلاشنى رەت قىلدى.
ئۇ ۋالىيلارنىڭ ئىنتايىن جىددىي ۋە مۇھىم بولغان قانۇن-پەرمانلارنى تەستىقلاشنى چەكلىدى، ئۆزىنىڭ تەستىقىنى ئالمىغۇچە ئىجرا قىلدۇرماي تاشلاپ قويدى. تاشلانغاندىن كېيىنكى پەرمانلارغا بولسا ئۇ پۈتۈنلەي پەرۋا قىلمىدى.
ئۇ كەڭرى كەتكەن رايونلاردىكى خەلق ئاممىسىغا پايدىلىق -قۇلايلىق بولغان باشقا قانۇنلارنى تەستىقلىمىدى، ئاخىرى كىشىلەر قانۇن تۈزۈش ئورگىنىدىكى ۋەكىللىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، بۇ ھوقۇق (ئەمەلىيەتتە) ئاشۇ خەلقكە نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز زور ھېسابلانسا، ئەمما ئاشۇ مۇستەبىتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا  ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ھوقۇق ئىدى.
    ئۇ ھەرقايسى شتاتلارنىڭ قانۇن تۈزۈش ھەيئەتلىرىنى ئىنتايىن غەلىتە، قۇلايسىز ھەم شتاتلىق ئارخىپ ئامبىرىدىن يىراق جايلارغا چاقىرىپ يىغىن ئاچتى. بىردىنبىر مەقسىتى ئۇلارنى ھارغۇزۇپ -بەزدۈرۈپ، ئۆز ئىرادىسىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر قىلىش ئىدى.
    ئۇ ھەرقايسى شتات پالاتالىرىنى قايتا-قايتا تارقىتىۋەتتى، چۈنكى بۇ پالاتالار ئۇنىڭ (پادىشاھنىڭ) كىشىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا قورقماستىن قارشى تۇرغان ئىدى.
    ئۇ پالاتانى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەتكىچە يىڭى پالاتا سايلاپ چىقىشقا قارشى تۇردى، ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان  قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى -  ئىقتىدارسىز ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى، ھەرقايسى شتاتلار ھېلىھەم سىرتقى تاجاۋۇزچىلىقتىن ئەمىن تاپمىدى، ئىچكى جەھەتتە مۇقىم بولماي كەلدى.
ئۇ ھەرقايسى شتاتلارنىڭ نوپۇسىنى تىزگىنلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇندى، چەتئەللىكلەرنى يەرلەشتۈرۈش قانۇنىغا توسقۇنلۇق قىلدى.
    يېڭى يەر تەقسىم قىلىشنىڭ شەرتلىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، چەتئەللىكلەرنىڭ  ھەرقايسى شتاتلارغا كۆچمەن بولۇپ كېلىشىگە ئىلھام بولىدىغان قانۇن-پەرمانلارنى ماقۇللاشنى  رەت قىلدى.
    ئۇ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشنى پەقەت ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە بېقىندۇرۇپ ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى.
  ئۇ سوتچىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى، مائاش سوممىسى ۋە ئىش ھەققىنى پۈتۈنلەي شەخسى ئىرادىسىگە بويسۇندۇردى.
    ئۇ نۇرغۇن يىڭى ئىدارە-ئورگانلارنى تەسىس قىلىپ، كۆپلىگەن ئەمەلدارلارنى ئەۋەتتى، خەلقنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى قۇرۇتۇپ تۈگەتتى. ئۇ تىنچلىق دەۋرىدە بىزنىڭ قانۇنچىلىق ئورگانلىرىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئارىمىزدا ئۇزۇن مۇددەت قوشۇن تۇرغۇزدى. ئۇ ئارمىيىنى خەلقتىن پۈتۈنلەي ئايرىۋەتتى، ئارمىيىنى خەلقتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويدى. ئۇ باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ بىزنى ئۆزىمىزنىڭ قۇرۇلمىمىزغا ماس كەلمەيدىغان، ئاساسى قانۇنىمىز ئېتىراپ قىلمايدىغان جىنايەت دائىرىسىگە ئىتتىرىپ ئاپاردى، ئۇ بۇ مەقسەتلەرگە ساختا قانۇنچىلىق ئورگانلىرىغا ئىجازەت بېرىش ئارقىلىق يەتتى.

