ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
سىز بۇ تېمىنىڭ 301ـ كۆرۈرمىنى
tarhan
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
---|
ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقيا ئېتقادى ئابلاجان مۇھەممەت ئۈمىد يار ئوقيا ئىنسانلار ئىپتىدائىي ھايات باسقۇچىدىن تارتىپلا تۇرمۇش ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە كەڭ ئىشلەتكەن ، قۇرۇلمىسى ئاددىي ، ئىشلىتىشكە قۇلاي ئوۋچىلىق قۇرالى ۋە جەڭ قۇرالىدۇر . ئۇ قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان . مەدەنىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، جاھالەت دەۋرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچى ئىنسانلارنىڭ ئوقيانى كەشىپ قىلىشى بىلەن باشلانغان . ئىپتىدائىي قەۋملەر ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ئوقيا ئوقىنى قۇياش نۇرىغا تەققاسلاپ چۈشەنگەن . چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ئەپسانىلىرىدا قۇياش ئەڭ مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ ئوۋچى ، دەپ قارالغان . شۇڭلاشقا ئوقيا ئىپتىدائىي ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا ئالاھىدە خىسلەتلىك قۇرال ھېسابلانغان . ئىپتىدائىي ئەجدادلىرىمىز ئەڭ دەسلەپ ئىجاد قىلغان ئاددىي تاش ئوقيالىرىنى ئىلگىرى يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن قوغدىنىش ياكى ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈنل ئىشلەتكەن بولسا ، كېيىنچە باشقا قەبىلىلەر بولغان ئۇرۇش – توقۇنۇشلاردا ئىشلەتكەن . ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى نوقۇل ئوۋچىلىقتىن ھالقىپ چارۋىچىلىق ۋە مۇقىم دېھقانچىلىققا ئۆزگەرگەن . مۇشۇ مەزگىللەردىمۇ ئوقيا يەنىلا مۇھىم ئەمگەك قۇرالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن . مەدەنىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ، بازارلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە چوڭ – كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى . قەبىلىلەر ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش – جېدەللەرنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبلىك ئوقيا قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ھايات – ماماتى ، غەلىبە ياكى مەغلۇبىيىتى بىلەن بىۋاستە باغلىنىپ ، قەۋملەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان بىردىنبىر ئەڭگۈشتەرگە ئايلاندى . مۇشۇ يوسۇندا داۋاملاشقان ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت جەريانىدا ئوقيانىڭ ھل قىلغۇچ رولىنى تونۇپ يەتكەن ئەجدادلىرىمىز ئوقيادىن ئىبارت بۇ قۇرالنى ئىلگرىكىگە ئوخشاشلا مۇقەددەسلەشتۈرۈپ تونۇغان ، قەدىمكى تەڭرىقۇتلار ۋە باتۇرلارنىڭ دالىدىكى ئوۋچىلىق ياكى جەڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش – بولماسلىقىنى ئوقيادىن ئىبارەت مۇقەددەس قورالغا باغلىق ، دەپ قارىغان . قەدىمكى فولكلور مىراسلىرىمىز ۋە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوقياچىلىق مەدەنىيىتى ۋە ئوقيا مۇقەددەسلىكى قارىشىنى كۆپ تەرەپتىن ئىسپاتلايدۇ . شىنجاڭنىڭ ئالتاي تېغى ، تەڭرىتېغى ئېتەكلىرىدىكى غار – ئۆڭكۈرلەر ، تۇرپان ، دۇنخۇاڭ قاتارلىق جايلاردىكى مىڭئۆيلەرگە سىزىلغان رەسىملەر ۋە توقسۇن تەۋەسىدىكى پەنجىرىتاغقا ئويۇلغان تاش خەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوقيا تۇتقان ئادەم ياكى ئوقيا ئالاھىدە تەسۋىرلەنگەن . « ئوغۇزنامە» ئېپوسىدا باش قەھرىمان ئوغۇزخاننىڭ بېلىگە ئوقيا ئاسقان ھالدا مەيدانغا چىقىپ ئوۋچىلىقتىكى ماھارىتىنى كۆرسەتكەنلىكى ، ئەسەرنىڭ كېيىنىكى قىسمىدا ئوغۇزخاننىڭ ۋەزىرى ئۇلۇغ تۈركنىڭ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوقنى كۆرگەنلىكى ھەم ئۇنىڭ چۈشىدىكى مۇشۇ بېشارەتكە ئاساسەن ئوغۇزخاننىڭ ئوغۇللىرىنى ئوۋغا ئەۋەتكەنلىكى ، ئۇنىڭ چوڭ خوتونىدىن تۇغۇلغان ئۈچ ئوغلىنىڭ بىر ئالتۇن يانى ، كىچىك خوتونىدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ ئۈچ كۈمۈش ئوقنى تېپىپ كېلىپ ئاتىسىغا تاپشۇرغانلىقى ، ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا ئوغۇزخاننىڭ بالىلىرىدىن كۈتكەن تىلىكى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى ئامىتىنىڭمۇ ئوقيا ۋاستىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقانلىقى بايان قىلىنغان . ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوقيانىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئوقيا مۇقەددەسلىكى ئەنئەنسى ئۇيغۇر فولكلور مىراسلىرىنىڭ بىرى - «باتۇر تەڭرىقۇت رىۋايىتى» دىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ . بۇ رىۋايەتتە باتۇرنىڭ ئۇلۇغ ياۋچىلار ئېلىدىن بارىمتايلىق (كېپىللىك) تىن قېچىپ كەلگەندىن كېيىن رەقىبلىرىنى تېنچىتىپ ، ھاكىمىيەت ئىگىلەش ئۈچۈن پەم – پاراسەت ئارقىلىق بىر خىل ئالاھىدە ئوقيانى ئىجاد قىلغانلىقى ھەم بۇ ئاۋازلىق ئوقياغا تايىنىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ مەقسىتىگە يەتكەنلىكى بايان قىلىنغان . دېمەك ، بۇ رىۋايەتتىكى ئوقيا ئوبرازى ئامەتنىڭ ، شانلىق زەپەرنىڭ ، ھاكىمىيەت ئىگىلەشنىڭ مۇھىم ېاستىسى سۈپىتىدە رول ئوينىغان . بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى» دا «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەنىسىنى شەرھلەپ ، بۇ ھەقتە ئوقياغا مۇناسىۋەتلىك بىر رىۋايەتنى مىسال كەلتۈرگەن . ئۇنىڭدا قەدىمكى زاماندا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا ئۇيغۇر خاقانىنىڭ ئىسكەندەر قوشۇنلىرنىڭ ئالدىغا 4000 ئاتلىق ئوقياچى قوشۇن ئەۋەتكەنلىكى ، بۇ ئوقياچى قوشۇننىڭ كارامىتىنى كۆرگەن ئىسكەندەر ئۇيغۇرلارغا قايىل بولۇپ ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشماي تىنىچلىق بېتىمى تۈزگەنلىكى ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقيا ئېتىشتىكى ئالاھىدە ماھارىتى ئارقىلىق باشقا ئەللەرنى قايىل قىلغانلىقى بايان قىلىنغان . يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تارىخىي ئۇچۇرلار بىلەن كىروران گۈزىلى قەبرىسىدىن تېپىلغان مېتال ئوقيا پارچىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقياچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي مۇساپىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرى مېتال ئوقياغا تەرەققى قىلغانلىقى ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەڭ كەم دېگەندىمۇ 4000 يىللار ئىلگىرىلا مېتال ئوقيانى ياسىغانلىقى ھەم ئۇنى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئىشلەتكەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتقا ئىگە بولالايمىز . مەنبە : «شىنجاڭ گېزىتى» 2001– يىلى7– ئاينىڭ21– كۇنى |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 301ـ كۆرۈرمىنى
kisek
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 301ـ كۆرۈرمىنى
barhan
دەرىجىسى :مىڭ بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 301ـ كۆرۈرمىنى
honqan
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 301ـ كۆرۈرمىنى
zirek
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|