| ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
|
تاگتاش
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
|---|
1.jpg (279.56 KB) 2007-6-25 17:36 2.jpg (308.04 KB) 2007-6-25 17:36 2007-6-25 17:36 3.jpg (338.07 KB) 2007-6-25 17:36 4.jpg (156.48 KB) 2007-6-25 17:36 2007-6-25 17:36 2007-6-25 17:36 5.jpg (276.29 KB) 2007-6-25 17:36 2007-6-25 17:36 2007-6-25 17:36 6.jpg (330.04 KB) 2007-6-25 17:36 2007-6-25 17:36 7.jpg (176.5 KB) 2007-6-25 17:36 2007-6-25 17:36 2007-6-25 17:36 2007-6-25 17:36 2007-6-25 17:36 8.jpg (311.17 KB) 2007-6-25 17:36 9.jpg (80.14 KB) 2007-6-25 17:36 |
||
![]() |
|
kokjal
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
kisek
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
|---|
Quote:1 - قەۋەتتىكى kokjal 2008-10-19 19:07 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : kokjal تورداش ،سىزدە ئاساسى ئۇقۇم-ساۋاتلاردا قالايمىقانچىلىق بار ئىكەن، تۆۋەندىكى ئالىمنىڭ تەرجىمىھالىنى تولۇقراق قىلىپ يوللاپ قويدۇم: ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى ئەل فارابى __شەرقنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرى ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ ھاياتى پائالىيتى ۋە ئىلمى ئەمگەكلىرى ئەبۇ ناسىر فارابى ئەبۇ نەسىر فارابى ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل بىلىش تارىخىدا، پەن-مەدەنىيەت ۋە پەلسەپە تارىخىدا ئۆچمەس تۆھپە ياراتقان يىتۈك مۇتەپەككۇر ۋە ئىنسىكلوپىدىك ئالىم. شەرقنىڭ ئەڭ ئالى پەيلاسوپى ۋە ئارىستوتىلچىسى ئەبۇ ناسىر فارابى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركى خەلقلەر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ۋەكىلى بۇلۇپلا قالماي، بىر پۈتۈن دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى مەشھۇر نامايەندىلەردىن بىرى. فارابىنىڭ تۇلۇق ئىسمى ئەبۇ نەسىر مۇھەممەت ئىبنى تارخان ئىبنى ئۇزلۇق فارابى بۇلۇپ ئۇنىڭ ئۆز ئېتى مۇھەممەت فارابى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەبۇ نەسىر فارابى ھىجرىيىنىڭ تەخمىنەن 259-يىلى(مىلادىيەنىڭ 870-يىلى) سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بالاساغۇنغا قاراشلىق فاراب(ئوترار) شەھرىنىڭ ۋاسىچ ھەربى قەلئەسىدا مانى دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان ھەربى ئوفىستىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كىلىپ ھىجىريىنىڭ 339-يىلى(مىلادىيىنىڭ950-يىلى) 12-ئايدا سۈرىيىنىڭ دەمەشىق شەھرىدە 80 يېشىدا ۋاپات بولغان. كۆپ ساندىكى فارابىشۇناسلار فارابىنى تۈركى خەلقى نەسەبىدىن ئىدى دەپ يېزىشقان،ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىش ھارپىسىدا تۇرغان تۈرك ئائىلىسى بۇلۇپ ئۇنىڭ ئىسمى ئىسلام دىنى ۋە ئەرەپچە ئىسىم-فامىلىنى قۇبۇل قىلغان بىرىنچى ئەۋلاتنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، بۇھال سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ 932-يىلى قەشقەردە ئۆز ئىسمىنى تۇنجى قېتىم ئابدۇكېرىم دىگەن ئەرەپچە ئىسىمغا ئۆزگەرتكەنلىكىگە ئوخشايدۇ. ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ يۇرتى ئۇيغۇر- قارلۇقلىرىنىڭ سىر دەريا بويىدىكى شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان فاراب ئىدى، فاراب سۈزى سىر دەريا بىلەن ئادىس دەرياسى ئارىسىدىكى جايلارنى كۆرسىتىدىغان "قوش سۇ" دىگەن مەنىدە بۇلۇپ بۇ ئارلىقنى تۈركلەر "ئوترار" ياكى "ئوترار كەنت" دەپ ئاتايتتى. بۇ ۋاقىتلاردا ئەرەپ خەلپىلىكى ماۋرائۇننەھىردە پۇت تىرەپ تۇرغان بولسىمۇ سىر دەرياسىنىڭ شىمالىغا ئاياغ باسالمىغان ئىدى. كىيىنچە قاراخانىلار خانلىقىنڭ تۇنجى خاقانى كۆل بىلگە باھادىر قېدىرخان تالاس- فاراب ھەربى مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىۋاتقانىدى. فارابىنىڭ بۇۋىسى تارخان ئۇنىڭ ھەربى سەركەردىللىرىدىن بىرى ئىدى. مىلادى 893-يىلى سامانىلار خانلىقىنىڭ خانى ئىسمايىل سامانى تالاس-فاراب-بالاساغۇن لىنىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ بۇ بوستانلىقنى قولغا كىرگۈزۋالدى، قاراخانىلار خانلىقىنىڭ خانى ئۇغۇچاق قېدىرخان قەشقەرگە چىكىندى، نەتىجىدە ئىسمايىل سامانىغا ئەسىر چۈشكەن 15 مىڭ كىشى مانى ئېتىقادىدىن ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى،فارابى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن مۇسۇلمان بولدى. بۇ چاغدا ئۇ 22 ياشلاردا بولسا كىرەك.مىلادى 999-يىلى قاراخانىلار سامانىلار خانلىقىنى مۇنقەرز قىلدى.فارابى 10-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىدى، ئۇ ئاساسلىق شەھەرلەرنى كۆردى، ئۇيغۇر-تۈركى تىل ئەدەبىياتى ، مۇزىكا سەنئىتى جۈملىدىن پارىس تىلىنى پىششىق ئىگەللىدى.ھىجىرىيىنڭ 310-يىلى يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئەينى زامان ئىسلام شەرقىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان باغداد شەھرىگە كەلدى، شۇ چاغدا ئۇ 50 ياشقا يېقىنلاشقان ئىدى(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئەسەرلىرىدە 30 ياشتىن ھالقىغان دەپ ئېلىنغان)، ئۇ ئەرەپ تىلىنى بىلمىگەچكە باغدادتا ئەبۇ بەكرى ئىبن سىراجىدىندىن ئەرەپ تىلىنى ئۈگىنۋالدى، مەشھۇر خرىستىيان ئالىمى ئەبۇ بەشەر مەتتە يۇنۇستىن گىرىك تىلى بىلەن لوگىكا ئىلمىنى ئۈگەندى، كىيىن ھەرران شەھرىگە بېرىپ ئەبۇ بەشەر مەتتەنىڭ ئۇستازى، ئەينى زاماندىكى ئاتاقلىق خىرىستىيان ئالىمى ، ئارىستوتىل لوگىكىچىسى يۇھەننا بىننى ھەيلان جىلىددىن پەلسەپە، لوگىكا، تىبابەتچىلىكنى ئۈگەندى. ئۇنىڭ ئاشۇنداق ياشتا يەنىلا ئۇقۇغۇچى بۇلۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىدى، بۇ ئەينى دەۋردىكى ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ئادىتى بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئايىغى چىققاندىن تارتىپ ئۆلگۈچە ئۈگىنىشنى داۋاملاشتۇراتتى.ئىلىم ئېلىش، بىلىم تاقىتىش ۋە يۇرت كۈرۈش ئۈچۈن فارابى ساياھەتكە ھىرىس ئىدى.فارابى ناسىر ئىبن ئەخمەت زامانىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا بىر قېتىم كىلىپ سىياسى ۋەزىيەت تۈپەيلى بۇ يەردە قالالماي ئوتتۇرا يېقىن شەرققە قايتىپ كەتتى، ئۇ ناسىر ئىبىن ئەخمەتكە "ئەتتەلىم ئەسسانى"(ئىككىنچى تەلىمات) ناملىق كىتابىنى سوۋغا قىلدى ۋە "ئىككىنچى ئۇستاز" دىگەن ھۆرمەتلىك نامغا ئىگە بولدى، كىيىن ئۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ھىجىرىيىنڭ 330-يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە شىمالى سۈرىيە ھەمەدان خانلىقىغا سۇلتان سەيپۇد - دەۋلە ھۇزۇرىغا سەپەر قىلدى، فارابى سەرگەردان قىياپەتتە، تۈركى لىباستا سەيپۇد - دەۋلە ئالدىغا كىرىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭ كىملىكىنى باشقىلار بىلمىگەن بولسىمۇ ئىلمى مۇھاكىمىلەر ۋە مۇزىكا ماھارىتى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنى تۇنىدى ۋە ئۇنىڭغا دۆلەت ئۇستازى سۈپىتىدە ھۆرمەت بىلدۈردى، ئۇ ھەلەپ، دەمەشىق، مىسىرغا بېرىپ ئىلمى لىكسىيەلەر سۆزلىدى، ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ مىسلىسىز ئۇلۇغ ئالىمى، شەرق ئارىستوتىلى، ناتۇرال پانتىزىملىق پەلسەپە سېستىمىسىنىڭ ئاساسچىسى سۈپىتىدە غايەت زور شۆھرەت قازاندى. فارابىنىڭ تاللىۋالغىنى تەركىدۇنيا ، ئىقتىسادچىل تۇرمۇش ئىدى، ئۇ توي قىلمىغان بۇلۇپ تۇرمۇشى غورىگۈل ئۈتەتتى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا فارابىنىڭ نامراتلىقى شۇ دەرىجىدىكى ئۇ كىچىسى كىتاپ كۈرۈش ئۈچۈن ياقىدىغان چىراقنىڭ مېيىغا چامىسى يەتمىگەچكە ئىشىك باقارنىڭ چىرىقىنىڭ يۇرۇقىدا كىتاپ كۈرۈپ ئەسەر يازغان، فارابى پىكىر يۈرگۈزۈش ئۈچۈن يالغۇزلۇقنى ياقتۇراتتى.فارابىنىڭ زور بىر قىسىم تىرىشچانلىقى پەلسەپە تەتقىقاتىغا قارىتىلغان، بۇلۇپمۇ گىرىك پەلسەپىسىدىكى ئارىستوتىل پەلسەپىسى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تەتقىقاتى ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ زىھنىنى ئالغان. ئىبىن خەلىلكان ئۈزىنىڭ ئارىستۇتىلنىڭ "روھ ھەققىدە " ناملىق كىتابىنى كۆرگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن "بۇ كىتاپنى 100 قېتىم ئۇقۇدۇم" دەپ يېزىپ قويغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا فارابى يەنە "پەيلاسوپ ئارىستوتىلنىڭ (فىزىكا) ناملىق كىتابىنى مەن قىرىق قېتىم ئۇقۇدۇم، بىراق يەنە چۇقۇم ئۇقۇشۇم كىرەكتەك ھىس قىلىمەن" دىگەنمىش. فارابى ھىجىريىنىڭ 339-يىلى (مىلادىنىڭ 950-يىلى) ماھى رەجەپ(دىكابىر) ئېيىدا سۈرىيىنىڭ دەمەشىق شەھرىنىڭ سىرتىدا لىكسىيە قىلىش سەپىرىدە 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇنىڭ جەسىدىنى سەيپۇد-دەۋلە باشلىق كىشىلەر دەمەشىق شەھرىنىڭ "بەبەس سەغىر" ناملىق كىچىك سىپىل دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى، فارابى ئۆيلەنمىگەن بۇلۇپ پەرزەنتسىز ئىدى. يىتۈك ئالىم، پەيلاسوپ ئەبۇ نەسىر فارابى كۆپلىگەن خاس ئەسەرلەر ۋە