قارا ھىجرانغا خەنجەرمەن
ئالىمجان توختىمۇھەممەد
چېچەكلەر ئۈششۈگەن باغقا تۆكۈپ ئاپتاپ يېقىلغايمەن،
كۆمۈپ مۇز تەكتىگە يالقۇن زىمىستانغا چېقىلغايمەن.
ھىجىر قىيناقلىرى جاننى قىلىچلاپ، قىلسا مىڭ پارە،
يېتىم قۇشنىڭ لېۋىدىن دان يۇتۇپ پىنھان بېقىلغايمەن.
كۆڭۈلگە قار كەبى ئاقلىق سىڭىپ سۆيدى جاراھەتنى،
يۈرەككە زەررە چاڭ قونسا باياۋانغا قېقىلغايمەن.
گۈلۈمنىڭ كۆزىگە مەلئۇن چاچار بولسا توپاسىنى،
ئېزىقماستىن ئۈزۈپ گۈلنى ساداقەتكە يېقىلغايمەن.
ئۈمىد گۈلشەنىدە ئەلبۇم شەپەقتەك چوغلىنىپ كۆيگەي،
قارا ھىجرانغا سۈبھىدە بولۇپ خەنجەر تىقىلغايمەن. |