ئوقۇغۇچى مۇنبىرى
مۇنبەر ئۇلۇغ مۇنبەر مۇقەددەس،
ئۇ تەۋەرۈك ھىكمەت دۇنياسى،
ئۇنىڭ بىلەن تارىلار ھەر يان.
ئەل ساداسى ئەقىل زىياسى.
ئىھ...مۇنبىرىم ئوقۇغۇچى مۇنبىرى،
ئىسىل مۇنبەر سەن ئەنە شۇنداق.
قۇيۇپ دىلغا ھىكمەت كەۋسىرى،
روھىيەتنى ئەيلىدىڭ روناق،
تەربىيەڭدە قىتىلىپ سەپكە،
مېھنەت سۆيەر ئەۋلاد قاتارى.
چۈشتۈم ئىجات سەھنىسىگە شاد،
قۇچاق ئاچتى ئىقبال نىگارى.
زەپەر قۇچۇپ چاپتى دۇلدۇلۇم،
سەن بەرگەچكە چىدامدىن قانات.
نۇر بوپ يانغان ئىزگۈ ئۈمۈدۈڭ،
ئىجادىمغا ئەبەدى ھىمات.
روناق تاپقىن ئوقۇغۇچى مۇنبىرى،
خەلىق ساڭا ئاشىق پەرۋانە.
ئۈمۈدۈڭنى ئاقلايمىز مەڭگۈ،
ئىجادىمىزدىن سۈزۈپ دۇردانە.
مەنبە ئىجادىيەت |