1. سۇئالنىڭ جاۋابى: پارچىدىكى ئۇ ئابدۇشكۇر مۇھەممەدئىمىنى كۆرسىتدۇ.
ئۇنىڭ ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى ، غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى ، قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى، ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى، سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى ... قاتارلىق كاتتا
ئەسەرلىرى بار.
(ئابدۇشكۇر مۇھەمەدئىمىنىڭ تەرجىمھالى ۋە ئەسەرلىرى دىگەن تىمغا قارالسۇن)
2. سۇئالنىڭ جاۋابى : بۇ مۇنبرىمىىزدىكى ئەلبۇمنىڭ «ئاشىق تۇمۇچۇق» ناملىق شېئىرى .
قولۇمقان، يۈرىكىم قولۇمدا بۈگۈن،
بىرقىزنىڭ كۆكسىگە قىلىمەن بايراق.
كۆيۈشنىڭ تەكتىدە چېگىلگەن تۈگۈن،
ئىزھارىم پەيتىدە تاشلايدۇ قاسراق.
تۆتقۇلاق دەردىنى ئېيىتمايدۇ ماڭا،
مەن ئۇنىڭ لىۋىگە تۆكسەممۇ كۆز ياش.
ياپيىشىل بەرگىدە قىپقىزىل گۈللەر،
بىرتۇتام ھەسرەتنى قىلماقتا باغاش.
قېنى ئۇ تۆتقۇلاق تەرگەن مەلىكە،
قېنى ئۇ ئاق قارغا كۆمۈلگەن چوغلۇق.
يارىسى تۇزغا يەم بولغان بىر ئاشىق،
ئۇ قىزنىڭ ئىشقىدا بولدى تۇمۇچۇق.
3.سۇئالنىڭ جاۋابى:
دوست يىغلىتىپ ئېيتار ، دۇشمەن كۈلدۇرۇپ.
مىڭ دوستىڭ بولسىمۇ كۆپلۈك قىلماس، بىردۇشمىنىڭ بولسىمۇ ئازلىق .
تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى، دوستىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.
4.سۇئالنىڭ جاۋابى سارسۇمبىيە – ھازىرقى ئالتاي ناھىيسى. ( قەدىمقى يەر - جاي ناملىرى دىگەن تىمىغا قارالسۇن )
5.سۇئالنىڭ جاۋابى قىسقارتىلدى.
18.سان تەلەي يۇلتۇزى ساھىپلىرى
دەرىجىگە ئېرىشكەنلەرگە مۇبارەك بولسۇن ! ( يىلنىڭ ئاخىرغىچە مۇكاپات سىلەردىن ئايلانسۇن . )
دەرىجىگە ئېرشەلمەي قالغانلار كىلەركى سانلاردا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشقايسىلەر ! (مۇكاپاتلار ھەممىمىزگە بار.)