| ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
|
toram
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
|---|
يۇقۇرقى خەرىتە 12 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى يەنى چىڭگىزخان موڭغۇللارنى بىرلىككە كەلتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ئاسىيا خەرىتىسى . خەرىتىدىكى دوگلەك ئورۇن چىڭگىزخاننىڭ موڭغۇللارنى بىرلىككە كەلتۇرۇپ 4 ئەتراپقا كىمەيچىلىكنى باشلىغان ئورۇن . تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئاسىيادا دۆلەتلەر مۇنداق ئورۇنلاشقان . شەرقى جوڭگۇ ئىككىگە بولۇنگەن --- جەنۇپتا خاڭجۇنى مەركەز قىلغان جەنۇبى سوڭ سۇلالىسى ، شىمالدا بىيجىڭنى مەركەز قىلغان توڭغۇس مىللىتىنىڭ جۇرجۇتلىرى ياكى جۇرجىت خانلىقى ( بۇ خانلىق خەنزۇچە تارىخى ماتىرياللاردا جىن سۇلالىسى دەپ ئاتىلىدۇ ) بار بولغان . جوڭگۇنىڭ غەربى ئوتتۇرا قىسمىدا يەنى كەڭسۇ ۋە ئوردۇس ئەتراپىدا تۇبۇت مىللىتى بىلەن قان قىرانداش بولغان تاڭغۇت پادىشالىقى ( بۇ پادىشاھلىق خەنزۇچە تارىخى ماتىرياللاردا شى فۇ دەپ ئاتىلىدۇ ) بار بولغان . تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالى ، تۇرپاندىن كۇچاغىچە بولغان جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇجۇ خانلىقى بار بولغان . تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى ، ئىسسىق كول ۋە چۇ دەرياسى ۋادىسىدا موڭغۇل ئېرقى ۋە خەنزۇ مەدىنىيىتىدىن شەكىللەنگەن قارا قىتان خانلىقى بار بولغان . ماۋرۇئەننەر ۋە پۇتكۇل ئېراندا بولسا خارەزىم خانلىقى بار بولغان . ئۇلارنىڭمۇ غەربىدە باغدات ئابباسىلار خەلىپىلىگى بار . كىچىك ئاسىيادا بولسا سالجۇق تۇرۇكلىرىنىڭ سالجۇق خانلىقى بار ئىدى . 13- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرى چىڭگىزخاننىڭ موڭغۇللارنى بىرلىككە كەلتۇرۇپ ئالدى بىلەن ئېرتىش دەرياسى بويىدىكى نايمان خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىشتىن باشلانغان موڭغۇللارنىڭ كىڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى دۇنيا تارىخىدا زور ئەپەت خاراكتىرلىك يوقۇتۇشلارنى ئېلىپ كەلدى . چىڭگىزخاننىڭ شەرقى ئېراندىكى بۇزغۇنچىلىقى ئاتىللانىڭ ياۋرۇپادىكى ، مىھراكۇلانىڭ ھىندىستاندىكى ۋەھشى قىلمىشلىرىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن . ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ بىرقاتار كىڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرى نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ جىنىغا زامىن بولغان . ئۇنداقتا بۇ قىتىمقى موڭغۇللارنىڭ كىمەيمىچىلىك ئۇرۇشىدا زادى قانچىلىك كىشى جىنىدىن ئايرىلغان ؟ بۇ قىتىمقى كىڭەيمىچىلىك ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى جەنۇبى سوڭ سۇلالىسى ،جۇرجىت خانلىقى ۋە تاڭغۇت پادىشالىقىدىلا 150 مىليۇندىن ئوشۇق نوپۇس بار ئىدى . بۇنىڭ ئىچىدە جۇرجىت خانلىقىدا 60 مىليۇن نوپۇس بولۇپ 1234 - يىلىغا كەلگەندە 10 مىيۇنغا ، جەنۇبى سوڭ سۇلاسىدا 80 مىليۇن ئاھالە بار بولۇپ 1279 - يىلىغا كەلگەندە 18 مىليۇنغا چۇشۇپ قالغان . تاڭغۇت پادىشالىقىدا 10 مىليۇن ئاھالە بار بولۇپ ئۇلار تامامەن قىرىپ تۇگۇتۇلگەن . ئوتتۇرا ئاسىيا ، غەربى ئاسىيا ۋە شەرقى ياۋرۇپا قاتارلىق جايلاردا 90 مىليۇنغا يىقىن كىشى ئولتۇرۇلگەن . يۇقارقى مەلۇماتلار بويىچە ھىساپلىغاندا بۇ قىتىمقى تالاپەتلىك ئۇرۇشلاردا جەمى 200 مىليۇندىن ئوشۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان . |
||
![]() |
|
kapqigay
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
Qutghur
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
mavlan
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
niyazdixan
دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
Ulughbek
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
|---|
Quote:4 - قەۋەتتىكى mavlan 2008-10-23 14:00 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : مەۋلان ئەپەندى، مېنىڭچە ، بۇ سان سەل مۇبالىغە كەتكەن. مەن يەنىلا نىياز دېھقان بىلەن ئوخشاش قاراشتا.مىسالىي، تارىخى يازمىلاردا خاتىرەلىنىشىچە چىڭگىزخان شۇ دەۋرلەردىكى ئەڭ چوڭ شەھەر بولغان ئوترارنى قىرغىن قىلغاندا، قايىرخان ئاران 20000 كىشلىك قۇشۇنى بىلەن (شۇ ۋاقىتلاردا زور قۇشۇن دەپ قارالغان) ئېلىشقان، كەجەبە ھاجىب 10000كىشلىك، خارەزمشاھى ئاران 50000كىشلىك قۇشۇن بىلەن تىركەشكەن. شۇ ۋاقىتلاردىكى دۇنيا نۇفۇس ئەھۋالاتىنى مۇشۇنىڭدىن پەرەز قىلغىلى بۇلىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا 200000000دېگەن سان بەكلا كۆپتۈرۈلمە بۇلۇپ كەتتىمۇ قانداق؟! لېكىن چىڭگىزخان دەرھەقىقەت نۇرغۇن مەدەنىيەت بۈشۈكلىرىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلغان، نۇرغۇن قەۋم، قەبىلەلەرنىڭ نەسلىنى قۇرۇتقان، نامىنى تارىختىن ئۈچۈرگەن. ئەمما ئۇ ھەممە ئاھالەنى قىرىۋەتمىگەن.(مەسىلەن، ئۇ ئىدىقۇت زىمىنىدا قىرغىنچىلىق قىلمىغان.) بولمىسا ئۇ كىمگە سۇلتان بۇلىدۇ؟ئۇنىڭ خىزمىتىنى كىم قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن ئۇلۇسلىرى ئاشۇ ئىككى توك-توك چارۋىچى مۇڭغۇللارغا تايىنىپ كېيىنكى تەرەققىياتلارغا ئىرىشەلەمدۇ؟ |
||
![]() |
|
kapqigay
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
hajim525
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
hector
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
urdek
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
yagma
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
jazire
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
jazire
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|











چىڭگىزخان زادى قانچىلىك ئادەم ئۆلتۇردى ؟







