ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابى ۋەمىللى ئارمىيە
مىللىتىمىزنىڭ يېقىقنقى زامان تارىخىنى ئەسلىگىنىمىزدە ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز ،مىللى ئارميىيەنى تېخىمۇ تىلغائالماي تۇرالمايمىز .ھازىرقى شىنجاڭدا باربولغان مىللى قىسىملار دەل ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيەسىىدىىن قىېپقالغان قىسىملاردۇر ، ئەينى ۋاقىتتىكى مىللى ئارمىيەنىڭ كىلىش مەنبەسى نۇرغۇ ن ،تەركبى قىسمى مۇرەككە پ ، شۇڭامەن تۆۋەندە بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىمراق لىرىنى ۋەمىللى ئارمىيەتوغرىسىدىكى بىرقىسىم سان سىپىرلارنى ھەمدە ئا رمىيەننىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى،ئۆتمىشى ۋە يېقىنىقى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن .
مىللى ئارمىيە ئەڭ دەسلە پتە پا رتىزانلاردىىن تەشكىللەنگەن بولۇ پ ئاسسلىق تەركىبلىرى تۆۋەنىدىىكىچە :
1. ئېلى ئازادلىق تەشكىلاتى ؛ بۇتەشكىلاتنى سوۋىت ئىتىىپاقىدا ئوقۇ پ قايتىپ كەلگىن ياشلار قۇرغان بولۇ پ ، ئاساسەن ئىلغا ر پىكىرلىك ياشلار ۋە بىرقىسىم مىللەتپە رۋەر كىشلەر دىن تەركىب تا پىقان .
2. تاشقورغان پارتىزانلىرى ؛ پا رتىزانلار ئاساسەن قىرغىز ۋە تاجىكلاردىىن تەشكىللەنگەن بولۇ پ ،قوماندانى ئىسساقبىك مونونۋ( سوۋىت ئىتپاقىدا ھەربى مەكتە پتە ئوقۇغان ،كىيىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم رەھبىىرگە ئايلانغان ،1949-يىلى ئايروپىلا ن ھادىسسىدە ۋاپا ت بولغان )،بۇقوشۇن تىنڭچلىق بىتىمدىن ئىلگىرى جەنۇبى شىنجاڭدا پارتىزانلىق ئۇرشى قىلىپ قەشقەرگىە بىرقانچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ،گومىنداڭنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدىكى قوشۇنىنى تۇتۇ پ تۇررۇپ مىللى ئامىيەگە جەنۇبى سەپتىن مسلاشقان ،تىنىچلىق بىتىىمىدىن كىيىن سوۋىت ئىتپاقى چىگرىسى ئارقىلىق غۇلجىغا كەلگەن .
3. ئالتاي پارتىزانلىرى ؛ بۇ پا رتىزنلار 30-يىللاردىلا شىڭ شىسەيگە قارشى كۆرەش قىلىشنى باشلىغان بولۇ پ ئالتاينىڭ %90 دىىن ئارتۇق زىمىنى ئاساسان ئىگىللەپ بولغان ،بۇ پا رتىزانلارغا ئوسمان بىلەن دەلىلقان باشچىلىق قىلغان (دەلىلقان سۈگۇربايىف 1949-يىلى ئايروپىلان ھا دىسسىدە ۋاپا ت بولغان )،1947-يىلى ئوسمان گومىنداڭغا سىتىلىپ ئىنقىلابىدىىن يۈز ئ ۆرىگىەن ،1951-يىلى 2-ئايدا چىڭخەدە ئازادلىق ئارمىيەتەرپىدىىن تىرىك تۇتۇلغان ،ئىككى ئايىدىىن كىيىن ئۈرۈمچىدەئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان .
1944-يىلى 11-ئايدا نىلقا پا رتىزانلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى ۋەناھىتى تىزلىك بىلەن بىرقاتار غەلبىلەرنى قولغاكەتۈ رىپ نىلقا بازىرنى ئازاد قىلدى ،گومىدنداڭ دائىرلىرى قاتتىق ئالاقزادە بولۇ پ غۇلجاۋە ئۈرۈمچىدىن3000 دىىن ئارتۇق ئەسكەر يۆتكە پ كىلىپ قوغىلڭنى باستۇرشقائۇرۇندى،ھەمدە نىلقىنى قوشاۋغا ئالدى ، بۇۋاقىتتا قوزغىلاڭچىلار ئابدۇكېرىىم ئابباسوفنڭ خەۋەر يەتىكۈزشى بىلەن غۇلجىدا ئەسكەر قالمىغان پۇ رسەتتىن پايىدىلىنىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نىلقىدىن چىكىنپ چىقىپ قۇرۇق نىلقا بازارنى گومىنداڭغا تاشلاپ بېرىپ غۇلجىغا ئاتلاندى ،11-ئاينىڭ 7-كۇنى كىچىدە ئابدۇ كېرىىم ئابباسوف غۇلجىدا قوزغىلاڭ كۆتەردى ،ھەمدە نىلقا پا رتىزانلىرىبىلەن ماسلىشىپ غۇلجاشەھىرىنڭ ھەرەمباغ ۋە لا ڭشىياڭ ئايرو دىرومىدىىن باشقا جايلىرىنى تولۇق ئازاد قىلدى ،1945-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ھەرەمباغ ئىشخال قىلىندى ،شۇنىڭ بىلەن پۈتىكۈل ئېلى ئازاد قىلىندى .
1949-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ‹‹شەرقى تۈركىتان ۋاقىتىلىق ھۆكىمىتى ››نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاندى، ئېلىخان تىۆرەرەئىس ،ھېكىمبە گ غوجا مۇئاۋىىن رەئىس بولدى ،يىشىل رەڭلىك ئوتترسىغا ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇز چۈ شۈرالگەن بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلپ بىكىتى ھەمدە پا رتىزانلارنى برلىككە كەلتۈردى .
1945يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنى مىللى ئارمىيەگە بايراق تا پشۇرۇ مۇراسىمى ئۆتىكۈ زۈ لۈ پ مىللى ئارمىيە نىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمى جاكارلاندى .
مىللى ئارمىينىڭ فورمىللىرىنى سوۋىت ئارمىيسىنڭكىگە تەقلد قىلپ تكتۈردى ،ئارمىينىڭ پا گون ،كاكار ،بايراق لىرىنىڭ بىكتىپ چىقتى ،مىدال ۋە ئور دىنلارنى تارقاتتى .
مىللى ئارمىيە باش شىتاۋىې قارمىقىدا ،ھەربى تەمىنات باشقارمىسى ،سىياسى باشقارما،ئىجرائىيەباشقارمىسى ،ھەربى سوت ،ئۇرۇش تەتقىقات باشقارمىسى ،قاتارلىق ئورگنلار تەسس قىلندى ،پا لنوف باش قوماندانلىققا ،زۇنۇن تىيپوف مۇئاۋىن باش قوماندانلىققا ،موتىگوروف باش شىتاب باشلىقلىقىغا ،غىېنى ھەربى سوتنىڭ باش سودىيەلىكىگە ،ئابباسوف سىياسى باشقارمىنىڭ باشلىقلققغا تەئىللەندى ،ئومومى ئەسكىرى كۈچى 15000دىن ئاشتى ھەمدە پۈ تۈن ئارمىيە تۆۋەندىكى قىسىملارغا بۆلۈندى :
ئۇلاستاي ئا تلىق1- پولىكى
ئۇلاستاي ئا تلىق 2- پولىكى
سۈيدۆڭ ئاتلىق 3- پولكى
مۇڭغۇك ئاتلىق باتالىيونى
لوبا ئاتلىق روتىسى
ئاتلىق زاپا س پولىك
تۇڭگان ئاتلىق باتالىيونى
سۈيدۆڭ ئاتقۇچى پىيادە 1-پولىكى
غۇلجا ئاتقۇچى پىيادە 2- پولكى
غۇلجا ۋاقىتلىق پىيادە 4- پولكى
قوماندانلىق شتا پقا بىۋاستە قاراشلق قىسىملار :
تو پچىلار باتالىيونى
مۇ ھا پىزەتچىلەر باتالىيونى قاتارلىقلار .
پىيادە قىسىملار :ھەربىر پولىك 2 باتالىيون ،بىرباتالىيو ن 3روتا ،بىرروتا 3ئىزىۋوت ،بىر ئىزىۋوت 4ئۇدۇلىنىيەبولۇ پ تەخمىنە ن 2500جەڭچىدىن تەركىب تا پقان .
ئاتلىق قىسىملار : ھەربىر پولىك 4ئاتلىق روتا ۋە بىر پىىلىموتچىلار روتىسدىن تەشكىللەنگەن بولۇ پ تەخمىنەن 1000نە پەر جەڭچىنى ئۆ ز ئىچىگە ئا لاتتى .
ھەربىر پولىك قارمىقىدا :ئارقاسەپ باشقارمىسى ، سىياسى باشقارمسى تەھسس قىلنغان بولۇ پ ،پولك كومانىدىرى ،ھەربى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن پولك كوماندىر ، ئارقاسسەپ تەمىناتىغا مەسئۇل مۇئاۋىىن پولك كوماندىر ۋە دىننى ئىشلار غا مەسئۇل مۇئاۋىىن پولىك كومانىدىر تەئىللەنگەن .
مىللى ئارمىيە قۇرۇلغانىدىىن كىيىن دەرھال شىمال ،جەنۇ پ ،شەرىق قاتارلىق ئۈچ يۆلىنىش جەڭ پىىلانى تۇزۈپ چىققتى .
شىمالى سە پ : ئالتاي ۋە چۆچەكنىلنىڭ ئازاد قىلىش .
شەرقى سە پ ؛ شەرققە يۈرۈش قىلىپ ،جىڭ ،شىخولارنى ئاز اد قىلپ ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىنى ئېلىش .
جەنۇبى سە پ : مۇزات داۋىندىن ئۆتۈپ ئاقسۇنى ئازاد قىلش ،ئاندىن تاشقورغان پارتىزانلىرى بىلەن ماسلىشىپ پۈتۆۈل جەنۇبى شىنجاڭنى ئازاد قىلىش .
1945-يىلنىڭ ئاخىردا بايراقنى شىڭشىنشاغا قاداپ بولۇش .
شىمالى سسەپتە : 1945-يىلى 9-ئا ينىڭ 9-كۈنى مىللى ئارمىيەئالتايدا گومىنداڭ ئارمىيسىنىڭ 1130نە پە ر ئەسكىرنى ئەسىر ئالدى ۋە ئالتاي پا رتىزانلىرى بىلەن ئۇچۇرشۇ پ شىمالى سەپنىڭ ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى غەلبىلىك تاماملىدى .
شەرقى سسەپتە :مىللى ئارمىيە ئارمىيە 4-ئايىدىن باشلاپ داۋاملىق شەرىققەيۈرۈش قىلىپ ،جىڭ ،شىخولارنى ئاراد قىلىپ ،9-ئايدا ئۈرۈمچىگە 150 كىلومىتىر كىلدىغان ماناس دەرياسى بويغا كەلدى ،ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچىدە پە قەت 3000ئەسكەرگە يەتمەيدىغا ن 6باتالىيو ن ئەسكىرى قالغان بولۇ پ شەرقى سسەپنىڭ جەڭ ۋەزىپىسمۇ ئاساسى جەھەتتىن ئورونىدىىلىپ بولغاندى .
جەنۇبى سسەپتە :سسوپاخۇن پولكوۋنىك ئاقسۇنىڭ يېرمىنى ئىگەللە پ بولغان بولۇ پ، تاشقورغان پا رتىزانلىرىمۇ ،كۇچا ،يېڭسار ،قاتار لىق جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ ھەتتا قەشقەرنىمۇ بىرمەزگىلك ئىگەللىگەندى .
