بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-24 18:13
ئايالىمنىڭ خىزمىتى يوق
بىر ئەر بىلەن پىسخىكا دوختۇرىنىڭ پاراڭ خاتىرسى :
پىسخىكا دوختۇرى : سىز نېمە خىزمەت قىلىسىز ؟
ئەر : بانكىدا بۇغالتىرلىك خىزمىتى قېلىمەن .
دوختۇر : ئايالىڭىزچۇ ؟
ئەر : ئايالىمنىڭ خىزمىتى يوق ، ئۇ بىر ئائىلە ئايالى .
دوختۇر : ئەتتىگەندە قايسىڭلار ئەتىگەنلىك تاماق تەييارلايسىلەر ؟
ئەر :ئايالىم ، چۇنكى ئۇنىڭ خىزمىتى يوق-تە !
دوختۇر : ئايالىڭىز سەھەر سائەت قانچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ سىز ئۈچۈن تاماق تەييارلايدۇ ؟
ئەر : ئەتتىگەن سائەت بەش ئەتراپىدا ، چۈنكى ئۇ ئالدى بىلەن ئۆيلەرنى بىرە قۇر تازىلاپ يىغىشتۇرۇپ بۇلۇپ ، ئاندىن ئەتتىگەنلىك تاماققا تۇتۇش قىلىدۇ .
دوختۇر : باللىرىڭىز مەكتەپكە قانداق بارىدۇ ؟
ئەر :ئايالىمنىڭ خىزمىتى بولمىغاندىكىن ، ئۇ باللىرىمنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىدۇ ئەلۋەتتە !
دوختۇر :ئايالىڭىز بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بۇلۇپ يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ ؟
ئەر : كۆكتات بازىرىغا بېرىپ سەي ئالىدۇ ، ئاندىن ئۆيگە قايتىپ كىر قات يۇيۇپ ، چۈشلۈك تاماق ئېتىدۇ . سىزگە دېدىمغۇ ئۇنىڭ خىزمىتى بولمىغاندىكىن ، ئەمدى ئاشۇ ئىشلارنى قىلىدۇ ئۆيدە .
دوختۇر :كەچتە سىز ئىشتىن چۈشۈپ كىلىپ ،ئائىلىدە نېمە ئىشلارنى قىلىسىز ؟
ئەر :ئارام ئالىمەن . چۈنكى بىر كۈن ئشخانىدا ئىشلەپ ھېرىپلا قالىمەن .
دوختۇر : بۇ ۋاقىتتا ئايالىڭىز نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ ؟
ئەر :ئۇ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئۈچۈن كەچلىك تاماق تەيارلايدۇ ، بالىلارغا تاماق بېرىدۇ ، تاماقتىن كېيىن قاچا -قۇچىلارنى يۇيۇپ ئۆينى سەرەمجانلاشتۇرۇپ بۇلۇپ ، بالىلارنى ئۇخلىتىدۇ .
........
بىر ئائىلە ئايالنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ئەتىگەن سەھەردىن باشلاپ تاكى تۈن يېرىمىغىچە ئەنە شۇ ئائىلە ئۈچۈن ئالدىراشچىلىقتا ئۆتىدۇ . مانا بۇ ئاتالمىش ‹ خىزمىتى يوق › نىڭ كۈندىلىك خىزمىتى !
گەرچە ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ئالىقانداق ئالى ،نەمۇنۇچى دېگەندەك دەرىجە كىنىشكىلىرى بولمىسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئائىلىدە ، تۇرمۇشىمىزدا ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن مۇھىم . شۇڭا ئاياللارغا ئەرلەر رەھمەت ئېيتىشى ، ئۇلارغا ‹ خىزمىتى يوق › دەپ ، ئائىلىدىكى ھەممىلا ئىشنى‹ ئۇلار قىلىشى كېرەك › دەپ ناتوغرا قاراشتا بولماسلىقى كېرەك . چۈنكى ئاياللار كۈيۈنىشكە مۇھتاج ، ئۇلار ئۈچۈن ئائىلە ئىشلىرى ھېچنىمە ئەمەس ،بەلكى بۇ ئىشلارنى ئۇلار خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ . لېكىن ئەرلەرنىڭ ئۇلارنى ‹ خىزمىتى يوق › دەپلا ،ئۇلارغا بىرتەرەپلىمە قارىشى ئۇلارنى ھاردۇرۇپ قۇيۇشى مۇمكىن .شۇڭا ئەرلەر بۇ خىل قاراشقا توغرا مۇئامىلە قىلىشى ، ئۆزلىرىنى شۇ ئاياللارنىڭ ئورنىغا قۇيۇپ ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك . جەمىيەتتە ھەر خىل يۇقۇرى ئورگانلاردا خىزمەت قىلىپ ، نۇرغۇن نەتىنجە يارىتىۋاتقان ئاياللىرىمىز بار ، بەلكىم ئۇلارنىڭمۇ ئائىلىسى ، پەرزەنتلىرى بۇلىشى مۇمكىن . دېمەك ئاياللار قىلايچۇ دېسىلا قىلالمايدىغان خىزمەت يوق . پەقەت ئائىلىدە شۇ ئائىلە ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ ، ئەر ،پەرزەنت شۇنداقلا قېيىن ئاتا-ئاپىلىرى ئۈچۈن ئۈن -تىنسىز زارلىماي خىزمەت قىلىۋاتقان ، پەخىرلىنىشىمىزگە لايىق ئاياللىرىمىز بار .ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكى كۈندىلىك ئىشلىرىنى بەلكىم نى -نى مەيدىسىگە ئۇرالايدىغانلارنىڭ قىلىپ كېتىشى ناتايىن دەپ قارايمەن .
مەسىلەن كىچىككىنە مىسال ئالسام :
ئائىلە ئايال جاڭ خانىم ئانىسى ئاغرىپ قېلىش سەۋەپلىك يۇرتىغا بېرىپ كېلىش ئۈچۈن نەچچە كۈن ئۆيدىن ئايرىلغان . بۇ جەرياندا يولدىشى ۋاڭ ئەپەندىم ئىدارىسىدىن رۇخسەت سوراپ ، باللىرىغا قارىغان . بۇ نەچچە كۈن ئۇنىڭغا خۇددى نەچچە يىلدەك بىلىنىپ كەتكەن . چۈنكى سەھەر تۇرۇپ چوڭ قىزىغا تاماق تەيارلىغان ، ئاندىن ئۇنى مەكتەپكە ئاپارغان ، ئۇ يەردىن كىلىپ كىچىك بالىسىنى يەسلىگە ئاپارغان . يەسلىدىن ئۇدۇل ئاتا -ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارغا تاماق تەيارلىغان ، ئۇ يەردىن ئالدىراپ ئۆز ئۆيىگە كىلىپ قىزىغا چۈشلۈك تاماق تەيارلىغان ، ئاندىن يەنە قىزىنى ئالغىلى بارغان ، تاماقتىن كېيىن يەنە مەكتەپكە ئاپارغان ، ئاندىن كوكتات بازىرىغا بېرىپ كەچلىك ،ھەم ئەتىنىڭ سەي -كوكتاتلىرىنى ئالغان ، كېلىپلا كەچلىك تاماققا تۇتۇش قىلغان ، ئاندىن يەنە باللىرىنى ئالغىلى مەكتەپكە ھەم يەسلىگە چاپقان ، ئاندىن كەچلىك تاماقنى باللىلارنىڭ جوزىسىغا قۇيۇپ بېرىپ ، يەنە بىر قاچىغا ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ئۈسۈپ ،چوڭ ئۆيگە يۈگەرگەن . ئۇ يەردىن ئالدىراپلا كىلىپ بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشلەتكەن ، ئۇلارنى ئۇخلۇتۇپ بۇلۇپ ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ ، كىيىم كېچەكلەرنى يۇغان . ۋاڭ ئەپەندىم ئەنە شۇ ئىشلار بىلەن بىردەممۇ كېرىلىپ سافادا ئولتۇرالمىغان . ئايالى كېتىپ 3-كۈنى ھېرىپ ھالى قالمىغان . ئەمما بىر قىزىق ئىشنى دەپ ئۆتەي ؛ ئۇ ئەتتىگەندە ئالدىراپ ئەتتىگەنلىك تاماق تەييارلاۋاتسا كىچىك ئوغلى تازىلىق ئۆيدىن چىقىپ ‹‹ دادا ، ئوبۇرنىغا كىرىپ قاراپ باققىنە ماتۇڭنىڭ ( تەرەت قاچىسىنىڭ)رەڭگى قانداق بۇلۇپ قالدىكىن ؟ ئاپام كۈندە دېگىدەك ماتۇڭنى چوتكىلاپ تازىلاپ تۇرغاچ پارقىراپلا تۇراتتى ›› دەپتىكەن ، ئۆزىنىڭ پىشانىسىگە بىرنى سېلىپ ، ‹بۇرۇن ھەجەپمۇ بىلمەپتىكەنمەن ، مەن تېخى ماتۇڭنى ئۇنداق مەينەت بۇلۇپ كەتمەيدۇ دەپلا ئويلاپتىكەنمەن ›› دېگىدەك !
يۇقۇرقى مىسالدىن شۇنى ھېس قىلىمىزكى ، نۇرغۇن ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئائىلىدە قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلىرىنى ھېس قىلىپ كېتەلمەيدۇ .
ناۋادا بىرەسى ئائىلە ئاياللىرىدىن ‹‹ سىز كەسپى ئايالمۇ ياكى ئائىلە ئايالىمۇ ؟›› دەپ سورىسا ، ئۇ ‹‹ مەن تۇلۇق كەسىپلىك ئايال ، مېنىڭ خىزمىتىم كۈندە 24 سائەت ....
مەن بىر ئانا ،
مەن بىر ئايال ،
مەن بىر قىز ،
مەن بىر كېلىن ،
مەن بىر سائەت ،
مەن بىر ئاشپەز ،
مەن بىر خىزمەتكار ،
مەن بىر ئوقۇتقۇچى ،
مەن بىر بالا باققۇچى
مەن بىر سېستىرا ،
مەن بىر كۆپكە قادىر ئىشچى،
مەن بىر ئامانلىق قوغدۇغۇچى
مېنىڭ ھەپتىدە بىرە قېتىممۇ دەپ ئېلىشىم يوق ،
يا مېنىڭ بىرە قېتىم ئاغرىپ رۇخسەت سورىشىم يوق ، شۇنداقلا بىرە قېتىممۇ يىللىق دەم ئېلىشىم يوق . مېنىڭ خىزمىتىم يا كېچە -كۈندۈز دەپ ئايرىلمايدۇ ، ئەمما مەن مۇشۇنداق ئىشلەپمۇ ئەڭ ئاخىردا ئېرىشكەن جاۋابىم ‹‹ سەن ئەتىدىن كەچكىچە نېمە قىلدىڭ ؟›› دىن ئىبارەت ! دەپ جاۋاپ بېرىدۇ . بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟
ئويلۇنىشقا تېگىشلىك مەسىلە دەپ قارايمەن بۇنى !
تۆۋەندە بارلىق ئاياللارغا سوغا قىلدىغىنىم :
ئايال كىشى خۇددى تاماق ئۈستىلىدىكى تۇزغا ئوخشايدۇ . نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ئويلاپ كەتمەيدۇ . ئەمما ئۇ كەم بولسا بارلىق تاماقلار تەمسىز بۇلۇپ ، كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قاچۇرۇدۇ !
تەرجىمىدە : مېھرىيە
خەنچە ‹ ئەقىللىق ئاياللار › سالۇنىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلدى .
|