بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-27 22:17
ئانا
شاھزادەم ئابدۇللا ئارف
تەرىپلىسەڭ باغلارنى ئانا'
باياۋانمۇ بولار باراقسان.
چىرايىڭدەك ئىچىلىپ كىتەر،
كۆپكۆك بولۇپ تۇمانلىق ئاسمان .
تەرىپلىسەڭ قۇياشنى ئانا،
نۇرغا تۇلار زۇلمەتۇ كىچە.
رومالىنى ئارتىپ بىشىغا،
تولۇن ئايمۇ كېلەر جىممىدە.
تەرىپلىسەڭ گۈللەرنى ئانا،
ئېچىلىدۇ پورەكلەپ گۈللەر.
بارماقلىرىڭ سىىلىغان ئۇچتىن،
تۆكۈلىدۇ سۈپسۈزۈك نۇرلار.
ئانا سىنىڭ ئاچچىق تىللىرىڭ،
ھاياتىمنى قىلار گۈلىستان،
ئۆگەنمەكتە سەندىن قىزلىرىڭ،
ھەر-بىر سۈزۈڭ تۈمەنمىڭ داستان.
2016-يىل1-ئاينىڭ13-كۈنى
|