ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 500|ئىنكاس: 11
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەن كۆرگەن غېنى باتۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

57

تېما

346

يازما

2158

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 239
يازما سانى:
346
تىللا:
1554
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
104 سائەت
ئاخىرقى:
2015-7-12

كۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر ئاتىسى


1944- يىلى 11 –ئاينىڭ 4 – كۈنى ئەتىگەندە « تاڭ – تۇڭ » قىلغان ئوق ئاۋازى غۇلجا خەلقىنى جىددىيلەشتۈرىۋەتتى . بۇ غېنى باتۇرنىڭ بىر نەچچە ئادىمى بىلەن توپىدەڭ تۈرمىسىدىكى پاتىخنىڭ خوتۇن بالىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا گومىنداڭچىلار بىلەن ئاشكارە توقۇنۇشقان كۈنى ئىدى .
ئەتىگەنلىك چېيىمنى ئىچىپلا توپىدەڭگە باردىم . بۇ مەھەللىدە ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەر ئاز ئىدى . مەن بۇ يەردە ياتقان بىر قىرغىز ئايال بىلەن بىر ئاتنىڭ جەسىدىنى كۆرۈپلا مەھەللىگە قېچىپ كىرىۋالدىم . ھەر ئىككىسى قورسىقى باداڭدەك كۆپكەن ھالەتتە ئۆلۈپ ياتاتتى .
مەھەللىمىزدە ئىمىنكام دەپ بىر كىشى بولىدىغان ، شۇ كىشى مېنى كۆرۈپ :
- مەيەرگە كېلىڭە ئاسىبپاي ، - دەپ چاقىردى .
- نەگە بېرىپ كەلدىڭىز ؟
- توپىدەڭگە .
- نىمىنى كۆردىڭىز ؟
بىر قىرغىز ئايال قورسىقى كۆپۈپ باداڭدەك بولۇپ يېتىپتۇ ، يەنە بىر ئات .....
كاچىتىمغا تەككەن بىر تەستەك بىلەن گېپىمنىمۇ يۇتېۋېتىپ مەڭدەپ قالدىم .
- ئۆلگىڭىز كەلدىمۇ ؟ مۇندىن كېيىن چوڭلاردىن بىسوراق ئۇياقلارغا بارغۇچى بولماڭ !

شۇ يىللاردا ئىلى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى ( ھازىرقى ئىلى ئوبلاستلىق پوچتىخانىنىڭ ئۇدۇلىدا ) نىڭ ئىچىدە چوڭ بىر تۈرمە بار ئىدى . بىر كۈنى شۇ ياققا كېتىۋاتسام جالالىدىن يەھياروپ ئاكا ( 1944- يىلنىڭ بېشىدا تېرە ئىسكىلاتىدىن ئاجرىۋالدىم ، جالالىدىن ئاكىمۇ خىزمىتىدىن ئاجرىغان ئىدى ) ئۇچراپ قالدى . ئۇ :
- جۈرە ...... ئەمدى بىز بىلەن بەيتۇلمال ( ئىگىسىز مال – مۈلۈكلەرنى يىغېۋېلىش ئورنىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى ) دا ئىشلەيسەن ، - دېگىنىچە مېنى ئەگەشتۈرۈپ ھېلىقى سودا ئىدارىسى ئىچىدىكى گومىنداڭچىلار چوڭ تۈرمەن قىلغان ھويلىغا باشلاپ كىردى . كېيىنچە راستىنلا بەيتۇلمالدا ئىشلەپ قالدىم . بەيتۇلمالغا كىرگەندە ئاۋال كۆزۈم ھويلىغا پەۋەس دۆۋىلىەۋەتكەن مالغا چۈشتى . بۇ قاچقان ، مۆككەن ، ئىگىسىز قالغان گومىنداڭچىلارنىڭ دەپنە – دۇنيالىرى ئىدى . باشقىلارنىڭ بۇلاپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن بەزى دۇكانلار پېچەتلەنگەن ئىدى . بولۇپمۇ شەرقىي شىمالدىن كەلگەن ئەجنەبىلەشكەن باي سودىگەرلەرنىڭ تاشلاپ قاچقان دۇكانلىرىدىكى كىيىملەرنى شۇ چاغدا ئىنقىلاپچىلارنىڭ ئالاھىدە رەھبەرلىرىمۇ كىيەلمىەيتتى . مەن ئەنە شۇ يەردە ئىسكىلاتچىلىق قىلىپ كېچە – كۈندۈز ئىشلەيتتىم . مانا بۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى دەسلەپكى ئەمگەك مىۋىلىرىنى قولغان كەلتۈرىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى .
مەن مۇشۇ ئىسكىلاتتا غېنى باتۇرنى كۆردۈم . شۇ چاغدا بىز گومىنداڭ بىلەن چېتىشلىقى بار بىر يارىدارنى ئىسكىلاتقا يوشۇرۇپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈن غېنى باتۇردىن ناھايىتى سەت ھاقارەت ئاڭلىدۇق . كېيىن بەيتۇلمال سودا ئىدارىسىنىڭ تارمىقىغا ئۆتكۈزىۋېلىندى . شۇندىن باشلاپ بىر مەزگىل تاشلەپكە بازىرىدىكى مۇسابايوۋلارنىڭ سودا ئىدارىسىدا كاسسىر بولدۇم . ئايدۇرۇمدىكى « ھەربىي مەتلۇبات » ( ھەربىي رايونلارنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات پونكىتى ) پۈتكۈل ھەربىي تەمىنات يەنى يېمەك – ئىچمەك ، كىيىم – كېچەكلەر بىلەن تەمىنلەش ، باشقۇرۇشنى دائىرە قىلغان ئىسكىلاتچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدى . مەزكۈر ھەربىي مەتلۇبات قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ چوڭ ئىسكىلاتتا خىزمەت قىلدىم . ئورنۇم ئارقا سەپتە بولغاچ ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمتىنىڭ رەھبەرلىرىنى پات – پات كۆرۈش نېسىپ بولمىسىمۇ يەنىلا شۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە ياشايتتىم . بولۇپمۇ غېنى باتۇر مەندە ئالاھىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان ئىدى .

بۇ غېنى باتۇر خىزمەت كۆرسىتىپ ھەربىي سوتنىڭ باشلىقى بولغان چاغلار ئىدى . ئۇ چاغدا غېنى باتۇرنىڭ بىلىنوپ دېگەن بىر رۇس مۇئاۋىنى بار ئىدى . غېنى باتۇر رۇسلارنى « تۈگمەنچى » دەپ چاقىراتتى . بىر كۈنى غېنى ئىشخانىسىغا كىرىپ قارىسا تۆت تام قۇرۇق ، بىر ئۈستەل – ئورۇندۇق ۋە بىر چەينەك ھەم پىيالىلەردىن باشقا كۆزگە چېلىققۇدەك ھېچنىمە يوق تۇرغىدەك .
- ھەي ، تۈگمەنچى نىمە قىلىۋاتىسەن ؟
- نىمە بولدى .... ئولتۇردى ، - دەپتۇ بىلىنوپ
- ئىشخانىدا ئوغرى ئالغىدەك ھېچنىمە يوق تۇرسا تۆت تامنى بېقىپ ئولتۇرىۋېرەمسەن ؟ - دەپتۇ غېنى باتۇر تېخىمۇ كەيپى ئۇچۇپ .
بىرگە يوق ...... دەپتۇ بىلىنوپ ئۇيغۇرچىغا يامىداپ
غېنى باتۇر يوغان چاپىنىنى كىيگەچ كونا خۇيى بويىچە ئاغزىنى بۇزۇپ « ۋاي ، ******* ..... تۈگمەنچى ، نەرسە ئۆزى مېڭىپ كېلەتتىمۇ ؟ يوقنى بار قىلمامدۇق ...» دېگىنىچە بىر نەچچە چاپارمەننى ئەگەشتۈرۈپ ، سەرخىل ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ ھەر تەرەپكە يول ئاپتۇ دە ، قەدىمى يەتكەنلىكى كومىتېت – ئىدارىلەرنىڭ كۆزگە چىرايلىق تاشلىنىدىغان نەرسىلىرىنى سورىماي ئالىۋېرىپتۇ ...... ، ھايالسىز بىز ئۇنىڭ بىز تۇرۇۋاتقان « ھەربىي مەتلۇبات » قا قاراپ يول ئالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق .
« مەتلۇبات » ئىمىزنىڭ باشلىقى سابىق سوۋېت ئىتتىقاقىدا ئوقۇپ مالىيەنى ئوقۇپ كەلگەن ئەسھەدۇللا ئىسىملىك ئۆزبېك ئادەم ئىدى . غېنىلار ئىسكىلاتىمىزغا كەلگىچە ئەسھەدۇللا ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ بولدى .
- ھەي ، ئەسھەدۇللا ..... پاھ ، سەن مۇشۇنداق كاتتا ئىشخانىلاردا ئولتۇرىدىكەنسەن – ھە ! بىز جەڭ قىلىپ ، قۇربان بېرىپ ھەجەپ سەن كۆرگەن راھەتنى كۆرمىدۇققۇ ؟ - دەپ ھەيۋە قىلىپ ئۇنى بېرىسەن ، بۇنى بېرىسەن  ، دەپ خالىغىنىنى سوراپ تۇرىۋالدى . ئەسھەدۇللا :
- باتۇرۇم مەن خوش بولاي ، قېنىڭىزنى قىزىتماڭ .... قېنىڭىزنى قىزىتماڭ ، - دەپ يالۋۇرغىلى تۇردى .
غېنى باتۇر يەنىلا گەپ يورغىلىتىپ :
- بىز دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ ، سەن خەققە مۇشۇ يەرلەرنى ئازاد قىلىپ بەردۇق . سەن خەق نىمە ئىش قىلىشتىڭ ؟ سەنلەر ھەممە نەرسىدىن خالىغانچە پايدىلىسەنۇ ، ئەجىبا بىز !...... دېگىنىچە ماڭە ھۆركىرىدى ، - ماڭە ، ئىسكىلاتىڭنى ئېچىپ دېگىنىمدىن ئېلىپ بەر !....

ئەمەلىليەتتىمۇ غېنى باتۇر ئۈچ ۋىلايەت ئىنىلابىينىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ئاجايىپ زور ئىدى . خەلق ئىچىدىمۇ « غېنى باتۇر ئۇرۇشقا كىرسە ئوق ئۆتمەيدىكەن ، كەچقۇرۇن چاپىنىنى سالسا ئوقلار توكۇرلاپ چۈشىدىكەن !» دېگەندەك ئەپسانىۋىي ھېكايىلەر كۆپ ئىدى . بىز شۇ قېتىمقى جىدەلدە غېىنى باتۇرغا نائىلاج قىسمەن مەنقۇلاتلاردىن بېرىپ قۇتۇلغان بولدۇق .
ئىلگىرى تېرە زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان چېغىمدا بىزنى تەشكىللىك ئېلىپ بارىدىغان گومىنداڭنىڭ يىغىنلىرىدا ۋىجىك ، ئورۇق كەلگەن ئابدۇكېرىم ئابباسوپنىڭ تەرجىمانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى يىراقتىن كۆرگەن بولسام ، مانا ئەمدى ئىسكىلاتچىلىقنىڭ راپاۋىتىدە ئۇنىڭ بىلەن قېرىنداش ئاكا – ئۇكىلاردەك يېقىن بولۇپ كەتتىم . ئۇ پوزۇر ياسىنىپ مەدەنىي يۈرۈشكە بۆلەكچە ئامراق بولغاچ ھەر قېتىم بىز تەرەپكە كەلسە ماڭا :
-ۋاي ، جېنىم ئۇكام ، سادىغاڭ كېتەي ئۇكام ..... دېگەندەك تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ ئىسكىلاتتىكى سەرخىل خۇرۇم كىيىم – كېچەكلەرنى سوراپ ئېلىپ كېتەتتى .

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

دېۋان
ۋاقتى: 2015-7-11 05:46:27 | ئايرىم كۆرۈش
مۇنداق ياخشى تىمىلارنى نىمىشقا ئىنكاسسىز قويغان بولغىيتۇق ؟

51

تېما

135

يازما

1618

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 54
يازما سانى:
135
تىللا:
1304
تۆھپە:
43
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
43 سائەت
ئاخىرقى:
2015-10-28

نادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-7-11 10:45:23 | ئايرىم كۆرۈش
غىنىكام چىقىپ كەلدى ئالا ئاتنى تاقىلاپ،
دۈشمەنلەر كۆرۈپ قاچتى كېرەمباغنى ياقىلاپ.

غىنىكاممۇ ساي كەچتى ،سايلىرى مېنى يەشتى،
دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ ئات كۆكسىدە قان كەچتى.

غىنىكام چىقىپ كەلدى مىليون ئەسكەرلەرگە باش،
دۈشمەن كەلسە باغرى تاش ،بەستى گويا قورام تاش.

غىنىكامنى كۆردۈڭمۇ قاپلان بولىۋاپتۇمىش،
دۈشمەنلەرنى كۆردۈڭمۇ چاشقان بولۇپ قاپتۇمىش....

-خەلق ناخشىسى  

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-7-11 16:10:30 | ئايرىم كۆرۈش
بوغۇرسىقىمنى سېلىپ بولۇپلا كىرىپ ئوقۇي ۋە ئىنكاسىمنى شۇ چاغدا تەھرىرلەي...
ئىنكاس يازماي تۇراي دېسەم، چوقۇم ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالىمەن

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-7-11 16:20:13 | ئايرىم كۆرۈش
كەچۈر يوللىغان ۋاقتى  2015-7-11 16:10
بوغۇرسىقىمنى سېلىپ بولۇپلا كىرىپ ئوقۇي ۋە ئىنكاسىمنى  ...

كەچۈر،كەچۈر،مەن بەلەن گەپنى ئاڭلاپ قالدىم،بوغۇرساقنى قانداق سالىدۇ؟ماتېريالى بىلەن يېزىپ ئەچەتىۋەتسىڭىز ھېيتقا تەييارلىق قىلسام بولاتتى،سىزدىن بەك خۇش بوپ كېتەيچۇ مەن،ماقۇلمۇ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +1 يىغىش سەۋەبى
كەچۈر + 1 كەچكىچە ئايرىم تېما ق.

باھا خاتىرىسى

بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-7-11 16:21:30 | ئايرىم كۆرۈش
غېنىكامنى كۆردۈڭمۇ قاپلان بولىۋاپتۇمىش...شۇ ياراملىق زاتلار بىزنىڭ بۈگۈنىمىز ئۈچۈن قان تۆككەن ھە؟
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

30

تېما

684

يازما

3468

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46
يازما سانى:
684
تىللا:
2754
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
103 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزائىسىل ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-7-11 19:04:12 | ئايرىم كۆرۈش
قاراخان يوللىغان ۋاقتى  2015-7-11 10:45
غىنىكام چىقىپ كەلدى ئالا ئاتنى تاقىلاپ،
دۈشمەنلەر كۆر ...

ھەقىقەتەن ياخشى قوشاقكەن بۇ ، غىنى ئوغرى  دىگەن كىشى مۇشۇ غىنى باتۇر شۇ ئوخشىمامدۇ ؟
تولا كىتاپ ئوقۇمىغاندىن كىيىن تازا بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن . ئەمما تولۇقسىزدىمۇ ئىشقىلىپ مۇشۇ ئادەم چىقدىغان دەرىستىن بىرنى ئوقۇغاندەك قىلغان .

51

تېما

135

يازما

1618

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 54
يازما سانى:
135
تىللا:
1304
تۆھپە:
43
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
43 سائەت
ئاخىرقى:
2015-10-28

نادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسى

8#
ۋاقتى: 2015-7-13 12:38:24 | ئايرىم كۆرۈش
شاھىم يوللىغان ۋاقتى  2015-7-11 19:04
ھەقىقەتەن ياخشى قوشاقكەن بۇ ، غىنى ئوغرى  دىگەن كىشى م ...

غېنى ئوغرى دىگەن شۇ ،بايدىن ئوغۇرلاپ گاداينى خوش قىلىدىغان رەھمەتلىك  باتۇر.

51

تېما

135

يازما

1618

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 54
يازما سانى:
135
تىللا:
1304
تۆھپە:
43
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
43 سائەت
ئاخىرقى:
2015-10-28

نادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسى

9#
ۋاقتى: 2015-7-13 12:39:12 | ئايرىم كۆرۈش
كەچۈر يوللىغان ۋاقتى  2015-7-11 16:10
بوغۇرسىقىمنى سېلىپ بولۇپلا كىرىپ ئوقۇي ۋە ئىنكاسىمنى  ...

بوغۇرساق مۇھىم،ماي ئۆت كەتمىسۇن،ئاۋال تائام ئاندىن كالام بولسۇن...

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-7-13 12:42:11 | ئايرىم كۆرۈش
دەسلەپتە ئىنقىلاپ ئوتىنى مۇشۇنداق ‹‹ئوغرى››لار ياندۇرۇپتىكەن .........
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:05 , Processed in 0.160488 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش