رەسىمسىز ھالەت
|
ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش
|
باش بەت
»
سىز تېخى كۇلۇبقا
كىرمەپسىز
تىزىملىتىش
|
تەۋسىيە
|
ئىزدەش
|
مۇلازىمەتلەر
|
بانكا
|
ياردەم
|
ULY
كۇلۇب مۇلازىمىتى
قورال مەركىزى
ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش
wind
wind5
قىسقا ئۇچۇر
خەت ساندۇقى
يوللاش ساندۇقى
ئۇچۇر ئىز قوغلاش
قىسقا ئۇچۇر يېزىش
كونترول تاختا
كونترول تاختا باش بېتى
ماتېرىيال تەھرىرلەش
ماتېرىيال كۆرۈش
دوستلار تىزىملىكى
ئەزا ھوقۇقىنى كۆرۈش
سودا تەڭگىسى باشقۇرۇش
جۇغلانما ئالماشتۇرۇش
ئالاھىدە گورۇپپا سېتىۋېلىش
ساقلىغۇچ
تېمىلىرىم
سىتاتسىتكا
ئاساسىي سىتاتسىتكا
IP سىتاتسىتكىسى
باشقۇرۇش قوشۇنى
باشقۇرۇش سىتاتسىتكىسى
توردىكىلەر سىتاتسىتكىسى
ئەزالار قاتارى
سەھىپە قاتارى
يازما قاتارى
ئورخۇن مۇنبىرى
»
رىۋايەتلەردىكى تارىخ
»
ھۇنلارنىڭ ياۋروپادىكى ئاجايىپ -غارايىپ تارىخلىرى
>> ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى زامان تارىخى
|- رىۋايەتلەردىكى تارىخ
|- ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار
|- شانلىق مەدەنىيەت دەۋرى
|- كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار
>> ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى
|- خوجىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار
|- داۋالغۇش ئىچىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى
>> ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخى
|- ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي
|- ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى
|- شانلىق دەۋر
>> ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى
|- ئۇيغۇرلاردا دىن
|- ئۇيغۇرلاردا تىل - يېزىق
|- ئۆرپ - ئادەت
|- ھۈنەر - كەسپ
|- ئۇيغۇرلاردا مائارىپ
>> جاھاننامە
|- كونا - يېڭى كىتاپلار
|- دۇنيادىكى ئۇيغۇرشۇناسلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىق
|- ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر
|- قېرىنداش مىللەتلەر
|- جۇڭگو تارىخى
|- دۇنيا تارىخى
>> ئۇنۋېرسال سەھىپە
|- تارىخى فىلىم
|- تارىخى ئاتالغۇلار
|- تاغدىن - باغدىن
|- يادىكارلىقلىرىمىز
|- يەر ــ جاي ناملىرىمىز
سودا
راي
بۇ بەتتىكى يازما :
ھۇنلارنىڭ ياۋروپادىكى ئاجايىپ -غارايىپ تارىخلىرى
بېسىپ چىقىرىش
|
بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش
|
تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش
|
تېما ساقلىۋېلىش
|
ئالدىنقى تېما
|
كېيىنكى تېما
Boran
دەرىجىسى :
شەرەپلىك ئەزا
نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى:
0 نومۇر
پۇلى:
سوم
تۆھپىسى:
نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01
كىچىك
نورمال
چوڭ
ھۇنلارنىڭ ياۋروپادىكى ئاجايىپ -غارايىپ تارىخلىرى
0
ھۇنلارنىڭ ياۋروپادىكى ئاجايىپ -غارايىپ تارىخلىرى
تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيا ياۋرۇپا- ئاسىيا مىللەتلىرى ھەتتا مۇڭغۇللارمۇ ھۇنلارغا ئوخشاش ۋەھشىي، جەسۇر، تەڭداشسىز جەڭچى دېگەنگە ئوخشاش مەنىداش سۆزلەر بىلەن ئاتالغان ئەمەس. خۇددى گېرمانلاردىكى ۋاندالىدىلاردەك بىزگە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان Vadalism (ۋەھشىيلىك) دېگەنگە بىر ئاتالغۇ قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. «ھۇن» دېگەن بۇ ئىسىم «ۋەھشىي، رەھىمسىز، شەپقەتسىز دۈشمەنلەرنى تەسۋىرلەيدىغان مەنسىتمەس سۆزى بولۇپ قالغان، ئۇلارنىڭ بۈيۈك ھۆكۈمرانى «خۇدانىڭ قامچىسى» ئاتتىلا رىۋايەتلەردىكى ھەددىدىن زىيادە قوپال، رەھىمسىز ھەم ۋەھشىي رەھبەرلەرنىڭ تىپى بولۇپ، قالغان.
بۇ يەردە غەرب ئەللىرىدە ھۇنلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ئوي- خىياللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بەزى سەۋەبلەر بار. بىرىنچىدىن، ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ غەرب دۇنياسىغا ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت سېلىپ، ئوتتۇرا ياۋرۇپا- ئاسىياغا تۇنجى تۈركۈمدە بېسىپ كىرگەن تاجاۋۇزچىلاردۇر. ئىككىنچىدىن، ھۇنلارنىڭ بېسىپ كىرگەن ۋاقتى دەل رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي ئوتتۇرلىرىدا ئېغىر پاراكەندىچىلىك سادىر بولۇپ، ئۆز ئارا رەھىمسىز كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەنىدى. ھۇنلارنىڭ داڭقىنىڭ ئۇزاق ۋاقىتلاغىچە داۋاملاشقانلىقىنىڭ سەۋەبى- ئەينى ۋاقىتلاردىكى مۇئەللىپلەر ئۇلارنى ئانچە مۇۋاپىق بولمىغان ھالدا قالتىس تەسۋىرلىۋەتكەن. ھۇنلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى ئۇلارنىڭ بىۋاستە ھەرىكىتىدىن سادىر بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ خەلقنى پاراكەندىچىلىك توغدۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش ۋاستىسىنى قوللانغانلىقىدىن ئىبارەت بولغان، شۇڭا گېرمان تىلىدا ئۇلارنى «Volkerwanderung» («كۆچمەن مىللەت») دەپ ئاتىغان.
ھۇنلارنىڭ ئىسمىنىڭ يۇنانچە شەكلى مىلادى II ئەسىردە ياشىغان يۇناننىڭ بۈيۈك جۇغراپىيە ئالىمى پىتولېمىنىڭ ئەسىرىدە تۇنجى قېتىم تىلغا ئىلىنغان. مىلادى IV ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىگە كەلگەندە ھونلار ئاندىن شەرقىي ياۋرۇپانىڭ تارىخ سەھنىسىگە كومىدىيىلىك ھالدا كىرىپ كەلگەن. ئەينى چاغدىكى مۇئەللىپلەر ھونلارنىڭ كېلىپ چىقىشى مەسىلىسىگە ئىنتايىن قىزىققان. بۇنىڭغا دائىر ئەڭ ئىشەنچىلىك ماتېرىيال ئاممىنوس مارسېللىنۇس (تەخمىنەن مىلادى 332- يىلىدىن 400- يىللار) ئوتتۇرىغا قويغان ئەستايىدىل جاۋابتىن ئىبارەت. ئۇ مۇنداق دېگەن؛ «ھۇنلاردىن ئىبارەت بۇ مىللەت قەدىمكى يازما ھۆججەتلەردە كىشىلەرگە ئانچە مەلۇم ئەمەس»، «ئۇلار مائېئوتىك (ئازوۋ دېڭىزى) بويلىرىدىكى ساسلىقلارغا جايلاشقان. مۇز قاپلىغان دېڭىزلارنىڭ يېنىدا ياشايدىغان بۇ مىللەت رەھىمسىزلىكتە ھەرقانداق مىللەتتىن ئېشىپ چۈشىدۇ». ئۇ ھۇنلارنىڭ «مۇز قاپلىغان دېڭىز ياقىسىدىن كەلگەن» لىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەچكە تارىخشۇناسلار ئۇلارنى تامامەن «مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ سىرتىدىن كەلگەنلەر» دەپ قارىغان. ۋەھالەنكى ئەمەلىيەتتە، ئۇلار «قاراڭغۇلۇقنىڭ سىرتى» غا كىرگەن بولۇپ، ئەپسانىۋى جۇغراپىيىدە «سۇغۇق» بىلەن «قاراڭغۇلۇق» ھەمىشە باغلىشپ كەتكەن بولىدۇ.
ئاممىنوس مارسېللىنۇسنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان تەسۋىرى جۇردانېسنىڭ كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئانچە ئېرىشەلمىگەن مۇرەككەپ مەلۇماتىغا سېلىشتۇرغاندا خېلى مۇۋاپىق بولغان، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە «ئىسكاندىنوۋىيە يېرىم ئارىلىدىن ئىسكىفىيە رايونىغا كىرگەن گۇتلارنىڭ پادىشاھى فىلىمېر ئۆز خەلقى ئىچىدە بەزى پېرىخۇن ئاياللارنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا «Haliurunnae» نى بايقىغان، ئۇ ئاياللاردىن گۇمانلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆز قەبىلىسىدىن قوغلاپ چىقارغان ھەم ئۇلارنى ئۆز قوشۇنىدىن ئايرىلىپ يىراق جايلارغا كېتىپ، يەككە ‿يىگانؿھالدا سەرگەردان بولۇپ كېتىشكە مەجبۇرلىغان. بۇ پېرخۇن ئاياللار كەڭ دالادا گاڭگىراپ يۈرگەندە، بەزى ناپاك خەلق ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قوشۇۋالغان، شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ساسلىقلاردا ماكانلاشقان مۇشۇ ياۋايى قەبىلە پەيدا بولغان. ئۇلار بويى پاكار، پاسكىنا ھەم ئاجىز بىر ئىرق بولۇپ، ئىنسان تەبىئىتى يوق دىيەرلىك، تىلى يوق، لېكىن ئادەملەرگە ئوخشاش ئازراق ئاۋاز چىقىرالايدۇ.»
كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىنغان، ئەمما تېخى ئىسپاتلانمىغان بىر يەكۈندە ئېيتىلىشىچە: ياۋرۇپا ھۇنلىرى ‿ھۇنلارنىؿئەۋلادىدۇر. بىز ئەقەللىسى بىر يازما ھۆججەتتە (11- بابتا) ياۋروپالىقلار «ھۇن» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆردۇق. بۇ پاكىت كۈچلۈك دەلىل ‿ئىسپاؿئورنىدا بۇ ئىككى مىللەتنىڭ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ھونلار ياكى ئىسكىفلارنى ئاتاشتا ئانچە توغرا بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىز شۇنى كۆرمەكتىمىزكى، ھۇن ئىمپېرىيىسى مىلادى 48- يىلى پارچىلانغان. شىمالىي ھونلار مىلادى 155- يىلى سىيانپىلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان، جەنۇبىي ھونلار تارىخىنى مىلادى IV ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولسىمۇ، لېكىن ھۇنلارنىڭ غەربكە كۆچكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئىسپات يوق. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ كۆچىشى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ يۇقۇۋېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەگەر بىز ياۋرۇپا ھۇنلىرى بىلەن ھۇنلارنى ئوخشاش بىر مىللەت دەپ ئېتىراپ قىلساق، ئۇ چاغدا شىمالىي ھۇنلارنىڭ مۇڭغۇلىيە ئېغىزلىكىدە يوقاپ كېتىشى بىلەن ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپا ئۇپۇق سىزىقىدا پەيدا بولۇشىغا قەدەر بولغان توپتۇغرا ئىككى ئەسىر خاتىرىلەنمىگەن. يىللار ئارىسىدا ئۇلۇشۇپ كېلىدىغان بىر كۈننىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، يەڭگىللىك بىلەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق بولمىغان بىرلىككە كەلگەن يەكۈن چىقىرىشتىن ساقلىنىش بىر قەدەر مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ.
ھۇنلارنىڭ گېرمانىيەنىڭ شەرقىي گوت ئىمپېرىيسىگە قىلغان جازا يۈرۈشى مىلادى 370- يىللار ئەتراپىدا باشلانغان. بۇ قۇدرەتلىك گېرمانلار دۆلىتىنىڭ زېمىن چېگرىسى دون دەرياسىدىن دېنپېر دەرياسى ساھىلىگىچە، قارا دېڭىز ياقىسىدىن يىراق شىمالدىكى پرىپېت ساسلىق يەرلىرىدىن جەنۇبىي روسىيە يايلاقلىرىغىچە سوزۇلغانىدى. ھۇنلارنىڭ تاجاۋۇزى تۈپەيلىدىن شەرقىي گوتلار، يەنى ئوسچو گوتلار يەنى ۋىلېسى گوتلار تېخىمۇ غەربكە كۆچۈپ، ۋىزانتىيە چېگرىسىغىچە يېتىپ بارغان. ئۇلارنىڭ ئىتتىپاق تۈرۈش شەكلى ئېنىق ۋە مۇقىم بولمىغان. نەچچە ئون يىل جەريانىدا ھونلار گۇتلار بىلەن ھېچقانداق سىياسىي مەقسەتتە بىر- بىرىگە جازا يۈرۈشى قىلمىغان ياكى شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇرۇشمىغان. باننونىيە ئۆلكىسى (ھازىرقى ۋېنگىرىيىكى ترانسىدائوبىيە ئۆلكسى» دىكى رىم قوشۇنى تۇرغان گازارمىدا ھۇنلاردىن قالغان ئىزلار بايقالدى. بىزگە مەلۇمكى، مىلادى 408- يىلى گىنيويە خان ئوردىسى 300 نەپەر ھۇنلاردىن تەشكىل تاپقان خىللانغان قوشۇن ياللىغان. ھۇنلارنىڭ چىرايىدا جەڭ قىلىش جەھەتتە گوتلار بىلەن ئوخشاشمايدىغان جايلىرىمۇ بار. لېكىن ھونلار قۇدرەتلىك ئىمپېرىيە قۇرغىدەك كۈچلۈك قوماندان يوق ئىدى. ئۇ چاغلاردا كۆپ قىسىم ھونلار دوت دەرياسىنىڭ شەرقىدە تۇرۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. مىلادى 412- تارىخشۇناس ئولىمپىدۇرۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋىزانىتيە خارجى ئەلچىلەر ئۆمىكى قارا دېڭىزدىن ئۆتۈپ كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىپ بارغان، ھۇنلارنىڭ مەزكۇر ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھونلار باشلىقى دۇنا تۇسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى مىسال قىلىپ تىلغا ئالغانلىقى ئىنتايىن قىزىقارلىق.
كىشىلەرنىڭ ئوڭايلىقچە ئونتۇپ قالىدىغىنى شۇكى ئوتتۇرا ئەسىر ۋە مۇڭغۇللار دەۋرىدە غەرىبتىلا ئەمەس، ھەتتا جەنۇبىي روسىيە يايلاقلرىدىمۇ «مەدەنىيەتلىك دۇنيا» مەۋجۇت ئىدى. قوشۇن ئۈچۈن ئۇرۇش غەنىمەتلىرىنى ئىزدەش جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىياۋە پىرسىيە ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ بالقان رايونىغا ئوخشاش جەلپ قىلىش كۈچىگە بار ئىدى ھەم يېقىنلىشىشقا قولاي. تەخمىنەن مىلادى 420- يىلى بارسىك ۋە كۇرسكلار يېتەكچىلىكىدىكى چوڭ بىر ھونلار قوشۇنى كافكاز تاغلىرىدىن ئۆتۈپ پىرىسيىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. ئۇ يەردە ئۇلار پېرىسينىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇرۇش غەنىمەتلىرى ۋە تەخمىنەن 18 مىڭ ئەسىرنى قالدۇرۇپ، ئۆز مەملىكىتىگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ قېتىملىق تاجاۋۇزنى ھونلار مەملىكەت ئىچىدە سادىر بولغان ئېغىر ئاپەتتىن قۇتۇلۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان. ھۇنلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋىزانتىيە ئۆلكىسىگە قىلغان تاجاۋۇزنى ئەينى چاغلاردا بىلخېمدا تۇرۇشلۇق (لاتىن يېزىقىدىكى ئۆلچەملىك «ئىنجىل» نى تۈزگەن كىشى) سان جېرۇم جانلىق تەسۋىرلەپ يازغان: «ھونلار پۈتۈن دۇنيانى قىرغىنچىلىق ۋە قۇرقۇنۇچ ئىچىگە غەرق قىلىۋەتتى، ئۇلار ھۇشيار- چاققان جەڭ ئاتلىرىغا مىنىپ، ھەر ياققا ئۇرۇش قىلىپ، بارمىغان يېرى قالمىدى. كىشىلەر تېخى ئۇلارنىڭ قەيەرلەگە بارىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ بولالمىغان يېرى قالمىدى. ئۇلارنىڭ تېز- چەبدەسلىكى ئۇلار ھەققىدىكى رىۋايەتلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشتى. ئۇلار دېنىي قائىدە- يۇسۈن ۋە دەرىجە پەرقىگە قارىماي، يىغلاپ تۇرغان بالىلار ۋە ئەر- ئايال، قېرى- ياشلارغىمۇ رەھىم قىلمىغان ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن بۇۋاقلار يەنە ئۆلۈمگە يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولغان». (تومىپسىننىڭ ئەسىرىدىن نەقىل، 27- بەت).
بارمىغان يېرى قالمىغان زور تۈركۈم ھونلار كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى، مىلادى 409- يىلى پاننونىيە پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالدى ھەم ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ۋە غەربىي رىم ئىمپىرىيسىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك مۇقەددەس جايىغا ئايلاندى. قارىماققا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ۋە كونىستانتىنو پولغا قارىتىلغان بىر قەدەر چوڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئەمەستەك بولسىمۇ، مىلادى 422- يىلىدىن باشلاپ ۋىزانتىيە ھۇنلارنىڭ ھەر يىلى 350 قاداق ئالتۇن تاپشۇرۇش تەلىپىگە ماقۇل بولغان. بۇ ئاتالمىش «سوۋغا» لار بالقان رايونىغا ئازراق تىنچلىق ئېلىپ كېلىشىنى كاپالەتلەندۈرگەن. ھونلار ئىتالىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە ئارىلىشىپ تۇرغان، بەلكى ئۇلار ئالقىشقا ئېرىشكەن ھۆكۈمەت ۋە ئاقسۆڭەك دۆلەتمەنلەر ھۇنلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان.
نۇرغۇنلىغان مۇھىم سىياسىئونلار ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ھۇنلارنى يېقىن مۇھاپىزەتچىسى قىلىپ ياللىۋالغان. مەسىلەن؛ قەدىمكى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك كونسۇلى روفېنوس ۋە ستلكو بۈيۈك رىم گېنرالى ئائېتئون قاتارلقلار ھەمىشە ھۇنلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. مىلادى 434- يىلى شەرقىي ھۇنلارنىڭ خاقانى رۇگا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ خانلىق ئورنىغا ۋە ھۇقۇقىغا ئىككى جىيەن ئوغلى بېلىدا بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى ئاتتىللا ۋارىسلىق قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھونلار تارىخىدىكى يېڭى سەھىپە باشلانغان.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ كىشى مۇقەررەر ھالدا ھۇنلارنىڭ تىلى ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە تەخمىن قىلىش تەتقىقاتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. «ئاتىللا» دېگەن بۇ ئىسىم گوتلارنىڭ ئىسىم ئىكەنلىكى روشەن، مەيلى تۈركىي تىللار ياكى مۇڭغۇل تىلىدا بولسۇن ھەممىسىدە «R» ھەرپىنى سۆز بېشى قىلالمايدۇ، (مەسىلەن Rua) ياكى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانمايدۇ. (مەسىلەن بېلىدا) بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ئىسمى ھەرگىزمۇ ئالتاي تىلى ئەمەس. دۇنيادا ھۇنلارنىڭ تىلىدا يېزىلغان ھېچقانداق يېزىق بېجىرىم ساقلىنىپ قالمىغان، لېكىن لاتىن يېزىقى ۋە يۇنان يېزىقىدىكى ئىپتىدائى ماتېرىياللاردىكى بىر قىسىم سۆزلەرنى تۈركىي تىللار بويىچە چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. لېكىن زور كۆپچۈلۈك قىسمى ئالتاي تىلىنى ئاساسىي نۇقتا قىلغان دېگەن پەرەزلىك تەھلىل ئالدىدا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ تىل قۇرۇلمىسغا ئاساسلانغاندا ئۇلارنىڭ تىلى ئالتاي تىللىرىنىڭ سىرتىدىكى باشقا بىر تىلغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئوچۇن كۈرۈنۈپ تورىدۇ. شۈبھىسىزكى، ھونلار مەدەنىيىتىنىڭ سىرتىدىكى كۈرۈنۈشكە قاراپ ئومۇمەن بىر ئۇلارنى تۈرك ياكى مۇڭغۇللارغا مەنسۇپ دەپ تونۇيمىز. لېكىن بىز ئاددىلاشتۇرۇپلا ھۇنلارنى «تۈرك- مۇڭغۇل مىللىتى» دەپ ئاتىساق، ئۇ چاغدا بىز ئېغىر ھالدا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىمىز. بۇنداق دېيىشكە دەلىل- ئىسپات يېتەرسىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك بىر ئىگىلىگەن تىلشۇناسلىق بىلىملىرىدىن چەتنەپ كەتكەن بولىمىز.
بېلدا بىلەن ئاتىللانىڭ بەنزىسى ھۇنلارنى ئادەتتىن تاشقىرى ئالغا يېتەكلەيدىغان قوماندانلىققا ئىگە قىلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ياۋرۇپادىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ھۆكۈمرانلىقى نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان. مىلادى 445- يىلى ئاتىللار بېلدانى قەستلەپ ئۆلتۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۆزى ئۆز خەلقىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانى سۈپىتىدە مىلادى 453 ‿يىلىنىؿئاخىرىغىچە، يەنى ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بىز بېلىدا بىلەن ئاتىللانىڭ ھەمكارلىقى قانداق خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، لېكىن ئۇلارنىڭ يولغا قويغىنى ئۈچ مەنبەلىك ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىدىن ئىبارەت. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ بۇ خىل ھۆكۈمرانلىق تۈزۈلمىسىنىڭ ئىقتىدارى ھەققىدە بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز ئانچە كۆپ ئەمەس. ئەمما بۇ خىل تۈزۈم ئوتتۇرا ياۋرۇپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى خەلقلەر ئارىسىدا خېلى ئومۇملاشقان. ئۇلارنىڭ ھوقۇقنى تەقسىم قىلىشى رايونلار چىگرىسىنى ئاساس قىلغان، باشقا بىر قىسىمى ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدىغان ھۆكۈمران بولغان. ئەگەر بىر نوقۇل ھالدا قىياس قىلساق، كىشىلەر شۇنى مۆلچەرلىيەلەيدۇكى، يۇقىرىقى پاكىتلار ھۇنلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدۇر. ئاتىللانىڭ چوڭ ئاكىسى بىلىدا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھۇن ئىمپىرىيسىنىڭ بىر قەدەر مۇھىم بولغان شەرقىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. شۇڭا غەرب دۇنياسىنىڭ ئاتىللا ھەققىدە كۆرگەنلىرى بىر قەدەر كۆپ، شۇنداقلا ئۇ ئىككى قېرىنداش ئىچىدىكى ئامان قالغىنى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ شۆھرىتى بىلىدادىن يۇقىرى. بېلىدا ئاتىللانىڭ يېنىدا بولىسىمۇ، لېكىن سۈيقەستكە ئۇچرىغان ئىنىسىنىڭ ئىشى ناھايىتى ئاز تىلغا ئېلىنغان.
ئاتىللا بىلەن زامانداش بولغان رىملىق پىرىسكاس جۇددانىسنىڭ ئەسىرىدىن نەقىل كەلتۈرگەن 35- بەتتە ئۇنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن؛ «ئۇ بارلىق مىللەتلەرنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا چۈشكەن ئادەم، ئۇ دۇنيانىڭ بالايى ئاپىتى، ئۇنىڭ ھەققىدىكى قورقۇنچلۇق رىۋايەت مەلۇم جەھەتتە ئىنسانلارنى ۋەھىمە ئىچىگە غەرق قىلغان. ئۇ يول ماڭسا بېشىنى تىك تۇتۇپ، چىڭ قەدەم تاشلايتتى، كۆز قارچۇغى ھەرياققا تىكىلەتتى، تەكەببۇر قىياپىتى چىرايىدىن مەلۇم بولاتتى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇرۇشخۇمار ئىدى، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى ۋە ھەرىكىتىنى كونترول قىلالايتتى. ئىرادىسى كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭغا ئېھتىياجى چۈشكەنلەرگە ھېسداشلىق قىلاتتى. ئۇنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلەرگە كەڭچىلىك قىلاتتى ۋە كۈيۈنەتتى. ئۇنىڭ بويى پاكار ئىدى، بېشى يوغان، - كۆكرىكى كەڭ، كۆزى كىچىك ساقال بۇرتى شالاڭ بولۇپ ئازراق كۈلرەڭ ئىدى. بۇرنى پاناق، تېرىسى قارامتۇل بولۇپ، ئۆز قان سىستېمسىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى» (مېروۋ ئەسرى 102- بەتتىن نەقىل).
بېلىدا بىلەن ئاتىللا ئاكا ئۇكؿئىككىسى ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانى سۈپىتىدە بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، خارابى ئىشلاردا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. مىلادى 435- يىلى ئۇلارىسسيۇدوسېس پادىشاھىنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن ئاتالمىش «مارگۇس شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى، بۇ شەرتنامە مارگۇستا ئىمزالانغان (ھازىرقى يۇگۇسلاۋىينىڭ دڭبروۋىكا دېگە جايى)، مەزكۇر شەرتنامىدا مەزكۇر ئىمپېرىيە (شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى) ھەر يىلى ھۇنلارغا 700 قاداق ئالتۇن خىراج تاپشۇرۇش شەرت. بەلكى ھەر بىر قاچقۇن ئۈچۈن، مەيلى ئۇلار ھۇن بولسۇن ياكى رىملىق قاچقۇنلار بولسۇن، ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن سەككىز تىللانى قايتۇرۇۋېلىش پۇلى ئورنىدا تاپشۇرۇش شەرت. بەزى سودا بازارلىرىدا ھونلار رىملىقلارغا ئوخشاش تىجارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامىدا ئادەمنى تولىمۇ قىزىقتۇرىدىغان ئاجايىپ- غارايىپ ئىشلار خاتىرىلەنگەن.
ھونلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىسىدە ساقلىنىپ قالغان ئۆرپ- ئادىتى بويىچە باشقىلار سۆھبەت بىلەن ئۆتكۈزگەندە ھامان ئات ئۈستىدە تۇرۇپ سۆزلىشەتتى. رىم ئەلچىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ھونلار بىلەن شەرتنامە تۈزگەندە ئاتقا مىنىپ تۇرۇپ ھونلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزەتتى. ئاتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە رىم ئەلچىلىرى ناھايىتى بىئاراملىق ھېس قىلاتتى.
يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، ھونلار ئىمكانقەدەر ئىككى سەپتە ئۇرۇش قىلىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇراتتى. «مارگوس شەرتنامىسى» غا ئەگىشىپ، ئۇلار ئاتىللارنىڭ باشچىلىقىدا ئاساسلىق خىللانغان كۈچنى غەربىي فرونتقا سەرپ قىلدى. مىلادى 437- يىلى ئادىيوسنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ھونلار رېيىن دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى مايىنز رايونىدىكى بۇگاندارلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. بۇ قېتىمقى بۇزغۇنچىلىقى ئىنتايىن ئېغىر بولغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمدا بۇرگاندىيانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يۇقىتىلغان. بۇ ئىنتايىن چوڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان ۋەقە گېرمانىيىنىڭ مەشھۇر داستانى «نىبولونگىن ناخشىسى» نى ئىنتايىن مول تارىخىي پاكىتلار بىلەن تەمىن ئەتكەن. ئەمەلىيەتتە X III ئەسىردىكى بىر ئەسەر ھېسابلانغان «نىبولۇنگىن ناخشىسى» خېلى بۇرۇنقى داستانلارنىڭ روھىنى قوبۇل قىلىپ، شىمالنىڭ خېلى كۆپ داستانلىرىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. ئاتىللادىن ئىبارەت بۇ شەخس قەدىمكى ئىسلاندىيىنىڭ ئەپسانە داستانى «ئىددا» دا تىلغا ئېلىنغان. يەنى ساكسىن- گرامماتىكىس دەۋرىدىكى دانىيە تارىخىدا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇندىن ئىبارەت.
تەخمىنەن مىلادى 433- يىلىدىن باشلاپ ھونلار قوشۇنى گائۇل رايونىدا بىر قانچە تۇەن- ئەترەتلەرگە بۆلۈنۈپ، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەر ھاكىمىيىتى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ھۆكۈمرانلىق مۇلازىمىتىدا بولدى. مىلادى 437- يىلى ئۇلار باگائودالانى مەغلۇب قىلىش ۋەقەسىدە مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ نامرات- قالاق مىللەت مىلادى 435- يىلى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىللىق جاكارلىدى. مىلادى 439- يىلى ھونلار گېنرال ئاتىيۇسىنىڭ كانۇۋويى لىتوردئۇسنىڭ قوماندانلىقىدا توئۇلۇئۇس شەھىرىنى قوشىۋالغاندىن كېيىن يەنە ۋىسگۇت پادىشاھى تېئودېرك I نىڭ مەركىزىي شەھىرىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. بۇ ئۇرۇشتا تېئودرېكنىڭ قايتارما ھۇجۇمى زور غەلبىگە ئېرشكەن، ھۇن قوشۇنى ئېچىنىشلىق ھالدا مەغلۇب بولغان. شۇ يىلى ۋاندالىسلار شىمالىي ئافرىقىدىكى گارتخاك رايونىنى ئىشغال قىلغان. شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى ئۇلارنى دېڭىزدىن ئۆتۈپ ئىتالىيىدە قورۇقلۇقتتا چىقىشى مۇمكىن، دەپ ئويلاپ گائول رايونىدىكى گېنرال ئايۇسنى قايتۇرۇپ كەلدى. شۇ ۋاقىتتا غەربىي رىم رايونى تەھدىتكە ئۇچرىغانىدى. نېيردىگارد II نىڭ قوشۇنىنى ئاساسىي كۈچ قىلغان پىرسىيە قوشۇنى شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەرىنىيە ئۆلكىسىگە قويۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. سادىر بولغان بۇ بىر يۈرۈش ۋەقەلەر ئاتتىللارغا ئومۇميۈزلۈك مەلۇم قىلىندى. ئۇ بۇ پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مىلادى 441- يىلى چەكلىك ھەربىي كۈچى بىلەن شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. مىلادى 443- يىلىدىن مىلادى 447- يىلىغىچە بولغان بىر يۈرۈش سىتراتېگيىىلىك ھەرىكەت نەتىجىسىدە ئاتتىللا ھۇنلارنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەمەلىي ھۆكۈمرانىغا ئايلاندى. ھۇنلارنىڭ بۇ بىر يۈرۈش ھەربىي ھەرىكەت پىلانى قارىماققا باشقا غەرەزدە ئەمەس، بەلكى رىملىقلاردىن تېخىمۇ كۆپرەك ئالۋان ۋە باشقا ماددىي مەنپەئەت ئۈندۈرۈۋېلىشنى كۆزلىگەندەك قىلىدۇ. ھالىدىن كەتكەن رىم ئىمپېرىيىسى ئاخىرقى ھېسابتا مىلادى 443- يىلى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىدە ھونلار بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈرگەن. بۇ شەرتنامىدە رىم ئېمپېرىيىسى ھەر يىلى 2100 قاداق ئولپان تاپشۇرىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. بۇ سان رىم ئىمپېرىيىسى «مارگۇس شەرتنامىسى» دا ھۇنلارغا تاپشۇرىدىغان ئولپاننىڭ ئۈچ ھەسسىگە باراۋەر كېلىدۇ.
چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، رىم خانى تىنچلىق شەرتنامىسىدىكى ماددىلارنى ئامالسىزلىقتىن ئىجرا قىلغانىدى. قاتتىق قانۇنى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا ھونلار رىم ئىمپىرىيىسىگە قوزغىغان ھۇجۇمنى ئاقلاشقا تامامەن ھەقلىق ئىدى. چۈنكى رىم ئىمپېرىيىسى تىنچلىق شەرتنامىسىدە بەلگىلەنگەن ماددىلارغا قاتتىق ئەمەل قىلمىغانىدى.
مۇشۇ نوقتىغا ئاساسلانغاندا ۋىرزانتىيە ئەلچىخانىسى يېزىلغان خاتىرىنى ئاتىللارغا تاپشۇردى. مەزكۇر خاتىرىنىڭ ئۆزى گەرچە ئىلگىرى ۋە كېيىن سادىر بولغان ئىشلارغا نىسبەتەن ئانچە مۇھىم ئەمەستەك قىلسىمۇ لېكىن پىرسىكوسنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدىكى قالتىس تەسۋىرلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشى تەس. مەزكۇر ئەلچىخانا مائىمىنوس ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ رەھبەرلىكىدە ھون ئېدىكو ۋە تەرجىمان بىگىلاسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مىلادى 448- يىلى ياكى 449- يىلى قۇرۇلغان، ئەلچىخانىدىكى بارلىق خادىملار ئىچىدە پەقەت مائىمنۇس ۋە بىكىلاسلا ئېدىكونى كونىستانتىننو پولدا قىسقا ۋاقىت تۇرغاندا نۇپۇزلۇق ھەم ئاغىسى كىرساپىئۇس سېتىۋالماقچى بولغان، ھەم ئۇنى ئاتتىللانىڭ ئوردىسىغا قايتقاندىن كېيىن ئاتتىللانى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا كۈشكۈرتمەكچى بولغان. ئېدىكو ئۆز خوجايىننىڭ مۇددىئاسىغا خائىنلىق قىلمىغان، لېكىن ئۇنىڭ خائىنلىق ئوبرازىنى يارىتىشى كىشىلەرنى قايىل قىلغان.
رىملىقلار ۋەدىسىگە خىلاپلىق ھالدا ئاتتىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن يېڭى بىر تىنچلىق شەرتنامىسى مىلادى 450- يىلى ئەتىيازدا سېئۇدىيۇس ۋاپات بولۇشتىن سەل بۇرۇن ھونلار بىلەن ۋىزانتىيە ئوتتۇرسىدا تۈزۈلدى. بۇ شەرتنامىنىڭ بىر قەدەر يۇمشاق شەرتلەر بويىچە تۈزۈلىشى ئېھتىمال ئاتتىللانىڭ كۈچىنى توپلاپ ئىمپېرىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىدىن بولسا كېرەك. ۋەھالەنكى، سىئودىيۇسىنىڭ ئۆلۈمى ئويلىمىغان قېيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. چۈنكى ئىمپېرىيىنىڭ يېڭى خانى ماركىئان ھۇنلارغا قارىتا قاتتىق قوللۇق لۇشيەن- سىياسەت قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ دەرھال ھۇنلارغا دەۋاملىق ئولپان تاپشۇرۇشنى توختىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئاتتىلانىڭ ۋىزانتىيە بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ياي تەرىپىنى ساقلاپ قېلىش ئۈمىد مەغلۇب بولدى. ئۇ غەربىي رىم ئېمپېرىيىىسىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىش كېرەكمۇ ياكى تېزدىن ئېلىپ بېرىش كېرەكمۇ دېگەننى قارار قىلىشقا مەجبۇر بولدى، ئۇ بۇ ئىككى خىل لايىھىنىڭ ئاخىرقى بىر خىلىنى تاللىۋالدى ھەم مىلادى 451 يىلىنىؿئالدىنقى مەزگىلىدە كۆلىمى مىسلىسىز چوڭ بولغان بىر مەيدان غەربىي قىسىم ئۇرۇشىنى قوزغىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەقسىتى تۇلۇس (ھازىرقى فرانسىيىدىكى بىر جاي) نى مەركەز قىلغان سىيۇدىلىكنىڭ ۋىسگوت ئىمپېرىيىسىنى يوقىتىش دەپ ئاشكارا جاكارلىدى. ئەمما تۇلۇسقا بېرىش ئۈچۈن گائۇل رايونىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. ئەمما ئاتتىللانىڭ غەيرىي خارجى ستراتېگىيىسى مۆجىزە ياراتتى. كۆپ تىللاردىن بۇيان چىقىشالماي كەلگەن ۋىسگوتلار بىلەن ئاتىيۇس باشچىلىقىدىكى رىملىقلار ئىتتىپاق تۈزدى.
ئاتتىللارنىڭ قوشۇنى ھونلار، گېرمانلار ۋە گائولدىكى خاتىرجەمسىزلىك ئامىللار تۈپەيلىدىن جىددىي كۆپەيگەن قوشۇندىن تۈزۈلگەن ئارىلاشما قوشۇن بولۇپ، ئۇلار مىلادى 451- يىلى ئەتىيازدا رېيىن دەرياسىدىن ئۆتۈپ، 7- ئايدا ئورلىئان رايونىنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە پەيدا بولغان. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ھۇنلارنىڭ گائۇل رايونىغا قارىتا قوزغىغان ئۇرۇشىدىن ئىبارەت بۇ ۋەقە ئۆزىگە مۇناسىپ ھالدا نۇپۇزلۇق تەتقىقاتقا ئېرىشەلمىدى. قارىماققا، ھۇنلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا مۇقەرەر ھالدا زور كۆلەملىك قارشىلىق كۆرسىتىلگەندەك قىلىدۇ. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا ھونلار پارىژ شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مۇداپىئەسى مۇستەھكەم بولغان نۇرغۇن شەھەرلەردىن چەتنەپ ئۆتكەن، ئۇلارنىڭ سەپىرى ئىنتايىن ئاستا بولغان، ئاتتىللارنىڭ گائۇل رايونىغا قوزغىغان ئۇرۇشى كېيىنچە موڭغۇللار قوزغىغان ئۇرۇش ۋە ۋېنگىرىيىلىكلەر فرانسىيىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تاجاۋۇزدىن ئىبارەت چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇشلارغا ئوخشاش چاقماق تېزلىكىدە زەربە بېرىشنىڭ تىپىك ئۈلگىسى بولالمىغان، شەك شٿبھىسىزكى، ئاتتىللارنىڭ ئورلېئان رايونىنى ئىشغال قىلالماسلىقىدىكى سەۋەب كۈچى يەتمىگەنلىكىنى ياكى باشقا سەۋەبلەردىن بولسا كېرەك. ئەمما ئۇنىڭ مۇداپىئەلەنگەن شەھەرلەردىن ئەگىپ ئۆتمەيلا توئولېئوس شەھىرىگە قارىتىلغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرغانلىقى تېخىچە چۈشەندۈرۈلمىدى. ئەمەلىيەتتە، ئاتتىللا ئەسلىدىكى يولى بىلەن تىرويېس يېنىدىكى رايونلارغا قايتىپ بېرىپ، رىملىقلار بىلەن ۋىسگوتلاردىن تەشكىل قىلىنغان بىرلەشمە قوشۇنغا تاقابىل تۇرغان. شۇنىڭ ئارقىسىدىن پەيدا بولغان ئۇرۇش تارىختا «كاتالائۇنىئان تۈزلەڭلىكىدىكى ئۇرۇش» دەپ ئاتالغان. بۇ ئۇرۇشنى جۇددانىس مۇنداق تەسۋىرلىگەن؛ «بۇ ئۇرۇش قەدىمىدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان، بىر باتۇر ئەگەر بۇنداق ئۇرۇشقا قاتناشمىغان بولسا، ئۇ ئۆمۈر بويى بۇنداق ھەيۋەتلىك جەڭنى يەنە كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا ئەگەر بىز ئەجدادلارنىڭ بۇ ئۇرۇش توغىرىسدىكى تەسۋىرلىرىگە ئىشەنسەك، ئۇ چاغدا بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ يەر باغرىدا ئاققان دەريا ، قۇربان بولغان قوماندان ‿جەڭچىلەرنىؿقانىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ دەيا ئېقىنى جىددىي ھالدا كۆپەيگە بولۇشى تەبىئىي». سيودرىك مۇشۇ جەڭدە بەخىتكە قارشى قۇربان بولغان. ئاتتىللامۇ مۇشۇ جەڭدە ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىمالىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ تەييارلىنىپ قويغانىدى. نوقۇل ھەربىي ئىشلار نوقتىسىدىن قارىغاندا، غەلبە رىملىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداش قوشۇنى تەرەپتە ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئەمما ئاتىيۇس بۇ ياۋايى مىللەت بىلەن تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇڭا ئۇ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بېرىلىپ كەتمىدى ھەم ئاتتىللانىڭ چېكىنىشىگە يول قويدى.
بۇ قېتىمكى ئۇرۇشتا ئاتتىللا مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۈچى تېخى ئۈزۇل- كېسىل گۇمران بولمىغانىدى. مىلادى 452- يىلىدىن باشلاپ ئۇ، باشقا بىر قېتىملىق زور ئۇرۇشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقانىدى، بۇ نۆۋەت ئۇ باشلىغان قوشۇن ئالغا ئىلگىرىلەپ ئۇدۇل مىلانو (ھازىرقى ئىتالىيىنىڭ مىران شەھىرى) رايونىغا يېتىپ باردى. ھازىرقى زامان ئاتالغۇسى بويىچە ئېيتقاندا، ئاتتىلانىڭ ئۆزىگە خاس كېڭەيمىچىلىكى ھەددىن زىيادە بولۇپ كەتكەنىدى. ئاتتللانىڭ ئۆزىگە خاس كېڭەيمىچىلىكى ھەددىدىن زىيادە بولۇپ، كەتكەنىدى. ئاتتىللا ئىتالىيىدە تۇرىۋاتقان چاغدىلا ئۇنىڭ ئائىلىسى مارسىئان قوشۇننىڭ تۇيۇقىسىز ھوجۇمىغا ئۇچرىغاچقا، ئۇ ئىتالىيىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە مەجبۇرى بولدى. ئاتتىللا مىلادى 453- يىلى ئىتالىيىدىن قايتىش سەپىرىدە مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ۋاپات بولغان.
بىز ئىگىلىگەن ئاتتىللانىڭ دەپنە مۇرىسىمىغا ئائىت تەپسىلىي تەسۋىرلەش ماتېرىياللىرىدىن ئوتتۇرا ياۋرۇپا- ئاسىيالىقلارنىڭ دەپنە قىلىش ئادەتلىرىدە نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. قارىماققا شۇنى شەك- شۈبھىزكى، ھۇنلارغا مەنسۇپ ئارخېئولوگىيىلىك يادىكارلىقلار بۇ تەسەۋۋۇرنى ئىسپاتلايدۇ، يەنى ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۇتتۇرا ياۋرۇپا- ئاسىيا مىللەتلىرىدىن ئىبارەت. يەنە شۇنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇكى، ئوتتۇرا ياۋرۇپا- ئاسىيالىقلارنىڭ تەركىبى ھۇن ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدە ئۇزۇن ئۆتمەيلا سېڭىشىپ كەتتى. ۋەھالەنكى، ئاتتىللانىڭ سىياسىي مەقسىتى كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك مەدھىيلەپ كېلىۋاتقان چېڭگىزخاننىڭ زېممىسىگە ئالغان يۈكى ۋە قارا نىيىتىگە قارىغاندا كۆپ ئاز ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاتىللانىڭ ھەربىي ئىشلار بويىچە تالانت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىلەر ناھايىتى ئاز ئىدى. ئۇنىدىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئۇرۇش ئىستراتېگىيسى ۋە تاكتېكىلىرى تۈرك- مۇڭغۇل شەكلىدە بولماستىن، بەلكى گېرمانچە شەكىللەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
ئاتتىللا ئىمپېرىيىسىنىڭ قورۇلۇشى قىسقا ۋاقىتلىق بولۇپ، ئۇنىڭ گۇمران بولۇشى ئاتتىللا ئۆلگەندىن كېيىن ۋە گېپىدنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدىن كېيىنلا باشلانغانىدى. ياكى تېخىمۇ توغرىراق ئېيتقاندا، گېپىدنىڭ ئاسىيلىق قىلىشى ئەمەلىيەتتە ھۇنلارنىڭ باننونىيدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇردى. مىلادى 445 ‿يىلىغؿكەلگەندە قەدىمكى رىمنىڭ بۇ ئۆلكىسىگە ياۋايى مىللەت ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغان بولدى. ھونلار شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن غەربىي رىم ئىمپېريىسى قوشۇنىدا داۋاملىق خىزمەت قىلىۋەردى. ھەم ئىلگىرى بىر مەھەل ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرغان بىر ئىرق گورۇھىنىڭ ئەۋلادلىرى يېڭى ئوتتۇرا ياۋرۇپا ئاسىيؿفىدىراتىسىيسنىڭ سىياسىي گەۋدىسى تەرىپىدىن ئاسمىلاتىسىيە قىلىندى ۋە قوشۇلۇپ كەتتى. مانا بۇ ھۇنلارغا ئائىت ئاجايىپ غارايىؿھېكايىلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىسىدە نېمە ئۈچۈن ئۇزاققىچە ساقلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇلار تارىخ دەرسلىكىدە مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ۋېنگرىيىنىڭ تارىختا يېزىپ قالدۇرۇلمىغان رىۋايەتلىرىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
پايدىلانغان مۇناسىۋەتلىك كىتابلار:
ھۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇشقا ئەرزىيدىغان ماتېرىياللار خېلى كۆپ. جوردانىسنىڭ بارلىق نەقىللىرى چارلىز كىرىستوفىنىڭ «جوردانىس قەلىمى ئاستىدىكى گوت ئىمپېرىيىسى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىغان. پروسستون داشۆسى نەشرىياتى 1915- يىل 1- سان نەشرى. بارنىس ۋە نوپلى 1960- يىل 2- نەشرى. غەربىي ھونلار ھەققىدە يېزىلغان ھازىرقى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەر A.E تومپىسۇن يازغان «ئاتتىلا ۋە ھونلار تارىخى» دىن ئىبارەت، ئوكسىفورت داشۆسى 1948- يىل نەشرى. ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللاردىكى كۆپ سانلىق بىۋاستە ئېلىنغان نەقىللەرنى D.C گوردون يازغان؛ «ئاتتىللا دەۋرى»، «مىلادى V ئەسىردىكى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ۋە كۆچمەن مىللەت» (ئا ن. گاربور 1966- يىل ئاددىي مۇقاۋىلىق نەشرى) دىن تېپىشقا بولىدۇ.
مۇبادا ھۇنلارنىڭ تارىخى بىر قانچە پارچە ماقالە بىلەنلا بايان قىلىنغان بولسا، ئۇ چاغدا كېيىنكى رىم ئىمپېرىيىسى ياكى ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ تارىخى مۇكەممەل تارىخ بولماي قالاتتى. B.J بۆرە يازغان «سيودۇس I دىن جوستىنئان ئۆلگەندىن كېيىن رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى تارىخى» كىشىلەر تەرىپىدىن مۇشۇ جەھەتتىكى ئەڭ ياخشى كىتاب دەپ ئېتىراپ قىلىندى. (نيۇ- يورك. دەۋر نەشرىياتى، 1958- يىل).
سىنورنىڭ «باشلانغۇچ ساۋات» ناملىق كىتابىنىڭ 261- بېتىدىن 265- بېتىغىچە چوڭقۇرلاپ ئوقىسا، بەزى خەتلىرىدىن ئېلىنغان نەقىل مۇشۇ تېزىستىن پايدىلانغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالاھىدە قىزىقارلىق بۇلاتتى. مەسىلەن: .O مائېنسېن- خېلىفېن يازغان «يالغان- ھونلار»، ئوتتۇرا ژۇرنىلى 1- سان 1955- يىل نەشرى، 101- 106- بەتلەر.
ل. خارماتتا يازغان «ھۇن ئىمپىرىيىسىڭ يوقىتىلىشى» 1-سان، «تەتقىقات ئورنى. 2- سان 1952- يىلى نەشرى، 277- 304- بەتلەر.
ئوتومائېسسېن خېلىفېٿيازغان «ياۋرۇپا ھۇنلىرى بىلەن ھونلار» ۋىزانتىيە 1944- يىلى نەشرى.
بۇ يازمىنى "ئەپچىن" تورىدىن "گۈل قىز"نىڭ تىمىسىدىن كۆچۈرىلدى!
=============
توردىكى مەنبە : ئىزدىنىش تور بېكىتى
Posted: 2007-11-22 20:27 |
[ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى
سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
سەھىپە يۆتكىلىش
>> ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى زامان تارىخى
|- رىۋايەتلەردىكى تارىخ
|- ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار
|- شانلىق مەدەنىيەت دەۋرى
|- كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار
>> ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى
|- خوجىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار
|- داۋالغۇش ئىچىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى
>> ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخى
|- ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي
|- ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى
|- شانلىق دەۋر
>> ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى
|- ئۇيغۇرلاردا دىن
|- ئۇيغۇرلاردا تىل - يېزىق
|- ئۆرپ - ئادەت
|- ھۈنەر - كەسپ
|- ئۇيغۇرلاردا مائارىپ
>> جاھاننامە
|- كونا - يېڭى كىتاپلار
|- دۇنيادىكى ئۇيغۇرشۇناسلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىق
|- ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر
|- قېرىنداش مىللەتلەر
|- جۇڭگو تارىخى
|- دۇنيا تارىخى
>> ئۇنۋېرسال سەھىپە
|- تارىخى فىلىم
|- تارىخى ئاتالغۇلار
|- تاغدىن - باغدىن
|- يادىكارلىقلىرىمىز
|- يەر ــ جاي ناملىرىمىز
ئورخۇن مۇنبىرى
»
رىۋايەتلەردىكى تارىخ
Total 0.068343(s) query 3, Time now is:01-14 10:41, Gzip disabled
ICPNo : 新06003667
Powered by
PHPWind
v6.0
Certificate
Code © 2003-07
PHPWind.com
Corporation
Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008
Yadikar.com
Corporation