1946-يىلى جىياڭ جىشى سوۋىت ئىتپاقى بىلەن سۈلھى لىشىپ ،تاشقى مۇڭغۇليىنى ئىېترا پ قىلش، لۈشۈن ،دالىيەن پورتلىرىنى سوۋىت ئىتپا قىغا ئىجارىگە بىرىش ھەمدە ئەسكەر تۇرغۇشىغا رۇخىسەت قىلىش ،شەرقى شىمالدا تۆمۈريول ياساش ھوقوقىنى بىرىش قاتارلىق ئىمتىيازنى بىرىش ئارقىلىق سىتالىنىڭ مىللى ئىنقىلابقابولغان پوزىتسىيسىنى ئۆ زگەرتتى، سوۋىت ئىتپا قى بارلىق ھەربى مەسلەھەتچىللىرى ۋەھەربى خادىملىرنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى ھەمدە مىللى ھۆكىمەتتىن گومىنداڭ بىلەن سۆبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلە پ قىلدى .
1946-يىلى 4-ئايدا تىنىچلىق بىتىمى ئىمزالىنىپ، شىنجىاڭ قىسقامۇددەتلىك تىنىچلىقنى كۈتىۋالدى ،بۇۋاقىتتا مىللى ئارمىينىڭ سانى 30مڭغا يەتكەن بولۇ پ ،جەمى 17پولىك ،ئككى مۇستەققىل دىۋىزىيە ،بەش بېرگادا تەشكىلەنگەن بولۇ پ ،13 ئاتلىق پولىك بارئىدى ،
قىسىملار تۆ ۋەنىدىىكىچە
باش شىتا بقا قاراش لىق قىسملار :(غۇلجىدا تۇردۇ )
1. ئاتلىق ئەسكەرلەر باتالىيونى ، 700ئەسكەر
2. مۇھا پىزەتچىلەر ئىسكانىدىرونى ، 500ئەسكەر
3. غۇلجا مۇ ھا پىزەتچىلەر 1-پولكى ،1500ئەسكەر
4. غۇلجا مۇھا پىزەتچىلەر 2-پولكى،1500ئەسكەر
5. غۇلجا مۇھا پىزەتچىلەر 4-پولكى، سانى ئىنىق ئەمەس
6. (مەلۇم ) ئاتلىق 3- پولىك (كومانىدىرى لېسكىن)
ئوتترا يۆلنىش قىسىملار :(باش قوماندا ن پا لنوف قوشۇمچە ئوتترا يۆلىنىش ئارمىيسىنىڭ قوماندنلىقىنى ئۈستىگەئالغان)
1. پىيادە ئەسكەرلەر 1- بېرگادىسى
2. پىيادە ئەسكەرلەر 2- بېرگادىسى
3.مىنامىيوتچىلار باتالىيونى
4. تاشقورغان ئاتلىق 6- پولكى
5. نىلقا ئاتلىق 5- پولكى
6. نىلقا ئاتلىق7- پولكى ، 1200ئەسكەر
7.ئاتلىق ئەسكەر لەر مۇستەققل بېرىگادىسى
8. تۇڭگان ئاتلىق 10- پولىك ، 600ئەسكەر (شىخەنزە)
9.مۇڭغۇل ئاتلىق 8- پولكى ، 870 ئەسكەر
10.پىيادە ئەسكەرلەر 4- پولكى
11. ئالاقىچىلا روتىسى (شىخەنزە )
12. لوبا ئاتلىق ئىسكاندىرونى
جەنۇبى يۆلىنىش قىسملار :(مۇئاۋىن باش قوماندان ئىسساقبك جەنۇبى يۆلىنىش قىسملار نىڭ باش قومادانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان).
