ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 579|ئىنكاس: 18
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

310+816=1126 (ئاتىكەم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-25 23:01  

1126=310 816

(بۇ تىمىنى مۇھەببىتىمىزنىڭ 15 يىللىقىغا ئاتاپ يازدىم )


بۇ بىر ماتىماتىكىلىق مىسال ، لىكىن بۇنىڭ يەنە باشقا مەنىسىمۇ بار، بۇنىڭدىكى 310 دىگىنى يولدۇشۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 3-ئاينىڭ 10 -كۈنىنى بىلدۈرىدۇ ، 816  دىگەن بولسا مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم 8-ئاينىڭ 16-كۈنىنى كۆرسىتىدۇ ، 1126نىڭ مەنىسىنى بولسا ھازىرچە مەخپى .

يىڭى خىزمەتكە چىققان ۋاقىتلىرىم ئىدى ، ئىدارىدىكى بويى ئىگىز ، ئۇستىخانلىق ، چىرايى ئاق - قىزىل كەلگەن مۇھەممەت ئىىسملىك بىر يىگىتنىڭ دائىم ماڭا  ئوغۇرلۇقچە قارايىدىغانلىقنى ، كۆزلىرىمىز ئۇچۇرۇشۇپ قالغاندا  دەرھال باشقا ياققا قارىۋالىدىغانلىقىنى سىزىپ تۇراتتىم ۋە  پەرۋاسىزلا كۆزى بولغاندىكىن قارىمامدۇ دەپ ئويلايتتىم .

بىركۈنى ئىشخانىدا ئولتۇرسام ئىش بىجىرگىلى كەلگەن بىر ئائىلىلىك بىر پارچە تونۇشتۇرۇشنى  ماڭا تەڭلىدى ، مەن ئىتتىك قولۇمغا ئىلىپ قارىسام خەت قارا رەڭلىك قەلەم بىلەن ئاجايىپ چىرايلىق يىزىلغان ئىدى ، مەن دەرھال بۇ خەتنى كىمنىڭ يىزىپ بەرگىنىنى سورۇدۇم ، ئەسلىدە ئۇ خەتنى دائىم ماڭا ئوغۇرلۇقچە قارايدىغان ھىلىقى مۇھەممەت يىزىپتىكەن ، شۇنىڭدىن كىيىن مەندە ئۇ يىگىتكە نىسبەتەن بىر خىل ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى شەكىللەندى ، چۈنكى مەن خېتى چىرايلىق كىشىلەرنى بەك ھۆرمەتلەيتىم .

2000-يىلى  6- ئاينىڭ 14-كۈنى (چارشەنبە)چۈشتىن كىيىن ئىدارىدا سىياسىي ئۈگۈنۈش بار ئىدى ، سىياسىي ئۈگۈنۈشتە مەن بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان قىز مىنى چاقىرىپ" بىللە ئولتۇرىمىز" دىدى ، قارىسام ئۇ قىز ، بىزنىڭ مۇدىر ۋە مۇھەممەتمۇ بار ئىكەن ، مۇدىر بىلەن ئۇ قىز بىر ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپتۇ ، مەن ئامالسىز مۇھەممەتنىڭ يىنىدا ئولتۇردۇم .بىز بىللە ئولتۇرۇپ ئوقۇپ بەرگەن ھۆججەتنى ئاڭلىغاچ خاتىرە قالدۇردۇق . ئۈگۈنۈش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مەن مۇھەممەتنىڭ خاتىرىسىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا : «سىلى خەتنى بەك چىرايلىق يازىدىكەنلە ، ئۆتكەندە بىر ئائىلىلىك سىلى يىزىپ بەرگەن تونۇشتۇرۇشنى ئىلىپ كەپتىكەن ، خىتى شۇنداق چىرايلىق ، سۈلكەتلىك ئىكەن ، سورىسام سىلىنى يىزىپ بەردى ،دىگەن ئىدى »  دىدىم، بۇ بىزنىڭ تۇنجى قىتىم يۈز كۆرۈشۈشىمىز ۋە  پاراڭلىشىشىمىز ئىدى .بۇ ئىش ئۆتۈپ دەل 4 يىل بولغان كۈنى يەنى 2014-يىلى 6 - ئاينىڭ 14- كۈنى قىزىمىز مۇنىسە تۇغۇلدى .

شۇيەردە ئۇلار جۈمە كۈنى چۈشتىن كىيىن رۇخسەت سوراپ خەلق باغچىسىغا بىرىپ «كۈلۈپ تۇرغان شىر بىلەن ھىجىيىپ تۇرغان يولۋاس »نى كۆرۈپ كىلىمىز دەپ مەسلىھەت قىلىشتى ، مەنمۇ يىڭى خىزمەتكە چىققان بولغاچقا ،بالىلار بىلەن ئارلىشىپ ئۆتۈش زۆرۈر بولغانلىقى ئۈچۈن ئامالسىز بىللە بارىدىغان بولدۇم .

جۈمە كۈنى چۈشتىن كىيىن ئىدارىدا يوقلىمىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن بىز ۋىلسىپىت بىلەن خەلق باغچىسىغا كەلدۇق .مەن ھايۋاناتلارغا بەك ئامراق بولغاچقا تۈرلۈك ھايۋانلارنى كۆرۈپ چۈشەندۈرۈشلىرىنى قويماي ئوقۇپ بەك خۇش بولدۇم . باغچىدا ئىچىملىك ئىچكەچ قارت ئوينىدۇق ،چاقچاق ئارىسىدا ئىككىمىزنى بىر - بىرىمىزگە چاپلايدىغان گەپ - سۆزلەر چىقىشقا باشلىغان ئىدى ، مەن پەقەت زۇۋان سۈرمۈدۈم . شەرت قويۇش قارتى ئويناپ ماڭا جاۋاپ بىرىش چىقىپ قالدى ، جاۋاپ بىرىدىغان سۇئال : قانداق يىگىتنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىم توغرىسىدا ئىدى . مەن دەرھال : ئەخلاقلىق ، بىلىملىك ، بويى ئىگىز ، بۇرۇتلۇق يىگىتلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقمنى ئىيىتتىم (چۈنكى مۇھەممەتنىڭ بۇرۇتى يوق ئىدى )،بالىلار بەكمۇ كۈلۈشۈپ كەتتى ، خىزمەتكە چىققان 4 ئايدىن بۇيان تۇنجى قىتىم ئوينىغىلى چىقىشىم ئىدى ،شۇنداق قىلىپ يىرىم كۈن بەكمۇ خۇشال ئوينۇدۇق  .

ئارلىقتا 10 كۈندەك ۋاقىت ئۆتتى ، بىر كۈنى مۇھەممەت ئىشخانىغا كىرىپتۇ ، قارىسام بىريەرلىرى غەلىتە ، باشتا ھىس قىلماپتىمەن ، كىيىن بىلسەم بۇرۇت قويۇۋاپتۇ ، بەك كۈلگۈم كەپكەتتى .

شۇنداق قىلىپ مۇھەممەت كۈندە بىرەر قىتىم ئىشخانىغا كىرىپ تۇرىدىغان بولدى ، مۇدىرمۇ ئۇنىڭ ماڭا كۆڭلى بارلىقىنى بىلگەچ ئۇنىڭغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن بولسا كىرەك ، ھەر چارشەنبە كۈنى سىياسىي ئۈگۈنۈشكە مىنى قاتناشتۇرماي ئىشخانىدا تۈرلۈك چوڭ خەتلەرنى ، لوزۇنكا ، دوسكىلارنى يىزىپ بىرىشنى مۇھەممەت بىلەن دىيىشىپ ،مىنى ياردەملىشىشكە بۇيرۇپ ، ئىشخانىدا يالغۇز قالدۇرۇپ قوياتتى . داۋاملىق بىرگە ئارلىشىش جەريانىدا مۇھەممەت ماڭا خىلى ياخشى تەسىر بەرگەن ئىدى ، مەنمۇ ئەمدى بەك قاچمايدىغان ، تەبىئى ھىس قىلىدىغان بوپ قالغان ئىدىم .

8-ئاينىڭ 16-كۈنى چارشەنبە مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى ، ئۇ كۈنى ھەر ئىككىمىز چۈشتىن كىيىنكى سىياسىي ئۈگۈنۈشكە قاتناشمىدۇق ، مۇھەممەت چۈشتىن كىيىن ماڭا ئاتاپ ئالغان سوۋغىسى ئىلىپ ئىشخانامغا كەلدى ، مەن باشقىلار كۆرۈپ قالسا گەپ بولۇپ قالىدۇ دەپ مۇشۇ چاغقىچە ئۇنىڭ بىلەن ئاشكارا سىرىتقا بىللە چىقىپ باقمىغان ئىدىم ، شۇڭا ئۇ دائىم مىنى ئىزدەپ ئىشخانامغىلا كىلەتتى ، بەزىدە ئۇنىمىغىنىمىزغا قارىماي ئىشخانىدىكى ھەممەيلەننى مىھمان قىلاتتى . تۇغۇلغان كۈنۈمدە مۇھەممەت ماڭا ئۈچ تال قىزىلگۈل سوۋغا قىلدى ، گۈلنىڭ ئارىسىدا ئاتكىرىتكا بولۇپ ، ئاتكىرىتكىغا

  亲爱的816   我永远爱你  

爱你者:310

دىگەن خەت يىزىلغان ئىكەن ، مەن دەرھال بۇ نىمە دىگەن گەپ ؟مەن خەنزۇچىنى تازا بىلمەيدىكەنمەن دەپ سورىسام قىزىرىپ تۇرۇپ :

-مەن سىلىنى ياخشى كۆرىمەن ، ماڭا تىگىشنى خالاملا ؟ دەپ سورىدى ، يەنە سوۋغاتلىرىنى چىقاردى ، سومكىدىن ساپسىرىق بىر ئۆردەك قونچاق ۋە كىچىك بىر ئىتنى چىقىرىپ ماڭا تەڭلىدى ، ھەمدە مەن مەڭگۈ سىلىگە ئىتتەك سادىق بولىمەن ، بۇ ئىتنى كارۋاتلىرىنىڭ دەسسەيدىغان يىرىگە قويۇپ قويسىلىرى ھەر دەسىگەندە سىلىگە مىنىڭ سۆزۈمنى ئىيتىدۇ دەپ مىجىپ سۆزلەتتى ، ئەسلىدە ئۇ ئىت ھەر مىجىلغاندا بىر قىتىمYOU    I LOVE دەيدىكەن ، مەن دەرھال بۇ نىمە دىگىنى ، مەن يا ئىنگىلىزچە بىلمىسەم  دىسەم :

- مەن سىلىنى ياخشى كۆرىمەن دىگىنى ...دەپ تىخىمۇ قىزاردى .

مەن نىمە دىيىشىمنى بىلمەي  ئويلۇشۇپ باقاي دەپ جاۋاپ بەردىم .

مەن قانداق قىلىشمنى بىلمەي نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى . شۇ كۈنلەردە مەملىكەت بويىچە 5 - قىتىملىق نوپۇسنى ئوموميۈزلۈك ئىنىقلاش خىزمىتى باشلىنىپ بىز  بىللە شۇ خىزمەتكە ئاجرىتىلدۇق ، ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى بىر  خىللا ئىدى ، مىنى ئاسرايتتى ، ئىشلىرىمنى يىنىمدا بىللە تۇرۇپ تەڭ قىلىشىپ بىرەتتى ، مەن ئاخىرى ئۇنىڭ تەلىۋىگە رازىلىق بىرىشى قارارىغا كەلدىم ، لىكىن قانداق دىيىشنى بىلمەي بىشىم تازا قاتتى ، دەل شۇ چاغدا ئاتكىرىتكىغا قاراپ ئولتۇرۇپ خىيالىمغا  بىر ئىش كەلدى ، دەرھال سىياسىي    ئۈگۈنۈش خاتىرەمنىڭ ئىككى يىرىگە 310 816=1126  نى يىزىپ قويدۇم ، 11-ئاينىڭ 26- كۈنى مۇھەممەتنى ئىشخانامغا چاقىرىپ مۇنداق دىدىم :

-مىنىڭ سىلىگە بىرىدىغان جاۋابىم مۇشۇ خاتىرىنىڭ ئىچىدە ئىككى يەردە بار ، ئۆز‍لىرى تىپىپ كۆرۈۋالسىلا  .

مۇھەممەت خاتىرىنى قولىغا ئىلىپ بىردەم ۋاراقلاپ بىر بەتتىكىنى تىپىپ ماڭا كۆرسەتتى ، مەن يەنە بىرىنىمۇ تىپىشنى بۇيرۇدۇم ھايال بولماي ئۇنىمۇ تاپتى ، شۇنداق قىلىپ بىز 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ھاياتىمىزنى مەڭگۈ بىللە ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلدۇق .

شۇنىڭدىن بۇيان 15 يىل ئۆتتى ، بىز ھەر يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنىنى ئەڭ مۇھىم خاتىرە كۈن قاتارىدا ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتىمىز ، ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېر ، بانكا كارتىسى ...ئىشقىلىپ مەخپى نۇمۇر بارلىكى نەرسىمىزنىڭ مەخپى شىفىرىغا 1126 دىگەن ساننى ئىشلىتىپ كەلدۇق . 2009-يىلى تۇنجى ماشىنىمىزنى سىتىۋالغاندا 1126 دىگەن نۇمۇر تاختىسىنى بىجىرىمىز دەپ  ماشىنا باشقۇرۇش ئورنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئادەم بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ ۋاقىتلىق نۇمۇر تاختىسى بىلەن 20نەچچە كۈن يۈردۇق ئاخىرى ئامال بولماي1126گە يىقىنراقكەن دەپ  1196دىگەن  نۇمۇر تاختىسىنى بىجىردۇق .  

پاك مۇھەببتىمىزنىڭ 15يىللىقىنى خاتىرىلەپ  بۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، بۇ 15 يلىدا بىز مۇھەببەتلەشتۇق ، توي قىلدۇق ، ئىككى بالىلىق بولدۇق ، بىر - بىرىمىزنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرۈپ ،بىر - بىرىمىزنىڭ غىمىنى يەپ ،پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيىلەپ ئۆتۈۋاتىمىز .

بۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىق مۇشۇ كۈننى بىللە ئۆتكۈزۈشىمىزنى ، ھەممىمىزنىڭ تىنى سالامەت ، ئىشلىرىمىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى ، مۇراد - مەقسىتىگە يىتىشىنى تىلەيمەن !




مەنبە : ئاتىكەم (لالە)

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-11-25 23:03:05 | ئايرىم كۆرۈش
كۆز تەگمىسۇن! بەختىڭلار ئىككى دۇنيالىق بولسۇن جېنىم!
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

40

تېما

295

يازما

984

جۇغلانما

زىيارەت چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 861
يازما سانى:
295
تىللا:
560
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
95 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-11-26 01:04:25 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

8

تېما

284

يازما

1207

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 751
يازما سانى:
284
تىللا:
893
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
230 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-11
يەر
ۋاقتى: 2015-11-26 01:12:26 | ئايرىم كۆرۈش
نىمانداق سىرلىق ھىكايە بۇ
ئادەمنى خار قىلىدىغىنىمۇ نىيەت،ئەزىز قىلدىغىنىمۇ نىيەت.

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-11-26 07:10:14 | ئايرىم كۆرۈش
تىمىڭىز ئارقىلىق تاتلىق بىر مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.....ھەممە ئادەمدە مۇشۇنداق مۇھەببەت بولغان بولسا ئىدى....مۇھەببەتنىڭ ئازابى بولماس ئىدى....ھە
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

48

تېما

832

يازما

3712

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 417
يازما سانى:
832
تىللا:
2443
تۆھپە:
137
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
148 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-11-26 09:08:17 | ئايرىم كۆرۈش
مۇھەببەت ئ‍ەسلى مۇشۇنداق غەرەزسىز،پاك،سۈيۈملۈك ئ‍ىدى،بەزىدە ئ‍ۇنى ئ‍اللىقانداق مەنپەئەتلىرىمىز ئ‍ۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ سالىمىز،بەلكىم ئ‍ۆكۈنىمىز،لېكىن كېچىكىمىز،سادداقەلىبنى ئ‍اغرىتىپ ئ‍ىشەنگەن يۈرەككە يەتكۈچە ئ‍ازار بېرىپ…

0

تېما

107

يازما

454

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 951
يازما سانى:
107
تىللا:
347
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
107 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
7#
ۋاقتى: 2015-11-26 10:19:30 | ئايرىم كۆرۈش
مەڭگۈ بەخىتلىك بۇلۇڭلا ......؛
باشقىلارغا ئەمەس بىرىنچى بۇپ ئۆزۈمگە ئىنساپ ، ئىمان تىلەي .

5

تېما

176

يازما

541

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 928
يازما سانى:
176
تىللا:
365
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
100 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-2

كۆيۈمچان ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-11-26 12:53:44 | ئايرىم كۆرۈش
بەختىڭلارغا   كۆز  تەگمىسۇن   ئنشا ئاللا.
سەن ئوزۈڭنى  جاھاندا بىر سانىساڭ  ، بىلىپ قال بىزمۇ ئككى ئەمەس.

5

تېما

176

يازما

541

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 928
يازما سانى:
176
تىللا:
365
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
100 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-2

كۆيۈمچان ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-11-26 12:55:52 | ئايرىم كۆرۈش
بانكاكارتاڭلارنى  مەھكەم ساقلاڭلار  ھە...مەخپى  نۇمرىنى  بىلۋالدىم،جۇمۇ
سەن ئوزۈڭنى  جاھاندا بىر سانىساڭ  ، بىلىپ قال بىزمۇ ئككى ئەمەس.

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-11-26 15:07:40 | ئايرىم كۆرۈش
sapkalip يوللىغان ۋاقتى  2015-11-26 12:55
بانكاكارتاڭلارنى  مەھكەم ساقلاڭلار  ھە...مەخپى  نۇمرىنى ...

ما گەپ جايىدا ھە ...بۇ تېمىنى يازدىم دەپ ھەممە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلاپ قۇيۇپسىز ئاتىكەم جانىم
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:26 , Processed in 0.142304 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش