ئۆمرى كوتا << چاغاتاي تىلى>>
مۇڭغۇللارنىڭ دۇنياۋى ئىستىلاھ دەبدەبىسىنىڭ گۈلدۇمامىسى << تۇركىن>>( تۇر - ئەڭ قەدىمكى ئەجدادىمىز نامى. كىن - ئوتتۇرا، مەركەز . تۇركىن - تۇرلارنىڭ ئانا ماكانى. تۇركىن - تۈركىي ئاتالغۇسىنىڭ قەدىمقى تۈركىي تىل يەشمە مەنبەسى)زىمىنى بولغان تارىم ۋە چوڭئار(جۇڭغار)نى زىل -زىلگە كەلتۈرىشى، بۇ تارىخى قېرىندىشىمىز ( مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدىكى تۇرانلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان ھونلارنىڭ غەرىپكە سىلجىش ھارپىسىدا يۆتكىلىشنى خالىمىغانلار << مۇڭغۇل>> - مۇڭقۇل : مۇڭ - زارلىنىش، مۇڭلىنىش. قۇل- ئىزىلگۈچىلەر. مۇڭقۇل - ئاھ ئۇرۇپ قالغان قۇللار. << مۇڭغۇل>> - قالماقلار: قالماق - تۇرۇپ قېلىش. ئەسلى جايىدا تۇرۇپ قېلىش.)نىڭ ئەسلى كۆچكەنلەرگە ئەگىشىشى ۋە كېچىكىپ ئەسلى يىلتىزىنى ئىزدەش تەشناچىلىقى ئىدى. ئۇلار قاراقىتان( مەخمۇد كاشغارىنىڭ تۈركىي- تۈركىن تىللاردىۋانىدا قەيت قىلىنغان سەددىچىننىڭ جەنۇبىدىكى تاۋغاچ تۈركلەر - خەن سولالىسىگە ئەل بولۇپ، ھەققانىيەت يۈزسىدىن ۋە تىنىچلىق ئەلچىسى سۈپىتىدە ئۆز قېرىنداشلىرىغا قارشى تىغ كۆتىرىپ ساداقەت كۆرسەتكەنلىك تۆھپە مۇكاپاتى سەھنىسىدە، خەنلەر بىلەن بېلىق بىلەن سۇدەك قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۆزلىرىگە ئېغىر دەرجىدە ئاسسىمۇلاتسىيە خەۋپىنى پەيدا قىلدى. ئاقىۋەت ئۇلار غەرىپكە تەلپۈندى ئەمەس، بەلكى غەرپكە مەجبۇرى سوقۇنۇپ كىرىپ، قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ئۈچ يېرىم ئەسىرلىك سەلتەنەتىنى نابۇت قىلدى)لارنى سۈر-توقاي قىلىپ، بۇ پىداكارلىقى بىلەن مەڭگۈلىك قېرىنداشلىق مېھرى- مۇھەببىتىدە بىزبىلەن مەڭگۈلىك بىللە ياشاپ ئەسلىنى تاپماقچى بولدىيۇ، ئەمما ئۆزىمىزنىڭمۇ تات ئۇيغۇر ۋە ئىسلامى ئۇيغۇر دىنى ئىتىقات كەسكىن پەرقىمىزنى ئىلغا قىلىپ، ئۇيغۇر روھىيىتى بىلەن مۇڭغۇل روھىيىتىدە يەنەبىر سەددىچىننىڭ ئۆتكىسىز چىگىر پاسىلىنى كۆرۈپ ئەلەملىك ھالدا<< چوغاي تاغلىرى>>نى قايتا ئەسكە ئالدى. دەل بۇ ۋاقىتتا، مۇڭغۇللارنىڭ ھاكىمىيەت تالاپىتىگە ۋاقىتلىق ماسلاشقان ئوردا ۋە ھۆكىمەت ئالاقە ئىشلىرىدىكى تۈركلەرنىڭ مۇڭغۇللارغا بولغان خوشامەتلىك(پاساھەتلىك ) تىلمۇ شەكىللىنىپ ئۈلگۈردى. ئاتالمىش بۇ تىل، تىلشۇناس ئالىملىرىمىزنىڭ ئېغىر سىياسى مەسخىرىسىدىكى << چاغاتاي>>( كىچىك تايچاق، كىچىك تۇلپار. چاغ – كىچىك. تاي- ئات بالىسى) ئاتالغۇ بولۇپ ئىپادىلەندى. چۈنكى ئۇنىڭدىن سەل ئىلگىركى ۋاقىتتا تۈركىي تىلى بىلەن ئەرەپ تىلى بەيگىگە چۈشكەن مەزگىل بولغاچقا، << چاغاتاي تىلى>>نى پەقەت ۋە پەقەتلا ئانىسىنى ئىمىۋاتقان تايچاققىلا ئوخشاتقىلى بولاتتى. تېخىمۇ ئېنىقراقى، چىڭگىزخاننىڭ ئودۇم ئۇلۇغۇچى << چاغاتاي>>نىڭ ھەقىقى ئىسمى ئوردۇس يايلىقىدىكى چوغاي تاغلىرىغا تەققاس << چۇغاي تاي>> بولۇپ، بۈگۈنكى ئىستىمال مەنىسىدىكى مەسخىرىلىك ئاتالغۇ<< چاغاتاي>>، تارىختىكى تىلشۇناس ئالىملىرىمىزنىڭ تىل ئۆزگىرىشىگە قارشى مەخپى نامايىشى ئىدى. گەرچە << چاغاتاي تىلى>> ساپ تۈركىي(تۇركىن) تىلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا مۇڭغۇللارنىڭ ئىمپىرىيە تامغىسى بېسىلغان.
ئاچقۇچلۇق ھۆكۈم شۇكى، كىلاسسىك تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ << چاغاتاي تىلى>>غا بولغان ئاچچىق مەسخىرىسى ۋە ئۇنىڭغا قارشى مەخپى نامايىشى، ماھىيەتتە << تۈركىي تىللار دىۋانى>>نىڭ ئانا تىللىق نوپۇزىنى ساقلاپ قېلىش پىداكارلىقىدۇر. بۈگۈنكى ئۆزبەكلەر << چاغاتاي تىلى>>نى تارىخى سەزگۈرلىكى بىلەن<< ئەسكى ئۆزبەكلەر تىلى>>ئىزاھاتىنى بەرسىمۇ ، قىسمەنلىرىمىز يەنىلا بىخۇتلۇق بىلەن بۇ كۈچىدىن قالغان ئىمپىرىيە لەۋھەسىگە ئالتۇن ھەل بىرىشكە تەرەددۇتلىنىۋاتىمىز . تارىختا ھەرمىللەت خەلقىنىڭ سودا تەقەززاسىدا يىپەك يولىمىزغا كارۋان سۈپىتىدە قەدەم ئېلىشىنى: << ئورتاق زىمىن>> تارىخى دەۋاسىغا ئېلىپ بارغىنىدەك : << چاغاتاي تىلى>>نى ئاڭسىزلارچە كۆككە كۆتىرىشىمىز - يەنە مىڭ يىللاردىن كېيىن، تىلنىمۇ باشقىلاردىن قوبۇل قىلغان دىگەن ئالى سوت ھۆكىمى بىلەن پەخشى تارتىشىمىز مۇمكىن .
ئاپتۇرى---- بارخان
[ بۇ يازما barhan تەرىپىدىن 2008-12-06 12:38 دە قايت ]