1. ئاتلىق ئەسكەر لەر 1- بېر ىگادىسى
2. ئاتلىق ئەسكەر لەر 2- بېر ىگادىسى
3. تىكەس ئاتلىق 1- پولىك
4. تىكەس ئاتلىق 2- پولىك
5. تىكەس ئاتلىق 3- پولىك
ئالتاي رايونىدىكى قىسىملار :
ئاتلىق ئەسكەر مۇستەققل پولكى (دەلىلقان سۇگۇربايىف)
ئەينى ۋاقىتتىكى مىللى ئارمىيە كادىرلا باشقارمىسنىڭ باشلىقى يۈسۈپخاننڭ خاتىر سىگىە ئاساسلانغا دا ‹‹ پۈ تۈ ن ئار مىيەدە جەمى 29856نە پە ر جەڭچى بار ›› بولۇ پ مىللى ئارمىيە ئەڭ كۈچەيگەن ۋا قىتقا قەدەم قويغان .
بىتىم ئىمزالانغانىدىن كىين مىللى ھوكمەت مىللى ئارمينى قىسقارتىپ 6پولىك قىلىپ تەشكىللدى . لىكىن گومىنداڭ بىتىمگەئارقا-ئارقىدىن بۇزغۇنچىلىق قىلغاچقا مىللى ھۆكمەت 1947-يىلى 8-ئايدا گومىنداڭنىڭ چەكلىمسىنى بۇززۇپ تاشلاپ مىللى ئارمىيەنى كېڭەيتىپ ،5ئاتلىق پولك ، 3پىيادە پولىك ۋە بىر مۇستەققل ئاتلىق باتالىيون قىلپ تەشكىللدى ،بۇۋاقىتتا مىللى ئارمىيەنىڭ ئومومى ئەسكىر سانى 14200دىن ئاشقان بولۇ پ قورال ياراق ئەھۋالى تۆۋە نىدىىكىچە :
ھەرخىل مىلتىق 9088 دانە ، تا پا نچا 184 دا نە ، يىنىك پىلموت 405 دانە ، ئېغىر پىلىموت 68 دانە ، مىنا مىيۇت 66 دانە ، زنىت تو پ 7 دانە ، گىرانامىيوت 55 دانە ، گىرانات 14480 دانە ، زەمبىرەك 12دانە ، جەڭ ئېتى 5522 دانە ، تىرا نسپورىتا ئىشلتىلدىغان ئا ت 521دانە ، ئات ھارۋىسى 311 دانە ، تانكا 2 دانە ، بىروۋنىۋىك1دانە ، ئايروپىلان 49 دانە ( ئىشىلتىشكە بولدىغنى 14 دانە بولۇ پ ،قىرغۇچى ئايروپىلان 8 دانە ، بومبار دىمانچى ئا روپىلان 6 دانە ) ، ھەربى ئىشلاردا ئىشىلتىلدىغان ماشىنا 30 دانە . مىللى ئارمىيەنىڭ باش قوماندانلىقىنى ئىسساقبك مونونوۋ ئۆ ز ئۈستىگە ئالغان .
1949-يىلى كومۇنستىك پا رتىيە ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ غەلبىسنى قولغا كەلتۈردى ،1949- يىلى 3- ئايدا ماۋزىىدۇڭ ،جۇئىنلەي قارتار لىق لار ۋاڭ جىن بىلەن شىنجاڭغا كىرىش توغۇرلۇق سۆبەتلەشتى .6- ئايدا لىيۇ شىاۋچى سوۋىت ئىتپاقىدا سۆھبەتكە باردى ، سۆھبەت داۋامىدا سوۋىت ئىتپاقى جوڭگو كومىنستىك پا ر تىيسىنىڭ غۇلجا تەرە پ بىلەن ئالاقىلشىپ سۈرەتنى تىز لىتىپ شىنجاڭغا كىرشى توغرىسىدا تەكلىپ بەر دى ، 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى دىڭ لىچۈ ن ئۈچ نە پە ر خادىم ۋە بىردانە راتسىينى ئېلىپ ئالمۇىتتا ئارقىلىق غۇلجىغا يىتىپ كەلدى ، 8- ئاينىڭ 18- كۈنى ماۋزىىدۇڭ ئەخمەتجان قاسىمغا تىلگىرمما يوللاپ 9- ئايدا ئېچىلىدىغان سىياسى كېڭەش يىغنىغا تەكلىپ قىلدى ، 8- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى ماۋزىىدۇڭ غا تىلگىرامما يوللاپ تەكلىبىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ،8- ئاينىڭ 22- كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى ، ئابدىكېرىم ئابباسوف ، ئىسسابىك مونونوف ، دەلىلقان سۇگۇربايىف ، لوجى قاتار لىقلارئالتاينى كۆز دىىن كەچۈرۈش نامى بىلەن مەخپى ھالدا غۇلجىدىىن يولغا چىقىپ ئالمۇتا غا بيرىپ ئايروپىلان ئار قىلىق بېجڭغا قراپ ئۇچتى ،8- ئاينىڭ 27- كۈنى ئايرو پىلان ئىېر تىكۇستى دىگەن جايغا بار غاندا تاققا سوقۇلۇ پ كىتىپ ئۇلار بەخىتكە قارشى قۇربان بولدى ( ئەخمەتجان قاسىمى تېخى ئەمىدىلا 34 ياش ئىدى ،ئابدىكېرىم ئابباسوف بولسا تېخى ئەمىدىلا 28 ياشتا ئىدى ) .
1949-يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ تىنىچ ئا زاد بولدى ، 1950 يىلى 1ئاينىڭ 20 كۈنى مىللى ئارمىيە 5- كورپۇس قىلپ ئ ۆز گەر تىلىپ جوڭگو خەلىق ئازادلىق ئارمىيسىنىڭ شىتاتىغا قوشۇۋىتىلدى .
5- كورپۇسنىڭ تەركىۋى قىسىملىرى : 13-،14- دىۋىزىيەلەر
كورپۇس كومانىدىرى لېسكىن .
سىياسى كومىسارى دۈۋە ن شىڭ يۈ ن
13- دىۋىزىيە قەشقەر دە تۇردۇ ، قار مىقىدا ؛
37- پولك ئاقسۇ دا
38- پولك قەشقەردە
39- پولك خوتەن دە
14- دىۋىزىيە دىۋىزىيە كومادىرى ئىبراھىم باي قارمىقىدا ؛
40-پو لك ئۈرۈمچى دە
41-پو لك
42-پو لك غۇلجا دا
كورپۇس شىتىاۋىغا قاراشلىق قىسملار:
43-پو لك پو لك كوماندىر بەدەر خان سۇگۈ ربايىف
44-پو لك پو لك كومانىدىر سو پا خۇن
ئومۇمى ئەسكىرسانى 14840 نە پە ر
50 - يىللاردا 5- كو ر پۇسنىڭ 13- دىۋىزىينىڭ 38 – پولكى، 14- دىۋىزىنىڭ 40- پولكى ساقلاپ قېلىنغانىدىن باشقا قالغان قىسىملىرى ئۆ ز ئورنىدا كەسىپ ئۆ زگەرتتى ، ساقىلاپ قېلىنغان ئىككى پولىكمىۇ 1969-يىلى يەنە شىمالى شىنجاڭ دالا ئا ر مىيسىگە قوشۇۋىتىلدى ، ئازادلىق ئارمىيە كەڭ كۆلەمدە قىسقار تىلغاند ىىن كىيىن بۇ ئىككى پولىك ھا زىر بار – يوقلىقى نامەلۇم .
شۇنداق قىلپ مىللتىمزنىڭ جۈملىدىىن پۈ تۈن شىنجاڭىدىكى ئېزىىلگۈچى مىلللەتلەر نىڭ يۈكسەك غۇرۇرىنى نامايەن قىلغان ، مىللىتمىز قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان بۇ ئىنقىلاب ، بۇ ئارمىيە ئاخىرقى ھېسا پتا پۈتۈن جوڭگۇ ئىنقىلابى بىلەن بىرلىكتە غەلبە قىلغان بولدى .
قوشۇمچە : 1955- ئازادلىق ئارمىيە ئۇنۋا ن بېرىش مۇراسمى ئۆتكۈزدى ،مىللى ئارمىيدىىن 5نە پە ر كىشى گېنراللق ئۇنۋانىغا ئىېرشتى . ئۇلار :
1. سەيپىدىىن ئەزىزى – ئاتۇشلۇق ، مىللى ئىنقىلاپ مەزگىلدە ھەربى سوتنىڭ كاتىۋى ، ئۆلكىلك بىرلەشمە ھۆكىمەتنىڭ ما ئا رىپ نا زىر ، ئالغا گېزىتىنىڭ باش مۇھەرىرى ، دىمكۇراتتىيە ۋە خەللقچىللقنى ھېما يە قىلىش ئىتپا قىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەر نى ئۆتىگەن 1955-يىلى گېنىرال لېتىناتلىق ئۇنۋا نغا ئېرىشكەن.
2. ما رگوف ئىسساقوف – شىنجىاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئا ۋىىن قوماندانلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن ،1955- يىلى گېنىرال ما يورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . جوڭگو ، سوۋىت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ، 1962- يىلى سوۋىت ئىتپا قىغا چىقىپ كەتكەن .
3. مەمىتىمىن ئىمىنوف – غۇلجا لىق ،مىللى ئارمىيدە ئىزۋوت كوماندىرى ، مىللى ئارمىيە قوماندانلىق شىتا ۋىىدا بۆلۈم باشلىقى ، ئاتلىق پولكنىڭ كومانىدىر بولغان ، دۆلەت قۇرلغاندى كىيىن دىۋىزىيە كومانىدىر قوشۇمچە جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىىن قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ، 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .
4. زۇنۇن تىيپوف - مىللى ئارمىينىڭ مۇئاۋىىن باش قوماندانى، شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىىن باش شىتا پ باشلىقى قا تارلىق ۋە زىپىلەرنى ئۆتىگەن 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرشكەن ، جوڭگو، سوۋىت قوش دۆلەت تەۋەلىكگە ئىگىە، 1962-يىلى سوۋىت ئىتپاقىغا چىقىپ كەتكەن .
5. ساۋ دانوف زايىر – غۇلجالىق ، مىللى ئارمىيدە ئاتلىق باتالىيونىڭ شىتا پ باشلىقى ، پىيادە 4- پولىكنىڭ شىتا ب باشلىقى ، مىللى ئارمىيە سىياسى بۆلمىنىڭ مۇدىر بولغان ،دۆلەت قۇرلغانىدىن كىيىن 5-كور پۇ سنىڭ مۇئاۋىىن سىياسى كومىسارى ، ھەربى رايون سياسى بۆلمىنىڭ ئىككنچى مۇئاۋىىن مۇدىر ، شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىىن سىياسى كومىسارى ، ئۈرۈمچى ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىىن سىياسى كومسار قاتارلىق ۋە زىپىلەرنى ئۆتىگەن . 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .
مىللى ئارمىيە دىگەن بۇئىسىم ئاخىر تارىخ سەھنىسىدىىن ئورۇ ن ئالدى ، يېرىم ئەسىردىىن كۆ پرەك ۋاقىت ئۆتتى ، مىللى ئارمىيە دىگەن بۇئىسىم ھەر قېتم تىلغا ئېلىنغاندا مىللتىمز ئ ۆزنىڭ يېرىىم ئەسىر بۇرۇنىقى ئازاد لىق ئۈ چۈن كۆرەش قىلغان ئاشۇ كىشىللرىمزنى ، كۆرەش ئۈ چۈن ئىسسق جانلىرنى قۇربان قىلغان ئاشۇ سۆيۈمىلۈك جەڭچىللرىمىزنى ئەسكە ئالماي تۇرالمايمىز .
قەھرىمانلار قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات .
مەنبە : قاشتېشى مۇنبىرىدىكى تېمام