![]() |
ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
kisek
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
---|
"مەﻫمۇت قەشقىرى ۋە ئەسەرلىرى" ماۋزۇلۇق خەلقئارا ئىلمىي مۇﻫاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىلىدا مەﻫمۇت قەشقىرى ۋە ئەسەرلىرى ماۋزۇلۇق خەلقئارا ئىلمىي مۇﻫاكىمە يىغىنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەﻫىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ خەلقئارا ئىلمىي مۇﻫاكىمە يىغىنىغا گېرمانىيە، ياپونىيە، رۇسىيە، كورىيە، جوڭگۇ، ئازەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق 13 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 40 ئەتراپىدا بىلىم ئادىمى قاتناشقان. 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى سېناتو زالىدا ئېچىلغان، "مەﻫمۇت قەشقىرى ۋە ئەسەرلىرى" ئىلمىي مۇﻫاكىمە يىغىنى كۆرگەزمە زالىدىن بىر كۆرۈنۈش. "مەﻫمۇت قەشقىرى ۋە ئەسەرلىرى" ماۋزۇلۇق بۇ ئىلمىي مۇﻫاكىمە يىغىنىنى تۈركىيە ئىستانبۇل شەﻫەرلىك ﻫۆكۈمىتى، گېرمانىيە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئىستانبۇل يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىن 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى سېناتو زالىدا داۋام قىلغان. يىغىنغا مەشﻬۇر تۈركولوگلاردىن پېتېر زىېمې، كلائۇس رۆﻫربورن، تاكاشى ئوساۋا، ئوسمان فىكرى سەرتقايا قاتارلىق كىشىلەردىن باشقا كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئىلىم ئادەملىرىمۇ قاتناشقان. بۇ ئىلمىي مۇﻫاكىمە يىغىنىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئارسلان ئابدۇللا " قۇمۇلدا ياشىغان قەدىمقى قەبىلىلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە تامغىلىرى" تېمىسىدا، ئەسئەت سۇلايمان "مەﻫمۇت قەشقىرى ۋە ﻫازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى" تېمىسىدا، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەتقىقاتچىسى تاﻫىرجان مۇﻫەممەد "تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ تەرجىمە ۋە نەشر ئىشلىرى" تېمىسىدا، ئۇيغۇر تۈركولوگ ئابدۇرېشىت ياقۇپ "مەﻫمۇت قەشقىرى ۋە ﻫازىرقى ئۇيغۇر كىملىكى" تېمىسىدا سۆز قىلدى. بۇلاردىن باشقا يەنە بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى جاڭ دىڭچىڭ، جوڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەتقىقاتچىسى جاڭ مىڭمىڭ، گېرمانىيە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئابلەت سەمەت قاتارلىق بىلىم ئادەملىرى سۆز قىلغان. 2008 - يىلى مەﻫمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ﻫەر قايسى جايلىرىدا بۇ خىل ئىلمىي مۇﻫاكىمە يىغىنلىرى داۋاملىق ﻫالدا ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ يىغىنلاردا مەﻫمۇت قەشقىرىنىڭ ﻫاياتى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى ﻫەققىدە يېڭى تەتقىقاتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. مەنبە:شەبنەم |
||
![]() |
Ulughbek
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
|||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
kisek
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
ئىلىم
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
TuranTekin
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
faryad
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
tax
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
kuqlan
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
barhan
دەرىجىسى :مىڭ بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
otuken@
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|