بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-26 22:44   
 
بىر پاچە سۈرەت،  
رامكا ئىچىدە كۈلۈپ تۇرىدۇ،  
بىرجۈپ كۆزلىرى يىنىپ تۇرىدۇ،  
سۇمبۇل چاچلىرى ، 
قارا قاشلىرى ، 
يەلكىسىنى يىپىپ تۇرىدۇ،  
 
كۆڭلۈم سىزىپ تۇرىدۇ، 
ماڭا ئوغىرلىقچە  قارايدۇ،  
يالغۇزلۇقىمنى تاماششا قىلىدۇ،  
قەلەم تۇتقان بارماقلىرىمغا قارايدۇ، 
قىلىقلىرىمنى دورايدۇ . 
 
كەچ گۇگۇم پەيتىدە ، 
رەسىمنى قولومغا ئالىمەن ، 
كۆزلىرىنى كۆزلىرىمگە  ئۇدۇل تۇتىمەن  ، 
ماڭا  قانغۇچە  قارىۋالسۇن دەيمەن ، 
كۆزلىرىمنىڭ تىگىدىن ، 
لەۋلىرىمنىڭ قىرىدىن ، 
ئەلەملىرىمنى كۆرىۋالسۇن دەيمەن،   
ئۆزىنىلا سۆيگىنىمنى ، 
بارلىقىمنى بەرگىنىمنى ، 
ئۈن تىنسىز كۈتكىنىمنى ، 
تەشنالىق بىلەن كۈتكىنىمنى ، 
سىغىنىش بىلەن يوللىرىغا تەلمۈرگىنىمنى ، 
بىرەر پارچە خەت ئۇچۇرىغا زارىققىنىمنى ، 
كۆزلىرىمگە قاراپ بىلسىكەن دەيمەن،  
 
كۆزلىرىمدىن يامغۇر تامچىلايدۇ، 
  مەڭزىمنى بويلاپ ئىقىپ كىتىدۇ ، 
ئەمما  
يۈرىكىمگە يىڭى ھەسرەت سىلىپ كىتىدۇ، 
قانلىرىم كۈۋەجەيدۇ ، 
يۈرىكىم كۆكرەكلىرىمگە تىپىدۇ،  
ئەلەم بىلەن سوقىدۇ ، 
سىغىنشنىڭ دەھشىتى…، 
ساراڭ بولاي دىدىم ، 
رەسىمىڭنى تۇتماي دىدىم، 
لىكىن مىنى كۆرەلمەي ، 
ماڭا ئوخشاش قىينىلىشىڭدىن ، 
ياش تۆكۈشىڭدىن ئەنسىرىدىم … 
 
ئىھ بىر پارچە سۈرەت …، 
 
زوھرا. 
 
20-ئاپرىل سانجۇ  
                                                  
  |