پەقەتلا سەن...
(ئۆزخان)
چوڭ بىلدىم مەن سېنى دىدىم كۆكتە ئاي.
ئاينىڭمۇ دىېغى بار سەندە بار زىناق.
گۈل سېنىڭ ئالدىڭدا خىجالەتتىدۇر،
باھاردا ئۇز، كۈزدە تۆكىدۇ پاپراق.
مەن سېنى قوياشقا ئوخشىتاي دىسەم،
زىمىستان پەسلىدە ئۇمۇ نائىلاج.
سېنى بىر ئالماس يا قاشتېشى دىسەم،
تاشچىلىك ئالدىڭدا شاھ چوڭ بىلگەن تاج.
قەددىڭنى چىنارغا ئوخشاتقۇم كېلەر.
چېچىڭنى ياپيېشىل مەجنۇنتاللارغا.
ئۇلار نەۋ باھارغا تەلمۈرگەن دەمدە،
خۇش ھېدىڭ تارقىلار چىمەنزارلاغا.
ئالدىڭدا قىممىتىم قانچىلىك دىمە،
بۇ دۇنيا بىر تەرەپ ئۆزۈڭ بىر تەرەپ.
كۈلكەڭدىن يانار تاغ چىقسا پارتىلاپ،
نەپرىتىڭ دەريانىڭ دەريانىڭ ئۆركىشى غەزەپ.
ئۆزگىلەر مەيلى مىڭ بەرسىمۇ باھا،
ۋەزنىڭنى ئۆلچەشكە تارازىسى كەم.
سەن مېنىڭ بارلىقىم، ئۆزۈڭ ھاياتىم.
چىھرىڭدە بولغاندۇر ھەممە مۇجەسسەم.
كۈلمىگىن قۇلۇڭنى مازاقلاپ قەھ...قەھ،
نىمەم بار سېنىڭدىن ئۆزگە ھاياتتا.
سۆيگۈ ئۇ ئىنسانغا تەڭرى نىھمىتى،
نە قىلسۇن ھەدىيە ئۇنىڭدىن كاتتا.
بەخىت نەدە؟
‹‹بەخىت ئۇ نىمە؟›› دەپ سورىساڭ مەندىن،
جاۋابىم سەھەردە بالقىغان قوياش.
قانلىرىڭ تومۇردا ئۆركەشلەپ ئاقسا،
ھەر سەھەر ئورنۇڭدىن تۇرساڭ ياپمۇياش››.
بىلمەيسەن بەخىت ئۇ يېنىڭدا بەلكىم،
كۈلكىسى جاناننىڭ قۇڭغۇراق كەبى.
تېخى ئۇ بىر ئېغىز ‹‹ئەسسالام››دا دۇر،
بىر لوقما تائامغا مۈككەنمۇ تېخى.
دەر گۇمان بولمىغىن ‹‹بەخىت نەدە؟›› دەپ،
ئەنە شۇ دوقمۇشتا تۇرامدۇ تېخى.
بىر قەدەم نېرىغا مۈككەنم بولىسچۇ،
بايقىۋال باغرىڭغا باسساڭچۇ قېنى.
سورىساڭ بەخىت ئۇ قاندا نەرسە دەپ،
جاۋابىم ‹‹چوڭ بەخىت مانا شۇبۇ دەم››.
ئۇ ھەر بىر تىنىققا، ھەر بىر قەدەمگە،
ھەر تاتلىق كۈلكىگە بولغان مۇجەسسەم.
ئالدىراشچىلىقتا يېڭى يىلىڭلارغا ئەرزىگۈدەك سوۋغات تەييارلىيالىمىدىم. بۇ ئەرزىمەس كۆڭۈل سوۋغامنى كۆپچىلىك دوستلارغا سوۋغا قىلىمەن. شۇنداقلا بارلىق دوستلارنىڭ كۆڭۈل سوۋغىلىرىدىن ئورتاق ھوزۇرلىنىشىمىزنى ئۆمىد قىلىمەن يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. |