بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-29 15:40
قىممەت قەبرە
مەريەم نەشتەرى
كەلدىم قەيەرگە، يۈرۈگۈم چۇل چۇل،
بىلمىدىم ئاسمان كىردى قانچىگە.
يىغلايدۇ ئۆكسۈپ غېرىپ قۇمۇشلار،
توپىلار يەنجىلەر مۆكۈنۈپ تەنگە.
يۈتىدۇ تىتىرەپ نازۇك قەبرىنى،
ئوقۇپ كەلگەن كۈي ئەسىر ئەسىردىن،
ئىپپەت كۆمۈلگەن قىممەت قەبرە بۇ،
ئۇ كەلمەس مەن كەچمەس كەتكەن ئىزىدىن.
چېچىڭنى دار قىلىپ ئۆلۈپ كەلدىممەن،
توۋلىدىم قىتىلىپ ئەركەك يۈتتى دەپ.
ئۇزلۇق قايدىكىن يۈرمۈدۈم سېزىپ ،
ئاي بىلەن قۇياشنى نۇزۇك يۈزى دەپ.
قۇمۇش باغرىغا ئالمىغان نۇزۇك،
دوتەي بىشىغا تاغ ئاسقان نۇزۇك.
قوينىغا ئالمىسا خائىن ئاسمانلار.
ئىپپەتنى قۇچاقلاپ ئۇچتۇڭمۇ نۇزۇك.
سېغىنىش
سېغىنىش؟
قەلەم ئۇنىڭدا ئازىدۇ .
سېغىنىشىم؟
ئۇ بىلمەيدىغان
ئۆلۈم .
سېغىنغىنىم؟
خاتا ئېتىلغان،
بىر پاي ئوق.
2016.1.28. كېچە
مۇسلىم قىزى
كۈلۈپ تۇرار شەرمى ھايا يۈزلۈرۈڭدە،
گۈللۈرۈمنىڭ رەيھانىسەن مۇسلىم قىزى.
ئىلىم ئىمان ئۇخچۇپ تۇرار كۆزلۈرۈڭدە،
يادىڭدىدۇر ئاتا بۇۋاڭ باسقان ئىزى.
***
قۇللىرىڭدا ئۆسكەن مايسا مىۋە بىرەر،
دۇنيا قايىل ئاتا ئاناڭ ئاكاڭمۇ،
ئىتائىتىڭ جەننەتلەرگە باشلاپ كىرەر،
تەربىيلىگەن ئۈممەتتىن رازى بۇلار راھمانمۇ.
***
ئۇلۇغقىنە كىتاپسەن ئوقۇيالماس ساۋاتسىز،
دىيانەتكە چىلاغلىق رومالىڭنىڭ قىرلىرى،
دۇنيا نۇرلۇق بۇلالماس سۆزلىرىڭنىڭ نۇرىسىز،
تىنىچلىققا كۆۋرۈك بۇلار مۇسلىم قىزى.
قەلىپنىڭ ئۈچ نەزىرى
ئاڭلىنىپ تۇرار قۇلاق تۈۋۈمدە،
نىمە ئاۋاز بۇ؟
بىلەلمەي ھەجەپ قىينالدىم ھەركەچ،
ئۆلگەندەك بىرى
قارلىق تۇتۇپ تەڭرى تىغى،
يىغلاپ تاشار سايرام كۆلى،
قوشاق قاتار سادىر روھى،
كىم ئۆلدى؟
كىم ئۆلىۋاتىدۇ؟
تەزىيە بىلدۈرەر،
بىلدۈرۈپ كەلدى،
تەلكىنىڭ تېغى.
بېشىدىكى قارغىيى.
سۈكۈتكە تولغان كىتاپنىڭ ئىچى.
تەكلىماكاننىڭ يىغىسىدىن چۈچۈپ ئويغاندىم.
ئەسلى ئۆلگىنى بىز ئىكەنمىز،
يۈرەككە ئىسىلغان،مۇشتۇمدەك داڭگال. ئوقۇغۇچى مۇنبىرىگە خاس.قالايمىقان كۆچۈرمەڭ
|