    ئۇ ئارىمىزدا زور تۈركۈمدە قوشۇن تۇرغۇزدى (ئەسكەرلەر) ھەرقايسى شتات ئاھالىسىنى خالىغانچە قىرغىن قىلسىمۇ، جازا بەرمەستىن يالغاندىن سوراققا تارتقان بولدى.
    بىزنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى بىلەن بولغان سودىمىزنى ئۈزۈپ تاشلىدى.
    بىزنىڭ رازىلىقىمىز بولماي تۇرۇپ، بىزدىن مەجبۇرى باج ئالدى.
    نۇرغۇن دېلولاردىكى بىزنىڭ زاسېداتىللىق تۇزۇمدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىمىزنى تارتىۋالدى.
    يالغاندىن جىنايەت ئارتىپ باشقا يەرلەرگە ئاپىرىپ سوراققا تارتتى.
    بىر قوشنا ئۆلكىدە ئەنگلىيىنىڭ ئەركىن قانۇن سىستېمىسىنى بىكار قىلىپ، بىر ھاكىممۇتلەق مۇستەبىت ھۆكۈمەت قۇردى. ئۇنىڭ چېگرىسىنى كېڭەيتىپ، خالىغاندا ئۇنى باشقا مۇستەملىكە شتاتلارغا ئوخشاش مۇستەبىت تۇزۇمنى يۈرگۈزۈشتىكى ئۈلگە قىلىدىغان تەييار ۋاسىتە قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.
    بىزنىڭ ئاساسى قانۇنىمىزنى بىكار قىلدى، بىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك قانۇنىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھەرقايسى شتاتلارنىڭ  ھۆكۈمەت شەكلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى.
    بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنىمىزنىڭ ھوقۇق ئىجرا قىلىشنى توختىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقتىن ئىبارەت دەسمايىسى ئارقىلىق ھەرقانداق ئىشتا بىزگە قانۇن تۈزۈپ بېرىش ھوقۇقىمىز بار دەپ جاكارلىدى.
ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ قوغداش دائىرىسىدە ئەمەس دەپ جاكارلىدى ۋە بۇ يەردىكى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ بىزگە قارشى جەڭ ئاچتى.
    ئۇ بىزنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىمىزدە زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، دېڭىز بويى رايونلىرىمىزنى خالىغانچە ۋەيران قىلدى، شەھەرلىرىمىزنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى، خەلقىمىزنىڭ ھاياتىغا زىيانكەشلىك قىلدى.
    ئۇ دەل مۇشۇ چاغدا زور مىقداردىكى چەتئەل ياللانما ئەسكەرلىرىنى كىرگۈزۈپ ئۆلتۈرۈش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، خورلاش قاتارلىق ۋەزىپىنى ئورۇنلاۋاتىدۇ. بۇ ۋەزىپە خىلى بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، زوراۋانلىقتا شۇنچىلىك ۋەھشىكى، ئەڭ ياۋايى دەۋرلەردىمۇ ئۇنىڭ تەڭدىشى تېپىلمايدۇ. ئۇ بىر مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ باشلىقى بولۇشقا قەتئىي مۇناسىپ ئەمەس.
    ئۇ دېڭىز ئۈستىدە بىزنىڭ ۋەتەنداشلىرىمىزنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز دۆلىتىگە قارشى قورال تەڭلەشكە، ئۆز تۇققان-قىرىنداشلىرى ۋە دوستلىرىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل بولۇشقا، ياكى تۇققان-قىرىنداشلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ قولىدا ئۆلۈشكە مەجبۇر قىلدى.
    ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا ئىچكى بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىپ، ئۇرۇشتا ياش، جىنس ۋە شارائىت تاللىماي بىردەك ئولتۇرۇپ تاشلايدىغان ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق شەپقەتسىز ياۋايى ئىندىئانلارنى چېگرا رايونلاردىكى خەلقىمىز ئۈستىگە باشلاپ ئەكەلدى.
    مانا مۇشۇ زورلۇق-زومبۇلۇقلارنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا، بىز ئەڭ كەمتەر سۆز-تەكلىپ بىلەن ئەھۋالنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدۇق. بىراق قايتا-قايتا تەلەپ -پىكىر ئارقىلىق ئېرىشكىنىمىز -تەكرار -تەكرار زىيان تارتىش بىلەن نەتىجىلەندى. خاراكتېرىگە زوراۋانلىق تامغىسى بېسىلىپ كەتكەن، مۇستەبىت دەپ سۈپەتلىنىشكە ھەقلىق بولغان  بىر ھۆكۈمراننىڭ ئەركىن خەلقكە رەھبەرلىك قىلىش سالاھىيىتى يوق.
    بىز ئەنگلىيىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق، بىز دائىم ئۇلارغا ئاشۇ قانۇن چىقارغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ بېشىمىزغا سېلىۋاتقان ئورۇنسىز جاپاسىنى ئەسكەرتىپ تۇردۇق، بىزنىڭ بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىش ۋە يەرلىشىش ئەھۋالىمىز ھەققىدە ئۇلارغا يەتكۈزۈپ تۇردۇق.
    بىز ئۇلارنىڭ تۇغما ھەققانىيەت ۋە ياخشىلىق تۇيغۇسىغا ئىلتىجا قىلدۇق، بىز ئۇلار بىلەن ئوخشاش خەلق، ئوخشاش ئېتىقادتىن بولغانلىقىمىزنىڭ يۈزىسىدىن، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ۋە بېرىش - كېلىشكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۇچۇن مۇشۇ بۇلاڭچىلىق قىلمىشلىرىنى توختىتىشىنى  مۇراجىئەت قىلدۇق، بىراق ئۇلارمۇ بۇ ئادالەت ۋە يىلتىزداشلىق ئىلتىجاسىغا پەرۋا قىلمىدى.
    شۇڭا بىز بۇ يەردە خۇددى دۇنيادىكى باشقا ئەللەرگە ئوخشاش شۇنداق جاكارلاشقا مەجبۇر بولدۇق: بىز بىلەن ئۇرۇشقانلار بىزنىڭ دۈشمىنىمىز، بىز بىلەن تىنچ ئۆتكەنلەر بىزنىڭ دوستىمىز.
    شۇڭا بىز  -ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئومۇمى قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھەرقايسى مۇستەملىكە رايونلاردىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ نامى ۋە ئىجازىتى بىلەن بۇ يەرگە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالىي ھۆكۈمىگە بىزنىڭ قەتئىي ئىرادىمىزنى جاكارلاش ئۇچۇن توپلاشتۇق: بىز شۇنى تەنتەنىلىك بىلەن جاكارلايمىزكى، بۇ قوشما مۇستەملىكە رايونلار ھازىردىن باشلاپ ئەركىن ۋە مۇستەقىل دۆلەتتۇر، ھەم ئۇلارنىڭ ئەركىن ھەم مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ھوقۇقى باردۇركى، ئۇلار ھازىردىن باشلاپ ئەنگلىيە پادىشاھلىقىغا  سادىق بولۇش مەجبۇرىيىتىنى بىكار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۈيۈك برىتانىيە دۆلىتى بىلەن بولغان بارلىق سىياسىي مۇناسىۋىتى مۇشۇنىڭ بىلەن تەلتۆكۈس ئۈزۈلىدۇ، بۇ مۇناسىۋەتلەر تەلتۆكۈس ئۈزۈلۈشى كېرەك، بىر مۇستەقىل دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئۇرۇش ئېلان قىلىش، تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش، ئىتتىپاق تۈزۈش، سودا قىلىش  قاتارلىق بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھوقۇقى بولىدۇ.
    بۇ خىتابنامىنى قوللاش يۈزىسىدىن تەڭرىنىڭ مۇقەددەس ھىمايىسىگە تايىنىپ تۇرۇپ، بىر-بىرىمىزنىڭ ھاياتى، بىر-بىرىمىزنىڭ مال-مۈلكى ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ مۇقەددەس ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمىز.
    باشلىق:          جون خانكوك
    باش كاتىپ:    چارلىز تومسوم
    ھەرقايسى شتاتلاردىن قاتناشقان ۋەكىللەر تىزىملىكى كىشى ئىسىملىرى تەرجىمە قىلىنمىدى.




Massachusetts-Bay: SAMUEL ADAMS, JOHN ADAMS, ROBERT TREAT PAINE, ELBRIDGE GERRY
Rhode Island: STEPHEN HOPKINS, WILLIAM ELLERY
Connecticut: ROGER SHERMAN, SAMUEL HUNTINGTON, WILLIAM WILLIAMS, OLIVER WOLCOTT
Georgia: BUTTON GWINNETT, LYMAN HALL, GEO. WALTON
Maryland: SAMUEL CHASE, WILLIAM PACA, THOMAS STONE, CHARLES CARROLL OF CARROLLTON
Virginia: GEORGE WYTHE, RICHARD HENRY LEE, THOMAS JEFFERSON, BENJAMIN HARRISON, THOMAS NELSON, JR., FRANCIS LIGHTFOOT LEE, CARTER BRAXTON.
New York: WILLIAM FLOYD, PHILIP LIVINGSTON, FRANCIS LEWIS, LEWIS MORRIS
Pennsylvania: ROBERT MORRIS, BENJAMIN RUSH, BENJAMIN FRANKLIN, JOHN MORTON, GEORGE CLYMER, JAMES SMITH, GEORGE TAYLOR, JAMES WILSON, GEORGE ROSS
Delaware: CAESAR RODNEY, GEORGE READ, THOMAS M'KEAN
North Carolina: WILLIAM HOOPER, JOSEPH HEWES, JOHN PENN
South Carolina: EDWARD RUTLEDGE, THOMAS HEYWARD, JR., THOMAS LYNCH, JR., ARTHUR MIDDLETON
New Jersey: RICHARD STOCKTON, JOHN WITHERSPOON, FRANCIS HOPKINS, JOHN HART, ABRAHAM CLARK
Pennsylvania: Robert Morris, Benjamin Rush, Benjamin Franklin, John Morton, George Clymer, James Smith, George Taylor, James Wilson, George Ross
Delaware: Caesar Rodney, George Read, Thomas McKean
Maryland: Samuel Chase, William Paca, Thomas Stone, Charles Carroll of Carrollton
Virginia: George Wythe, Richard Henry Lee, Thomas Jefferson, Benjamin Harrison, Thomas Nelson, Jr., Francis Lightfoot Lee, Carter Braxton
North Carolina: William Hooper, Joseph Hewes, John Penn
South Carolina: Edward Rutledge, Thomas Heyward, Jr., Thomas Lynch, Jr., Arthur Middleton
Georgia: Button Gwinnett, Lyman Hall, George Walton
yol
| ۋاقتى : 2008-10-19 16:49 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 437ـ كۆرۈرمىنى
pamir007

