يەنە بىر ئۇيغۇر گېنېرال

مامۇتوف تۇرسۇن (1928- يىلىدىن ھازىرغىچە) غۇلجا شەھىرىدىن بولۇپ، 1928- يىلى 12- ئايدا تۇغۇلغان، 1944- يىلى 11- ئايدا 16 كىرگەن مامۇتوف تۇرسۇن، يۈكسەك قىزغىنلىق بىلەن گومىنداڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پارتلىغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان، ۋە شۇ يىلى 11- ئايدا غۇلجىدا تەسىس قىلىنغان قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇپ، ئالدىنقى سەپتە قۇتقۇزۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، شىخو ھەربىي دوختۇرخانىسى (شىخو گوسپىتالى) قۇرۇلغاندىن كېيىن شۇ دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى بولغان ۋە شۇ دوختۇرخانا قارمىقىدا قۇرۇلغان بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپىدە ئوقۇغان ۋە پۈتتۈرگەندىن كېيىن مىللىي ئارمىيە مۇستەقىل دىۋىزىئونى (ئاتلىق باتالىئون) سەھىيە ئەترىتىنىڭ باشلىقى، مىللىي ئارمىيە 5- ئاتلىق پولكنىڭ ھەربىي دوختۇرى، سەھىيە ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈتىگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ مىللىي ئارمىيە جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ 5- كورپۇسىغا ئۆزگەرتىلگەندە، ئازاتلىق ئارمىيىگە قاتناشقان ۋە 1950- يىلى 3- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. ھەم بۇ مەزگىلدە 5- كورپۇس ئارقا سەپ بۆلۈمى سىياسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇۋەققەت مۇدىرى، 5- كورپۇس سەھىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1958- يىلى جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى 1- ھەربىي تىببىي ئۇنۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى باش دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتۇرىيىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، ئاپتونوم رايونلۇق " ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى " تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق ئىنجىلابىي كومىتېت كاتىبات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. كېين شىنجاڭ ھەربىي رايون باش دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتۇرىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي بۆلۈمى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئارقا سەپ بۆلۈمى سەھىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1985- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كوممىسارى، ج ك پ شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كوممېتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى بولغان. 1988- يىلى گېنېرال لېيتىنانتلىق ھەربىي ئۇنۋانى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئازاتلىق ئوردېنى بېرىلگەن.
خەنزۇچە قىزىل ئارمىيە لىنىيىسى تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى

[ بۇ يازما Erdewil تەرىپىدىن 2007-11-25 17:02 دە قاي ]