باياۋاندىن چىقىپ كەلدىم
(بەگتۈركنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەربىئ)
ئەلبۇم
تۇمان تۇغقان قورام تاشنى مۇھەببەتتە چېقىپ كەلدىم،
چىنەك بولدۇم پىراقلارغا، يۈرەكىمنى سىقىپ كەلدىم،
گۈلۈم سۇنغىن ماڭا شەربەت باياۋاندىن چىقىپ كەلدىم،
قۇرۇق ئوكياندا شىلدىرلاپ سۈزۈك قۇمدەك ئېقىپ كەلدىم.
شىۋىرغاندەك كۆزۈمگە قۇم تىقىشنى دورىغانلارنىڭ،
چېقىپ چاقماق دىلىنى قاپقارا ئىس ئورىغانلارنىڭ،
بورانلاردا مېنى قەستلەپ يولۇمنى تورىغانلارنىڭ،
قارا كۆكسىگە خەنجەرنى رەھىم قىلماي تىقىپ كەلدىم.
كىيىكمەن، ئوق يىسەم سۆيگۈ دالاسىدا يۈرۈپ يالغۇز،
ئېزىقماستىن كېلىپ ھەتتا يارامغا كۆپ چېچىشسا تۇز،
«قالار قەبرەڭ مۇشۇ چۆلدە» دېگەنلەرگە كۈلۈپ بىر ئۇز،
يىراقتا جىلمىيىپ تۇرغان قۇياشىمغا بېقىپ كەلدىم.
ۋاپانىڭ تەختىگە سۇلتان داۋانلاردىن ئېشىپ چىققاي،
كېلىپ پۇرقەتلىرى سۆيسە بوشاشماي تاغ تېشىپ چىققاي،
ئازاب تەكتىدە ئاشىقلار ھامان بىر كۈن پىشىپ چىققاي،
ھايات سوقماقلىرى ئىچرە قورام تاشتەك قېتىپ كەلدىم.
گۈلۈم، ئىشقىڭ كوچاسىدا سۆيۈپ چوغنى يانارمەن دەپ،
سۈزۈك جىلۋەڭ ئاراسىدا ئۆزۈمنى بار سانارمەن دەپ.
قىزىلگۈل ئاينىغان باغدا ۋىسالىڭغا قانارمەن دەپ،
سېنى تۇغقان ئانا يەرگە پېشانەمنى يېقىپ كەلدىم.
|