بۇ بەتتىكى يازما : مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇم ۋە<< مىڭ بىر كېچە >> بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Bozqir
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇم ۋە<< مىڭ بىر كېچە >>

مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇم ۋە<< مىڭ بىر كېچە >>



ئومەرجان ھەسەن بوزقىر


"مىڭ بىر كېچە " ئەرەبلەرنىڭ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە كاتتا كىلاسسىك ئەسىرى .بۇ ئەسەر تىلىنىڭ رەڭدارلىغى ،ۋەقەلىكىنىڭ قىزىقارلىقى بىلەنلا ئەمەس ،تارقىلىش دائىرسىنىڭ كەڭلىكى بىلەنمۇ مەشھۇر.
"مىڭ بىر كېچە " دۇنياغا كەلگندىن كىيىن ،نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ ،دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر قىزىقىپ ئۇقۇيدىغان ئەسەر بۇلۇپ قالدى .جۇملىدىن بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلارغا 18- ئەسىردىلا تەرجىمە قىلىنىپ تۇنۇشتۇرۇلغان .بۇ ئەسەرنى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان كىشى ئاقسۇ دىيارىدىن چىققان يىتۈك ئەدەبى تەرجىمان مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇمدۇر.
ئەپسۇسلىنارلىغى ،بىزدەمۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇمنىڭ ئاقسۇنىڭ قايسى يېرىدە ،قاچان تۇغۇلۇپ ،قاچان ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق .بىراق ئۇنىڭ "مىڭ بىر كېچە "دىن ئىبارەت زور ھەجىمدىكى كاتتا ئەسەرنى ئەرەپ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا مۇۋاپىقىيەتلىك تەرجمە قىلىپ چىققانلىقى ھەققىدە رازاق مەتنىياز ئەپەندى تۇزگەن .شىنجاڭ ئۈنۋىرىستىتى نەشىرياتى نەشىر قىلغان "غەربى يۇرىت تەرجىمە تارىخى " ناملىق كىتاپتا خېلى ئېنىق ئۇچۇر بېرىلگەن .
ئەنە شۇنداق دۇنياغا مەشھۇر چوڭ ھەجمدىكى يىرىك ئەسەرنى ئەرەپ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشنىڭ ئۇزىمۇ ناھايىتى مۇشكۇل ئىش .ئەسەر تەرجىماندىن ئەرەپ تىلىغا پىششىق بۇلۇشنى ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئەرەپ -ئىسلام تارىخى ،مەدەنېيتى ۋە ئۆروپ-ئادەتلىرىنى پىششىق بىلگەندىن باشقا ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پروزا ۋە پوئىزىيە شەكلىدە ىېلى پىشقان قەلەم ساھىبى بۇلۇشنى تەلەپ قىلاتتى.
مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇم يۇقۇرقىدەك ئىقتىدارنى ئوزىدە تۇلۇق ھازىرلىغالىغى ئۈچۈن ،ئۇ تەرجىمە قىلغان "مىڭ بىر كېچە "كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياىشى تەسىر قوزغاپ ،ئۇلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان .
شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئوتۇش زۈرۈركى ،مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇم تەرقىمە قىلغان "مىڭ بىر كېچە "نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى "مىڭ بىر كېچە"نىڭ جۇڭگۇدىكى ئەڭ بۇرۇنقى تەرجىمە نۇسخىسى ھىسابلىنىدۇ .
"مىڭ بىر كېچە "نىڭ مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇم تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى ئۆز نوۋىتىدە يەنە مەرھۇم ئەرشىدىن تاتلىقنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن ئوتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان .
كۆرۇنۆپ تۇرۇپتۇكى ، مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇم ئۆز زامانىسىدىكى ماھىر تەرجىمان ،خېلى پىشقان قەلەم ساھىبى .ئۇ ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكى تارىخىدا مۇھىم ئۇرۇن تۇتۇشقا تىگىشلىك نامايەندە .

(ئەسكەرتىش :شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى 2007-يىل 1 سان 29 بەتتىن ئېلىندى )





Posted: 2007-11-20 00:30 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.066294(s) query 3, Time now is:12-04 17:08, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation