ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوقۇغۇچى مۇنبىردىكى ئوتتۇز ئوغۇل توققۇز قىز ئامانمۇ سىلەر؟
ھەممىڭلارغا چېچەكتىن ئوتلۇق سالام ، ئالىي ئېھتىرام! ھەممىڭلارنىڭ ئۇشبۇ ۋاقتى خەيرىلىك بولسۇن .
ئوتلۇق سالاملىرىمغا قوشۇپ 20-سان تەلەي يۇلتۇزنىڭ نەتىجىسنى ئېلىپ كەلدىم ، كىملەرنىڭ تەلەي يۇلتۇزى مۇكاپاتغا ئېرىشكەنلىكىگە قىزىقۋاتامسىلەر؟ ئۇنداقتا ئاۋۋال نەزىرىڭلارنى سۇئاللىرىمىزنىڭ جاۋابىغا ئاغدۇرۇڭلار.
1-سۇئالنىڭ جاۋابى: بۇ مارشالنىڭ " مەن سېغىنغان شۇ قىز " ناملىق شېئىرى.
2-سۇئالنىڭ جاۋابى: قىسقارتىلدى.
3- سۇئالنىڭ جاۋابى:
مېلىڭنى مەھكەم تۇت ، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.
يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا.
ئوتنى كوچىلساڭ ئۆچەر ، قوشنىنى كوچلساڭ كۆچەر.

4- سۇئالنىڭ جاۋابى:
بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار،
غېرىب يولىنى باغلار.
غېرىبقا غېرىپ يىغلار،
غېرىب ئۆلسە كىم يىغلار.
ھەي ھەي دۇنيا، ھەي دۇنيا،
كىمگە ۋاپا قىلدىڭسەن.
مەن مەن دېگەن يارەننى،
ئۆز قوينۇڭغا ئالدىڭسەن.

5-سۇئالنىڭ جاۋابى: " قۇتادغۇبىلىك " داستانى 82 باپ ، 6644 بېيىت ، 13288 مىسرا تەركىپ تاپقان بۇلۇپ ، داستاندىكى پادىشاھ كۈنتۇغدى -ئادالەت ۋە قانۇنغا ، ۋەزىر ئايتولدى- بەخىت سائادەتكە ، ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىش - ئەقىل ئىدراكقا ، ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى ئودغۇرمىش — قانائەتكە سىمۋول قىلىنغان.
 20- سان تەلەي يۇلتۇزىدا دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر. 1-دەرىجە : ئەلبۇم 2-دەرىجە : ئېرفان دەرىجىگە ئېرىشكەنلەرگە مۇبارەك بولسۇن ! كىلەركى سانىدا باشقىلارنىڭمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى ئۈمۈد قىلمەن.
|