ئۇنتۇپ قېلىۋاتىسەن
مۇتەللىپجان نۇرمۇھەممەت كۆك
بۈگۈن يەنە كوچاڭدىن ئۆتتۇم
سېنى كۆرۈش ئىستىكى بۇرۇنقىدەك
ئوتتەك قىزغىنلىقتا يۇقىرى ئەمەس
بىرخىل خۇددى تاماقنى كۆپ يەپ تويۇپ قالغاندەك تولىۋاتقان
ئەبجەش زىرىكىش بولىۋاتقان
مەجھۇل ھىسياتقا ئوخشاپ كېتىدىغان
مۇرەككەپ تۇيغۇدا ئىغىر پىيادە
ئىشكىڭ ئالدى پاكىزە ھۆل
گۈللەرگە ھىلىلا سۇچېچىلغان
دەرۋازا قىيا چوڭقۇر ئوچۇق
ھويلا جىمجىت سۈكۈتلەر ئېچىلغان
ئۆتۈپ كەتتىم شۇنداق ئىغىر ھەسرەت قىپقالدى
ئاسمان ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە بېشىنى تۆۋەن سالدى
ئۆگزەڭدە قوياش يوقلۇقنىڭ سازىنى چالدى
ئالا بولغان غورىلار ھىجران تەمىگە كىرىشتى
مەنزىلىگە يەتمىگەن قۇش ئامالسىز كۆزۈمدىكى ئورمانلىقتا ئۇيقۇغا كەتتى
سايدىكى قوياش تەپتىدىن قىززىغان تاشلار يۇلتۇز بىلەن سوقۇلدى
بۇلۇتلار كۆڭلۈمدەك خىرەلىشىپ سېنى توختىماي ياغدى
مەن بىلەن يانمۇ يان كېتىپ بارغان يوللار ئىزىقتى …
بىر ناتىۋان بىلىق ئىزىمدىن ئۈنگەن چۆللەردە ئۆلۈم گىردابىغا چۈشتى
…ئىشقىلىپ ،
سۇ بىلەن ئوت ئۇسسۇل ئويناپ
يامغۇر بىلەن قار توي قىپ
ئاسمان زىمىن بالىلىق بولۇپ
نىھايەت سۆيگۈنىڭ يىغىلىشى قىززىدى كاتتا
مەغرۇر ئاستا جىمجىتلا …
قاتنىشىپ ھەممە سەندىن باشقا…
…شۇنداق ھەممە ئىشلار يۈز بەردى
ئۇچرىشىپ قېلىشىمىزدىن باشقا
مۇشۇ دەقىقىلەر ئۇلۇغلاشماقتا
سېنىڭ يوقلۇقۇڭدەك ئازادە
ئۆتۈپ كەتتىم شۇنداقلا
سەن تىخىچىلا يوق بولساڭمۇ
ئۆتۈپ كەتكەن كۆڭلۈمنى بەزلەپ
تىنجىپ قالدىم خاتىرجەم
خەير مەن بىلىمەن
مېنى ئويلاۋاتسىسەن
ئەمما
ئۇنتۇپ قېلىۋاتسەن
مېنىڭ سېنىڭ يوقلۇقىڭنىمۇ سۆيۈپ قالغانلىقىمنى…
25.ئىيۇن سانجۇ |