بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-1 17:34
يايرىمنى تاپتىم پەيشەنبە بازاردىن

پاھ - ئەجەپ بازاركەن بۇ قىززىيدىكەن بۇ كۈندە ،
كەلگەن ئىدىم كىچىكىمدىن شۇ نامىنى ئاڭلىغاچ .
سېرىقبۇينىڭ بازىرى قانداق ئىكەن دىگەنگە ،
دەپ بىرىمەن تەسۋېرلەپ ئۇنى تازا داڭلىغاچ .
ۋاي سورىماڭ ، قىززىيدۇ رەستە - كوچا بەك ئاۋات ،
ھەممە يېرى توقچىلىق ، يەل - يىمىشلەر تىزىلغان .
داڭقىسى بار شىنجاڭدا << تۆت بازار >> نىڭ بىرى دەپ ،
ھەم شۇڭىمۇ تارىختا خەرىتىگە سىزىلغان .
چۆگىلىدىم يېرىم كۈن ، تۈگىمىدى ماڭغانغا ،
سودا - سېتىق ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپتۇ قارىدىم .
بىر گۈزەلگە بىر قاراپ كۆزۈمنى قىسىپ قويسام ،
خويمۇ ئوبدان ئىش بولدى ، بىلىپ - بىلمەي يارىدىم .
پاراڭلاشتۇق شۇ يەردە - نەدىن ، نىمىش قىلىسىز ؟
خەۋەر تاپتۇق ھالىمىز سورىغانچە بىلىشىپ .
ئالتۇن ئۈزۈك ، ياقۇت كۆز سىڭىشكەندەك ئۆز - ئارا ،
بىردەمدىلا قاپتىمىز ئىككى تەرەپ كىلىشىپ .
ئۆيگە باشلاپ چاي قۇيدى - پەش ئايۋاننىڭ تىگىدە ،
ھەم داستىخان بولۇشۇپ ، چايغا ناۋات سېلىشتۇق .
قۇتلۇق كۈننى بىكىتىپ ، ئاندىن چىقتۇق بازارغا ،
شۇ كۈنىلا كىتەرلىك زەللە - مەللە ئېلىشتۇق .
كۆڭۈلدىكى يايرىمنى ، تاپتىم پەيشەمبازاردىن ،
ئويلىمىغان يەردىلا قارلىق ھاۋا كۆرۈلدى .
ھەي ، بۇ ئىشنىڭ سائىتى ، ۋاقىت كۈنى قەرەلى ،
مانا ئەمدى ۋاختىنچە ئارقىسىغا سۈرۈلدى .
مەنبە :بىر دوستۇم تىلىدىن |