Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 تېرخىن مەڭگۈ تېشى

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Yawuz دىن ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار غا يۆتكەلدى (2007-12-12)
تېرخىن مەڭگۈ تېشى
غەربىي يۈزى
1. مەن تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش ، بىلگە قاغان (بىلەن) تەڭرىدىن بولغان ئەل بىلگە قاتۇن ، قاغان ۋە قاتۇن ئاتاقلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ، شۇ چاغدا ئۆتۆكەننىڭ غەرىبى چېتىدە ، تەز دەرياسىنىڭ بېشىدا ئوردا قۇرغۇزدۇم . شۇ يەردە ، يولۋاس ۋە يىلان يىلى ئىككى يىلنى
2. ئۆتكۈزدۈم . ئەجدىھا يىلى ئۆتۈكەن ئوتتۇرىسىدىكى سۈڭۈز - باشقان مۇقەددەس چوققىسىنىڭ غەرىب تەرىپىدە يايلىدىم . شۇ يەردە ئوردا قۇرغۇزدۇم ، سېپىل سوقتۇردۇم . مىڭ يىللىق ، تۈمەن كۈنلۈك پۈتۈكۈمنى ، تامغامنى شۇ يەردە
3. سىلىق تاشقا ئويدۇردۇم ، يوغان تاشقا ئورناتقۇزدۇم . يوقۇرىدا كۆك تەڭرىنىڭ بۇيرىشى ، تۆۋەندە قوڭۇر يەرنىڭ بېقىشى بىلەن ئېلىمنى قۇردۇم ، تۈزۈملىرىمنى تىكلىدىم . ئالدىمدا كۈن چىقىشتىكى خەلىقلەر ،
4. دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى خەلىقلەر (ئۆزلىرىنىڭ) كۈچلىرىنى ماڭا بېرور . دۈشمىنىم ئۆز بۆلىكىدىن ئايرىلدى  سەككىز (دەريا) ئارلىغىدا چارۋام ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىم . سەلەنگە ، ئورقۇن ، تۇغلا سەككىز (دەريا) مېنى سۈيۈندۈردى . مەن قارغا ۋە بۇرغۇ دەرياسى بويلىرىدىكى ئاشۇ يەرلەردە تۇرىمەن ، ئىككى دەريالىرىم ئارلىغىدا كۆچىمەن .
5. يايلىقىم ئۆتۈكەننىڭ غەربى ئۇچىدا ، تەز دەرياسىنىڭ بېشىنىڭ شەرقىدە . مەن شۇ يەردە تۇرارمەن ، كۆچەرمەن ..... مېنىڭ خاھىشىم بويىچە ، ئونغى ئۆتۈكەندىن ئاتلاندى . « قوشۇن تارت ، خەلىقنى يىغ  ، يىغ (دېدىم؟) جەنۇبى چېگرىنى ، ئالتۇن تاغلىرىدىكى غەربى چېگرىنى ، غەربى چېگرىنى ، جەنۇبى چېگرىنى قوغدا ! »
6. تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە خانىم (دۆلەت) ئىچىدە تۇرۇشلۇق (بارلىق) قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇشنى بۇيرىدى .ئىچكى بۇيرۇقلار بېشى ئىنانچۇ باغا تارقان ، ئۇلۇغ بۇيرۇقلار جەمئى توققۇز : بىلگە تاي سەنگۈن تۇتۇق ، بەش يۈز باشى ؛ كۈلۈگ ئوڭى ئۆز ئىنانچۇ ، بەشيۈز باشى ؛
ئۇلۇغ ئۆز ئىنانچۇ
7. ئۇرۇڭۇ ، يۈز باشى ؛ ئۇلۇۈ ئۇرۇڭۇ ؛ تۆلىس بەگلەر ئوغۇللىرىنىڭ مىڭ باشى تولىسلىق كۈلۈگ ئەرەن ؛ تاردۇش بەگلىرىنىڭ ئوغلى مىڭباشى ، تاردۇشلشق كۈلۈگ ئەرەن ؛ تاردۇش ئىشبارىش مىڭ ئەسكەر باشى ؛ ئالىپ ئىشبارا سەنگۈن ياغلاقار
8.  ..... توققۇز يۈز ئەسكەر باشى تويقاننىڭ ئۇلۇغ تارقانى (ئوردىنىڭ باشلىغى) بۇقۇغنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى
9. ..... قەبىلىسىنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى؛ باتۇر ئاتاچۇق قەبىلىسىنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى
شىمالىي يۈزى
10. تەڭرىم قاغانىم نۇرغۇنلىغان يولدىن ئازغانلار (قارغۇلار) نى تۇتتى . بەش (مىڭ باشى) ........ قۇتلۇغ چىگشى ، قانچۇ ئالىپ بىلگە چىگشى ..... قاغان ماغدۇرسىزلانغان ئوغۇز خەلقىنى ، ئۇنىڭ ئالتە يۈز سەنگۈنلىرى ، بىر تۈمەن قوشۇنىنى (سۆزمۇ سۆز تەرجىمىسى « خەلقنى » ) قولغا چۈشۈردى .
11. بۇ پۈتۈك يېزىلىۋاتقاندا ، ئەي قاغانىم ! تەڭرى قاغانىمنىڭ ئاتلىقلىرى (ياكى ئەمەلدارلىرى) توققۇز تاتار ، ئازلارنىڭ ئون يەتتە بۇيرىقى ، سەنگۈنلەر ، توڭرا (قەبىلىسىنىڭ) مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ، ئۇيغۇر خەلقى تەگىنلىرىم بىلەن بىللە ، تۇرغاق (قورۇقچى - مۇھەررىردىن) باشلىقلىرى ، باتۇر ئاتاچۇق ۋە بەگزىك ئەر چىگشى بەگ تارقانلار بىلەن ۋە ئۈچ يۈز تورغاق بىلەن بىللە قاتناشتى .
12. تەڭرىم قاغانىمنىڭ ئوغلى بىلگە تارقان ۋە قۇتلۇق بىلگە يايغۇ ... تۆرىلىرى ، قۇملۇق يەرنىڭ (ياكى ئىسسىق يەرنىڭ) باشلىقلىرى (داھىيلىرى) ... بايارقۇ خەلقى ، ئاز ئاشپا تاي سەنگۈنى ۋە خەلقى ، تۇڭرا (قەبىلىسىدىن) باش قايباش ، ئۈچ قارلۇق شۇنچە جىق كىشىلەر قاتناشتى . يابغۇغا قاراشلىق خەلق
13. تەڭرىم خانىمنىڭ ئوغۇللىرى ...... خەلققە ...... ئۇدۇرغاندا ....... چابىش سەنگۇنىنىڭ (خەلقى) ۋە توققۇز بايارقۇ (خەلقىنى) يەنە بويسۇندۇردى . توققۇز تاتار _ شۇنچە كۆپ خەلقلەر ، چادغا (شادغا) قاراشلىق خەلق
14. ...... ئۇ شۇ چاغدا ھۇجۇم قىلدى . بۇنى ياراتقان بىلگە قۇتلۇق تارقان سەنگۈن ، مۇنچە كۆپ خەلقنى شەرەپ بىلەن (يەڭدى) ! ياغما ۋە (ئا) لۇم _ چىشى (لۇم ۋە چىشى ؟ ياكى ياغما خەلقىدىن ئالۇمچى ؟ ) گە (قارشى) ئىككى كىشىنى ئەۋەتتى . قۇتلۇغ بىلگە سەنگۈن ۋە ئۇرۇشۇ قۇتلۇغ تارقان سەنگۈن ئىككىسىگە  « بېرىڭلار »
15. دەپ يارلىق قىلدى . تاردۇشلۇق بىلگە تارقان ۋە قۇتلۇغ (ھەر ئىككىسى) بايارقۇ خەلقىدىن . ياغمىنىڭ باشلىقلىرى ، تابغاچلار ۋە سوغدىلاردىن بىلگە سەنگۈن ، ئوزىل ئوڭ ئەركىن .
شەرقىي يۈزى

