قاقاس چۆللەردە ئوكيانمەن
ئالىمجان توختىمۇھەممەد
ئۇپۇقتىن تامچىغان قانمەن، قاقاس چۆللەردە ئوكيانمەن،
كىيىكمەن ئوق يىگەن كۆكسى يارالىق، بەلكى نىمجانمەن.
غۇرۇرۇم ئاسمىنى پارلاق، چاچار تۈنلەرگە يالقۇننى،
تۇمانلارنى سۈرۈپ قوغلاپ سۈزۈك چۈشلەردە گۈلخانمەن.
قېنىم قايناپ تېشىپ تۇرغاي، تۆكەر ئەركەكلىكىم ئاپتاپ،
كۆمۈپ ۋىجداننى كۆكرەككە چىلىشتا مەردۇ - مەردانمەن.
ئۇرۇپ غەپلەتكە خەنجەرنى، يورۇق تاڭلارنى چاقىردىم،
قاشاڭ زۇلمەتكە دۈشمەنمەن، چىرايلىق كۈنگە قۇربانمەن.
ئېتىمنىڭ كىشنىشى كەزگەي قىران تەكلىماكان چۆلنى،
تۆكۈپ شەربەتنى لەۋلەردىن غىرىب تەنلەردە جەۋلانمەن.
ھايات سۇمبۇللىرى چاچقاي جۇلا، باسقان مۇساپەمگە،
قىيانلار ئۆركىشى سۆيگەن باياۋانلاردا بوستانمەن.
چېچەكلەپ سۆيگۈلەر دىلدا تۇغار ئالتۇن تىلەكلەرنى،
غىرىب تورغاي ئۇۋا سالغان يۈرەكى ئىللىق ئايۋانمەن. |