شەرھى ئەسەرلەرنى يازدى. تۈركىيىلىك فارابىشۇناس ئەخمەت ئاتەشنىڭ كۆرسىتىشىچە فارابى ئەسەرلىرى ئىچىدە تىزىمغا ئېلىنىپ مەلۇم بولغانلىرى 160 پارچىدىن ئارتۇق ئىكەن. فارابىنىڭ خاس ئەسەرلىرىگە: "ئىھسائۇل ئۆلۈم" (پەنلەرنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى) ، "ئۇيۇنىل ماسائىل" (مەسىللەرنىڭ نىگىزلىرى) ، "پەزىلەتلىك شەھەر ئەھلىنىڭ قاراشلىرى توغرىسىدا"، "بەخت توغرىسىدا"، "ئەقىل ھەققىدە"، "كىتاب جەمئىيۇل مەنتەقە" (لوگىكا توغرىسىدىكى12 ئەسەر) ، "چوڭ لوگىكا كىتابى"، "خېمىيە ئىلمىنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا"، "ئادەم ئورگانىزىمى توغرىسىد" قاتارلىقلارنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن. فارابىنىڭ شەرھى ئەسەرلىرىگە:ئۇنىڭ ئارىستوتىلنىڭ "كاتېگورىيە"،"مېتافىزىكا"،"سوفىستىكا"،"ئىزاھاتنامە"، "بىرىنچى ئانالىتىكا"، "ئىككىنچى ئانالىتىكا"،"توپىكا"، "رىتورىكا"، "پوئىتىكا" قاتارلىق ئەسەرلىرىگە يازغان شەرھىنامىللىرىنى، پىتىلومنىڭ "ئالماگېستا" ناملىق زور ھەجىملىك كىتابىغا، ئېۋكىلىدنىڭ "گېئومېتىرىيە"، پارفىزنىڭ "ئىزاگوك"، ئالىكساندىر ئافرودىتىسكىنىڭ "روھ ھەققىدە" ناملىق ئەسەرلىرىگە يازغان شەرھىنامىللىرىنى ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇ ئەسەرلەردە فارابى قەدىمقى گىرىك ئالىملىرى ۋە ئىسكەندەرىيە ئىلمى گۇروھىدىن كىيىنكى پەن يىڭىلىقلىرى بۇيىچە ئەسەر مەزمۇنىنى تۈزەتتى، راۋاجلاندۇردى. فارابى ۋە ئۇنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقات 70-يىللارنىڭ ئالدىدىلا باشلانغان بولسىمۇ 70- يىللاردىن كىيىن پەلسەپە تارىخى تەتقىقاتىدا خاس تارماق _ فارابىشۇناسلىق ئىلمى شەكىللەندى. فارابىنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ۋە فارابى توغرىسىدىكى يىرىك ئەسەرلەر سوۋىت ئىتتىپاقى، شەرقى ياۋرۇپا ئەللىرى، فرانسىيە ، ئامېرىكا ، تۈركىيە، مىسىر، سۈرىيە، ئىراق، پاكىستان قاتارلىق ئەللەردە كۆپلەپ نەشىر قىلىندى. ئاخىرىدا دەيدىغىنىمىز فارابىدىن ئىبارەت بۇ پەيلاسوپنىڭ قانچىلىك تەسىرى بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولغانلارغا ئىبىن سىنادەك ئەپىلاتۇننىڭ پەلسەپىسىنىمۇ ئۇنچىۋالا ۋاي دەپ كىتىشكە ئەرزىمەيدۇ دەپ باھا بەرگەن بىر پەيلاسوپنىڭ فارابىنىڭ ئالدىدىكى كەمتەرلىكىنى ئىشارە قىلىشلا كۇپايە. ئىبىن سىنا ئۇستازىنىڭ پاي قەدەملىرىدىن چىقمايدىغان ئۇقۇغۇچىدەك مۇنداق ئېتراپ قىلغان "مەن ئارىستوتىلنىڭ (مېتافىزىكا) سىنى 40 قېتىم ئۇقۇپ ئازراقمۇ ھەزىم قىلالمىدىم، پەقەت فارابىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن شەرھى ئەسىرى قۇلۇمغا چىقىشى بىلەن زىھنىم كەڭ ئېچىلىپ كەتتى". |
||
![]() |
|
kokjal
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
|---|
Quote:2 - قەۋەتتىكى kisek 2008-10-19 19:36 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : مىناۋىڭ شىلغي وتىرىك........ ابۋناسىر الفارابي قاشان وزىن قارلىق ۇيغۇر مىن دەپتى. ول وز خاتيرەسىندە << رۋىم- قاڭلى قىپشاق >> دەپ جازغان. ونىڭ 22 جاسىندا مۇسۇلمان بولدى دەگەندە جالغان ويدۇرما. ونىڭ اتاسى مۇخامەت خۇسايىن دەپ قاراساق، ونىڭ اتا- بابالارى 100جىلدىڭ الدىندا الدەقاشان سىلام دىنىنە كىرىپ بولغان. ەكىنشى، ابۋناسىر الفارابي وڭتۇستىك قازاقستاننىڭ تۇركىستان ماڭى وتىرار قالاسىندا تۋىلدى. قاشقاردىڭ قاراسىن كورگەن ەمەس. ول كەزدە ۇيغۇرلار مۇڭغىليادان 840- جىلدار شىنجاڭغا كەلىپ، 866- جىلى ەدىخۇتتا خاندىق قۇرغان. وتىرار تۇگەل ىلەگەدە جەتىپ ۇلگىرمەگەن. ۇشىنشى، ابۋناسىر الفارابيدى 1956- جىلى دۇنيە غالىمدارى قازاق دەپ مويىنداغاندىقتان قازاقستاننىڭ الماتى قالاسىندا الفارابي ۆنيۋەرسەتى اشىلدى. بىلتىر سۋريا ۇكىمەتى بەيبارىس ەكەۋىنىڭ قابىرىن قازاقستانغا قايتارىپ بەردى. جانەدە جۇڭگو غالىمى سۋبيخاي مىرزادا وزىنىڭ << قازاق مادەنيەت تاريخى >> دەگەن كىتابىندا الفارابيدى قازاق دەپ اۋىزغا الغان. << ۇيغۇرلاردىڭ قىسقاشا تاريخىندا >> ابۋناسىر الفارابيدى ەشكىم ۇيغۇر دەپ اۋىزغا الماغان. بۇل ناقتىلى دالەلى. بۇل سەندەردىڭ نەگىزى جوق تالاس- تارتىستارىڭ تەك رايون كولەمىندە غانا، ەڭ جاقسىسى نەگىزى جوق دالەلسىز داۋرىقپالاردى سۇيرەپ اۋىرە بولماڭدار!!! |
||
![]() |
|
kisek
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
|---|
Quote:3 - قەۋەتتىكى kokjal 2008-10-19 20:07 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : نىمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى ئىنكاسىڭىزدىن ئوقۇپ تازا راۋان چۈشىنەلمىدىم، گەپ ئۇچرىغان بەزى تېرمېنلار ھەققىدە بولىۋاتسا كېرەك، تۆۋەندىكى بىر نەچچى نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ: 1، بالاساغۇن يەنى ئۇيغۇر ياغمالىرى قۇرغان قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ يەنە بىر پايتەختى ، ئوترار شۇ بالىغ ئەتراپىدىكى جاي،ئۇ دەۋردە ئوغۇز - ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بولغان قارلۇقلار مۇشۇ سۇلالىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەبىلىسى ، بۇ جەۋەتتە 16- ئەسىردە قانداشلىق جەھەتتە تۈپتىن پەرقلىق بولغان موڭغۇل ۋە تۈركى قەبىلىلەرنىڭ فىزىكىلىق قوشۇلىشىدىنلا سۈنئى شەكىللىنىپ قالغان ئاتالمىش "قازاق" مىللىتى ئىچىدىكى قەبىلىلەر مۇناسىۋىتىگە ماھىيەتلىك ئوخشىمايدۇ. 2، فارابىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۇ دەۋردىكى قارلۇقلار خاقانىيە- ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىدۇ، ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكى " ئۇيغۇر- قارلۇق تىل بۆلىگى" دىگەندەك. 3، ئۇيغۇر- قارلۇق مۇناسىۋىتىگە گۇماندا بولسىڭىز قەدىمى جوڭگو تارىخنامىلىرىدىن " كونا- يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى " ... قاتارلىق كىتاپلارنى ۋە غەرپ تارىخشۇناسلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوقۇپ كۆرسىڭىز مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ. 4، يازمىڭىزدا " قىپچاق " ئىبارىسىنى ئۇچراتتىم، 10-ئەسىردىكى قىپچاقلارنىڭ ئەجدات تەۋەلىكىنى " تۈركى تىللار دىۋانى" دىن كۆرگەيسىز. 15-16- ئەسىرلەردىكى قىپچاقلار بولسا تۈرك ئۇغۇز- ئۇيغۇرلىرى بىلەن موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن ، بۇ توغۇرلۇق مەملىكىتىمىز ۋە باشقا ئەللەردىكى تارىخشۇناسلار مۇشۇ ئورتاق تەتقىقات نەتىجىسىنى يەكۈنلىگەن، بۇ جەھەتتىكى ماتىرىياللارمۇ ناھايىتى كۆپ. تەپسىلىرەك ماتىرىياللارنى كېيىن ۋاقىت چىققاندا مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس تەرىقىسىدە يوللاي. |
||
![]() |
|
kokjal
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
nurlanjan
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
|---|
Quote:5 - قەۋەتتىكى kokjal 2008-10-20 00:27 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : بالاموي ئۇيغۇرچە يىزىشنى ئۈگىنىپ كىلىپ ئىنكاس يازە .. قازاقلارنىڭ مۇنازىرە مۇنبىرى يوقتەك ھەممىسى كىرىۋىلىپ ئىملانى بۇزۇپ. ناۋادا مۇنازىرە مۇنبىرىڭلار بولمىسا مەن بىرنى ياساپ بەرسەممۇ بىرەي .ھىچ بولمىسا قىلغان يامان ئىشلىرىمنىڭ سەدىقىسى بولار ... تاغدا ئورخۇندىن باشقا مۇنازىرە مۇنبىرىگە كومپىيۇتىرىڭلار ئۇلىنالمامدىكەن يە ... |
||
![]() |
|
mavlan
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
kokjal
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
|---|
Quote:5 - قەۋەتتىكى kokjal 2008-10-20 00:27 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : بۇغان باسقا ەمەس، م. قاشقاريدىڭ كەلتىرگەن فاكىتى ىسپات بولا الادى. |
||
![]() |
|
kokjal
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
Ulughbek
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
kokjal
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
mavlan
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
|---|
Quote:9 - قەۋەتتىكى kokjal 2008-10-20 16:33 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : kokjal 840يىلى ئورخوندىن كۆچكەنلەر شەرىقى تارماق ئۇيغۇرلار (ئورخون ئۇيغۇرلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.)خالاس، بۇنى بىلمەنسىز مىرزا . قارخانىلارنى ئۇيغۇر ياغما لىرى قۇرغان . ماخمات قاسقىرىنىڭ قايسى گپى دەلل بولدۇمىرزا ،بىر دەۋىتگەبىلىپ قالايلى ؟ سىزدىن مىرزا يەنە بىر سوراي :"نىمە ئۈچۈن قازاق سۆھبەتلىرىدە ئورخوندىن ئويغۇرلار كۆچتى دىمەي ،ئورخوندىن تۇرىكلەر كۆچتى دەيدۇ؟ يەنە نىمە ئۈچۈن ئورخون ئۇيغۇرخانلىقى دىمەي ،ئورخون خانلىق دەيدۇ.؟" بۇ نىمەگەپ ؟ سىلەرنىڭ مەقسىتڭلار زادى نىمە ؟ باشقلارغىمۇ جاۋاپ بىرىپ باقمابسىز مىرزا ؟ ئىستەمى قاغان دىگەندەك ؟ [ بۇ يازما mavlan تەرىپىدىن 2008-10-20 17:18 دە قايت ] |
||
![]() |
|
Ulughbek
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
kokjal
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|











قەدىمكى ئوترار شەھىرىنىڭ خارابىسى