16. ...... يولىغ قاغان ...... بومىن قاغان (بۇ) ئۈچ قاغان تەخىتتە ئولتۇردى ، ئىككى يۈز يىل تەختتە ئولتۇردى
17. ....... ئۇلارنىڭ خەلقى غەزەپكە كېلىپ ھالاك بولدى... ئىككى ئەمەلدارنىڭ سەۋەبىدىن ئاجىزلاندى ۋە ھالەك بولدى . قادىر قاسار ۋە بەدى بەرسىل داڭلىق (؟) ئوغۇز
18. ....... مېنىڭ ئەجدادلىرىم تەختتە 80 يىل ئولتۇرغان . ئۆتۈكەن ئېلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەللەر ئىككى (دەريا؛ سېلىنگا ، تۇغلا ؟) ئارىسىدا ، ئورقۇن دەرياسىدا
19. ...... يىل تەختتە ئولتۇرغان... يىل ئۆتتى . ئاتامنى يوقىردا كۆك تەڭرى ، تۆۋەندە قوڭۇر يەر يەنە
20.  ........ مېنى بەلگىلىدى . مەن 28 يېشىمدا ئىلان يىلىدا تۈرك ئېلىنى پارەكەندە قىلدىم . ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم
21.  ....... ئاتلىق قوشۇنۇمنى ئەۋەتتىم . مىڭ كىشىلىك قوشۇن ماڭدى « ئوزمىش تەگىن ئودۇرغاندىن كېلىۋاتىدۇ ! » دىدى ، « ئۇنى تۇت ! » دىدى
22.  ........ « ئۇلارنى قوغلىدىم . قارا قۇمدىن ئۆتتۈم ۋە كۆيۈرگە كەلگەندە » كۆمۈر تېغى ۋە يار دەرياسى بويىدا يەتتىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۈچ تۇغلۇق تۈرك خەلقىگە (ھۇجۇم قىلدىم)
23. ........ شۇ يەردە ئورنىتىشقا بۇيرۇدۇم . خان... شۇ يەردە ئۆلدى . شۇ يەردە تۈرك خەلقىنى بويسۇندۇردۇم . شۇ يەردە يەنە
24. ....... ئۆزمىش تەگىن خان بولدى . قوي يىلى يۈرۈش قىلدىم.
جەنۇبىي يۈزى

25.  ئىككىنچى قېتىم (ئۇلار بىلەن ئېلىشتىم ، ئىككىنچى ئاينىڭ ئالتىنچى كۈنى ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم .) ......... مايمۇن يىلىدا يۈرۈش قىلدىم ....... ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم ، ئۇ يەردە يەڭدىم . شۇ يەردە ئۇلارنىڭ خانىنى
26. تۇتتۇم . (قاتۇنىنى شۇ يەردە ئالدىم) .......  شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى كەلدى ...... توخو يىلى يۈرۈش قىلدىم ۋە شۇ يەردە تۇردۇم . بەشىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچۈنچى كۈنى ئۇلار يىغىلدى .
27. ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم ۋە ئۇ يەردە غەلبە قىلدىم بەگ ....... يېڭىلگەندىن كېيىن ئىگدەرلەر پارچىلا ندى ....... شۇنىڭدىن كېيىن ئىت يىلى ئۈچ قارلۇقلار ئاسىيلىق قىلىشنى ئويلاپ قاچتى . غەربتىكى ئون ئوق (خەلقىنىڭ مەملىكىتىگە)
28. كىردى . شۇ چاغدا .......  تۇڭگۇز يىلى ئۈچ قارلۇقلار ، توققۇز تاتارلار .......  توققۇز بۇيرۇق... سەنگۈنلەر ۋە ئاتام تۇرياننىڭ بارلىق خەلقى ھۆرمەت بىلەن ئۇنى قاغان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى . « ئەجدادلارنىڭ نامى (مۇشۇنداق) ئىدى ! »
29. دىيىشتى . ئەتراپىدىكى (بارلىق) ئەللەرنى ئۇ مەغلۇپ قىلدى ........ شۇ چاغدا (ئۇنى) يابغۇ دەپ ئاتاشتى ، شۇنىڭدىن كېيىن چاشقان يىلىدا « ئەسەنلىكى يوقنىڭ كۈچى بۇلاق سۈيىدەك بولۇپ قالىدۇ » (دەپ)
پۈتۈن خەلق ئۇنى توريان قاغان
30. ئاتىدى . تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (خوتۇنىنى) ئەل بىلگە قاتۇن دەپ ئاتىدى . (ئۆزۈمنى) قاغان ، (خوتۇنۇمنى) قاتۇن دەپ ئاتاپ ، ئوردامنى ئۆتۈكەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈڭۈز باشقان مۇقەددەس چوققىسىنىڭ غەربىگە قۇردۇم .

