ئىشق زىندانى
ئىشق زىندانىغا پالاپ قوشاققا قاتتى بىر دىلبەر،
ئوتىدا ئۆرتىنىپ كۆيسەم پىراققا ئاتتى بىر دىلبەر.
مۇھەببەت قامچىسى تەگكەن يۈرەكتە مىڭ يارا كۆكلەپ،
باياۋان كۆكسىدە ئۈنسەم خىيالغا پاتتى بىر دىلبەر.
قىران توغراقلىرىم ھالسىز كۆڭۈلنىڭ شاخلىرى سۇندى،
شېرىن چۈشنى بۇزۇپ تۈندە قارارسىز ساتتى بىر دىلبەر.
چاناقتا توزىسا گۈللەر يېشىل ياپراقلىرىم ئۆڭدى،
زىمىستان لەۋلىرى بىرلە قوقاس چايناتتى بىر دىلبەر.
ساداقەت كىرپىكى قان-قان بولۇپ ئەلبۇمغا رەڭ بەرسە،
يىلاندەك تولغىنىپ، نىمجان قۇچاققا ئاتتى بىر دىلبەر.
ئەلبۇم |