- جۇغلانما
- 321

بايلىق- 224 دانە
شۆھرەت- 0 سەر
ئوقۇغۇچى
|
ئۈچ توشقان بىر يوغان موگو ئۈزۈۋاپتۇ، ئىككى چوڭ توشقان كىچىك توشقانغا:
-سەن بېرىپ بىرئاز ياۋا ئوت تېرىپ كەلگىن!
-ياق، مەن بارمايمەن، ناۋادا مەن بارساملا سىلەر مېنىڭكىنىمۇ قېتىپ يەۋالىسىلەر،
-ئۇنداق قىلمايمىز، خاتىرجەم بولغىن،-دېيىشىپتۇ، كىچىك توشقان ئاخىرى ماقۇل بولۇپ يولغا چىقىپتۇ، ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپتۇ، كىچىك توشقاننىڭ كەلمىگىنىنى كۆرۈپ بىر چوڭ توشقان ‹بولدى ئۇ كەلمىگۈدەك، بىز يەۋېتەيلى› دېسە، يەنە بىرى ‹ياق، يەنە ساقلاپ باقايلى› دەپتۇ، ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئاخىرى ئىككەيلەنلا ‹بولدى ئەمدى يەۋېتەيلى› دەپ تۇرۇشىغا، كىچىك توشقان ياندىكى دەرەخنىڭ كەينىدىن سەكرەپ چىقىپلا ئاچچىقلانغان ھالدا:
-خىڭ ! دېمىدىممۇ، سىلەر مېنىڭكىنى يەۋالىسىلەر دەپ !-دېگۈدەك… (كىچىك توشقان شاكىلاتقا ئوخشاپ قالامدۇ ھە؟ ) |
|
مەن كىم؟
|
|
|
|
|