                  بۇ مەڭگۈ تاشنى ياراتقۇچى : بۆكە تۇتام

    ( بۇ ماقالىنى روسچىدىن ئىلچان شەھىدى ، پەرھات جىلانوف تەرجىمە قىلغان )
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
Posted: 2007-11-22 22:59 | [ئاپتور]
Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

كونا مۇنبەردىكى Nazimi ئەپەندىنىڭ ئىنكاسى
[نەقىل]1 - قەۋەتتىكى Nazimi 2007-9-16 17:40:49 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىمىز دوكتور ئابلەت كامالوف ئەپەندىم ئۆزىنىڭ <<ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىيىلىك يادىكارلىقلىرى>> ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدە "تېرخىن مەڭگۈ تېشى" ھەققىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغان:
تېرخىن يېزىقى مەزكۈر يادىكارلىقنىڭ پارچىلىرىنى دەسلەپ مۇڭغۇل ئالىمى س.دورجىسۇرېن 1957-يىلى تېرخىن دەرياسىنىڭ تېرخىنساگان كۆلى (خانگاي تاغلىرىنىڭ غەربىي شىمالى) ئەتراپىدا تاپقان. 1969-يىلى بۇ جايدا سوۋېت تۈۈركشۇناسى س.كلياشتورنىي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك ئىزدىنىشلەر نەتىجىسىدە، تاشپاقا شەكىللىكپوستامېنتقا ئورنىتىلغان تاش پۈتۈكنىڭ بىر پارچىسى تېپىلدى. 1970-يىلى يادىكارلىقنىڭ يەنە ئىككى فاراگمېنتى (بۆلىكى، پارچىسى) نى ئارخېئولوگلار ن.سېرېجاۋ ۋە ۋ.ۋولكوفلار تاپتى. لېكىن مۇشۇ كەمگىچە تاش پۈتۈكنىڭ يۇقۇرى قىسمى ۋە تاش پۈتۈك ئكزى كىرگەن ئارخېئولوگىيىلىك كومپلېكس (بىر پۈتۈنلۈك) تېپىلمىدى. ھازىر تېرىىن تاش پۈتۈكى موڭغولىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارىى ئىنىستىتۇتىدا (ئۇلان-باتۇر) ساقلانماقتا.يېزىق تېكستى بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە موڭغۇل ئالىملىەرى م.شىنەخۇ، ب.بازىلخان ھەم لېنىنگراېدلىق ئالىم غ.كلياشتورنىي تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى. يادىكارلىقلارنى ئوقۇش، تەرجىمە قىلىشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا كلياشتورنىي 1980-يىلى ماقالە ئېلان قىلدى (<سوۋېت تۈركولوگىيىسى>، 1980-يىل،3-سان). ئۇنىڭ تەكلىپ قىلغان تەرجىمىسى ۋە شەرھى مۇڭغول ئالىملىرىنىڭكىدىن تامامەن پەرقلىنىدۇ. چۈنكى م. شىنەخ ۋە ب.بازىلخانلار مەزكۈر يادىكارلىقنىڭ تېكستىنى ئېنىقلاشتا موڭغۇل تىل نورمىلىرىغا ئاساسلىنىپ، قەدىمىي ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىشتىن يىراق بولغان.
تېرخىن يېزىقى ھەققىدىكى كېيىنكى مۇلاھىزىلەرگە (بەزى تەتقىقاتلاردا "تاريات يېزىقى" دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ك.سېگلىدى، ئا.رونا تاش، ل.بازېن، تالات تېكىن قاتارلىق ئالىملار قاتناشتى. تالات تېكىننىڭ تەرجىمىسى ۋە ترانسكرىپپىسسىيىسى س.كلياشتورنىينىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. س.كلياشتورنىينىڭ ماقالىسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپپ، قاھار باراتنىڭ ئىززاھلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىندى.
س.كلاشتورنىينىڭ تەكىتلىشىچە تېرخىن يېزىقى قەبىرگە قويۇلغان يادىكارلىق بولماي، بەلكى ئىككىنچى ئۇيغۇر خاقانى ئەللەتمىش بىلگە خاقاننىڭ پەرمانى بىلەن ئورنىتىلغان زەپەر يادىكارلىقى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئاساسەن ئەلئەتمىش پائالىيىتى توغرىسىدا سكز بولىدۇ. مەزكۇر يېزىقنىڭ مۇئەللىپى خاقاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى قۇتلۇق تارخان سەنگۈن (كېيىكى بۆگۈ خاقان، 759--779 ) ئىدى. 
[/quote]
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
Posted: 2007-11-22 23:02 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » يادىكارلىقلىرىمىز

Total 0.069780(s) query 4, Time now is:01-12 22:41, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation