بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-2 07:40
«تاغ سارىخان»
مەريەم نەشتەرى
كۆكنى ئايغا چۆلنى سۇغا باشلىتىپ،
سەن يۇتامسەن سۇدا كۆيگەن قۇشلىنى.
سارىخاننى قىرغا تارتىپ مۇھەممەتنى داغدا قۇيۇپ .
ھېجران تۇغامسەن كۆمۈپ تاغقا سۆيگۈنى.
***
تاغ سارىخان ئارمانلىرى يولدا قالغان،
زىنىقىڭدا كۈلدىمۇ ئورچىك دىگەن نەس ئامبال.
دەريا پۈتۈپ ئاققۇزامسەن دىھقانلارنىڭ قېنىدىن،
ئۇندا جان يوق ئۇچىسىدا قالمىدى تامبال.
***
«ھاسا بۇۋام »بېشىدا مۇقام ئىيتار«لالە كۆل»
غەزەپ نەپرەت ئۇسسۇل ئوينار 18گە لىق تولۇپ.
مىڭ بىر كىچە چۈشلىرىدە ئۇخلاپتۇ تارىم،
دۈملەنگەن روھ چۈچۈپ چىقار ئويغۇنۇپ.
***
كۆيەر غورۇر ئۆلەر ۋىجدان سۇدىمۇ،
داستان پۈتتى قانلىرىدا «لالە-قۇربان» .
باشتا ئوينار «قۇشقاچ ئالۋاڭ» «ئۆگەن دەريا» ،
تاغ سارىخان بولۇپ قالدى قەھرىمانىڭ ئاقسايدىغان.
ئىلاۋە :بۇ شېئىر «چالا تەككەن ئوق »رومانىدىكى، «تاغ سارىخان» ھىكايىسىدىن تەسىرلىنىپ يىزىلدى. |