بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gvzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-23 13:32
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مۇنبىرىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كىلىۋاتقان ئەزىزلەر،ھەممىڭلارنىڭ ئۇشبۇ ۋاقتى خەيرىلىك بولسۇن!
بۇ سان سوئاللارغىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن جاۋاپ بېرىشى ئاستىدا جاۋابلىرىمىزمۇ ھازىرلىنىپ بوپتۇ ،قېنى دىققىتىڭلار تېمىمىزنىڭ داۋامىدا بولسۇن"
ئالدىنقى سان سوئاللىرىمىز:
1-سوئال: بۇ پارچىدە تۇنۇشتۇرۇلغىنى كىم ،ئۇ قاچان قەيەردە تۇغۇلغان ، ئۇنىڭ ئەسىرىدىن قايسىلارنى بىلىسىز ئېيتىپ بېرىڭ.<ئۈچتىن كام بولمىسۇن> قىسقارتىلدى. جاۋاپ: شائىر، تەتقىقاتچى ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى 3-ئايدا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى؛ 2005-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا ناملىق ماقالىلەر توپلىمى»، 1995-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئەقىل - پاراسەت مىۋىسى ۋە شەيتان» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى، 1993-يىلى شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «سوقۇۋاتقان يۈرەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2001-يىلى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «بوشلۇق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.
2-سوئال: <2015- يىلىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆتۈپ كەتتى>دىگەن تېمىدىن نىمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز ،ھېس قىلغانلىرىڭىزنى مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىڭ.
جاۋاپ : قىسقارتىلدى.
3-سوئال: قاچانغىچە يۈرۈيمىز ئىللەتلەرنى قولتۇقلاپ، كەتتۇق ھەتتا بەزىمىز غۇم-ھەسەتتىن ئۇرۇقلاپ، تۆھپىكارغا تون يېپىپ كەتسە خەلقىم ئالقىشلاپ، چىدىماستىن بۇ ئىشقا كەتتۇق ئۇنى قاغىشلاپ، بارمۇ جاۋاپ بەرگىلى ھەق سوراققا ئاز قالدۇق. بۇ كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟ داۋاملاشتۇرۇپ بېقىڭ؟
جاۋاپ : بۇ ‹ ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي› نىڭ ‹ ئاز قالدۇق› دىگەن شېئىرسىدىن ئېلىنغان بۇلۇپ بۇنى مۇنبىرمىزدىن مەرىپەت ئوغلى مۇنبەرگە يوللىغان . 4-سوئال: ئوقۇغۇچى مۇنبىرىمىز قۇرغان ئۈندىدار سالونىمىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئوقۇغۇچى مۇنبىرىنىڭ خاراكتىرىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ سالوندىكى يوللىنىدىغان تېمىلارنى تۆۋەندىكى تەرەپلەر بۇيىچە قايتىدىن رەتلەپ يوللاشنى قارار قىلدۇق. يوللىندىغان تېمىلار قانچە تەرەپلەر بۇيىچە رەتلەپ چىقىلدى؟ شۇ تەرتىپلەرنى يېزىپ بېرىڭ. جاۋاپ : 1- كۈندە بىر پارچە نادىر شېئىر (مۇنبەردىكى تەكلىپلىك شائىرلارنىڭ ۋە دۆلىتىمىز،چەتئەل شېئىرلىرى يوللىنىدۇ) 2- كۈندە بىر ھېكايە (مۇنبەردىكى تەكلىپلىك يازغۇچىلارنىڭ ھېكايىلىرى ئەۋەتىلىدۇ) 3- ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن (ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى ۋە باشقا مائارىپقا مۇناسىۋەتلىق خەۋەرلەر يوللىندۇ) 4- تەرمىللەر (ھېكمەتلەر ،ھېكايەتلەر،رەسىملەر يوللىنىدۇ) 5- ئېلان –تەشۋىقات (سالۇننى قوللىغۇچى شەخىسلەرنىڭ ئېلانلىرى ھەقسىز چىقىرىلىدۇ)
تەلەي ئىگىلىرى : 1-تەلەي ئىگىسى :ئېرفان 2-تەلەي ئىگىسى :چېچەك 3-تەلەي ئىگىسى : ئاتىكەم ھەممىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، مۇبارەك بولسۇن!
|