ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1282|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

114 سۈرە نامىنىڭ نەزمى شەرھى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

51

تېما

135

يازما

1618

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 54
يازما سانى:
135
تىللا:
1304
تۆھپە:
43
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
43 سائەت
ئاخىرقى:
2015-10-28

نادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسى

سۈرە نامىنىڭ  نەزمى شەرھى
(قاراخان)
بِسۡمِ ٱللەِ ٱلرَّحۡمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
(ناھىيىتى ،شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
مۇقەددىمە
ھەقىقەت نۇرى بىل، قۇرئان مۇقەددەس،
ئىنجىل ھەم تەۋراتمۇ ئاڭا ھەيران-ھەس.
رەسۇلغا ۋەھىدۇر ،مۆمىنگە دەستۇر،
تەقۋادار ئۇنىڭسىز ئالالماس نەپەس.

ئەللىك خىل تىلغا ئۇ بولدى تەرجىمە،
ئاز ئاڭا ئاتمىش خىل سۈپەت –تەرىپە.
كۆيدۈرۈپ ئۇنى نەس ‹‹باستېر››ئەسەبى،
ئۆزىگە سالدى خوپ زۇلۇم تەھلىكە.

ئۇ ئوتتۇز پارىلىق ھېكمەتلىك كىتاپ،
ئۇندا بار يۈز ئون تۆت سۈرە خاس خىتاپ.
يىگىرمە ئۈچ يىلدا چۈشكەن نۇر كەبئى،
ئۇندا بار كۇپرىغا، قىلمىشقا ھېساپ.

تۆت نەرسە بەك مۇھىم ئىنسان زاتىغا،
پەدەردەك بىلگۈلۈك ئېلىپ  يادىغا.
ئۇ ئىسلام،قۇرئان ۋە مۇھەممەت،كەئىبە،
نەقىش قىل ئۇنى دىل قاتى-قاتىغا.

مەن سۆزلەي دېڭىزدىن زەررىچە،تامچە،
ھۆپۈپتەك ئىچىمدە ساقلاپ يۈرگىچە.
توغرىغا قۇلاق سال ،خاتاغا ياماق،
رەببىمدىن كۈتكىنىم رەھمەت سۆيۈنچە.

قۇرئاننى جىنلارمۇ قىلغان ئېتىراپ،
ئۇ بەلگە،ئۇ مىزان،ئۇ دىلغا ئاپتاپ.
ئۇ تەڭرى كالامى،كۆڭۈل ئارامى،
قىل ئەمەل چەكمەيمەن دىسەڭ ئىزتىراپ.                                 
بِسۡمِ ٱللەِ ٱلرَّحۡمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
(ناھىيىتى ،شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

1-سۈرە پاتىھە         
قۇرئاننىڭ ئانىسى سۈرە ‹‹پاتىھە››،
ئازغۇن ۋە ئاقىلغا ئىنئام  ئىشارە.
ئاللاغا سېغىنىپ ھاجەت تىلەشتە،
يوق ئۇندىن زىيادە ئايەت ئىبارە.
-سۈرە بەقەر2        
ئەڭ ئۇزۇن سۈرىنىڭ نامى ئۇي-‹‹بەقەر››،
ئۇندا بار مۇناجات  تەۋراتتىن خەۋەر.
ۋەسىيەت،ۋەسىگە،قىساس، قەرزگە ،
نىكاھقا باغلىق كۆپ ئۇچۇر شۇ قەدەر.
-سۈرە ئال ئىمران3         
‹‹ئال ئىمران››ئەيسانىڭ نەسەپنامىسى،
شەرىئەت-ئەھكاملار خىتاپنامىسى.
ھىدايەت،غەپلەتنىڭ،خار يا ئەزىزنىڭ،
تەۋەككۈل قىلغاننىڭ ھېكمەتنامىسى.
-سۈرە نىسا4         
ئايالغا كاپالەت سۈرە نۇر ‹‹نىسا››،
زالىمدۇر كىم ئاڭا ئەمەل قىلمىسا.
نەتىجە ئېتىۋار بىلەن گۈزەلدۇر،
ئايالغا مۇھەببەت دىلدا ئورنىسا.
-سۈرە مائىدە5        
‹‹مائىدە››دىمەككى رىزىق- داستىخان،
ھەۋۋارى، ئەيسادىن ئالغان ئىمتىھان.
پاسىقلار ھالال يا ھارامنى بىلمەس،
رەسۇلغا دىن پۈتۈن ،رىزىق مول ھامان.
-سۈرە ئەنئام6        
‹‹ئەنئام››ئۇ ئەرەپچە مال-چارۋا دىمەك،
ئۇچار قۇش ھايۋانمۇ ئۈممەتتىن دېرەك،
كەتمىسۇن دىلىڭلار قەساۋەتلىشىپ،
ھالال مال ،مىۋە يەپ بولۇڭلار زېرەك!
-سۈرە ئەئراپ7         
‹‹ئەئراپ››-بېھىش ۋە دوزاق تۇراسى،
لۇت،سەمۇد،قەۋمىنى قىلغىن قىياسى،
نادان ۋە شەيتانغا تەسلىم بولغاننىڭ،
خار مايمۇن بوپ كەتتى ئاخىر سىماسى.
-سۈرە ئەنفال8         
‹‹ئەنفال››نىڭ،يېشىمى كۆپلۈك قوشۇمچە،
ئۇرۇشسىز ئېرىشكەن ‹‹نەفلە››بۇيۇمچە.
ھەقىقى مۇرادقا  مۇيەسسەر مۆمىن،
خىيانەت،سۈلھىگە باقماس ئويۇمچە.
-سۈرە تەۋبە9         
ھەسرەت ۋە پۈشايمان ‹‹تەۋبە››دىن ئايان،
‹‹بىسمىللاھ››دىيىلمەي قىلىنغان بايان.
نەھىدىن يانماقلىق، ھەققە قايتماقلىق،
يولىدا بولغىنسەن ‹‹ئىبراھىم››سىمان.
-سۈرە يۇنۇس10         
ئات ئازسا تايغىمۇ ئەگىشىپ قالار،
قۇرۇقلۇق ،سۇدا كۆر جاننى كىم ئالار.
‹‹يۇنۇس››نى بېلىقنىڭ قارنىدا ساقلاپ،
قالغان ئول خۇداغا كىم شۈكرى قىلار.
-سۈرە ھۇد11         
يامان ئىش يۇيىلار ياخشى ئىش بىلەن،
‹‹ھۇد››ئۈچۈن بېرىلدى ۋەز قىسسە تۈمەن.
دىشۋار كۈن كەلمەستە ئېسىڭنى تاپقىن،
دىدى ھۇد تەبلىغدە  ئەرەپكە تىرەن.
-سۈرە يۈسۈپ12         
ئەڭ گۈزەل قىسسىدۇر ‹‹يۈسۈپ››جەبرىسى،
ئۇندا بار مۇھەببەت ،ئىنسان سەبرىسى.
قېرىنداش،ئاتا ۋە چۈشنىڭ تەبىرى،
بار ئۇندا پىتنىخور ،رەشىك قەۋرىسى.
-سۈرە رەئد13         
         
گۈلدۈرلەپ ‹‹رەئد››مۇ ئېيتىدۇ تەسبىھ ،
بەندىگە بۇ تەبئى دارىتما ، تەنبىھ.
جانلىق ۋە جانسىزلار جېنىدا ھەقنى،
تونۇسا بىز پاتتۇق گۈناھقا قەبىھ.
14-سۈرە ئىبراھىم        
قۇددۇستىن مەككىگە يول ئالدى نەبى،
مۇسۇلمان بولساقتى ‹‹ئىبراھىم ››كەبئى.
پەيغەمبەر ئاتسى ،ئىسلامنىڭ پىرى ،
بىزلەرگە نەمۇنە قىسمەتتە تەبئى.
15-سۈرە ھىجر         
بىر ۋادا ياتىدۇ نامىدۇر ‹‹ھىجر››،
ئىنساندا بولمىسۇن شەيتاندەك كېبىر.
ئىنسان ۋە جىنلارغا ئەقىدە ،ئەخلاق،
زۆرۈردۇر ھەتتاكى ئىسلامى مېھىر.
16-سۈرە نەھل         
‹‹نەھل››دەك ياشىماق ئىنسانغا تەلەپ،
بول ھەسەل ھەرىسى،ئىشچان ئۇ ئەجەپ.
بىكارچى، يالقاۋدىن خۇدامۇ بىزار،
مەيلى سەن ئۇيغۇر بول ياكى بىر ئەرەپ.
17-سۈرە ئىسرا         
كېچىدە ماڭدۇرغان سۈرەدۇر ‹‹ئىسرا››،
تەڭرىنىڭ پەرمانى قىلىنغان ئىجرا.
مەككىدىن بەيتۇللا تامان سەپەرگە،
مىئراجنىڭ تۈنىدە ماڭغان مۇستاپا.
18-سۈرە كەھپ        
مۇتەسسىپ زالىملار ،چاقسا چايانلار  ،
‹‹كەھپ››تىن پاناھلىق تاپتى ئوغلانلار.
  ئۈچ ئەسىر كۆز ئوچۇق ياتتى غارىدا،
تەڭرىگە ئىت بىلەن ئېيتىپ ئىمانلار.
19-سۈرە مەريەم        
ئەيسانىڭ ئانىسى ھەزرىتى ‹‹مەريەم››،
ئاللاغا يارىدى ئاخىر-مۇقەددەم.
ئاتىسىز بالىغا ئانا بولۇش تەس،
دىمەستىن تاپتى يۈز بولدى مۇكەررەم.
20-سۈرە تاھا        
بىر سىرنى قوينىغا ئالغاندۇر ‹‹تاھا››،
ئۇندا بار پىرئەۋىن، قىسسىسى مۇسا،
مىسىرنى مىسلىسىز لەرزىگە سالدى،
كاھىننى مات قىلغان بىر بۈيۈك ھاسا!
21-سۈرە ئەنبىيا        
ئەۋلىيا-ئەنبىيا كۆپ ئۆتكەن بۇرۇن،
قەۋمىدىن چىققان كۆپ ئاسى كور مەلئۇن.
ئۇلارغا ھەق باتىل ،گۈمراھنى ئايرىپ،
بەرسە ئول ئەلچىدىن بولدى كىم مەمنۇن.
22-سۈرە ھەج
ئىبراھىم ،مۇستاپا ئادا قىلغان ‹‹ھەج››،
پەرزدۇر مۆمىنگە ئەمەستۇر ھەرەج.
ياماندۇر كۆز ئەمەس دىلنىڭ كورلۇقى،
پۇل مالنى خۇدالىق ئۈچۈن قىلغىن خەج.
23-سۈرە مۆئىمىنۇن
مۆئىمىننىڭ ئىش-ھەركەت،ئەمەلى مۇھىم،
ھارامدىن ساقلىسۇن ئۇنى  ياپىرىم.
ئۆشرە ۋە زاكاتنى ئايرىپ ۋاقتىدا،
ئۆتكەنلەر چىن مۆمىن روھى بېجىرىم.
24-سۈرە نۇر
زىنانى ھارام دەپ بەردى ‹‹نۇر›› ئىلىم،
ئاقساق ،كور –ئەماغا قىلدى كەڭ رەھىم.
پەيغەمبەر سۆھبىتى ھىدايەت دىمەك،
ئۇنىڭدىن تاپقۇلۇق ئەقىل ئاڭ سېزىم.
25-سۈرە فورقان
‹‹فورقان››ئۇ قۇرئاننىڭ گۈزەل نامىدۇر،
ئىنساننى ئازدۈرغان شەيتان دامىدۇر.
فورقان ئۇ ئايرىيدۇ ھەقنى -زاۋالنى،
ئۇ ئاللا ياندۇرغان نۇرلۇق شاممىدۇر؟
26-سۈرە شۇئەرا
‹‹شۇئەرا››-شائىردۇر تېڭىرقاپ يۈرگەن،
گۈمراھقا ئەگىشىپ بىلجىرلاپ يۈرگەن.
چىن شائىر رۇكۇ ھەم سەجدىگە بېرىپ،
زۇلۇمغا ئاللا دەپ باشمۇ ئەگمىگەن.
27-سۈرە نەمل                                                                               ا
شامدىكى چۈمۈلە ۋادىسى ئارا ،
بىر نەمل شۇنداق دەپ قىلدى سۆز جاكا،
سۈلەيمان قوشۇنى ئۆتسە بۇ يەردىن،
يەنچىلىپ كەتمەستىن تاپايلى ئۇۋا.
28-سۈرە قەسەس
‹‹‹قەسەس›› ئۇ قىسسىدۇر مۇساغا دائىر،
كىم كۇپرى بولسا ئۇ شۇ يەردە زاھىر.
پىرئەۋىن باش ئەگدى ‹‹دېڭىز ئوغلى››غا،
ئۇنى مات  قىلىشقا بولالماي قادىر.
29-سۈرە ئەنكەبۇت
‹‹ئەنكەبۇت››دىيىلەر ئاجىز  ئۆمۈچۈك،
دۈنيادا تۈزۈك ئۆي سالالماس نىچۈك؟
شېرىككە چوقۇنغان كاپىرنىڭ دىلى،
شۇ ئۆيگە ئوخشايدۇ يوقتۇر يۆلەنچۈك.
30-سۈرە رۇم
قانداقچە يېڭىلدى پېرسىيە ‹‹رۇم››دىن،
يەتتە يىل ئۆتكەندە قىلغان ھۇجۇمدىن.
غايىپنى تەڭرىدىن باشقىلار بىلمەس،
پال ياكى سۆزلەپمۇ ئىلمى نۇجۇمدىن.
31-سۈرە لوقمان
تىبابەت بابىدا ھېكىمدۇر ‹‹لوقمان››،
ئەللامە دەپ ئاڭا قايىلدۇر جاھان.
تەن ئەمەس روھقىمۇ قىلغان داۋاسى،
ئوغلىغا قىلغان ۋەز سۆزىدىن ئايان.
32-سۈرە سەجدە
بىر ئاللا ئۈچۈنلا قىلغۇلۇق ‹‹سەجدە››،
ئايىتى ئون بەش بىل قۇتلۇق تەۋسىيە.
لەنىتى شەيتاننى سۈرگۈن قىلىشتا،
سەجدىدىن تۇغۇلغان ئەمەسمۇ ئەنزە.
33-سۈرە ئەھزاب
گۈرۇھ ۋە پىرقىلەر دىيىلەر ‹‹ئەھزاب››،
مۇسۇلمان ئۈچۈن يات ئاغرىق ئىختىلاپ.
ئىمارەت خىشىدەك ھىم بول ئۈممۈتۈم،
دىگەنغۇ رەسۇلمۇ قىلماي ئىنقىلاپ.
34-سۈرە سەبەئ
قەدىمى يەمەندە ئۆتكەن ‹‹قەبىلە››،
نامىدۇر ئۇنىڭكى ناشۈكۈر ‹‹سەبەئ››.
بەرسىمۇ ئوڭ –سولدا ئاسايىشلىق باغ،
ئاللاغا دىلىدا ئورنىغان  شۈبھە.   
35-سۈرە فاتىر
ئاللانىڭ ئەڭ ئۇلۇغ سۈپىتى ‹‹فاتىر››،
كىم ئاڭا شەك قىلسا شۈبھىسىز كاپىر.
مەۋجۇدات،مەخلۇقات ۋۇجۇتقا قانداق،
كېلەتتى ياراتقان بولمىسا قادىر.
36-سۈرە ياسىن
قۇرئاننىڭ يۈرىگى ،سىرىدۇر ‹‹ياسىن››
ئۇنىڭدىن ئېچىلار كۆز-كۆڭۈل باتىن.
‹‹ئىسراپىل سۈرىسى›› ياڭرىغان چاغدا،
شۇ سۈرە يولۇڭنى قىلىدۇ يارقىن.
37-سۈرە ساففات
غازىلار تۇرىدۇ جەڭلەردە ‹‹سەپ-سەپ››،
رەقىبكە ئات سېلىپ قىلار دەرغەزەپ،
قۇرئاننى توختىماي تىلاۋەت قىلغان ،
قوشۇنغا تەڭرىدىن باردۇر شان- شەرەپ.
38-سۈرە ساد
تىلسىمدۇر ‹‹ساد››دىگەن ئۈزۈك تاۋۇشمۇ،
تىلسىمدۇر تاشنى موم قىلغان داۋۇتمۇ،
تىلسىمدۇر سۈلەيمان،دىۋە،شاماللار،
تىلسىمدۇر جەڭلەردە كىيگەن ساۋۇتمۇ.
39-سۈرە زۇمەر
بالاغەت،پاساھەت قۇرئان يۈزىدە،
‹‹توپ›› سۆزى يېشىمكەن ‹‹زۈمەر›› سۆزىگە،
رىيا ۋە شېرىكتىن ساقلانسا مۆمىن،
چىللاركەن جەننەتمۇ يېقىن  ئۆزىگە.
40-سۈرە غافىر
خۇدالىق دەۋاسى قىلغان پىرئەۋىن،
قەۋمىدىن چىقىپتۇ ئىخلاسمەن مۆمىن.
گويا تۈن قوينىدا چاقناپتۇ يۇلتۇز،
شۇ مۆمىن-غافىردا ئوچۇقكەن زېھىن.
41-سۈرە فۇسسىلەت
قۇرئاندۇر ئەرەپچە،پەيغەمبەر ئەرەپ،
‹‹پۇسسىلەت›› تەپسىلى بايانلار ئەجەپ.
گۈناھكار شەقىلەر قۇرئانغا دەخلى.
قىلالماس بولسىمۇ جىنغا بىر تەرەپ.
42-سۈرە شۇرا
مۆمىننىڭ خىسلىتى كېڭىشىش- ‹‹شۇرا››،
ھەر ئىشتا مەسلىھەت شىپالىق دورا.
ئاسىققان ئىشلارغا شەيتان ئارىلىشار،
قازمايلى خۇدانىڭ سۆزىگە ئورا.
43-سۈرە زۇخرۇپ
‹‹ئالتۇن ۋە زىننەت››لەر نامىكەن ‹‹زۇخرۇپ››
ھەركىم ئول نەرسىنى قىلار تەسەررۇپ.
ئىچىنىڭ زىننىتى تېشىدىن گۈزەل،
رايىشتا كۈچلۈكتۇر دىنى تەسەۋۋۇپ.
44-سۈرە دۇخان
‹‹دۇخان››نىڭ مەنىسى تۇماندۇر-تۇمان،
ئىلاھقا كۆڭۈلدە بولمىسۇن گۈمان.
رىزىقنى ،ئەجەلنى پۈتكەن تەڭرىنىڭ،
ئىشىغا تاڭ سۆزلەپ بولمىغىن گۈمران.
45-سۈرە جاسىيە
دەلىلسىز كېلىدۇ ۋەدە قىلغان كۈن،
شۇ چاغدا تىزلىنىپ چىقار نالە ئۈن.
‹‹جاسىيە››بىشارەت تىز پۈككۈچىگە،
غالىپلىق تەڭرىگە مەنسۈپتۇر پۈتۈن.
46-سۈرە ئەھقاپ
ئاد قەۋمى ياشىغان يەمەن رايۇنى،
‹‹ئەھقاپ››دەپ ئاتالغان بولغاچ ئازغۇنى.
كەتكەنگە قايغۇرما كېلەرگىمۇ ھەم،
كىم پاسىق بولسا شۇ بولۇر زەبۇنى.
47-سۈرە مۇھەممەت
ئۇنى دەپ دۈنيانى ياراتقان ئاللا،
ھەر سۆزى ھەق ئۇنىڭ تۇتىيا، تىللا.
ئۈممەت دەپ ئالەمگە كەلدى- كەتتى كىم،
‹‹مۇھەممەت››ئەمەسمۇ دىدى رەھنەما.

48-سۈرە پەتھ
بىشارەت بېرىلگەن‹‹ پەتىھ››-زەپەردىن،
تەڭرىگە تەس ئەمەس قوغداش خەتەردىن.
مۆمىنگە تەمكىنلىك ھەر جايدا لازىم،
ئى مۆمىن ئاتلانساڭ -يانساڭ سەپەردىن.
49-سۈرە ھوجۇرات
‹‹ھوجۇرات››ھەركىمگە پاناھ ئۆي- ماكان،
بار ئۇندا ساڭا خاس ھەمرا جانىجان.
تۇرالغۇڭ كەينىدىن توۋلار ئەقىلسىز،
ئۇنداقلار  كۆڭۈلگە سالىدۇ گۈمان.
50-سۈرە قاپ
بىر ھەرپ نامىكەن تىلسىم سۈرە ‹‹قاپ››
مەنىسى نىمىكىن تەڭرىدە لىپاپ.
ھەر ئىشقا گۈۋاھتۇر ئىككى پەرىشتە،
بار لەۋھۇلمەھپۇزدا ئاجايىپ ھېساپ.
51-سۈرە زارىيات
سورۇيدۇ تۇپراقنى ساماۋى شامال،
توزۇتار تاغلارنى تەڭرى بىمالال.
‹‹زارىيات ››سورۇش ۋە توزۇشنىڭ گېپى،
بولىدۇ ئىنسان ۋە جىنلارمۇ قاقشال.
52-سۈرە تۇر
‹‹تۇر››دىگەن نام بىلەن ئاتالغان بىر تاغ
مىسىرنىڭ سىنا دەپ چۆلىدە بىر چاغ ،
ساۋاپ ۋە ئازاپنى،قىيامەت كۈننى ،
كىم ئىنكار قىلسا لال، يۈرىگىدە داغ.
53-سۈرە نەجم
نەجمدەك-يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى،
لات،ئۇززا،ماناتنىڭ بارمۇ قۇدرىتى.
كىم ئازغۇن كىم تەقۋا بىر تەڭرى بىلەر،
بۇ دۈنيا بىر ئۆتەڭ ئىنسان يولۇچى.
54-سۈرە قەمەر
‹‹قەمەر››-ئاي يېرىلدى،كەلدى قىيامەت،
ئازاپ ۋە ئاگاھتىن ئالار كىم  ئىبرەت.
غالىپلىق سېھىر دەپ قىلىندى پايخان،
ھەقكە كىم بويسۇنسا شۇ ئىچەر شەربەت.
55-سۈرە رەھمان
ئاللانىڭ ئەڭ گۈزەل سۈپىتى ‹‹رەھمان››
ئۇ بىزگە ھەممىنى قىلغاندۇر  ئېھسان.
ئى ئىنسان ۋە جىنلار ئىنكار قىلامسەن،
دەپ بىزدىن ئوتتۇز بىر سوراق سورالغان.
56-سۈرە ۋاقىئە
قىيىن كۈن‹‹ ۋاقىئە››- قىزىل قىيامەت،
ئۈ كۈندە بىر  پىرقە تاپۇر سائادەت.
بەختسىز بىر پىرقە  قالۇر ئازاپقا،
ئۈچىنچى پىرقىگە ياغار شاپائەت.
57-سۈرە ھەدىد
ئاسماندىن كىتاپ ۋە قانۇن چۈشۈرگەن،
پايدا بار دىگىنى ‹‹ھەدىد››-تۆمۈركەن.
ماددى ۋە مەنىۋى نىمەت بەرگىنى،
كۈتكىنى تەڭرىنىڭ پەقەت شۈكۈركەن.
58-سۈرە مۇجادىلە
‹‹مۇجادىلە ››دىمەك بەس-مۇنازىرە،
ھەق يوللۇق تالاشنى قىلما مەسخىرە.
ئۇنىڭسىز تۇغۇلماس ھەقىقەت دىگەن،
ئەر-ئايال ئىلمى بوپ تاپقىن مەرتىۋە.
59-سۈرە ھەشىر
ئاللا پاك مەبۇدتۇر ھەممىدىن ئۈستۈن،
پادىشاھ مالىكتۇر ھەممىگە پۈتۈن.
قەھىرلىك ،غالىپ ۋە ئەمىن قىلغۇچى،
دىمىسەڭ بول ‹‹ھەشىر›› يېنىدىن سۈرگۈن.
60-سۈرە مۇمتەھىنە
‹‹مۇمتەھىنە ››-سىناقتىن ئۆتكەن ئايال،
ھەج قىلغان بەندە ئۇ پاك ساغلام ھالال.
شەيتان ئۇ ھەرۋاقىت بىز بىلەن بىللە،
ۋاپاسىز ئايال ئۇ زىياسىز زاۋال.
61-سۈرە سەپ
تۆمۈرنى‹‹ھەدىد››دەپ ئاتايدۇ ئەرەپ،
تۆمۈردىن بار بىزگە تەڭرى ئېيتقان نەپ.
گاھ سەندەل گاھ بازغان ھاياتتا ئىنسان،
نوپۇز ۋە مەرتىۋە ئەمەستۇر نەسەپ.
62-سۈرە جۇمۇئە ،
،جەم بولسا كۆپچىلىك تۆكۈلەر مۇڭى،
ھەر ھەپتە يىغىلار كىچىك ۋە چوڭى.
توپلىشىپ ‹‹جۈمۇ ئە››قىلىنار كېڭەش،
قىرقىلار ئادەمنىڭ ياۋا شاخ- شۇڭى.
63-سۈرە مۇناپىقۇن
ئىچ –تېشى بىر ئەمەس مەيدانسىز، ئەبەد،
توڭگۈزدىن كېيىندۇر باقىدا‹‹ئىززەت››.
شەرمەندە كىشى دەل ‹‹مۇناپىقۇن››دۇر،
بەندىگە ئۇنىڭدەك ياشاش ھاقارەت.
64-سۈرە تەغابۇن
  ئالدىنىش ئېزىشتۇر ئىنسان قىسمىتى،
‹‹تەغابۇن››دىگەننىڭ شۇدۇر ھېكمىتى،
مۆمىن ۋە كاپىرغا زىيان نىمىدۇر،
ئىتائەت ،ئەمەلسىز چەكسىز ھەسرىتى.
65-سۈرە تەلاق
ئايالنى يوقال يا ‹‹تالاق›› دىمىگىن،
دىسەڭ گەر نىكاھىم دىمە بىجىرىم.
رەھمان ۋە رەسۇلمۇ كۆرمەيدۇ راۋا،
ئەر بولساڭ تىلىڭغا سالغىنا تىزگىن.
66-سۈرە تەھرىم
ئۇ ھالال بۇ ھارام دىمىگىن ئەسلا،
تەڭرىنىڭ ئىزنىسىز بەرمە پەتىۋا.
‹‹تەھرىم››گە –چەكلەشكە ئاللا كۇپايە،
رەسۇلمۇ بۇ ئىشقا بولالماس  ئارا .
67-سۈرە مۇلك
يەر كۆكنىڭ شاھلىقى بىلگىن تەڭرىدە،
‹‹مۇلك››-ئۇ، زىل ۋەھى چۈشكەن نەبىگە.
ھەر تۈندە ئوقۇساڭ ئۇنى بېرىلىپ،
يېتىسەن ئۆلۈك ۋە تىرىك دەردىگە.
68-سۈرە قەلەم
قىلىچتىن ئارتۇقتۇر ‹‹قەلەم››نىڭ كۈچى،
ھەقنى ياز ئۇپرىسا ئۇپرىسۇن ئۇچى،
ئۈ بىزگە تەڭرىنىڭ كاتتا نىئمىتى،
ئۇنىڭدىن يارالدى شائىر يازغۇچى.
69-سۈرە ھاققە
شەكسىزكى مۇقەددەس،قۇرئان ھەقىقەت،
ئۇ شائىر ،كاھىننىڭ سۆزى دەر مۇرتەت.
‹‹ھاققە››دە كېسىلەر مۇرتەد تومۇرى،
‹‹يۈز بېرەر›› ئاخىرى قىزىل قىيامەت!
70-سۈرە مەئارىج
ئامانەت ئەھدىگە ۋاپا قىلغۇلۇق،
‹‹مەئارىج›› ئەمەلنى قىلىدۇ يورۇق.
جىبرېىل ،پەرىشتە ‹‹ئۆرلەش››كە نائىل،
بولدى كۆر  دەرگاھقا بارمىغاچ قۇرۇق.
71-سۈرە نوھ
‹‹نوھ›› دىدى ئى رەببىم جازايىڭنى بەر،
قەۋمىمگە ياغدۇرغىن ھالاكەت خەتەر.
پانىدا توپان بەر باقىدا ئازاپ،
يۈرمىسۇن ئىبرەتتىن ھەركىم بىخەۋەر.
72-سۈرە جىن
ئىنسان ۋە جىنلارنى ئىبادەت ئۈچۈن،
ياراتسا نەپسىگە بېرىلدى نىچۈن .
جىنلارنىڭ بار ئىكەن ياخشى-يامىنى،
ئادىمى جىن بولساڭ توۋا قىل يۈكۈن.
73-سۈرە مۇزەممىل
‹‹مۇزەممىل›› –ئۆزىنى چۈمكىۋالغۇچى،
ئۈممەتنى خار يولدىن توسۇۋالغۇچى.
تۈن تەڭدە تەڭرىگە تىۋىنىپ يالغۇز،
ۋەھىگە چىن پۈتۈپ ئورۇنىۋالغۇچى.
74-سۈرە مۇدەسسىر
‹‹مۇدەسسىر›› مەنىداش مۇزەممىل بىلەن،
ھىرانىڭ غارىدا بولدى سىر رۇشەن،
جىبرېئىل سۈرىتى قايتا چېلىقىپ،
پەيغەمبەر ئورىدى بېشىغا چەكمەن.
75-سۈرە قىيامەت
ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا دەيدۇ بىر كۈنى،
ئاي كۈنلەر تۇتۇلۇپ قالغان بىر تۈنى.
كۆزۈڭمۇ كۆرمەيدۇ خىرە ھەممە يەر،
‹‹قىيامەت››كۈيى دەل ئىسراپىل كۈيى.
76-سۈرە ئىنسان
سۆزلەشكە،ئاڭلاشقا،كۆرۈشكە قادىر،
قىلسىمۇ گول ئىنسان بولۇپتۇ كاپىر.
بەزىلەر ئەسىر ۋە مۇھتاجغا قاراپ،
ئاللاغا سېغىنىپ دىدىلەر ياپىر!
77-سۈرە مۇرسەلات
‹‹مۇرسەلات –مۇرسەلە››ئوخشاش بىر ئۇقۇم،
‹‹ئەۋەتىلگەن››دىگەندە ھېكمەت بار چوقۇم.
شامال ۋە پەرىشتە  بىزگە ئەۋەتكەن ،
چىن پۈتمەس ئۆزىگە سالىدۇ زۇلۇم.
78-سۈرە نەبەئ
‹‹نەبەئ››-ئۇچۇردۇر قىيامەت، ئەلگە،
كىم ئىنكار قىلسا شۇ  قالۇر كېسەلگە.
گۈناھكار جايىدۇر- قىيامەت دىگەن،
كۆپ سۆزلەپ قالماڭلار كۇپرى بەدەلگە.
79-سۈرە نازىئات
‹‹تارتىپ ۋە سۈغۈرۇپ ئالغۇچە ››جاننى،
بىلگۈلۈك ھاياتتا ياخشى-ياماننى .
رەھمانغا كىم ئاسى كىملەر غەپلەتتە ،
‹‹نازىئات››ئايرىيدۇ بۇغداي- ساماننى.
80-سۈرە ئەبەسە
‹‹تەرىنى تۈرۈش››كە لايىق سوقۇر بار،
تەڭرىدىن ئۆزگىدە نۇقسان قۇسۇر بار.
ئالدى گۈل كەينى تىغ تىكەن بەزىنىڭ،
‹‹ئەبەسە››سۈرىدە ھېكمەت ئۇچۇر بار .
81-سۈرە تەكۋىر
دېڭىزمۇ كۆيگەندە لاۋۇلداپ يېنىپ،
يۇلتۇز، تاغ كەتكەندە ئېقىپ ۋە ئېرىپ.
كۈن نۇرى ‹‹ئورىلار››زۇلمەت پەردىگە،
يۈرەلمەس ئەمەلسىز  مەيدىنى كېرىپ.
82-سۈرە ئىنفىتار
يەرۇ-كۆك ‹‹يېرىلىش››دىمەك ئىنفىتار،
ئۇ كۈندە بىر تەڭرى پەقەت ھۆكۈمدار.
جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ئەھلى زادى كىم،
قىيامەت كۈنىدە  بولما شەرمىسار.
83-سۈرە مۇتەففىفىن
ئۆلچەم ۋە تارازا ھەر كىمگە مىزان،
ئالغان ۋە  بەرگەندە كەم قىلما ئىنسان .
ياخشىنى ئىللىيۇن،ياماننى سىججىن،
خاتىرلەپ ماڭىدۇ قىلمىغىن  گۈمان.
84-سۈرە ئىنشىقاق
ئاسماندا بولىدۇ ھامان ‹‹يېرىلىش››،
مۇشرىكتا تولىدۇر گۈمان تېيىلىش.
تولغان ئاي ،تۈن شەپەق بولسۇنكى گۈۋاھ،
يامان ئىش، ھەققە بوي سۇنماي كېرىلىش.
85-سۈرە بۇرۇج
يۇلتۇزغا بۇرۇج بار، ئىنسانغا مەنزىل،
يۈرمىگىن دۈنيانىڭ ئىشىدا غاپىل.
پىرئەۋىن،سەمۇدنىڭ ھالىغا باققىن،
نە سەۋەپ بۇ كىتاپ بولغاندۇر نازىل.
86-سۈرە  تارىق
قۇرئان ئۇ ‹‹تارىق››تۇر- يورۇق يۇلتۇزدۇر،
ئىنساننى بار قىلغان تەڭرى يالغۇزدۇر.
كىم ئۇنى چاخچاق دەپ بىلسە ئەگەردە،
سۆزسىزكى غەپلەتتە ياتقان توڭگۈزدۇر.
87-سۈرە ئەئلا
بارچىنى بار قىلغان تەڭرىدۇر ئەئلا،
دوزاخقا ئەڭ شەقى ئادەم مۇپتىلا.
ئىبراھىم ۋە مۇسا كۆرگەن كىتاپتا،
يەنىلا مۆمىنگە تەڭرى باش پانا.
88-سۈرە غاشىيە
ھامىلدار ئايال ۋە بوغاز تۆگىمۇ،
شاھ گاداي ۋە ياكى ھاكىم تۆرىمۇ،
بەرداشلىق بېرەلمەس كەلسە قىيامەت،
چىقماسكەن ئاڭا بىر يېقىن ئىگىمۇ.
89-سۈرە فەجر
ئاد،سەمۇد،پىرئەۋىن قەۋمى بولدى خار،
ياۋۇزلۇق بابىدا بولغاچ سىتەمكار.
يەلكەڭنى كېسىپ يە يىتىمنى يىمەي،
مىراس يەپ بوپ قالما ياكى مەرەزدار.
90-سۈرە بەلەد
شەھەرنىڭ ئۇلۇغى مەككە-مۇكەررەم،
تېنچ يەر ئۇ بىلگىن ئاخىر-مۇقەددەم.   
ھەج قىل يا داۋان ئاش-قۇلنى ئازات قىل،
بەدبەختتەك يۈرگەنگە لايىق جەھەننەم.
91-سۈرە شەمس
قۇياشتىن ئايرىلماس ئالەم ۋە ئادەم،
ئۇنىڭسىز ھاياتلىق بولىدۇ مالەم.
روھنى پاك قىلغۇلۇق يورۇق قۇياشتەك،
پاك روھتا بولمامدۇ ھەر كۈنى ئايەم.
92-ئايەت لەيل
كېچىمۇ بىزلەرگە نىمەت،ئىلتىپات،
تەۋھىدنى زىكىر قىل يوقتۇر مۈشكىلات.
خەيرلىك ئىشلارغا تۆلىگىن بەدەل،
تېڭىرقاپ قالمىسۇن سەندە ئېتىقاد.
93-سۈرە زۇھا
يىتىم ۋە ساھىلغا بولغىن مېھرىبان،
ھەر ئىشتا ئاللادىن تىلىگىن نىشان.
نىمەتكە شۈكۈر قىل ئاۋۋال-ئاخىرەت،
ساۋاپ تاپ ،ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىنسان.
94-سۈرە شەرھ (ئىنشىراھ)
كەڭ قىلدۇق  كۆكسۈڭنى ھىدايەت بىلەن،
ھەر مۈشكۈل ئىنساننى قىلىدۇ خۇرسەن.
رەببىڭگە ئىتائەت ئەيلە ھەر زامان،
كۆزۈڭنى ئوچۇق قىل دىلىڭنى رۇشەن.
95-سۈرە تىين
چىچەكسىز مىۋە بار ئەنجۈر شېخىدا،
نۇر خىسلەت چاقنايدۇ زەيتۇن يېغىدا.
يارالدىڭ ئەڭ كۆركەم رەۋىشتە ئىنسان،
شۈكۈر قىل ئەقلىڭنىڭ كامىل چېغىدا.
96-سۈرە ئەلەق
سەن ئەسلى ئاجىز بىر ‹‹ئەلەق››لەختە قان،
ساڭا جان ،ئەقىلنى بەردى كىم ئويلان.
سەن ئىنكار قىپ يۈرمە ھەقنى -قۇرئاننى،
چېچىڭدىن سۆرەيدۇ بىر كۈنى سۈبھان.
97-سۈرە قەدر
مىڭ ئايدىن ئەۋزەلدۇر ‹‹قەدر››كېچىسى،
چۈشكەندۇر ئول كېچە قۇرئان سۈرىسى.
شۇڭلاشقا ئۇيقۇسىز قىلغىن ئىبادەت،
تەڭرىنىڭ كۆپ بىزگە ئىنئام غۇنچىسى.
98-سۈرە بەييىنە
يەھۇدى ،ناسارا بولمىغىن زىنھار،
دەلىل ۋە پاكىتنى قىلارغا ئىنكار.
ئىبادەت، ئىخلاس قىل ئايرىغىن زاكات،
بۇ ئىسلام يولىدۇر باشقىسى بىكار.
99-سۈرە زەلزەلە
قالمايدۇ زەررىچە ياخشىلىق يەردە،
قالمايدۇ يامانلىق يوشۇرۇن يەردە.
يەر تەۋرەپ ئىچ-سىرى ئېچىلغان چاغدا،
قىلمىشقا كىم چاپان ياپار قايەردە؟
100-سۈرە ئادىيات
غازىلار چاپتۇرغان ئاتلارغا قارا،
ئۈچقۇنلار چاچرىتىپ يۈرەر چاڭ ئارا.
شۇ يۈگۈرۈك ئات بەلكى ئەمەس نىشانسىز،
ئەي نادان سەن كىمگە قىلدىڭ جان پىدا.
101-سۈرە قارىئە
توزۇيسەن بىر كۈنى پەرۋانە كەبئى،
تاغلارمۇ يۈڭسىياق ئېتىلار قەبىھ .
قىيامەت قاقىدۇ يۈرەكنى شۇنداق،
ياخشىلىق ،يامانلىق قىلىنار جەمئى.
102-سۈرە تەكاسۇر
پۇل-مالغا ،بالاڭغا قىلما ئىپتىخار،
ئۇ ساڭا بولمىسۇن مەڭگۈلۈك  شۇئار.
غەپلەتتە يۈرمىگىن ئۆلمەيدىغاندەك،
مەھشەرگاھ سوراقتا يوق ساڭا ھەمكار.
103-سۈرە ئەسر
ئىماندىن ئايرىلما ھەركىم ،ھەرزامان،
ھەقنى سۆي! ھەققە باق بولغىن سەۋرىچان.
ياخشى ئىش،ئەمەلدىن يايرىسۇن دىلىڭ،
ھەركىم ئۆز ئىشىدا بولۇر دەل ئايان.
104-سۈرە ھۈمەزە
ئوتقۇيرۇق سۈخەنچى ھالىڭ قىيىندۇر،
مال -دۈنيا سەن ئۈچۈن جاندىن شىرىندۇر.
بىر ئوت بار سەن ئۈچۈن قىيامەت كۈنى،
تەڭرىدۇر ھەلىمە ،سىناق كېيىندۇر.
105-سۈرە فيل
مۇشرىكلار ‹‹فيل›› بىلەن قىلغاندا ھۇجۇم،
تاش ئېتىپ ئۇلارنى قىلدى كىم  كۇكۇم .
كەئىبە ئۇلۇغ يەر، تېنچ ئەمىن يەر،
كىم ئاڭا چېقىلسا يەنچىلەر چوقۇم.
106-سۈرە قۇرەيش
رەسۇلنىڭ قەۋمىدۇر ئۇلۇغ قۇرەيش،
ئاڭا كىم بەردى كۆر ئوزۇق يەل-يىمىش.
تەڭرىگە شۈكۈر ۋە تەشەككۈر بولسۇن،
ئۇ بىزنى يازۇ-قىش قىلىدۇ پەرۋىش.
107-سۈرە مائۇن
مۇھتاجغا ‹‹قولقا›› بەر ،ئۆشرە- زاكات بەر،
مىسكىن تۇل-يىتىمدىن يۈرمە بىخەۋەر.
رىيادىن ئۆرلىمەس ئىبادەت كۆككە،
چىن دىلدىن ئىخلاس قىپ بولغىن مۆتىۋەر.
108-سۈرە كەۋسەر
كۆپ بەدەل تۆلىگىن، قىلغىن ياخشىلىق،
روزا تۇت،يىلدا بەر بەدەل- قۇربانلىق.
دۈشمەننى پەس قىلغىن يۇتسۇن قان يىرىڭ،
ئويلىما دوستلارغا  قىلچە يامانلىق.
109-سۈرە كاپىرۇن
سەنمۇ ماڭ يولۇڭدا مەنمۇ يولۇمدا،
دىن ئۈچۈن ئەركىنلىك باردۇر قولۇڭدا.
سەن بۇتقا زورلىما ،مەنمۇ تەڭرىگە،
زورلىماي ،ھەقنى كىم سالۇر كويۇڭغا.
110-سۈرە نەسر
ھەر ئىشتا ئول  تەڭرى بىزگە مەدەتكار،
پانىدا ،باقىدا بەلكى نىجاتكار.
تەسبىھ ئېيت،ھەمدى ئېيت،مەغپىرەت تىلە،
قىل تۆۋبە دۈنياغا بولما ھەۋەسكار.
111-سۈرە مەسەد
قۇرۇپ كەتتى ئەبۇ لەھەب قوللىرى،
قۇرۇپ كەتتى سۇخەنچى ۋە قۇللىرى.
ئەسقاتامدا ھالال تەرسىز مال دۈنيا،
ھىدايەتسىز كىمنىڭ راۋان يوللىرى.
112-سۈرە ئىخلاس
‹‹ئاللا بىر››دەپ قىلغىن دىلدا چىن ئىخلاس،
غەيرىلەرگە تىۋىنىشكە يوق  ئاساس .
تەڭرى زاتى بەندە ئۈچۈن سىر پەقەت،
ئىنتىھا ھەم ئىپتىداغا يوق قىياس.
113-سۈرە فەلەق
پاناھ تىلە مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن،
پاناھ تىلە تۈن قاراڭغۇ شەررىدىن.
تۈگۈنلەرگە دەم سالىدۇ سېھرىگەر،
ساقلا سۈبھى-شام ئىلاھى غەلۋىدىن.
114-سۈرە ناس
يۈرەكلەردە پىتنە-پاسات ۋەسۋەسە،
ساقلا تەڭرىم بىزگە يەتمەس دەخمىزە.
جىندىن يامان، ئادىمى جىن ھېلىسى،
سەن پادىشاھ قوغدا بىزنى بول ئىگە!
تامام
سُبۡحَـٰنَ رَبِّكَ رَبِّ ٱلۡعِزَّەِ عَمَّا يَىِفُونَ (١٨٠) وَسَلَـٰمٌ عَلَى ٱلۡمُرۡسَلِينَ (١٨١) وَٱلۡحَمۡدُ لِلَّەِ رَبِّ ٱلۡعَـٰلَمِينَ (١٨٢) (سۈرە ساففاتتىن)                              

سۇبھانە رەببەكە رەببەل ئىززەتى ئەمما يەسىفۇن،ۋەسەللامۇن ئەللەل مۇرسەلىيىنە ۋەلھەمدۇ لىللاھى رەببەل ئاللەمىيىن. ئامىن ؟!
پايدىلانمىلار:
1›.مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجى تەرجىمە قىلغان ‹‹قۇرئان كەرىم››،55-سۈرە،532-535-بەتلەر...
2›. تەنتاۋى جەۋھەرلىرىدىن تاللانمىلار 645-646-بەتلەر...
3›.‹‹ئىسلامىيەتنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى›› ،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ،خالىق ئاۋۇت تەرجىمە قىلغان...
4›.    شەمشىدىن ھاجى تەييارلىغان ‹‹ھىدايەت گۈلزارى›› 1-قىسىم 182-بەتتىكى ئابدۇرەقىپ ئابدۇغېنى يازغان ‹‹قۇرئان كەرىم››دىكى سۈرە ناملىرى توغرىسىدا ناملىق ماقالە....
تامام 2013-يىلى 16-ئۆكتەبىر
99 ئىسمى مۇبارەكنىڭ نەزمى ئىزاھاتى

قاراخان

بِسۡمِ ٱللەِ ٱلرَّحۡمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
(ناھىيىتى ،شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
‹‹ئابدۇلئەھەد ئەمىر قۇتلۇق›› بەرگەن ئىزاھات،
دىلغا ئويدى ‹‹مۇستاپا››نىڭ مەنزۇر سۆزىنى:
‹‹كىم چۈشىنىپ ھەر ئىسىمنى ئالسا يادقا شاد،
باقىدا ئۇ جەننىتى دەپ بىلسۇن ئۆزىنى››.

نەزمە پۈتتۈم ‹‹توقسان توققۇز ئىسىم››غا تونۇپ،
قېرىنداشنى بېھىش يۈزى كۆرۈشكە ئۈندەپ.
ئالەمچە گەپ قىپتۇ دىمەڭ‹‹قەلەمچە››تۇرۇپ؟
مۆرىمەستىن يۈرگىنىم خوپ بىلگەننى ئۈنلەپ.
1.‹‹ئەللاھۇ››-ھەقىقى ئىلاھ

‹‹ئەللاھۇ››غا مۇجەسسەم بارچە سۈپەت كەلىمە،
‹‹ھەقىقى بىر ئىلاھ››دەپ بار ئۇنىڭدا مەدھىيە.
ئۇ شېرىكسىز، مەئبۇدتۇر،كائىناتنىڭ ئىگىسى،
ئۇندىن ئۆزگە يوق ئىلاھ ياكى كاتتا مەرتىۋە.

2.‹‹ئەرراھمانۇ››-چەكسىز كۆيۈنگۈچى

مەۋجۇداتقا ئۇنىڭدەك غەمگۈزار يوق ئالەمدە،
كۆيۈنىدۇ ئۇ چەكسىز تىرىشچان ھەر ئادەمگە.
ھېكمىتىگە تەقەززا بولسا كۇللى شەيئىلەر،
ھىممىتىدىن مۇيەسسەر مۆمىن،مۇشرىك ياردەمگە.

3.‹‹ئەررەھىيمۇ››-ئاخىرەتتە كۆيۈنگۈچى

تونۇمايدۇ ئاخىرەتتە بىر –بىرىنى بەندىلەر،
ئەسقاتمايدۇ داد پەرياد،ئىستىغپار يا تەۋبىلەر.
رەھىم شەپقەت ياغدۇرۇپ كۆيۈنىدۇ زاتىمىز،
مۆمىنلەرنى جەننەتكە قىلار شەكسىز مۇيەسسەر.

4.‹‹ئەلمەلىكۇ››-پۈتكۈل شەيئىلەرنىڭ خوجايىنى

جانلىق ياكى جانسىزنىڭ خوجايىنى ،ئىگىسى،
توسالغۇسىز سەلتەنەتنىڭ بىرلا ئۆزى تېمىسى.
بىھاجەتتۇر ئىش-ھەركەتتە ئۆزگىلەرگە ئەزەلدىن،
ئاڭا ھەرگىز كار كىلالماس بەندىلەرنىڭ شۈبھىسى.

5.‹‹ئەلقۇددۇسۇ››-بارلىق نۇقساندىن پاك
خىيال،سەزگۈ ،تۇيغۇلار تاپالمايدۇ شەك- نۇقسان،
ئۇندىن قۇسۇر ئىزدەپ كىممۇ يۈرەلىسۇن دەرگۈمان.
لايىق ئەمەس ئاڭا ھەرگىز پىتنە –پاسات، تەنىلەر،
ئۇ ئىنساننىڭ قىلمىشىدىن خەۋەرداردۇر ھەرقاچان.

6.‹‹ئەسسالامۇ ››-مۆمىنلەرگە سالامەتلىك بېغىشلىغۇچى

ساغلام تەنگە ساغلام روھ بېغىشلايدۇ مىننەتسىز،
مۇبارەك زات سۈپىتى پاك بىلسەڭ  ئىۋەن-ئىللەتسىز.
ئازاپلاشقا تېگىشلىك كىم ئاياپ يۈرمەس ئۇلارنى،
لېكىن ساغلام كىشىلەرنى ئازاپلىماس مەقسەتسىز.

7.‹‹ئەلمۇئىمىنۇ››-خاتىرجەم قىلغۇچى

ئەمىن قىلار ئەلچى ھەم بەندىلەرنى لەۋزىدە،
مۆمىنلەرگە ئاراملىق كۆپ قىلغان دۇئا سەجدىدە.
ئىلتىجاغا قول كۆتەرسە تەشۋىش باسقان بەندىلەر،
ئاڭا تەسكىن تەسەللى مەن ياراتقان مۆجىزە.

8.‹‹ئەل مۇھەيمىنۇ››-بارلىق شەيئىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى

ئەۋۋەل-ئاخىر، يوشۇرۇن ،ئاشكارا،سىر –مەخپىيەت،
ئەمەل رىزىق يا ئەجەل ،دىللاردىكى-خۇسۇمەت.
ئەمەس تەڭرى كۆزىدىن يىراق ياكى بىنەزەر،
شۇڭا پىنھان يەردە مەن دەپ ئۆتكۈزمىگىن جىنايەت.

9.‹‹ئەل ئەزىيزۇ››-كۈچلۈك

پانى ھەتتا باقىدا تەڭدىشى يوق ئۇلۇغ زات،
ئاڭا ئەقىل بايلىقتا تەڭ كېلەلمەس مەخلۇقات.
پىرئەۋىن ۋە شەدداتمۇ ئاڭا ئاسى شەيتانمۇ،
تەڭ كېلەلمەي تەڭرىگە چەكتى ئەلەم سۈكۈنات.

10.‹‹ئەلجەببارۇ››-قەھر-غەزەپ قىلغۇچى

ياۋۇزلارغا ياخشىلىقنىڭ نۇرى چۈشمەسكە ئەبەدكە،
زالىملارغا قەھر-غەزەپ قىلار ئاللاھ ئەلۋەتتە.
خالىغانچە باش ئەگدۈرەر ،بۇيرۇق قىلىپ ئۆزگىنى،
كاتتىلىقتا تەڭ كېلەلمەس ھېچكىم ئاڭا خىسلەتكە.
داۋامى بار.............................................
2013-11-نويابىر
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

دېۋان
ۋاقتى: 2013-11-16 20:15:10 | ئايرىم كۆرۈش
دىۋاندىن ئورون  ئالغاچ تۇرۇراي   
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

31

تېما

814

يازما

4254

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 11
يازما سانى:
814
تىللا:
3344
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
280 سائەت
ئاخىرقى:
2016-8-27

كۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-11-16 23:05:00 | ئايرىم كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى يىزىپسىز ،،،سەت بولسىمۇ ئىيتاي ،باش سۇرتىڭىز بىلەن تىمىڭىز قارمۇ قارشى بولۇپ قالدىمۇ قانداق ؟؟
قىرىنداشلار ،تارىخمۇ مۇھىم تارىخ توغىرلىق تىمىلار چولدۆرەپ قالمىسۇن!

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2013-11-17 10:53:15 | ئايرىم كۆرۈش
شۈكرى يوللىغان ۋاقتى  2013-11-16 23:05
بەكمۇ ياخشى يىزىپسىز ،،،سەت بولسىمۇ ئىيتاي ،باش سۇرتى ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شۇكرى قىرىندىشىم، مىنڭچە قاراخاننىڭ لۇشۇن ئەپەندىنىڭ سۈرىتىنى ئىشلىتىشى بىلەن ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ھىچقانداق ئالاھىدە مۇناسىۋىتى يوق. بۇ پەقەت جۇڭگۇ يىقىنقى زامان ئەدىبىيات پىشىۋاسىغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئۇنىڭ يىزىقچىلىق ئۇسلۇبىغا بولغان قايىللىق خالاس.
ئۇيغۇر يىقىنقى زامان ئەدىبىياتىغا (يىزىقچىلىقتىكى ئويغۇنۇش،ۋە ئۇسلۇپقا) لۇشۇن ئىقىمىنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرى ئاز ئەمەس. مەن لۇشۇن ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى...قاتارلىق كىشىلەرنى قەلەمنى قۇرال قىلىپ مىللىتى ئۇچۇن كۆرەش قىلغان ئوخشاش تىپتىكى ئىنسانلار دەپ قارايمەن.
شۇڭا ھاياسىز ،ئىسلامغا قارشى مەزمۇندىكى سۇرەتلەرنى باش سۇرەت قىلماي قايسى مىللەتتىن بولسۇن ئىنسانلار مەدىنىيىتى ،تەرەققىياتى ئۇچۇن توھپە قوشقان كىشىلەرنى باش سۇرەت قىلىپ ئىسلامى ئەسەر يازغاننىڭ زىيىنى يوق دەپ ئويلايمەن.
مەن قاراخان ئەپەندىنى ئازدۇر-كۆپتۇر چۇشەنگەچكە ئارىلىققا قىسىلىپ جاۋاپ بىرىپ قالدىم ،توغرا چۇشەنگەيسىز.
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

5#
ۋاقتى: 2013-11-17 20:47:05 | ئايرىم كۆرۈش
يەنە قاراخاننىڭ ئالمىزار مۇنبىرىدىكى نامى خاتالاشمىسام ‹‹لۈشۇن›› غۇ دەيمەن.
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

30

تېما

684

يازما

3468

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46
يازما سانى:
684
تىللا:
2754
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
103 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزائىسىل ئەزا

6#
ۋاقتى: 2013-11-17 22:11:08 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل يىزىلىپتۇ ، داۋامىغا تەشنامەن ، ئىجادىيەتلىرىڭىز يەنىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي .

26

تېما

574

يازما

3210

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 101
يازما سانى:
574
تىللا:
2486
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
68 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-7

مۇنبەر مەلىكىسى

7#
ۋاقتى: 2013-11-17 22:51:14 | ئايرىم كۆرۈش
يىقىشلىق قۇرلىرىڭىز مۇنبىرىمىزدىن ئۈزۈلمىسۇن ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ..

24

تېما

659

يازما

1277

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 28
يازما سانى:
659
تىللا:
479
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
561 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-13

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپ

8#
ۋاقتى: 2013-11-17 23:47:35 | ئايرىم كۆرۈش
     ئىسىل تىمكەن مەن  بۈگۈن ھەممنى كۈرۈپ بۇلالمدىم ئەتىگىچە ۋاقىت چىقرىپ ھەممنى كۈرۈپ چىقاي .ئەمما بۇ مۇنبەردە ‹‹  ئۆزبىك ›› مۇنبىردىكى كۆپ ئەزالارنى كۈرۈپ بەكمۇ خوش بولدۇم ،قاچان ئېچىلار ئۇ مۇنبەر بەكمۇ تەقەززا بوپ كەتتىم يازمللىرمنى كۈرۈشكە .

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

9#
ۋاقتى: 2013-11-18 01:10:47 | ئايرىم كۆرۈش
نازاكەت يوللىغان ۋاقتى  2013-11-17 23:47
ئىسىل تىمكەن مەن  بۈگۈن ھەممنى كۈرۈپ بۇلالمدىم ئەتى ...

خۇدا خالىسا ئۇزۇنغا قالمايدۇ ، ئادرىسى ئۆزگەردى...

1

تېما

27

يازما

675

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 212
يازما سانى:
27
تىللا:
558
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
12 سائەت
ئاخىرقى:
2013-12-18

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2013-11-18 01:16:36 | ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل  يازمىكەن،  ئۇستازنىڭ  تېمىلىرىنى   بۇ  مۇنبەردىمۇ  كۆرگىنىمدىن  خۇرسەنمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:51 , Processed in 0.171998 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش