چار روسىيەنىڭ ئىستىلاچىلىقى
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىدىكى(تۈركىستاندىكى) كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىرىنىڭ ئارقىسىدىن - بىرى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ۋە پارچىلىنىۋاتقان مەزگىللەردە چارروسىيە دۆلىتى قۇدرەت تاپتى . رۇس ھاكىمىيىتىنىڭ قۇدرەت تېپىشى ⅩⅦ -ئەسىرلەردىلا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىنىڭ تەقدىرىدىن بىشارەت بەرگەنىدى. ئەمما قازان خانلىقى، ئاستراخان خانلىقى، ۋە سىبىر خانلىقى قاتارلىقلارنىڭ قۇربانلىققا ئايلىنىشى ئەڭ دەسلەپكى ئالغا ئىلگىرىلەش دولقۇنىنى قوزغىغاندىن كېيىن، روسىيە يەنە پۈتۈن كۈچىنى باشقا جايلارغا قاراتتى. بۇنىڭ بىلەن رۇسلار ئۆزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرەپتىكى رايونلىرىدا ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش ئىستراتېگىيىسىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. رۇسلار ئورېنبۇرگ، پېتىر پاۋلوۋسكى، ئومىسكى، سېمپالاتىنىسكى ۋە ئۈست كامېننى گورىسكى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، كاسپى دېڭىزىدىن ئالتاي تاغلىرىغىچە سوزۇلغان ئۇزۇن قازاق مۇستەملىكە لىنىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى ھەمدە شۇ ئارقىلىق قازاقلارنىڭ ۋولگا ۋە سىبىرىيە دالاسىغا پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن ساقلاندى.
ئەمما بۇ خىل مۇداپىئە سىياسىتىدىن رۇسلار زادىلا قانائەت ھاسىل قىلمىدى. گەرچە ⅩⅧ ئەسىرنىڭ 30 -يىللىرىدىن تارتىپ قازاقلار نامدا روسىيىگە بېقىنغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ھە دېسىلا مۇداپىئە لىنىيىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئولتۇراق ئاھالىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى. يەنە كېلىپ بۇ ۋاقىتتىكى خىۋا خانلىقى قازاقلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىگە پاناھلىق بەردى، شۇنداقلا رۇسىيە ئەسىرلىرىنى مۇقىم بازار بىلەن تەمىن ئەتتى. قازاقلار سودا كارۋانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇرغانلىقتىن رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى سودىمۇ ئەسلىدىكى سەۋىيىدە توختاپ قالدى.
ⅩⅨئەسىرنىڭ 20-يىلىىرى رۇسلار ئاخىرى تېخىمۇ مۇقىم بولغان چېگرىنى تاپتى. ئورتا يۈز (1822 - يىل)ۋە كىچىك يۈز (1824 - يىل) نى يوقىتىپ، روسىيىنىڭ نازارەتچىلىكىدە سۇلتان ھۆكۈمرانلىقىدىكى تېخىمۇ كىچىك قەبىلىلەرنىڭ بىرلىكىنى ئورناتقاندىن كېيىن، قازاقلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئاستا - ئاستا يوقىلىشقا باشلىدى. رۇسلار يايلاقتا بىر قىسىم قاراۋۇلخانىلارنى تەسىس قىلدى: ئورېنبۇرگنىڭ جەنۇبىدا كۆكچىتاۋ ۋە قارقارالىنسكى ( 1824 - يىل )سېمپالاتىنىسكىنىڭ جەنۇبىدا كۆكپېكتى (1820 - يىل) ۋە باياننۇر (1826 - يىل)ئالىكساندىر فون ھۇمبولتنىڭ ئېكسپېدىتسىيىسىدىن كېيىن، سېرگىي ئوبۇل (1831 - يىل) قاراۋۇلخانىسىنى قۇرۇپ چىقتى. مۇراۋيېف ئەلچىلەر ئۆمىكى ۋە رىگلىي ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا خىۋا (1820 ) ۋە بۇخارا (1820 ) غا زىيارەتكە بېرىشى ھەمدە پولكوۋنىك بېرگ بىلەن ئېدۋاردنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشى (1825 - 1826)بىلەن روسىيىلىكلەر بۇ رايوننىڭ سىرتىدىكى جايلارغا ئائىت قىممەتلىك ئاخباراتلارغا ئىگە بولدى. ⅩⅨ -ئەسىرنىڭ 30 -يىللىرى رۇسلار ماڭغىشلاق يېرىم ئارىلىدا يېڭى ئالىكساندىروۋسكى قورغىنىنى سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سودا ئىشلىرىنى قوغداش ھەققىدىكى كۈنسېرى ئۇلغىيىۋاتقان تەلەپلەر ۋە ئەنگلىيىنىڭ ئافغانىستاندىكى تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ئېھتىياجى قاتارلىق سەۋەبلەر ئارقىسىدا گېنېرال پېروۋسكى قوماندانلىقىدىكى خىۋاغا قارىتىلغان تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش كېلىپ چىقتى. بۇ قېتىمقى قىشلىق ھەربىي يۈرۈش 1839 - يىلى باشلاندى ۋە مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، ھەربىي يۈرۈشكە كېرەكلىك قاتناش قوراللىرىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك زىيانغا ئۇچرىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. پېروۋسكىنىڭ مەغلۇبىيىتى رۇسلارنىڭ يايلاققا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىپ بازا قۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى كۆرسەتتى. -ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40 -يىللىرى روسىيە ئورېنبۇرگنىڭ جەنۇبىدا تۇرغاي ۋە يېرگىز (1845- يىلى)، ئاتباسار ۋە ئۇلۇتاۋسكى ( 1846 - يىلى) قاتارلىق كىچىكرەك بىر نەچچە قورغاننى قۇرۇپ چىقتى. سىر دەرياسىنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان رەئىم قورغىنى(1847 - يىلى) رۇسلارنىڭ بۇ رايوندىكى غەرىزىنى ئاشكارە ئىپادە قىلدى. شەرقتە ئالاتاۋ باغرىدىكى قوپال قورغىنىنىڭ قۇرۇلۇشى ( 1847 - يىلى) بىلەن رۇسلار ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى جايلارغا ئىگە بولۇپ قالدى.
رۇسلار شۇنىڭ بىلەن قوقان خانلىقىغا تەۋە دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بولمىغان يەرلەرنى ئىگىلەشكە كىرىشتى. 1853 - يىلى گېنېرال پېروۋسكى روسىيە قوشۇنىنى باشلاپ ئارالىسكىدىن ئارقىغا يېنىپ سىر دەرياسى بويىغا كەلدى ۋە بىر قورغان سالدۇردى (كازالىنسكى)، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قوقان خانلىقىنىڭ ئاق مەسچىت قورغانى (ئۇنىڭغا پېروۋسكى قورغىنى دەپ نام قويۇلدى ) نى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. شۇنداق قىلىپ پېروۋسكى ئىلگىرىكى نومۇسىنى پاك - پاكىز يۇدى. شەرقتە روسىيە قوشۇنى ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ئىگىلەپ ھازىر ئالمائاتا دەپ ئاتىلىۋاتقان ۋېرنى شەھىرىنى سالدى ( 1854 - يىل ).
روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى جەنۇبتىكى كېڭەيمىچىلىك قىلىشتىن كەلگەن ئىككى رايوننى تۇتاشتۇرۇش ئىدى. بىراق قىرىم ئۇرۇشى (1854 - 1856) تۈپەيلىدىن بۇ پىلان بەكلا سوزۇلۇپ كەتتى، ئارقىدىنلا ئىشغال قىلىنغان رايونلارنى مۇستەھكەملەش دەۋرى باشلاندى. قازاق يايلىقىنىڭ غەربىدە 1859 - يىلى ئورېنبۇرگنى پايتەخت قىلغان ئورېنبۇرگ قىرغىز ئوبلاستى تەسىس قىلىندى. يايلاقنىڭ شەرقى بولسا ئومىسكىنى پايتەخت قىلغان سىبىرىيە قىرغىز ئوبلاستى بولۇپ تەشكىللەندى. سېمپالاتىنىسكى ئوبلاستى 1854 - يىلى قۇرۇلدى ۋە سېمپالاتىنىسكىنى پايتەخت قىلدى.
ئامېرىكىدىكى جەنۇب - شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە ( 1861 - 1865 ) پاختا بىلەن تەمىنلەش جىددىيلىشىپ كەتتى. پاختا بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن رۇسلار ئەسلىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى قايتا باشلىدى. پولكوۋنىك چېرنيايېف باشچىلىقىدىكى 2600 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بىر تارماق قوشۇن ۋېرنىدىن يولغا چىقتى، پولكوۋنىك ۋېرۋكىن قوماندانلىقىدىكى 1600 كىشىلىك قوشۇن پېروۋسكىدىن ئاتلاندى. 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چېرنيايېف قوشۇنى ئەۋلىيا ئاتا )ھازىرقى جامبۇل( غا شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۈچ ئادەم يارىلىنىشتەك ئاز بەدەل بىلەنلا شەھەرنى ئىگىلىدى. قوراللىرى بەكلا ئاددىي، قوماندانلىقى ۋە ئىنتىزامىنىڭ زادىلا تايىنى يوق 1500 كىشىلىك يەرلىك قوشۇندىن 307 ئادەم ئۆلدى، 390 ئادەم يارىلاندى. ۋېرۋكىنمۇ شۇنداق ئاز بەدەل بىلەنلا تۈركىستاندىكى يەسسى شەھىرىنى ئىگىلىدى. ئاندىن ئىككى قوشۇن قوشۇلۇپ چېرنيايېفنىڭ قوماندانلىقىدا بولدى. تۆت كۈنلۈك قورشاۋ ئۇرۇشىدىن كېيىن چىمكەنت قورغىنىمۇ 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئىشغال قىلىندى. بۇ يەردىكى يەرلىك قوشۇن 10 مىڭ كىشى بولسىمۇ، كۆپىنچىسى جەڭ باشلىنا - باشلانمايلا قۇيرۇقىنى خادا قىلىشتى، روسىيە قوشۇنىدىن پەقەت ئىككى ئادەم ئۆلدى. مۇشۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق رۇسلار پۈتۈن چۇ ۋادىسىنى ئىگىلىدى ھەمدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان قورغان لىنىيىسى ئارقىلىق قازاق يايلىقىنى قامالغا ئالدى.
بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدىكى خەۋەر ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ پايتەختلىرىدە، بولۇپمۇ بۈيۈك بىرىتانىيىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى تەسىر دائىرىسىدىن ئەندىشە قىلىپ قالغانىدى. 1864 - يىل 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى روسىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى گېرتسوگ گورچاكوف ھەرقايسى كۈچلۈك دۆلەتلەرگە يالغان - ياۋىداق گەپلەر بىلەن تولغان مەكتۇپنى يوللاپ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئەندىشىلىرىنى يېنىكلەتتى. گورچاكوف روسىيە رەھبەرلىرىنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئاددىي ئىكەنلىكىنى، ئۇلار بىر ئۈنۈملۈك چېگرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلماقچى، يەنى روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ چېگرا بۇلاڭ - تالاڭلىرىغا قارشى كۈرەشلىرىدە قوغداش رولىنى ئوينىيالىغۇدەك بىر لىنىيىنى قوغدىماقچى ئىكەنلىكىنى، روسىيە ئىمپېرىيىسى ئولتۇراق ئاھالىلەر دۆلىتىنىڭ چېگرىسىغا يەتكەن ھامان توختايدىغانلىقىنى، بۇ جايدا توختىغاندىن كېيىن بىر قورغان لىنىيىسى قۇرۇپ ئۆز چېگرىسىنى قوغدىماقچى ئىكەنلىكىنى، شۇ ئارقىلىق بۇلاڭ - تالاڭغا ئادەتلىنىپ كەتكەن كۆچمەن خەلقلەرگە سودا - سېتىقنىڭ بۇلاڭ - تالاڭدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ھەمدە ئۇلارغا »غەرب مەدەنىيىتى« ئىلتىپات قىلىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
1865 - يىلى رۇسلار يېڭىدىن قولغا كەلتۈرگەن بۇ رايوننى تۈركىستان ۋىلايىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. تۈركىستان ۋىلايىتىنى گېنېرال گوبىرناتور باشقۇرىدىغان بولۇپ، گوبىرناتور قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار، مەمۇرىي ئىشلارنى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالاتتى ۋە ئورېنبۇرگ گوبىرناتورى ئالدىدا جاۋابكار بولاتتى. چېرنيايېف تۈركىستاننىڭ گېنېرال گوبىرناتورى بولۇپ تەيىنلەندى. روسىيە ھۆكۈمىتى چېرنيايېفقا ئەمدى ئالغا ئىلگىرىلىمەسلىك ھەققىدە بۇيرۇق قىلغان بولسىمۇ، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ تاشكەنت ۋە قوقانغا ھۇجۇم قىلدى. 1865 - يىلى 4 - ئايدا چېرنيايېف چىرچىق دەرياسى بويىدىكى نىيازبېگ قورغىنىنى ئىگىلىدى. چىرچىق دەرياسى تاشكەنت رايونىنىڭ سۇغىرىش ئىشلىرىدىكى ئاساسلىق مەنبە ئىدى. ئىككى - ئۈچ كۈندىن كېيىن، چېرنيايېف ناھايىتى ئاز زىيان بىلەنلا تاشكەنتنى ئىشغال قىلدى.
ئەنگلىيىنى خاتىرجەم قىلىپ قويۇش ئۈچۈن، روسىيە ھۆكۈمىتى چېرنيايېفنى چاقىرتىپ كەتتى، ئەمما ئۇنىڭغا يۈكسەك شان - شەرەپ ئىنئام قىلدى. چېرنيايېفتىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتىگەن گېنېرال رومانوۋسكى چېرنيايېفنىڭ پىلانىنى داۋاملىق ئىجرا قىلدى. ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا رومانوۋسكى 3600 كىشىلىك بىر تارماق قوشۇننى باشلاپ بۇخارا تەۋەسىگە بېسىپ كىردى. سەمەرقەنتكە بارىدىغان يول تۆپىسىدىكى ئورجار دېگەن جايدا بۇخارالىقلار ۋە قازاقلارنىڭ 40 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى مۇستەھكەم ئىستىھكامىنىڭ ئۆزىدىلا بىت - چىت قىلىپ تاشلىدى. ئارقىدىن رومانوۋسكى سىر دەرياسى بويىغا قايتىپ قوقان تەۋەلىكىگە كىردى ۋە بۇخارا بىلەن قوقان ئارىلىقىغا بىر شىنا قاقماقچى بولدى. ئۇ ھېچقانداق قارشىلىقسىزلا قوقاندىكى ناۋ قورغىنىنى ئىگىلىدى. 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى زەمبىرەك ئارقىلىق خوجەندنى ئىشغال قىلدى. رۇسلاردىن ئاران بەش ئادەم ئۆلدى. شەھەرنى مۇداپىئە قىلغانلاردىن بولسا 2500 ئادەم چىقىم بولدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا قوقان خانى خۇدايارخان روسىيىگە باش ئەگدى. خۇدايارخان ئۆزىنىڭ روسىيىگە بېقىندى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، رۇسلارنىڭ ئىستىلاسىغا قوشۇلدى، روسىيە سودىسىنىڭ قوقان چېگرىسىدىن ئۆتۈشىگە رازىلىق بىلدۈردى ھەمدە روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوقانغا ھۇجۇم قىلىشتا سەرپ قىلغان چىقىمىنى تۆلەش ئۈچۈن روسىيىگە تۆلەم بېرىدىغان بولدى.
بەزى ئەھۋاللار بۇخارا ئەمىرلىرىنىڭمۇ سۈلھى قىلىشقا مايىللىقىنى كۆرسەتسىمۇ، ئەمما روسىيە ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان ئۆزلىرىنى مۇشۇنداق ئورۇندا تۇتۇپ تۇرغاندا، كېيىنكى ھەرىكەتلىرىنىڭ باشقىلاردا گۇمان تۇغدۇرمايدىغانلىقىنى قارار قىلىپ بولغانىدى. ھازىر چارروسىيە دائىرلىرىنىڭ نەزەرىدە چېگرا دەپ قارىلىۋاتقان جاي سىر دەرياسى ئەمەس، بەلكى ئامۇ دەرياسى ئىدى. 1866 - يىلى 8 - ئايدا ئورېنبۇرگ گېنېرال گوبېرناتورى كىرزانوۋسكى قوماندانلىقىدىكى قوشۇن يېڭى بىر ئۇرۇش قوزغىماقچى بولدى. ئۇ باشلىغان قوشۇن ئاۋال تىخ ئۇچىنى ئۆرە تۆپىگە قاراتتى ھەمدە 01 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بۇ قورغاننى ئىشغال قىلدى. رۇسلاردىن 17 ئادەم ئۆلدى، يەرلىك قوشۇندىن ئاز دېگەندىمۇ 2000 ئادەم ئۆلدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كىرزانوۋسكى جىززاقنى ئىشغال قىلدى (10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ) ، بۇ جەڭدە رۇسلاردىن ئالتە كىشى ئۆلدى، يەرلىك قوشۇندىكىلەردىن بولسا 6000 كىشى ئۆلدى.
1867 - يىلى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىكى ئىمپېراتور پەرمانىغا بىنائەن، تۈركىستان گوبىرناتورلۇقى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. تۈركىستان گوبىرناتورلۇقى تاشكەنتنى مەركەز قىلغان بولۇپ، روسىيىنىڭ 1847 - يىلدىن تارتىپ تۈركىستان رايونىدا قولغا كەلتۈرگەن بارلىق زېمىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئۇلار بۇ راريوننى سىر دەريا ئوبلاستى ۋە يەتتىسۇ ئوبلاستى قىلىپ ئايرىدى. ئىلگىرى روسىيە ئىشغال قىلىۋالغان پولشا زېمىنىدا يەنى روسىيىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدە گوبېرناتور بولغان گېنېرال فون كائۇفمان تۈركىستان گوبىرناتورى بولۇپ تەيىنلەندى. كائۇفمانغا ناھايىتى كەڭ ھوقۇق جۈملىدىن ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ھوقۇق بېرىلدى. 1867 - يىلى 11 - ئاينىڭ باشلىرىدا كائۇفمان تاشكەنتكە كېلىپ، مۇرەككەپ خىزمەتكە تۇتۇندى. كائۇفماننىڭ تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن تەشكىلىي ئۈلگىسى يېرىم ئەسىرگىچە داۋاملاشتۇرۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان "كونا تۈركىستانلىقلار" كائۇفمان ۋەزىپە ئۆتىگەن 13 يىلنى بەكلا كۆپتۈرۈپ "ئالتۇن دەۋر" دېيىشۋاتىدۇ، ھەتتا ئەنگلىيىنىڭ تاجاۋۇزچى تۆرىلىرىمۇ ئۇنى ئىچ - ئىچىدىن "بەك ئۇلۇغ دېيىشكە بولمىسىمۇ، لېكىن شۈبھىسىزكى، ئۇنى يەنىلا ئۇلۇغ شەخس دېيىشكە بولىدۇ" دەپ تەرىپلىگەنىدى.
كائۇفماننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىستان ياۋروپا روسىيىسىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش شەكلىدە تەشكىللەنگەنىدى. ئەڭ ئالىي ۋەزىپىدىكى ھوقۇقدارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۈركىستان رايونى ئاساسەن دېگۈدەك قەلەمدار ۋە ئەلەمدارلار تەرىپىدىن ئىدارە قىلىندى. بىر قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئىككى ئوبلاست يەنە ناھىيە، يېزا بولۇپ بۆلۈندى، يېزىنىڭ ئاستىدا ئاۋۇل ياكى قىشلاق تەسىس قىلىندى. ھەر بىر قىشلاق ۋە ئاۋۇل ئاقساقالنى ھەمدە بىر سايلام گۇرۇپپىسىنى سايلاپ چىقاتتى. ئاندىن سايلام گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە يېزىنىڭ باشلىقى سايلىناتتى. يېزا باشلىقلىرى روسىيە ھاكىمىغا جاۋابكار بولاتتى. ئەدلىيە جەھەتتە ئادەت ۋە شەرىئەت ساقلاپ قېلىندى. پەقەت رۇسلارغا چېتىشلىق دېلولار ۋە بىر قەدەر ئېغىر دېلولار يۈز بەرگەندىلا، ئاندىن رۇسلارنىڭ سوتىدا بىر تەرەپ قىلىناتتى. تەن جازاسى بىكار قىلىنغاندىن باشقا، رۇسلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسلاھاتى ئەسلىدىكى خان تەرىپىدىن تەيىنلىنىدىغان قازىلارنى سايلام ئارقىلىق بېكىتىش بولدى. يەرلىكنىڭ باج تۈزۈملىرىنىمۇ ئۆزگەرتىپ رۇسلارنىڭ ئادىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇردى. رۇسلار يەنە ناھايىتى چەكلىك بولغان يەر ئىسلاھاتىنى يۈرگۈزدى. ئىسلاھاتنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن رۇسلار تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ۋەخپە تۈزۈمى ۋە مىراپلىق تۈزۈملىرىنى مۇھاكىمىگە قويدى. ئەمما بۇ جەھەتتە ئىسلاھاتنىڭ مەقسىتى زادىلا ئىشقا ئاشمىدى.
كائۇفمان غەرەزلىك ھالدا يەرلىك ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتمىدى. گەرچە بۇ جايدىكى ئاياللارنىڭ تۆۋەن ئىجتىمائىي ئورنى ۋە مۇسۇلمانچە تۇرمۇش شەكلىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئىچى پۇشسىمۇ، يەنىلا پاك سىياسەت يۈرگۈزۈشكە رازى بولدىكى، بۇ نەرسىلەرگە چېقىلىپ قويۇپ يەرلىك كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇشنى خالىمىدى. ئەلۋەتتە بۇ پەقەتلا بىر تۈرلۈك ۋاقتىنچە قوللىنىلىدىغان تەدبىر ئىدى. بۇ ھەرگىزمۇ بۇ مەسىلىلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويغانلىق ئەمەس ئىدى. بۇنداق قىلىشنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى شۇ ئىدىكى، ياخشى ئۈلگىلەرنىڭ تەسىرى ئارقىلىق بولىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش قاتتىق قول سىياسەتتىن كۆپ ياخشى ئىدى. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كائۇفمان ئۇفادىكى ئىسلام ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىپ تۈركىستان ئىسلام ئاپپاراتلىرىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك تىرىشچانلىققا قارشى تۇردى. مۇسۇلمانلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەن كائۇفمان ھەتتا روسىيە پراۋىسلاۋىيە دىنىي جەمئىيىتىنىڭ تۈركىستان رايونىغا مىسسيونېر ئەۋەتىشىنى چەكلىدى. تاشكەنتتە بىرەر پراۋىسلاۋىيە رايونى قۇرۇشقىمۇ قارشى تۇردى.
1868 - يىلى ئەتىيازدا كائۇفمان بۇخارا ئەمىرىنىڭ روشەن دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە سەمەرقەنتتە قوشۇن توپلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، قوشۇن تارتىپ بۇخارا تەۋەلىكىگە بېسىپ كىردى. 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سەمەرقەنتنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى، ئارقىدىنلا ئورغۇت ۋە كاتتا قورغان شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلدى. بىر ئايدىن كېيىن كائۇفماننىڭ قوشۇنى كاتتا قورغىنىنىڭ يېنىدىكى زېرا بۇلاقتا بۇخارانىڭ ئاساسىي قوشۇنى بىلەن تۇتۇشتى. بۇخارالىقلار قوشۇنىدا 6000 دىن ئارتۇق پىيادە لەشكەر، 15 مىڭ ئاتلىق نەۋكەر، 14 دانە يەڭگىل زەمبىرەك بولسىمۇ، يەر شەكلى ئۆزلىرىگە شۇنچە پايدىلىق بولغان ئەھۋالدا ئېغىر چىقىمغا ئۇچراپ تېرە - پېرەن بولۇپ كەتتى. بۇ ئۇرۇش بۇخارا ئەمىرىنى رۇسىيىگە ئەل بولۇشقا مەجبۇر قىلدى. 1868 - يىلى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى شەرتنامىدە بۇخارانىڭ ‐ سەمەرقەنت، كاتتا قورغان، خۇجەند، ئۆرەتۆپە ۋە جىززاقنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىقى بەلگىلەندى. بۇخارا 500 مىڭ رۇبلى تۆلەم تۆلەشكە رازى بولدى. قوقانغا ئوخشاشلا بۇخارادىمۇ روسىيە پۇقرالىرى ئەركىن كېلىپ - كېتىپ تۇرالايدىغان ۋە بۇخارا چېگرىسىدىكى رايونلار ئارا سودىدىن ناھايىتى ئاز مىقداردا تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغان بولدى. كېسىپ بېرىلگەن رايون زەرەفشان رايونى (كېيىن سەمەرقەنت ئوبلاستى بولۇپ قۇرۇلدى) سۈپىتىدە تۈركىستان گوبېرناتورىنىڭ باشقۇرۇشىغا قوشۇۋېتىلدى. بۇخارا ئەمىرى ئۆزىنىڭ تەختتىن چېكىنىشىگە ئىجازەت بېرىشىنى سورىغاندا، كائۇفمان بۇخارادا روسىيىنىڭ خوجايىنلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بىر ھۆكۈمراننىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئەمىرنىڭ بۇخارا ھۆكۈمرانى ئىكەنلىكىدەك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ قويدى، ھەتتا ئەمىرگە ياردەملىشىپ ئەمىرگە قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇشۇپ بەردى.
ئارقىدىنلا رۇسلار ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى چىڭ سۇلالىسى زېمىنىنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى. 1862 - يىلى جۇڭغارىيىدە پارتلىغان قوزغىلاڭ ئىلى ۋادىسىغىچە يېيىلدى. 1864 - يىلى ئىلىدىكى يەرلىك تۇڭگانلار ۋە تارانچىلار بىرلىشىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدى. غۇلجىدىكى روسىيە كونسۇلخانىسى ۋە چۆچەكتىكى روسىيە زاۋۇدى پاچاقلاپ تاشلاندى، سودىمۇ توختىدى، قاچقۇنلار چېگرىغا قېچىپ بېرىپ يەتتىسۇ رايونىغا كىرىپ كەلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1853 - يىلى ئاق مەسچىت قورغىنىنى قوغداپ پېروۋىسكىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ياقۇپبەگ قەشقەردە بىر مەيدان مالىمانچىلىق پەيدا قىلدى. ئۇ جۇڭگولۇقلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، ئۆز ئالدىغا خانلىق قۇردى. بۇ يېڭى قۇرۇلغان يەرلىك ھاكىمىيەت ئوتتۇرا ئاسىيا كۈچلەر سېلىشتۇرمىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ۋەزىيىتىنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى. ياقۇپبەگنىڭ ئەنگلىيە بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇشى روسىيىنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىپ قويدى. ناۋادا ياقۇپبەگ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى جۇڭغارىيىگىچە كېڭەيتسە، جۇڭغارىيىنىڭ يەتتىسۇ بىلەن تۇتىشىپ كېتىش خەۋپى تۇغۇلاتتى. بۇ بولسا ئەنگلىيە تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. ئەنگلىيە تەسىرىنىڭ كېڭىيىشى بولسا روسىيىنىڭ ئورنىغا نىسبەتەن يان تەرەپتىن قورشاۋ ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈش، ھەتتا ئەڭ ئاخىرىدا ياۋروپا روسىيىسى بىلەن سىبىرىيىنىڭ مۇناسىۋىتىگە خەۋپ تۇغدۇرۇشى مۈمكىن ئىدى. كائۇفمان بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەش، ئۇزاققا سوزۇلغان مالىمانچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن 1871 - يىلى 6 - ئايدا روسىيە قوشۇنىغا ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى رايونلارنى ئىگىلەش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. ئىلى ئۆلكىسى (چىڭ سۇلالىسى بۇ رايوننى مۇشۇنداق ئاتايتتى) ياكى غۇلجا رايونى (رۇسلار شۇنداق ئاتايتتى) ئىلىنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىنى رۇسلار پۈتۈنلەي خەلقئارا جامائەتچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋاقىتلىق ۋەزىيەتنى بىر تەرەپ قىلغان يوسۇندا پۈتتۈردى. ئۇلار چىڭ سۇلالىسى قەشقەرىيىدىكى مالىمانچىلىقلار ۋە جۇڭغارىيىنىڭ باشقا رايونلىرىنى يېڭىۋاشتىن كونترول قىلىشقا قادىر بولالىسىلا، ئۆزلىرى ئىشغال قىلىۋالغان جايدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا چىڭ سۇلالىسىغا ۋەدە بەردى. رۇسلار ئېھتىمال جۇڭگولۇقلار بۇنداق قىلالمايدۇ، دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. ئەمما 1877 - يىلى چىڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ياقۇپبەگ مەغلۇب بولدى. ياقۇپبەگ خانلىقى بىت - چىت قىلىنىپ، چىڭ سۇلالىسى قەشقەرىيىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالدى. بىر نەچچە ئايلىق دىپلوماتىك سۆھبەتلەردىن كېيىن رۇسلار تۆلەمگە ئېرىشىپ، ئىلى ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمىنى كېسىپ بەردى. 1883 - يىلغا كەلگەندە ئۇلار ئاخىرى ئىلى رايونىغا بولغان كونتروللۇق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. سانكىت پېتربورگتىكى ئەنگلىيە باش ئەلچىسىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، "جۇڭگولۇقلار روسىيىنى ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان ئىشىنى قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ، رۇسلاردىن يۇتۇپ بولغان زېمىننى قۇستۇرۇۋالدى".
ئەمما مۇشۇ ئارىلىقتا رۇسلار دىققەت نەزەرىنى تېخىمۇ چوڭ نىشانغا قاراتتى. بۇ نىشاننىڭ بىرىنچىسى خىۋا خانلىقى ئىدى. ⅩⅦ ئەسىردىكى ئۇرال كازاكلىرىنىڭ ئۈچ قېتىملىق يىراققا يۈرۈش ھەرىكىتى، 1717 - يىلى گېرتسوگ بېگوۋىچ چېركاسكى باشچىلىقىدىكى قوشۇننىڭ ھەرىكىتى ۋە گېنېرال پېروۋىسكىينىڭ 1839 - يىلدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسىلا خىۋا خانلىقىدەك مۇشۇ كونا رەقىپنىڭ ئەجەللىك زەربىسىگە ئۇچرىغانىدى. 1837 - يىلى كائۇفمان ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق خىۋا مەسىلىسىنى مەڭگۈلۈككە ھەل قىلىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بۇ لايىھە ناھايىتى تېزلا تەستىقلاندى. رۇسلار ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە پەقەت ئاز - تولا جازالاش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
قوشۇننىڭ سانى ۋە تېخنىكىلىق قوراللىنىش ئەھۋالى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خىۋا تەرەپتە غەلىبە قىلىشتىن زەررىچە ئۈمىد يوق ئىدى. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىكىگە ئوخشاشلا، خىۋانىڭ ئەڭ چوڭ كىرزىسى ئۆزىنىڭ ئەپلىك جۇغراپىيىلىك ۋەزىيىتى ئىدى. ھەربىي يۈرۈشنىڭ غەلىبە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنداقلا ئوفىتسېرلارنىڭ تېخىمۇ زور شەرەپ قۇچۇشى ئۈچۈن، رۇسلار بىر نەچچە يۆنىلىش بويىچە ئىلگىرىلەش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. ئاساسىي تارماق قوشۇنلاردىن بىرى تاشكەنتتىن، يەنە بىرى ئورېنبۇرگدىن، يەنە بىرى كراسنوۋودىسكى شەھىرىدىن، ئاخىرقىسى ماڭغىشلاق يېرىم ئارىلىدىكى ئالىكساندروۋسكى قورغىنىدىن يولغا چىقتى. پۈتكۈل قوشۇندا 13 مىڭ ئەسكەر ۋە 62 زەمبىرەك بار ئىدى. كائۇفمان باش قوماندانلىققا تەيىنلىنىپ، تاشكەنتتىن يولغا چىققان قوشۇن بىلەن بىللە ئاتلاندى. خۇددى كېيىن ئىسپاتلانغاندەك، بۇ يۈرۈشكە ئەسلىدە كىچىك بىر تارماق قوشۇن بولسىلا كۇپايە قىلاتتى. قوشۇندىكىلەر بەكلا چارچاپ كەتكەن بولغاچقا، تاشكەنت قوشۇنى ئامۇ دەرياسى ۋادىسىغا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى (5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى) چۆلدىكى بالايى - ئاپەتتىن ئاران قۇتۇلدى. ئەمما كراسنوۋودسكىدىن يولغا چىققان قوشۇن تومۇز ئىسسىق ۋە سۇسىزلىقنىڭ دەردىدە كەلگەن جايىغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ قوشۇندىن 60 ئادەم پىژغىرىم ئىسسىقتا ئۆلدى. زەمبىرەك قاتارلىق ئېغىر قوراللارمۇ تاشلىۋېتىلدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئورېنبۇرگ ۋە ماڭغىشلاقتىن يولغا چىققان ئىككى تارماق قوشۇن نىشانغا ناھايىتى ئوڭۇشلۇق يېتىپ باردى. ئۇلارنىڭ توپ ئوقلىرى قارشى تەرەپنى ناھايىتى تېزلا ۋەسۋەسىگە سېلىپ قويدى. كائۇفمان بىللە ماڭغان تارماق قوشۇن يېتىپ كەلگەندە (5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى) بۇ ئىككى تارماق قوشۇن ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىپ بولغانىدى. ئۇلار ئازغىنە بەدەل بىلەنلا خىۋانى ئىشغال قىلدى. خىۋا خانى قورققىنىدىن بەدەر تىكىۋەتتى. ئەمما، كائۇفمان ئۇنى ناھايىتى تېزلا تاپتۇرۇپ كېلىپ، رۇسلارنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا خىۋاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا قويدى. خىۋا ئاھالىسىمۇ ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىندى. روسىيە قوشۇنى قاتتىق ئىنتىزام ساقلىدى. كائۇفماننىڭ بۇيرۇقى بىلەن خىۋا خانى ئۆز تەۋەلىكىدە قۇللۇق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئىمزالانغان بىر قېتىملىق شەرتنامىگە ئاساسەن، خىۋا تەرەپ ئامۇ دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى جايلارنى كېسىپ بېرىش، تۆلەم بېرىش، چەتئەللەر بىلەن ئۆز ئالدىغا دىپلوماتىك ئالاقىدە بولۇشنى تۇختىتىش، روسىيىلىكلەرگە ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى ۋە باجسىز سودا قىلىش ئىمتىيازى بېرىش قاتارلىق شەرتلەرنى قوبۇل قىلدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى دەرھاللا بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈردى، ئەمما روسىيە ئافغانىستاننىڭ ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىنلا، ئىنگلىزلار رۇسلارنىڭ ئىشغالىيىتىنى ئېتىراپ قىلدى.
شۇنداق قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ ئاساسلىق دۆلەت روسىيىنىڭ بېقىندىسى بولۇپ قالدى، بۇلاردىن قوقاندا روسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئانچە مۇستەھكەم ئەمەس ئىدى. قوقان ھۆكۈمرانى خۇدايارخاننىڭ زالىملىقى، ئالۋان - ياساقنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى ۋە رۇسلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى رۇسىيىنى ئەنسىزلىككە سېلىپ قويدى. 1875 - يىلى 7 - ئايدا خۇدايارخانغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. خۇدايارخان ئىلاجىسىز روسىيە ئارمىيىسىنىڭ قولتۇقىغا كىرىۋېلىپ پاناھلىق تىلىدى. قوزغىلاڭچىلار خۇدايارخاننىڭ ئوغلى نەسىردىننى يېڭى خانلىققا سايلىدى. 8 - ئايغا كەلگەندە قوزغىلاڭ روسىيە ئىشغالىيىتىدىكى قوقان تەۋەلىكىگە يامرىدى. غازات شۇئارىنى توۋلىغان قوزغىلاڭچىلار خوجەندكە كىرىپ، بۇ جايدىكى روسىيە قورغىنىنى قورشىۋالدى. كائوفمان تېزدىن خۇجەندكە ياردەمگە كەلدى، ئارقىدىنلا ئۇ قوقان تەۋەسىگە بېسىپ كىردى. 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كائوفمان 30 مىڭدىن 50 مىڭغىچە ئادەمدىن تەشكىللەنگەن قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئاساسىي قوشونىغا ھۇجۇم قوزغاپ مەخرەم قورغىنىنى ئىگىلىدى ھەمدە بۇ قوزغىلاڭچىلارنى تارمار قىلدى. يەرلىكلەر قورغاندا 90 نەچچە جەسەتنى قالدۇرۇپ قېچىپ كەتتى. سكوبېلېف باشچىلىقىدىكى كازاك قوشۇنى سىر دەرياسىنى بويلاپ بۇ قاچقۇنلارنى نەچچە كىلومېتىريەرگىچە قوغلاپ باردى ۋە مىڭدىن كۆپ ئادەمنى قىرىۋەتتى. رۇسلاردىن پەقەت ئالتە ئادەم ئۆلدى. كېيىنچە كائۇفمان قوقان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى ناھايىتى ئوڭايلا قايتىدىن ئىگىلىدى. 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كائۇفمان مەرغىلاندا نەسىردىن خان بىلەن سۈلھى شەرتنامىسى ئىمزالىدى. نەسىردىن روسىيىگە ئۈچ مىليون رۇبلى تۆلەم بېرىش، قوقاننىڭ سىر دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى پۈتۈن زېمىنىنى كېسىپ بېرىش، دىپلوماتىك ئالاقە ئىشلىرىنى توختىتىش، گوبېرناتورنىڭ ئىجازىتىسىز ھەربىي ھەرىكەت قوللانماسلىق قاتارلىق شەرتلەرنى قوبۇل قىلدى. ئەمما قوقان خانلىقىنىڭ پۈتكۈل شەرقىي قىسمى تېخى بويسۇندۇرۇلمىغان ئىدى. ئەنە شۇنداق كۈنلەردە ئەنجاندا قوزغىلاڭ پارتلىدى. گېنېرال مايور تروتسكى قوشۇن باشلاپ ئەنجانغا ھۇجۇم قىلغاندا قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ، 50 چە ئادىمى ئۆلدى. بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان گېنېرال مايور بولۇپ بولغان سكوبېلېف قوماندانلىققا تەيىنلىنىپ، بىر قاتار كەسكىن جەڭلەردىن كېيىن 1876 - يىلى 1 - ئايغا كەلگەندە، قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلدى. روسىيە ھۆكۈمىتى يەرلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالىمىدى. 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى قوقاننى ئوبلاست قىلىپ تەشكىللىدى ۋە بۇنى قەدىمىي پەرغانىنىڭ نامى بىلەن ئاتىدى.
رۇسلار ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە تاشقى كاسپى رايونىدا ئەنە شۇ يوسۇندا پۇت دەسسەپ تۇرغىدەك جايغا ئىگە بولدى. 1869 - يىلنىڭ ئاخىرى پولكوۋنىك ستولېتوف كاۋكازدىن كەلگەن قوشۇننى باشلاپ كراسنوۋودسكىدا بىر قورغان سالدى. كراسنوۋودسكىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى جايلار كاۋكاز گېنېرال گوبېرناتورىغا قاراشلىق داغىستاننىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە روسىيىگە قوشۇۋېلىندى. 1873 - يىلى كراسنوۋودسكى خىۋاغا قارىتىلغان ئۇرۇشنىڭ بازىلىرىدىن بولۇپ قالغاندا، تېخىمۇ كۆپ يەرلەر روسىيىگە قوشۇۋېلىندى. بۇ قاقاس جايلار روسىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا دېڭىز بويلىرىدىكى جايلارچىلىك ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى. چۈنكى، دېڭىز بويى نۇقتىلىرىنى ئىگىلىگەندە، روسىيىنىڭ ئىران ۋە بۈيۈك بىرىتانىيە بىلەن بولغان باردى - كەلدىسىگە بەكلا پايدىلىق بولاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي يۈز بەرگەن تۈركمەنلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇملىرى روسىيىگە تەدبىر قوللىنىپ ئىچكى قۇرۇقلۇق قاراۋۇلخانىلىرى تەسىس قىلىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تونۇتتى. 9781 - يىلى كاۋكاز 1 - قوشۇنىنىڭ قوماندانى گېنېرال لازارېف قۇدرەتلىك بىر تارماق قوشۇننى باشلاپ تۈركمەنلەرنىڭ باش - باشتاق قەبىلىسىدىن ئاخال تېكە قەبىلىسىگە ھۇجۇمغا ئۆتتى. لازارېف يۈرۈش جەريانىدا ئۆلگەندىن كېيىن، مۇئاۋىنى لوماكىن بۇ جايغا قىستاپ كەلدى. 1879 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى لوماكىن بوستانلىق ئاھالىسىنىڭ ھەممىسىنىڭلا دېگۈدەك كۆك تۆپە تېغىدىكى قورغان تېمىنىڭ نېرىسىغا مۆكۈۋالغانلىقىنى بايقىدى. ئەسلىدە زەمبىرەك ۋە ئوت قوراللار بىلەن بۇ قورغاننى ئالغىلى بولاتتى. ئەمما غەلىبە ۋە پايدىغا ئالدىراپ كەتكەن لوماكىن بالدۇرلا توپقا تۇتۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇق قىلدى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى قورغاننى ئىشغال قىلىشقا ماڭدۇردى. شۇنىڭ بىلەن تۈركمەنلەرگە بىر قېتىملىق پۇرسەت تۇغۇلدى. رۇسلار شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتكەندە قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كېلىپ تارمار كەلتۈرۈلدى. مۇشۇ قېتىمقى جەڭدە روسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلدى. بۇ جەڭگە قاتناشقان روسىيە قوشۇنى 3204 كىشى بولۇپ، بۇلاردىن 200 گە يېقىن ئادەم ئۆلدى، 250 تىن كۆپ ئادەم يارىلاندى.
روسىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەتنىڭ رۇسلارنىڭ ئابرويىنى چۈشۈرىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، تېخى يېڭىلا روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىدىن شەرەپ قۇچۇپ كەلگەن گېنېرال سكوبېلېفنى تېزدىن ھەربىي يۈرۈش قوماندانلىقىغا تەيىنلىدى. 1880 - يىلى 11 - ئاينىڭ باشلىرى سكوبېلېف كراسنوۋودسكى ۋە دېڭىز بويىدىكى باشقا پونكىتلاردىن 11 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەشكىللىدى. بۇ قوشۇن كراسنوۋودىسكىدىن باشلاپ تۆمۈريول ياساۋاتقان بولسىمۇ يول پۈتمىگەچكە قوشۇن 20 مىڭ تۆگە بىلەن يۆتكەلدى، 1880 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، سكوبېلېف قوشۇنى ئاخالتېكە بوستانلىقىغا يېتىپ كەلدى ھەمدە بۇ يەردىكى قورغاننى قورشاۋغا ئالدى. بۇ قوشۇننىڭ كەينىدە 7100 كىشىلىك ئارقا تەمىنات سېپى بار ئىدى. مۇداپىئەچىلەر ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. بىراق سىكوبېلېف توپقا تۇتۇشنى توختاتمىدى ھەمدە ئەسكەرلەرگە بۇيرۇپ، قورغان تېمى ئاستىغا مىنا كۆمدۈردى. 1881 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى رۇسلار مىنانى پارتلىتىپ قورغاننى ئىگىلىدى. پات پاراقچىلىققا چۈشكەن مۇداپىئەچىلەر يەنە بىر تەرەپتىكى دەرۋازىدىن سەلدەك ئېقىپ چىققىنىچە ھەر تامان قاچتى. غەلىبە قىلغان رۇسلار توختىماستىن قوغلاپ ئەر - ئايال، قېرى - ياش دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي، قاچقانلىكى كىشىنى چېپىۋەردى. ئاخىرى نەچچە مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلدى. قورغاننىڭ ئۆزىدىلا 6500 جەسەت بايقالدى. رۇسلار قېچىپ كېتەلمىگەن پۈتۈن يىگىتلەر ۋە ئەرلەرنى قىرىپ تاشلىدى. ئاياللار ۋە بالىلاردىن 5000 دەك كىشى ئامان قالدۇرۇلۇپ، ئىرانلىق 006 قۇلنى ئازاد قىلىۋەتتى.
كۆك تۆپە جاللاتلىرى تۈركمەنلەرنىڭ قارشىلىقىنى بىت - چىت قىلىپ تاشلىدى . تېكە قەبىلىسى رۇسلارنىڭ كۈچ - قۇدرىتىگە قايىل بولۇپ، توققۇز تەزىم بىلەن چار پادىشاھنىڭ سادىق پۇقرالىرىدىن بولۇپ قالدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كۇروپاتكىن ئاشخاباد، كاخا ۋە باشقا تايانچ نۇقتىلارنى ئىگىلىدى. 1881 - يىلى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تاشقى كاسپى رايونى كاۋكاز گېنېرال گوبېرناتورىنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ئوبلاست دەپ جاكارلاندى. سكوبېلېف بۇ يېڭى ئوبلاستنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەيىنلەندى. ئەمما رۇسلار سكوبېلېفنى ناھايىتى تېزلا يۆتكەپ كەتتى ۋە ئورنىغا كوماروفنى دەسسەتتى. روشەنكى، ئۇلار ئەنگلىيىنىڭ چىشىنى قېرىشتۇرۇپ قويۇشىنى خالىمىغانىدى.
1884 - يىلى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كوماروف مۇھىم بولغان تېجەن بوستانلىقىنىڭ مەركىزى شەھىرى مەرۋىنى ئىگىلىدى، ئارقىدىنلا سارافاس قورغىنىنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. 1885 - يىلنىڭ بېشىدا كوماروفنىڭ ئەسكەرلىرى ھىراتقا بارىدىغان يول ئۈستىدىكى زۇلپىقار ئۆتكىلىنى ئىشغال قىلدى. 3 - ئايدا ئۇلار ئافغانلار بىلەن تۇتىشىپ كاشكانى تارتىۋالدى. رۇسلارنىڭ ھىندىستانغا قاراتقان روشەن تەھدىتى بۈيۈك برىتانىيە بىلەن روسىيىنى خەتەرلىك ئۇرۇش گىردابىغا ئېلىپ كەلدى. ئەمما، كېيىنچە ئىككى ئىمپېرىيىنىڭ دىپلوماتلىرىدىن بىر بىرلەشمە ھەيئەت تەشكىل قىلىنىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدى. 1887 - يىلدىكى روسىيە - ئافغانىستان چېگرا شەرتنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى روسىيىنىڭ ئىشغالىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىق ئىدى.
1891 - يىلى رۇسلار پامىر ئېگىزلىكىنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇپ روسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى كىرزىسكە سەۋەبچى بولدى. بۇ قېتىمقى كىرزىس 1895 - يىلى 3 - ئايدىكى ئەنگلىيە - روسىيە شەرتنامىسى ئارقىلىق تىنچلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىندى. شەرتنامىگە ئاساسەن بىر ھەيئەت پامىر ئېگىزلىكىنى ئۆلچەش ۋە چېگرا لىنىيىسىنى ئايرىشقا ئەۋەتىلدى. روسىيىنىڭ پامىر رايونىنى ئايرىش ھەققىدىكى تەشەببۇسى كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. پامىر ئېگىزلىكىنىڭ قالغان قىسمى بولسا بۇخارا ئەمىرلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
پامىر مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى پۈتكۈل چېگرا رايونىنىڭ ئاساسىي شەكلىنى ئېنىق قىلىپ سېزىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر مەيدان كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىگە خاتىمە بېرىلدى. بۇ قېتىمقى كېڭەيمىچىلىك ئارقىلىق رۇسلار يېرىم ئەسىرگىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە غەربىي ياۋروپاغا باراۋەر كېلىدىغان زېمىنغا ئىگە بولدى. ئۇلارنىڭ چىقىم قىلغان ئادىمى نىسبەتەن قىلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ ئاز بولدى، كۆپ قېتىملىق جەڭلەر ئەمەلىيەتتە پەقەت رۇسلار ئۈچۈن مانىۋېر بولدى. ئەمما رۇسلارنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ئىگە بولغان يوشۇرۇن پايدىسى بولسا غايەت زور دەرىجىدە كۆپ ئىدى.
رۇسلارنىڭ بويسۇندۇرۇش جەڭلىرىنىڭ دولقۇنلىرى ياۋروپانىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە مەدەنىيىتىنى ئاسىيانىڭ يۈرىكىگە ئېلىپ كەلدى. سالامەتلىك ۋە مۇداپىئە قىلىش نۇقتىسىدىن رۇسلارنىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى يەرلىك شەھەرلەرنىڭ ئارىسىغا ئەمەس، ئۇلارغا يېقىن جايلارغا سېلىندى. يەنە كېلىپ بۇ ئولتۇراق نۇقتىلارنىڭ شەكلى ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەنگەنىدى. كائوفماننىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن تاشكەنتتىكى رۇس ئولتۇراق رايونى تەۋەسىدە ئىككى يېنىغا دەرەخ تىكىلگەن تۈز يوللار ۋە ھەشەمەتلىك ئاممىۋى ئىمارەتلەر لايىھىلەندى. كائۇفمان يەنە رەسەتخانا، مۇزېي، كۇتۇبخانا، گېزىت قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ چىقتى. ئۇ يەنە مەزكۇر رايوندىكى تەبىئىي بايلىقلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىشقا مەدەت بەردى. باشقا شەھەرلەرمۇ مۇشۇ شەكىلنى ئۈلگە قىلدى.
رۇسلار تارتىۋالغان جايلىرىنى مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئاھالە كۆچۈرۈش زۆرۈر ئىدى. كۆچمەنلەر مەسىلىسى باشتىن تارتىپلا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. تۈركىستان رايونىدا بوش يەرلەر بولمىغاچقا كائۇفمان ۋە ئۆنىڭدىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتىگەنلەر تۈركىستانغا كەلگەن رۇسلارنى شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشتۇردى. يايلاق رايونىدىكى تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرى كۆچمەنلەرنى ناھايىتى زور ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىن ئېتەتتى. بۇ يەردە كۆچمەنلەر ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. روسىيە ھۆكۈمىتى ئەڭ دەسلەپ كازاكلارغا تاياندى. 1867 - يىلغا كەلگەندە ئۇلار يەتتىسۇ ئوبلاستىنىڭ ئېدىرلىق رايونىغا 12 مىڭغا يېقىن كىشىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئەمما پاكىتلار بۇ خىل ۋاسىتىنىڭ بەكمۇ ئاستا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەڭ دەسلەپ 1861 - يىلدىكى دېھقانلار ئازادلىقىدىن كېيىنكى ئاھالىلەرنىڭ "زىيانلىق يۆتكىلىشى" نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، روسىيە ھۆكۈمىتى دېھقانلارنىڭ بۇ رايونلارغا كۆچۈپ كېلىشىنى مەنئى قىلغانىدى. كېيىنچە دېھقانلارنىڭ يۆتكىلىشىگە سۈكۈت قىلىندى. ئەڭ ئاخىرى جەنۇبىي روسىيىدىكى يەر جىددىيچىلىكى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بېسىم كۈنسېرى ئېغىرلاشقان پەيتتە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى كۆچمەنلەرنى ئاشكارە رىغبەتلەندۈرۈشكە ئۆزگەردى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ90 يىللىرى روسىيە ھۆكۈمىتى سىبىرىيە تۆمۈريولىنى سېلىپ، دېھقانلارنىڭ يېڭى رايونلارغا بېرىشىغا پىلانلىق ھالدا ياردەملەشتى. 1896 - يىلى يەنە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەسىس قىلىندى. بۇ ئىدارە مۇۋاپىق يەرلەرنى تېپىپ ۋە تەييارلاپ، دېھقانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ياردەملەشتى. بۇ خىل رىغبەتلەندۈرۈشلەر ئارقىسىدا كۆچمەن بولۇش كويىدىكى مىڭلىغان تۈمەنلىگەن كىشىلەر ھەر يىلى ئۇرال تاغلىرىدىن ھالقىپ، توپ - توپ بولۇپ ئاقتى. 1908 - يىلىغا كەلگەندە، كۆچۈش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. كۆچمەنلەرنىڭ سانى 665 مىڭغا يەتتى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قازاق يايلىقىغا ماكانلاشتى.