ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 285|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئارتۇچ ناخشا تېكسىتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

59

يازما

445

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 708
يازما سانى:
59
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-10 11:25  

خۇشخۇي دىدار ئېسىل پەزىلەت

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


خۇشخۇي دىدار ئېسىل پەزىلەت ،
سالاملاردىن  يورۇيدۇ كۆڭۈل  .
خۇش چىرايلار جاھانغا بېزەك ،
ئىناقلىقتىن ياشنايدۇ پۈتكۈل .

تۆكۈلىدۇ ئالەمچە بەركەت ،
شاتلىق سىڭغان ئوت يۈرەكلەردىن .
ئاتا قىلغاي ئىنسانىي قىممەت ،
ئۈمىد قونغان ساپ تېلەكلەردىن .

ئۆمۈر قىسقا بىباھا ھىممەت ،
رىشتىمىزدىن كۆكلەيدۇ ھايات .
ئىزىمىزدىن پارلىسا نۇسرەت ،
بەخىت قۇشى قاقىدۇ قانات .

قەدىرلەنسە مېھرى - مۇھەببەت ،
كۈلكىمىزگە جۈر بولغاي جاھان .
پاكلىق بىلەن ئۇلۇغ ھەقىقەت ،
چېچەكلەيدۇ دىللاردا ئارمان .



بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

22

تېما

59

يازما

445

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 708
يازما سانى:
59
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5
دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 02:55:35 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-10 11:30  

كۆزۈڭ سۆزلەيدۇ

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


يۈرەكلەرنى ئوينۇتۇپ كۆزۈڭ سۆزلەيدۇ ،
غەش كۆڭلۈمنى يورۇتۇپ كۆزۈڭ سۆزلەيدۇ .
كىرپىگىڭ تىكلەيدۇ تۇغ ، تىنىقلىرىم چوغ  ،
ئوتلۇق سۆيگۈ قوزغۇتۇپ  كۆزۈڭ سۆزلەيدۇ .

قارا كۆزۈڭ نۇرىدىن بولدۇم مەس -ئەلەس  ،
قايتا كەلدىم دۇنياغا مۇھەببەت پەۋەس ،
پايانىدا ھاياتنىڭ  سەۋدالىق ئۆچمەس ،
ۋاپا - غورۇر  ئويغۇتۇپ كۆزۈڭ سۆزلەيدۇ .

كۆيۈك ، غەم سەيناسىدا سۈيۈپ ھىجرانلار  ،
چىن ۋىسال تەشناسىدا  يورۇق ئارمانلار ،
پاكلىق ، ھەق  دەۋاسىدا ئاشقاي دەرمانلار ،
ئېزگۈ روھنى ئۇرغۇتۇپ كۆزۈڭ سۆزلەيدۇ  .

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894

22

تېما

59

يازما

445

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 708
يازما سانى:
59
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 02:56:53 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-10 11:33  

بالامغا نەسىھەت


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


ئەل -ۋەتەن ئىشقىدا كۆيگىن جان بالام ،

جېنىڭدەك ئەزىزلەپ سۆيگىن جان بالام .

مەرىپەت يولىدا ئىزلەن توختىماي ،

ئۈمىدلىك ، مەردانە يۈرگىن جان بالام .



ھاياتقا زىننەتتۇر پاكلىق ۋە ئەخلاق  ،

دىيانەت ، ئادالەت مەنزىلگە چىراق  .

ياماندىن ،ناداندىن يىراق تۇر ، يىراق  ،

ياخشىلار سۆزىگە كۆنگىن جان بالام  .



جاپادا تاۋلانغىن ئارمانلار كۆزلەپ ،

روھىڭنى پاكلاپ تۇر نۇسرەتلەر ئىزلەپ ،

ۋاقتىڭنى  قەدىرلە ، بۇرچۇم كۆپتۇر دەپ ،

مەنزىلدە قۇت ، شاتلىق سۈرگىن جان بالام .



ھالال تەر ، مىھنەتنىڭ بەركىتى ئۇلۇغ ،

ئىلىم - پەن  نۇرىنىڭ شەۋكىتى ئۇلۇغ ،

ئىناقلىق مېھرىنىڭ  شەپقىتى  ئۇلۇغ  ،

بەخىتكە  چۈمۈلۈپ  كۈلگىن جان بالام  .





ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894

22

تېما

59

يازما

445

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 708
يازما سانى:
59
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5
يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 02:57:41 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-10 11:37  

ئانا قەسىدىسى

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


مېھرىڭىزدىن نۇرانە تاڭلار ،
چېھرىڭىزدىن كۆكلىگەن باغلار .
بالام دەيسىز بىر ئۆمۈر تىنماي ،
جىسمىڭىزدىن مەزمۇتتۇر تاغلار .

قولىڭىزدا تەۋرەنسە دۇنيا ،
ئەجرىڭىز بار تامامى جاندا .
پەرىشتىدەك بەركەت ياغىدۇ ،
ھايات ئەزىز ئويغانغان ئاڭدا .

بالامنىڭ دەپ تاپقان تەرگەننى ،
بالامنىڭ دەپ ئېگەم بەرگەننى .
سىزنى يۈدۈپ مەككىگە بارسام ،
ئادا بولماس بىر رەت ئەمگەننى .

ئىزىڭىزدا جەننەت جىلۋىسى ،
روھىڭىزدۇر سۆيگۈ قىبلىسى .
مەڭگۈ سىزگە قەرزىدار ئىنسان ،
ئۈزۈلمەيدۇ ئوتلۇق رىشتىسى .

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894

22

تېما

59

يازما

445

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 708
يازما سانى:
59
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5
5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 02:58:27 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-10 11:40  

ئۆمۈر دېگەن ئەزەلدىن شۇنداق

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


يۈرەكلەرنى نەمدەيدۇ شاتلىق ،
ئۆمۈر دېگەن ئەزەلدىن شۇنداق .
ھالال يېگەن زاغرا نان تاتلىق ،
ئۆمۈر دېگەن ئەزەلدىن شۇنداق .



زىمىستانسىز كەلمەيدۇ باھار ،
سۆيگۈ ، نەپرەت دىللاردا ئىزھار .
ئاقىل روھى ئۇيقۇدىن بىدار ،
ئۆمۈر دېگەن ئەزەلدىن شۇنداق .



قېرى تەقدىر قىلمايدۇ شەپقەت ،
ياخشى يولدا كۈتىدۇ قىسمەت ،
مەنزىللەردە ئەل كۆزى ئەلگەك ،
ئۆمۈر دېگەن ئەزەلدىن شۇنداق .



دۇنيا ئىزدەپ تاپقىنىڭ قالار ،
چاچقۇ ، ئىزلار چاچقىنىڭ قالار ،
قۇت دەپ قۇچاق ئاچقىنىڭ قالار ،
ئۆمۈر دېگەن ئەزەلدىن شۇنداق .




ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894

22

تېما

59

يازما

445

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 708
يازما سانى:
59
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5
6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 02:59:18 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-10 11:42  

ياخشىلار

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


گۈل ھاياتقا ئېسىل بېزەك ياخشىلار ،
قۇت بېغىدا خۇشبۇي گۈلدەك ياخشىلار .
نىيىتى ساپ ، دىلى ئاپئاق نۇرانە ،
مېھرى ئىللىق مىسلى كۈندەك ياخشلار  .


تۆكۈلىدۇ ئىزلىرىدىن بەركەتلەر ،
مېھنىتىدىن ياغدۇرىدۇ ئامەتلەر ،
تىنىقىدىن بېغىشلايدۇ شەپقەتلەر ،
مەنزىللەردە ئوتلۇق يۈرەك ياخشلار .


بېغىشلايدۇ بارلىغىنى ئەلگە دەپ ،
قىينىسىمۇ جاننى قىسمەت ئىكەكلەپ ،
كۆكلەر روھى ئارمانلىرى چېچەكلەپ ،
سۈزۈك تاڭدەك كۆيگەن تىلەك ياخشىلار .



ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894

22

تېما

59

يازما

445

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 708
يازما سانى:
59
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5
7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 03:00:03 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-10 11:49  

قـاراڭ

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


بەندىگە باقماسكەن ھايات ،
قەبرىگە ، ئەرۋاھقا قاراڭ .
ناداندا بولماسكەن ئۇيات ،
تىلەمچى  مەدداھقا قاراڭ .




نامەرتكە نە سوزۇلدى قول ،
تارىخي گۇۋاھقا قاراڭ .
پاراسەتتىن ئېچىلدى يول ،
مەردانە سەيياھقا قاراڭ .



جاسارەتتىن ئۈمىد بولغاي ،
چۆلدىكى گىياھقا قاراڭ .
ئويغاق روھلار قۇتقا تولغاي ،
ھەق يولى جەڭگاھقا قاراڭ .



كىملەرگە باقىي مال -دۇنيا ،
مەيلى بايغا ، شاھقا قاراڭ .
نەپسىگە يانداشتى ۋاپا ،
كەبىرى گۇناھقا قاراڭ .


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894

22

تېما

59

يازما

445

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 708
يازما سانى:
59
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5
8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 03:01:30 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-10 11:52  

ياشاڭ

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


بۇ ئۆمۈر باقىي ئەمەس ،
مېھرى -شەپقەتلىك ياشاڭ .
بەخىت دېگەن ساقىي ئەمەس ،
ھالال مىھنەتلىك ياشاڭ .

تەقدىردىن قاخشاش نۇمۇس ،
خالىس نىيەتلىك ياشاڭ .
ئاقىل بولماقلىق دۇرۇس ،
ئىزى ھېكمەتلىك ياشاڭ .

ياخشىلىقتىن كۈلگەي جان ،
ئېسىل خىسلەتلىك ياشاڭ .
كۆكلىگەي ئۇلۇغ ئارمان ،
يولى نۇسرەتلىك ياشاڭ .

ھەر قەدەمدىن ئۇنسۇن گۈل ،
ئەجرى بەركەتلىك ياشاڭ .
يايراپ سۈيۈنسۇن پۈتكۈل ،
شانۇ -شەۋكەتلىك ياشاڭ .

ياشلىق گويا ئاتقان ئوق ،
قەدرى - قىممەتلىك ياشاڭ .
پۇشايمانغا دورا يوق ،
ساپ دىل  ھىممەتلىك ياشاڭ .



ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894

22

تېما

59

يازما

445

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 708
يازما سانى:
59
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5
9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 03:02:24 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-10 11:58  

ھايات ۋەسلى ئېھتىمال شۇنداق

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


كۆنىدىكەن ھەممىگە ئادەم ،
ھايات ۋەسلى ئېھتىمال شۇنداق .
كۆمىدىكەن ئارمانغا ئەلەم ،
ھايات ۋەسلى ئېھتىمال شۇنداق .


ھالىڭ چالما  ئويغاق تۇرمىساڭ ،
روھىڭ مېيىپ  قۇتقا تولمىساڭ ،
گويا ئايسەن  قۇياش بولمىساڭ ،
ھايات ۋەسلى ئېھتىمال شۇنداق .


ئوخشاش بولماس ئالغان خامىنىڭ ،
يورۇق تۇرماس دائىم ئايۋىنىڭ ،
كۈندە باقماس نۇسرەت كارۋىنىڭ ،
ھايات ۋەسلى ئېھتىمال شۇنداق .


ئوڭ ئىشىڭدا كۈلپەت بار بەزەن ،
گۈل تېرىساڭ سانجىلىپ تىكەن ،
رەسۋا قىلغاي ۋاپاسىز لېۋەن ،
ھايات ۋەسلى ئېھتىمال شۇنداق .


جاندىن ئۆتسە ئاھانەت گاھى ،
خوش قىلىدۇ ئۈمىد نىگاھى ،
بەخىت مەڭگۈ ئەمەسكەن ساقىي ،
ھايات ۋەسلى ئېھتىمال شۇنداق .



ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

10#
ۋاقتى: 2016-3-10 12:00:07 | ئايرىم كۆرۈش
ئورۇن ئالغاچ تۇراي دېدىمغۇ ، ئىنكاسىمنى تەھرىرلەيمەن ، ئىشىم چىقىپ قالدى .
يارايسىز ئارتۇچ !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:49 , Processed in 0.150286 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش