ئۇيغۇر ۋە تاجىك خەلقىنىڭ دوستلوقى
ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقىرى.ئۆزنىڭ بۈيۇك ئەسرى تۈركى تىللار دىۋانىدا تاتسىز تۈرىك بولماس،تۈرىكسىزتات ،(مەنىسى تاجىكسىز ئۇيغۇر بولماس،ئۇيغۇرسىز تاجىك)دەپ پۈتۈپ قويغان، يەنى بۇنى مۇنداق ئىزاھلىغان ،باشسىز بۆك بولمىغىنىدەك تاتسىز تۈرىك بولماس،مەھمۇت قەشقىرى تاجىك ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ مابەينىدە قوشنا ياشاش جەرياندا مەدەنيەت،دىن ،ئۆرپە- ئادەت،يىمەك- ئىچمەك،سالام -سائەت، ۋە تىل جەھەتتە مەلۇم مەنبەداشلىققا ئىگە ئىكەنلىكى،تارىختا ئاساسەن دىگۈدەك ئۆزئارا ياردەمدە بولوپ ياشىغانلىقى،تاغلىق رايۇندىكى تاجىكلار بىلەن ئۇيغۇرلار بىر مەھەللىدە بىللە ياشىغانلىقى،مەلۇم نىسبەتتە تاجىك ئۇيغۇرغا ،ئۇيغۇر تاجىكقا سىڭىشىپ كەتكەن نۇرغۇن ئەھۋالغا ئاساسەن يۇقىرقى سۆزنى قىلغان.
ئۇلۇغ تاجىك يازغۇچىسى ب.گ.غاپۇروفمۇ ئۆزنىڭ مەيلى كىتابى بولسۇن مەيلى تاجىك تارخىغا مۇناسۋەتلىك ماقالىلاردە بولسۇن،تاجىك تارىخىغا يانداش قىلىپ ئۇيغۇر لارنى تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن.ۋە تاجىكلارتارخى دىگەن كىتابىدا<< ئۇيغۇرلار تاجىكلارنىڭ ھاياتىدا زور رول ئوينىغان>>..ئۇ يەنە مەزكۇر كىتابتا ئاريانلارنىڭ ماسساگېت دىگەن تارمىقى بىلەن ساكلارۋە ئۇيسۇنلارنى تىلغا ئالغاندا بۇ خەلىقلەر ئۇيغۇر ۋە تاجىكلار نىڭ ئاتا بوۋلىردۇر دەپ يازغان .چۈنكى ئاريانلارنىڭ ساك سوغدى تارماقلىرى تاجىك ۋە ئۇيغۇر ئەللىردە ياشاش جەريانىدا ئۇيغۇر ئەللىردە ياشاپ ب ۇئىككى خەلىققە ئاتسىمالاتسىيە بولوپ كەتكەن.ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبى شىنجاڭ بولوپمۇ پامىر ۋە قارا قۇرۇمدىكى ئۇيغۇرلىرى بىلەن پامىر تاجىكلىرى مەيلى تىل،بەدەن قۇرۇلمىسى ،ئۆرپە ئادىتى،ياشاش ئۇسۇلى جەھەتتە خلىلە ئوخشىشىپ كىتىدۇ.جوڭگۇدىن پەقەت ئۇيغۇر ۋە تاجىكلار نىڭ ئاق تەنلىلك ئىكەنلىكى بەدەن قۇرۇلمىسد جەھەتتە كاۋكاز تىپىغا كىردىغانلىقى،ئىسپاتلاندى.قارا قۇرۇمدىن تىپىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بەدەن سۆڭەكلىرى.بەدەن قۇرۇلمىسى ۋە تاشقۇرغان شامبايا قەبرىستانلىقىدىن تىپىلغان تاجىك ئادەملىرنىڭ بەدەن سۆڭەڭلىردىن بىز نۇرغۇن ئوخشاشلىقنى سىزۋالالايمىز.
ئۇلار ئورا كۆز قاڭشارلىق،گەۋدىلىك.لىۋى نىپىز،بەدەن قىسمى تۈكلۈگ كەلگەن....تارىخى مەلۇماتلاردا يەنە يەركەن خەندانلىقى ماۋرا ئۈننەھىرنى يەنىجەنۇپتا ھىندىقۇش تىغىنى چىگرا قىلىپ غەرىپتەئامۇ دەرياسى شىمالدا سىر دەرياسى ئىچىدىكى قولغا ئالغاندا تاجىكلار ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ياشاپ كەلگەن،.....دۈنخۇاڭدىن تىپىلغان ھۆججەتلەرگە قارغاندا
قەشقار ئىسلام قوشۇنى خۆتەنگە ھۇجۇم قىلىپ يىڭىلگەندىن كىيىن ،پامىرنىڭ غەربى ۋە پامىردىكى تاجىكلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان.تاجىك ئارمىيسى قەشقەر ئارمىيسى بىلەن بىرلىشىپ 40 يىل دىگەندە خۆتەننى بىسىۋالغان.خوتەن خانى ۋايسېرخان خۆتەن كۆھمارىمدا بولغان قاتتىق جەڭدە تاجىك ۋە قەشقەر ئىسلام ئارمىيلىرگە يىڭىلگەندىن كىيىن دەندان<< يوتقان >> شەھرىگە چىكىنگەندىن كىيىن تاجىك ۋە ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن ئارمىيە دەنداننى سۇغا باستۇرۋەتكەندىن كىيىن خۆتەن ئىسلام قۇشۇننىڭ تەسسەۋۋۇپىغا ئۆتكەن....
.................نۇرغۇن ئجتىمائى سەۋەپلەر تۈپەيلى، ئاففانىستان،ۋە تاجىكىستاننىڭ دۈشەنبى،رىينئابات.....قاتارلىق جەيلىردا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ياشىماقتا..ۋەتىنىمىزنىڭ نەۋئابات(مۇختاريات) .زەرەپشات،تار،ئاقتۇ،ۋە تاشقۇرغانلاردا تاجىكلار ياشاپ كەلمەكتە..شىنجاڭ تىلغا ئىلىنسىلا ئۇيغۇرلار بىلەن تاجىكلار ئالاھىدە تىلغا ئىلىندۇ.چۈنكى بۇ ئىككى خەلىق مەدەنيەتتە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن..بىز مەيلى قانداق بولسۇن تاجىك ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلوق مىھرى بارلىقىغا ئىشىنىمىز.....بۇ مىنىڭ نەچچە يىلدىن بىرى ئوقوغان كىتاپلىرىمدىن ئىلىنغان نەقىل بولدى. پۇرسەت بولسا مۇشۇ توغرىسىدا
تەپسىلى ئىزدىنىپ كۆرىمەن..