بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-6 15:40
مەن سېغىنغان شۇقىز
كۆزلىرىدىكى ياشنىڭ يۇقىنى مەڭزىگە نەقىش قىلىدۇ مەن سېغىنغان شۇ قىز
ئۆزىدىكى ئازابلار بىلەن ئەينەك ئالدىدا تۇرسا جاھان تىترەيدۇ مەن سېغىنغان شۇ قىز
مېنىڭ ھەربىر سۆزۈم بىلەن كۆزلىرىگە چوڭقۇر چۆكىدۇ مەن سېغىنغان شۇ قىز
كېچە سوغۇق ۋە تىمتاس قەدىر گۈللىرىنىڭ توزىغان بەرگىنى ئىزدەپ تېنەپ يۈرەر مەن كۈتكەن شۇ قىز
يىراقتىكى مەسۈم ئاۋازى بىلەن مېنىڭ بۇ يەردىكى بىپەرۋالىقىنى يىرتىۋىتىدۇ، كۆڭلىدىكى پىغانلىرىنى ئۆز ئىچىگە سىڭدۈرىۋىتىدۇ، خۇشاللىقنىڭ مەنىسىنى كۆزىدىكى ياش گۈللىرى بىلەن چۈمكەيدۇ مەن سېغىنىۋاتقان شۇقىز
توزىۋاتقان قارنىڭ بەرگىنى ھەسرەت پايانى بىلەن كۈتىۋالار مەندىكى ساراڭلىقنى مېنىڭ كەيپىمنىڭ قارشىسىدا تۇرۇپ خۇداغا بولغان خىيالىرىغا مېنىڭ ئىسمىمنى ماۋزۇ قىلىپ سۈكۈت بىلەن چۇقان سالىدۇ يىراقتىكى مەن كۈتكەن شۇ قىز...
ھېچكىمگە چۈشەندۈرمىدىم
ھېچكىمگە چۈشەندۈرمىدىم يىتىم خىياللىرىمنىڭ ئۆزىدىكى چەكسىز غېرىبلىقىنى
كېچىنى ئاياق ئاستى قىلىۋاتقان خىياللىرىمدىمۇ بەخت رومكىسىدىن كېيىنكى ھاراق ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۇشۇمدىمۇ بىر ئايالنىڭ نالىسىدىن كېيىنكى يىرگىنىشىمنىمۇ ئۆلۈمنىڭ لېۋىدىكى سۆيۈشۈشۈمنىڭ مەيۈسلىكىنى خىيالىمدىكى مۇھەببەتلىشىش مۇراسىمىنى ھېچكىمگە چۈشەندۈرمىدىم
ھېچكىمگە چۈشەندۈرمىدىم خۇدادىن باشقىغا چۈشەندۈرۈش مۇمكىن بولغاندىمۇ ئۆزۈمگە تەۋە ئۆلۈم بىلەن قول تۇتۇشۇپ.
بەختىيار ئابلەت |