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1556
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە49دانە
شۆھرىتى: 50 نومۇر
پۇلى: 500 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :63(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-03
ئاخىرقى : 2008-10-26

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

《بىز  تۆۋەندىكىدەك قىل سىغمايدىغان ھەقىقەتلەرگە ئشىنىمىزكى،ھەممە ئادەم تۇغۇلىشدىنلا باراۋەر يارىتىلغاندۇر،ھەممە ئادەم ياراتقۇچسى تەرىپىدىن ھىچكىم دەخلى-تەرۇز قىلالمايدىغان ھايات كەچۈرۈش ،ئەركىنلىك ۋە بەخىت ئىزلەش قاتارلىق ھوقۇقلارنى بېرىلگەندۇر.بۇ ھوقۇقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ،ھۆكۈمەتلەر تەسس قىلىنغان بولۇپ،بۇ ھۆكۈمەتنڭ توغرا بولغان ھۆكۈمرانلىقى خەلقنىڭ رازىلىقى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بولۇشى كىرەك . 
ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت بۇ مەقسەتلەرنى زىيانغا ئۇچراتقان ھامان كىشلەرنىڭ ئۇنى ئۆزگەرتىش ياكى ئاغدۇرۇپ تاشلاش،ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بەخىت-سائادىتىنى بەكرەك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى مۇمكىن بولغان يىڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە بۇ پىرىنسىپلارنى شۇ ھۆكۈمەتنىڭ  ئاساسىغا ئايلاندۇرۇش،بارلىق ھوقۇقنى ئاشۇ شەكىلدە تەشكىللەش ھەققى بار.》

بۇ  سۆزلەر    غەرىپتىكى دۆلەتلەر كۆپ تەكىتلەيدىغان    < توغما  كىشىلىك ھوقۇق >    نەزىريىسىنىڭ  ئاساسلىق  مەزمۇنى ئىكەندە.
yol
| ۋاقتى : 2008-10-19 17:14 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 437ـ كۆرۈرمىنى
kisek

دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1354
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 114
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە114دانە
شۆھرىتى: 136 نومۇر
پۇلى: 1350 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :63(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-02
ئاخىرقى : 2008-10-26

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

    كوممۇنىزىم تەلىماتىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى يولداش ماركس ئەپەندى تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنىڭ  بىرىنچى 《  كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامە》  سى دەپ تەرىپلەنگەن《 مۇستەققىللىق خىتابنامىسى 》...

  ئەجرىڭىزگە رەخمەت! 
yol
| ۋاقتى : 2008-10-19 18:53 2 -قەۋەت

ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.071036(s) query 4, Time now is:10-26 08:14, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation