بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يارقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-7-19 00:05
تىلسىمغا چاخچاخ
تىلسىم تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقان چاغلىردا مۇئەللىمى سىنىپقا ئىككى تاۋۇز ئېلىپ كىرىپتۇ ۋە ئوقۇغۇچىلارغا پىچىپ بەرمەكچى بولۇپ، يېنىنى
ئاختۇرۇپتۇ ھەمدە پىچىقىنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى سېزىپ:
ساۋاقداشلار، مەن ئىشخانامدىن پىچاقنى ئېلىپ چىقىپ، بۇ تاۋۇزلارنى سىلەرگە تىلىپ بېرىمەن. مەن كىرگۈچە تاۋۇزلارغا چېقىلماڭلار، - دەپ تەكىتلەپ چىقىپ كېتىپتۇ. مۇئەللىم چىقىپ كېتىشىگە ئوقۇغۇچىلار تاۋۇزنى يېرىپ تالىشىپ يەپتۇ. ھەتتا شاپىقىنىمۇ قويماپتۇ.
مۇئەللىم كىرىپ ناھايىتى خاپا بولۇپ ۋە تاۋۇز يېگەنلەر بىلەن يېمىگەنلەرنى ئايرىپ تەنقىدلىمەكچى بوپتۇ. مۇئەللىم:
- تاۋۇز يېگەنلەر ماۋۇ چەتكە ئۆتۈڭلار، تاۋۇز يېمىگەنلەر ئاۋۇ چەتكە ئۆتۈڭلار، - دەپتۇ. بۇ چاغدا تىلسىم ئوتتۇرىدا تۇرۇۋاپتۇ. مۇئەللىم ھەيران قالغان ھالدا تىلسىم دىن:
- سەن نېمىشقا ئوتتۇرىدا تۇرۇۋالىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. تىلسىم:
- مۇئەللىم تاۋۇز يىمەي، شاپىقىنى يېگەنلەر قايسى چەتتە تۇرىدۇ؟ - دەپتۇ.
تەنتەربىيە سايمانلىرى ماگىزىنى
خېرىدار:پاراشوت بارمۇ؟
پىركازچىك: بار، خىلمۇ-خىللىرى بار.
خېرىدار: مەن بىرنى سېتىۋالماقچى، ئەمما ئىشلىتىشنى بەك ياخشى بىلمەيمەن. مۈمكىن بولسا ئىشلىتىش قائىدىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.
پىركازچىك: بۇ تولىمۇ ئاسان، قاراڭ، پەيتى كەلگەندە شۇ تۇتقۇچنى تارتسىڭىز پاراشوت ئىچىلىدۇ.
خېرىدار: ئەگەر ئىچىلمىسىچۇ؟
پىركازچىك: غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ ۋاقىتتا بۇ كىچىك تۇتقۇچنى تارتسىڭىز زاپاس پاراشوت ئېچىلىدۇ.
خېرىدار: ئەگەر ئۇ زاپاس پاراشوتمۇ ئىچىلمىسىچۇ؟
پىركازچىك: ئۇنداقتا ماگزىنىمىز باشقىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ ...
ھايۋاناتلار باغچىسى
بىر كۈنى، ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ياشىنىپ قالغان قىرى يولۋاس بىلەن ئەركىن،ياش بىر يولۋاس دوست بولۇپ قاپتۇ.كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياش يولۋاس "ياشايدىغاننى ياشىدىم، يەيدىغاننى يىدىم، ئەمدى ئوۋ كەينىدىن قوغلاپ يۈرۈشنى خالىمايمەن" دىگەن ئويغا كەپتۇ ۋە ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى قىرى يولۋاسنى تېپىپ ئۇنىڭدىن ھايۋاناتلار باغچىسى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزىنىمۇ ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپتۇ.نەتىجىدە قىرى يولۋاسنىڭ ياردىمى بىلەن ياش يولۋاس ھايۋاناتلار باغچىسىغا قوبۇل قىلىنىپتۇ.ياش يولۋاس ھايۋاناتلار باغچىسىغا كېلىپ بىرىنچى كۈنى تاماق ۋاقتىدا قىرى يولۋاسقا گوش،ياش يولۋاسقا بانان بېرىپتۇ.بۇ ئەھۋال،ئىككىنچى كۈنى ۋە ھەتتا ئون-ئونبەشىنچى كۈنگىچە ئوخشاشلا داۋام قىلىپتۇ.ئاخىردا بۇنىڭغا چىدىمىغان ياش يولۋاس جىلە بولۇپ قىرى يولۋاستىن سوراپتۇ:
-تاماق ۋاقتىدا نىمە ئۈچۈن ساڭا گوش بېرىپ ماڭا بانان بېرىدۇ؟
بۇنى ئاڭلىغان قىرى يولۋاس كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە دەپتۇ:
-ئىشەنسەڭ،يولۋاسلار ئۈچۈن بوش شىتات يوق ئىكەن، مەسئۇللار مىنىڭ يۈزۈمنى قىلىپ سېنى مايمۇنلارنىڭ شىتاتى بىلەن بۇ يەرگە ئالغانتى.....
كۈلگەنگە باج ئالمايمىز جىما باللا 
|