بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇدۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-27 17:39
ئانا قەلبى
ئانا قەلبى كەڭرى-بىپايان،
ئوكيان قالار ئالدىدا چېنىپ.
ئانا قەلبى-نۇرلۇق تولۇنئاي،
كېچە-كۈندۈز ئۆچمەيدۇ يېنىپ.
ئانا قەلبى-جۇشقۇن بىر ئېقىن،
ئۆكسىمەيدۇ سۈيى شاۋقۇنلاپ.
ئانا قەلبى-قۇياشنىڭ تەپتى،
ئۆرلىگەنچە بارار يالقۇنلاپ.
ئانا قەلبى- ياپيېشىل دالا،
تۈمەن تايچاق قىيغىتىپ چاپقان.
ئانا قەلبى- ئىسسىق بىر ئۇۋا،
پەرۋىشىدە يېتىلەر ھەرجان.
ئانا قەلبى-گۈلزارلىق باغچا،
رەڭدار گۈللەر پورەكلەپ كۈلگەن.
ئانا قەلبى مۇنبەت ئېكىنزار،
ھەر قەدەمدىن مۇھەببەت ئۈنگەن.
مەنبە: ئۆزۈم |