سېغىنىش ئۆلتۈردى
يۈرەلمىگەچ قارلىغاچتەك شوخ سايراپ،
پۇرالمىدىم گۈللەرنىڭمۇ ھىدىنى.
تۈگەلمىدىم غۇنچە كەبى ئانامدەك،
غىزا قىلىپ باھار بەرگەن بىدىنى.
چېقىر ماڭا كۈلۈپ تۇرغان كۆزلەرمۇ،
كۆرەلمىگەچ ئۇنىڭدىكى سېھىرنى.
تالدى بەلكىم شۇ سۆيۈملۈك قوللارمۇ،
سېزەلمىگەچ سۇنغان سۆيگۈ مىھىرنى.
بىر چاغلاردا دەيتىم باغرىم خۇن بولۇپ،
ياراتقانمۇ مەن ئۈچۈنلا يىغىنى.
مانا ئەمدى كۆزلىرىممۇ قۇرىدى،
يادلاپ ئىپار،رەيھان چېچەك چېغىنى.
قالدى ئەنە كۆز يەتكۈسىز يىراقتا،
كۆرەلمەيمەن ئارمىنىمنىڭ تېغىنى.
يىغلار بەلكىم يارمۇ جىمجىت دالدىدا،
قۇزغۇن ماكان تۇتقاچ سۆيگۈ بېغىنى.
چىقالمايدۇ يۈرەكنىڭ چىگراسىدىن،
پالىسام مەن ئۇپۇققا سۆيگۈنى.
ئىڭرايدۇ پىنھاندا بەكمۇ زەئىپ،
سېغىنىش تۇتقۇن قىلدى بەلكىم ئۇنى.
قۇرىغان بۇلاق مىسالى يۈرىكىم،
قايتىدىن سايرىماس مۇڭ تارىسى.
قىچقارسام قىمىرلىمايلا ياتىدۇ،
مەڭگۈلۈك ئۆچكەنمىكىن نالىسى.
ھەسرىتىڭ ۋۇجۇدۇمغا قېقىلغان مىخ،
خۇدا پۈتكەن مۇشۇنداق يۈرەرىمنى.
كۈلمەيدۇ ناۋارىڭدىن ئەمدى بەلكىم،
سېغىنىش ئۆلتۈردى يۈرەكىمنى.
خاتىمە
سېغىنىش دىگەن ئۇ شۇنداق بىر تۇيغۇ،
يۈرۈكىڭنى قۇرۇقلا قورۇيدىغان.
كۆيدۈرۈپ جىسمىڭنى ھىجران ئوتىدا،
ھەتتاكى كۈلۈڭنىمۇ سورۇيدىغان.
23-زىمىستان