بۇ بەتتىكى يازما : شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى 10 دۆلەت بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى 10 دۆلەت

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى 10 دۆلەت
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى 10 دۆلەت بۇنىڭدىن كېيىن ئورتاق قانۇن ۋە ئۆلچەم ئىجرا قىلىدۇ
2007.11.20

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتى 20 ‏- نويابىر كۈنى سىنگاپوردا 13 ‏- قېتىملىق يىغىن ئېچىپ يېڭى نىزامنامە ئىمزالىدى. بۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتىدا 40 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىمزالانغان يېڭى نىزامنامە بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتى ئەمدى بۇ يېڭى نىزامنامە ئارقىلىق، پۈتۈن ئەزا دۆلەتلەر ئارا ئورتاق قانۇن ۋە بىرخىل ئۆلچەم ئىجرا قىلىدىغان تەشكىلاتقا ئايلاندى.

تەشكىلاتنىڭ قارىمىقىدا كىشىلىك ﻫوقۇق تەشكىلاتى قۇرۇش بۇنىڭدىكى بىر مۇﻫىم نوقتا
ئاكى ئاخبارات تورى AKI نىڭ سىنگاپوردىن خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ يېڭى نىزامنامىسىدا، بۇ تەشكىلاتنىڭ خەلقئارالىق سۆﻫبەتلەردىكى قانۇنىي كىملىكى، سودا، مەبلەغ سېلىش، مۇﻫىت ئاسراش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئورتاق ئۆلچەم بەلگىلەنگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يېڭى نىزامنامىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ قارىمىقىدا كىشىلىك ﻫوقۇق تەشكىلاتى قۇرۇش بەلگىلەنگەنلىكى، بۇ تەشكىلاتتا پەيدا بولغان يېڭىلىقلارنىڭ ئىچىدىكى مۇﻫىم نوقتا بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ. مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەﻫىد ﻫەمىت ئاربانىڭ قارىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ يېڭى نىزامى ئەمدى بۇ تەشكىلاتنى تۈپ نىگىزىدىن يېڭىلايدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا ئىمزالانغان يېڭى نىزامنامىغا ئاساسەن، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ﻫەممىسى 2015 ‏- يىلىدىن بۇرۇن بىر تۇتاش ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ شەكىللىنىدۇ.

ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، جوڭگۇدىن  ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرلىرى بۇ تەشكىلاتنىڭ يىغىنىدىن پايدىلىنىپ سۆﻫبەت ئۆتكۈزدى
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، 'شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتى' دېگەن بۇ تەشكىلات 1967 ‏- يىلى ﻫىندونېزىيە، سىنگاپور، تايلاند، فىلىپپىن، مالايسىيادىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بانكوكتا يىغىن ئېچىپ ئىمزالىغان "شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاپنامىسى' غا ئاساسەن قۇرۇلغان تەشكىلات ئىدى. بۇ تەشكىلاتقا 1984 ‏- يىلى برونېي، 1995 ‏- يىلى ۋيېتنام، 1997 ‏- يىلى بېرما، لائوس، 1999 ‏- يىلى كامبودژا ئەزا بولۇپ قوشۇلدى. ﻫازىر بۇ تەشكىلاتقا ئەزا 10 دۆلەت دائىرىسىدە 530 مىليون نوپۇس بار.

'شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتى' قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاۋسترالىيە، كانادا،جوڭگۇ ياۋرۇپا بىرلىكى، ﻫىندىستان، ياپونىيە، رۇسىيە ۋە ئامېرىكىلار بىلەن يېقىندىن ﻫەمكارلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا، بۇ تەشكىلات بەزىدە ئۆزىدىن باشقا بىر دۆلەت بىلەن ياكى ئۆزىدىن باشقا ئىككىدىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن بىللە يىغىن ئېچىپ مۇﻫىم ساﻫەلەردە ئۇلار بىلەن ﻫەمكارلىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىم، 11 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى 'شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتى' سىنگاپوردا يىغىن ئېچىلىۋاتقاندا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە جوڭگۇدىن  ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرلىرى مۇشۇ يىغىننىڭ مۇﻫىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۈچ تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىش بۇيىچە سۆﻫبەت ئۆتكۈزدى ۋە بۇ جەﻫەتتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ﻫەمكارلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىنىدا كىشىلىك ﻫوقۇق تەشكىلاتى قۇرۇش مەسىلىسدە فىلىپپىن بىلەن بېرما ئوتتۇرىسىدا جىددىي مۇنازىرە يۈز بەردى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىنگاپوردا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى يىغىنىدا يېڭى نىزامنامە ئىمزالاش جەريانىدا، بۇ تەشكىلاتنىڭ قارىمىقىدا كىشىلىك ﻫوقۇق تەشكىلاتى قۇرۇش مەسىلىسىدە فىلىپپىن بىلەن بېرما ئوتتۇرىسىدا جىددىي مۇنازىرە يۈز بەردى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فىلىپپىن تەرەپ بېرمىنى ئاگاﻫلاندۇرۇپ ' ئەگەر بېرما دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلمىسا، بېرمىنىڭ دېموكراتىك ﻫەرىكەت رەﻫبىرى، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالغان ئاڭ سەنسۇچى خانىمغا قويغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلمىسا، خەلقنىڭ قارشىلىق ﻫەرىكەتلىرىنى تىنچلىق بىلەن ﻫەل قىلمىسا، فىلىپپىن پارلامېنتى بۇ تەشكىلاتنىڭ يېڭى نىزامنامىسىنى تەستىقلىمايدۇ' دېگەن.

بېرما بولسا 'باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق' پرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، يەنىلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى نىزامنامىسىغا ئىمزا قويدى. ئەمدى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ﻫەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بېرما مەسىلىسىنى ﻫەل قىلىشقا تەييار.


www.yahoo.com.au/news
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2007-11-22 17:47 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » تاغدىن - باغدىن

Total 0.066833(s) query 3, Time now is:01-12 22:41, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation