بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەرىپەت-ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-4 02:17
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تەرجىمھالى ۋە ئەسەرلىرى
شائىر، تەتقىقاتچى ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى 3-ئايدا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. بەشكېرەمنىڭ گۈزەل باغلىرى، ساپ، ئاسمىنى كەڭ تەبىئىتى، ساددا، ئاقكۆڭۈل، مەردانە كىشلىرى ئۇنىڭ قەلبىدە كىچىكىدىن تارتىپلا شىئىرنىڭ ئوتىنى ياندۇرغان. ئۇ تەبىئەتتىكى ئەڭ ئېسىل تۇيغۇلار، بالىلىقتىكى ئويۇنلار، سېھىرلىك چۆچەكلەرگە ئوخشاش ئارزۇلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ساپ تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشنىڭ يولىنى تېپىش ئۈچۈن كىچىكىدىن تارتىپ شىئىرى تۇيغۇ ئىچىدە چوڭ بولغان، ئۇندىن باشقا كلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپ قىزىقىپ ئوقۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى پاساھەتنى، تىلنىڭ گۈزەللىكى، كۈچىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. ھەر بىر شائىرنىڭ شىئىرىيەت كوچىسىغا كىرىپ كېلىشىدە ئەلۋەتتە مەلۇم ئالاھىدە سەۋەپ بولۇشى مۈمكىن، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ بۇ نوقتىدا ھەم شۇنداق. شائىر شىئىرنى سۆيىدىغان، سەنئەتكە ھېرسىمەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولغان، قويۇق شېئىرى مۇھىت، قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شېئىرىي كەيپىيات، سەنئەتخۇمارلىق شائىرنى شېئىرىيەت رىشىتىغا تېخىمۇ مەھكەم باغلىدى. شائىرنىڭ شىئىرىيەتكە قىزىقىشى ھەم كىرىپ كېلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ئۇنىڭ بەشكىرەمنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ساپدىل كىشىلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزگەن سەبىي بالىلىق دەۋرى بولدى.
ئابدۇقادىر جالالىدىن 1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1988-يىلى 10-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىلمىي ژۇرنال مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1990-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ. 1993-يىلى 1-ئايدا لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى 11-ئايدا مۇئاۋىن پىروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
2004-يىلى 11-ئايدا پروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەننىي ساھەدىكى باشلامچىسى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كىلىپ، ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولغان.
مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى:
1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «» يازغۇچى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. 1998-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن «ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان. 1999-يىلى خەنزۇ ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىدىكى ئىلمىي ماقالە باھالاشتا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن. 2000-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.2000-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ «ئۈچ مائارىپ» خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2002-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۈتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك ناخشا توپلاش پائالىيىتىدە يازغان تېكىستى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2003-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش نەتىجە مۇكاپاتىنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان. 2006-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.
ئەسەرلىرى:
2000-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى؛ 2005-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا ناملىق ماقالىلەر توپلىمى»، 1995-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئەقىل - پاراسەت مىۋىسى ۋە شەيتان» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى، 1993-يىلى شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «سوقۇۋاتقان يۈرەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2001-يىلى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «بوشلۇق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.
ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغىسىدا ناملىق كىتابتىن ئۈزۈندىلەر
( بۇ كىتاب 2002-2003 يىللار ئارىلىقىدا ياپۇنيەدە كۆرگەن بىلگەنلىرى ئاساسىدا يىزىلغان بولۇپ ،
ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى چۈشۈنۈش ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ …)
مەن ياپۇنيەگە باردىم . كىشىلەر مەندىن ‹ سەن كىم ؟ › دەپ سورىدى ، ‹مەن ئۇيغۇر › دىسەم گاڭگىراپ قىلىشتى .
ياتلار ئاللىبۇرۇن يوقاپ كەتكەن دىنازاۋۇرنى ياخشى بىلىدۇ ، لىكىىن مىنى بىلمەيدۇ ، كىشىلەر نوپۇزى يۇزمىڭغا بارمايدىغان ئىسكىموسلارنى تونۇيدۇ . لىكىن 10 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇرنى تونومايدۇ .
مەن قامۇسلارنى ۋاراقلاپ باقتىم . ‹ ئۇيغۇر › دىگەن ئىبارىنى يەتتە سەككىز قۇر بىلەنلا چۇشەندۇرۇپتۇ . تىخى بايانلارنى بەزى قامۇسلاردا تاپقىلى بولمايدۇ . چىۋىن چاشقان ، قۇرت-قوڭغۇز توغرىسىدا ھەققىدىكى بايانلار بىر ئىككى بەتتىن ئاشىدىكەن .
بۇ ئىشلار ماڭا ھار كەلدى . نومۇس قىلدىم . جاھان ماڭا تار كەلدى . ئەگەر 10 مىليون خىشتىن قەسىر سىلىشقا توغرا كەلسە ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىغان ھەشەمەتلىك ئالەمگە پۇر كەتكۇدەك ئىمارەت پۇتىشى مۇمكىن .
مەن مەۋجۇدمەن ، لىكىن مىنىڭ مەۋجۇدلىقىمنى دۇنيا تونۇمايدۇ ، ئامرىكا نىگىر يازغۇچىسى رالف ئىللىسون ‹ كۆرۇنمەس ئادەم › ناملىق رومانىدا ( مەن ئۆزۇمدىن باشقا ھىچكىم ئەمەس ، لىكىن شۇنى بايقىدىنمكى ، مەن بىر كۆرۇنمەس ئادەم ) دەپ يازغانكەن . دەرۋەقە مەندىمۇ سوقۇپ تۇرغان ئىنسانىي يۇرەك بار ، تومۇرلىرىمدا ئىقىپ تۇرغان ئىسسىق قان بار ،مەنمۇ پىكىر قىلالايمەن . باھار پەسلىدە غۇچچىدە ئىچىلغان گۇللەرگە قاراپ خۇشال بولىمەن . لىكىن مىنى ھىچكىم تونۇمايدۇ . ئاۋازىمنى ھىچكىم ئاڭلىمايدۇ .
بىز مەقسىدىمىزنى باشقىلاردىن يۇشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز . يالغانچىلىقنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ . بىراق جەمىيەت ئۇنى ماجبۇرلىغاندا ئامال بولمىدى . ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىيىتى چىنلىقنى ياخشى كۆرگەچكە ، يالغان گەپ قىلغاندا ، مەلۇم ئۇيات كۈچى ئۆزىنىڭ تىكەنلىك قاناتلىرىنى يۇرەكنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرىگە ئۇرۇپ ئۆتكەندەك بولىدۇ ، يالغانچىلىققا ئادەتلىنىپ ، ئۇنى دائىملىق كەسىپكە ئايلاندۇرىۋالغانلاردا بۇنداق سىزىم بولامدۇ يوق بىلمەيمەن …
ئەخمەتجان قاسىمى ، قاتارلىق يولباشچىلار ۋە باشقا تارىخىي شەخىسلەر ھەققىدە خۇددي ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك سۆزلەيتتى . تارىخى بەزىدە چۇل-چۇل قىلىپ سۇندۇرۇلۇپ ، سۇنۇقلىرى ھەر تەرەپكە چىچىۋىتىلگەن بىر چىنىگە ئوخشاپ قالىدۇ . بىز پەقەت ئۇنىڭ بىر نەچچە سۇنۇقىغا ئىگە ، بۇ سۇنۇقلار تارىختىن ئىبارەت پۈتۈن چىنىنىڭ شەكلى ھەم ھەجىمىنى قىياس قىلىشىمىزدا ئىمكانىيەت بەرمىگۈدەك دەرىجىدە كىچىك بولىشى مۇمكىن . شۇنداقتىمۇ ئاشۇ چىنە ئۆزىمىزنى بىلىشىمىزدە شۇ قەدەر مۇھىم بولغانلىقتىن ، ئاشۇ ناھايىتى چەكلىك ئىمكانىيەتلەر ئاساسىدا ئۇنىڭ ئەسلى قانداق ئىكەنلىكىنى سۈرەتلەشكە مەجبۇرمىز ، بۇ سۈرەتنىڭ ئەسلىدىكى چىنىنىڭ چىنە تەسۋىرىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن ، چىنىنىڭ سۇنۇقلىرىنى تىرىك شاھىتلاردىن ، ئارخىپ ئىدارىلىرىدىن ، يەنە ئاللىقانداقتۇر پىنھان يەرلەردىن ئىزدەپ تىپىشقا توغرا كىلىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قانچە زامان كىتىشىمۇ مۇمكىن ، تارىخنى يىزىش ئارخولوگىنىڭ چىنە سۇنۇقلىرىنى پاياتلاش ھەرىكىتىگە ئوخشاپراق قالىدۇ ، ئەكرەم خەمىدى سانسىزلىغان شاھىتلارنىڭ بىرى ، ئۇنىڭ ئىيتقانلىرى بىزگە چىنىنىڭ نامەلۇم بىر تەرىپىدىن دىرەك بەرگەندەك قىلسىمۇ ، ئەسلىي سۈرەت يەنىلا قاراڭغۇ .....
ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇنداق دەيدۇ:
1-ئادەم ھەرقانداق نەرسىلەرنى يىڭەلەيدۇ، ئەمما ئۈزىنى يىڭەلمەيدۇ.
2-ئادەملەر ئۆزىنىڭ نەپسى، ئارزۇسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلىدۇ.
3-ھەقىيقى زىيالى ئۆزى ئۆگەنگەن بىلىملرىنى ئۆزخەلقى، قەۋمنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىيالايدىغان كىشىلەردۇر.
4-بايلاردىكى پۇل، زىيالىيلاردىكى بىلىم، رەھبەرلەردىكى يېتەكلەش ئىقتىدارى بىرلەشكەندە بىزنىڭ مائارىپىمىز ھەقىقىي ياخشىلىنىدۇ.
5-بىر مىللەت ئۆز ئادەملىرىگە قانداق ئۇنۋان بېرىشنى بىلمىسە، بۇ مىللەت خاسلىقىنى يوقاتقان بولىدۇ.
6-ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ سىياقىنى ئارىيەتكە ئالغان ئەرۋاھلار كۆپىيىپ قالدى.
7-تىل مەجرۇھلىقى-دىل مەجرۇھلىقىدىن نىشاندۇر. ئۇنىڭدىن كەلگەن پىكرى كىكەچلىك بىزنى خار ۋە زەبۇنلىقنىڭ گىردابىغا باشلايدۇ.
8-ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈشتە قابىلىيەت ئەمەس، ئادىمىيەت بىرىنجى ئۇرۇندا تۇرۇدۇ.
ئەگەر سىز ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتىڭىزدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلالمىسىڭىز، ئۇ چاغدا سەھنىدىكى قىزىقچىغا ئوخشاپ قالىسىز.
9-بىزنىڭ مىللىتىمىزدە خەقنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىگە تەسەللىي بىرىش شەكىللەنگەن.
10-دۇنيادا كىم ئەقىللىق بولسا، ئۇنىڭ يالغۇز قېلىشى نورمال ھادىسە بۇلۇپ ئۇ دانالارغا مۇناسىپ.
11-شائىر باشقىچە پىكىر قىلىدىغىنى ئۈچۈن مەڭگۈ باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئىرىشەلمەي، مەنە سۈرگۈنلىكىدىن ياشايدۇ.
12-بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگەتەسىر كۆرسىتىدىغىنى ئۇنىڭ بىلىمى ئەمەس، بەلكى ئادىمىيلىكى.
13- ئىنساندىكى ئەڭ ياخشى گىرىم- خۇلق،مىجەز،روھ.
14- شور پىشانە خەلق تەنىچى بوپ قالىدۇ.
15- قورغاق رايۇندا ياشىغان ئادەملەر مەسخىرىگە باي كىلىدۇ.
16- پىكىر ھالىتىدە توختاپ قالغان نەرسىنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بىر سەپسەتە.
17- ئۇقۇتقۇچىدا ئالدى بىلەن كۈيۈم، ئاندىن بىلىم بولىشى كىرەك. چۈنكى ئادەم تەربىيلەشتە ئەڭ مۇھىمى كۈيۈم،ئىنسانىي مۇھەببەت.
18- ئۈزىنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلالمىغان پىداگوگ، قانداقمۇ ئۇقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقالىسۇن.
19- ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھەيۋىتىدىن قورقۇپ ھۆرمەت قىلىش لىكىن قىممىتىنى چۈشەنمەسلىك، قۇللۇق پەلسەپىدۇر.
20- شەھەرلەردە تەبەسسۇم كۆپ لىكىن ساختا،چىنلىق ئاز،يېزىلاردا تاپا- تەنە كۆپ،لىكىن تىگىدىن ئىللىقلىق چىقىپ تۇرىدۇ.
21- ئىنسان ياش ۋاقتىدا رومانتىزىمچى، ئوتتۇرا ياشتا رىئالىزىمچى، ياشانغاندا تارىخچى بولىدۇ.
22- تىل-روھى ۋەتەن،ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك.
23- ھەرقانچە ياۋۇز ئىتمۇ شەھەرگە كىرسە لالمىلىشىپ كىتىدۇ.
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەسەرلىرى
دىل سوراپ يىگانىمەن
1
پەسىللەر كەلدى، كەتتى، قالدى قەلبىم بىر مۇھەببەتتە،
مۇھەببەتلىك كۆڭۈل ئىستەپ كۆڭۈل، يىگانە غۇربەتتە.
كۆڭۈللەر نالەسىدىن كەھرىۋادۇر گۈمبىزى دەۋران،
سېزەر ھەركىم ئۆزىنى بىناۋا بۇ شەھرى نۇسرەتتە.
چاقىرغانلار جاۋاب ئورنىدا ئاڭلار ئۆز ساداسىنى،
قالار سەگەكلىرىم دوقمۇشتىمۇ خىلۋەتتە-خىلۋەتتە.
نىتەي، بۇ رەستىدە دەرۋىش سىياق دەناغا رەنا يوق،
گۈزەللەر مەلىسىدىن سۇ سوراپ چاڭقايدۇ ھىجرەتتە.
تولۇن ئاي كۈلسىمۇ ماراپ روجەكتىن ئۇز شەبىستاندا،
ئېشىم پىشمايدىكەن تەپمەي ھارارەت ئۇشبۇ سائەتتە.
پەسىللەر كەلدى، كەتتى، دىل سوراپ يىگانە مەن قالدىم،
ۋۇجۇد بەھرىدە ئۈزدۈم ھەر تەرەپكە بىر ئىتائەتتە.
جاھان يەتمەيدىكەن ئاخشامدىكى شۇ سەجدىگاھىڭغا،
بۇزۇپ روزاڭنى، سۇلغۇن، تاپمىدىڭ لوقما باراۋەتتە.
2
نېمە بار، بىلمىدىم شۇنچە سوزۇلغان ئۇشبۇ تاقەتتە،
كۆزۈم تالدى ،سۆزۈم بىھۇش ،سەھەر ئاخشامدا تائەتتە.
جانان جانانلىقىنى قىلمىدى، كۆرسەتمىدى دىدار،
دۇئا بىرلە يەنە ياد ئەيلىدىم، كى ياخشى سائەتتە.
نېمە ئىستەيدىكىن دەسسەپ يۈرۈپ زاتىنى ئادەملەر،
گويا ئوكيان ئارا سۇ ئىزدىدى، قالدى قىيامەتتە.
ئەقىدە بىنەزەر قالدى، جاھانپەرۋەر گۈزەر قالدى،
پاراغەت شەبنىمى چاقنار، قارا ياپراق-خىيانەتتە.
گۈزەللەر نازىدىن زىنھار تاپالمايسەن گۈزەللىكنى،
گۈزەللەر بەزمىنىڭ كەيپى ئارا سۇلدى ئاھانەتتە.
ئىلاھا، تاقىتىمگە قۇدرىتىڭدىن بەر كاپالەتنى،
كۆرەي ۋەسلىڭنى شەۋقىڭدىن قۇرۇپ چىققان كامالەتتە.
مېنى شائىر ياراتقانسەن، گۈزەللەرگە قاراتقانسەن،
گۈزەللەر ئالدىدا سۇلغۇننى قويما بۇنچە ھاجەتتە.
3
ساڭا شەيدالىقىم، ھېچ بىلمىدىم ،بىر پەيلى شەيتانمۇ؟
دېگىن شەيتانمۇ سەن يا خۇشخەۋەرلىك پەزلى ئىنسانمۇ؟
شەپەقنىڭ خۇلقىدا ئورمانلىرىمنى چايقىدىڭ لەزران،
قېنى ئېيتقىن، ماڭا بىر نەچچە كۈنلۈك كالتە مېھمانمۇ؟
سۆزۈمگە شۇنچە قايىلسەن، گويا ھەق سۆزگە مايىلسەن،
كۆرۈپ تۇرغان قارا كۆزلەر، سېنى سۆيمەككە ئىمكانمۇ؟
ئۆزۈمگە ئوخشىمايمەنغۇ، يېشىم ئەللىككە بارغاندا،
قارا ساچىڭ مېنى بەند ئەيلىگەن ئەپسۇنچى ئارقانمۇ؟
نېمىكىن بىقارار قىلغان، كۆڭۈلنى ئىنتىزار قىلغان،
پەزىلەتمۇ، ھايامۇ، قانمۇ، جانمۇ، ياكى ۋىجدانمۇ؟
قاراشتا بىر مۇسۇلمانسەن لېكىن نېمانچە قىينايسەن،
گۇناھتىن ساقلىنىپ ئۆتمەك ئۈچۈن سەن ياخشى قالقانمۇ؟
پېقىر سۇلغۇننى يار بىلگىن، بۇ ئۆمرۈڭگە تۇمار بىلگىن،
ئەقىدە بىلمىسەڭ، كار قىلمىغاي ھەرقانچە ئىرپانمۇ.
4
زاماننىڭ نازى مەندەك نا ئىلاجنىڭ بولدى غەم دامى،
غېمىمدىن ئۈندى دەۋران ئەھلىنىڭ خۇنابە خەندانى.
خۇمارى تۇتسا ئىشرەتتە مېنى يۆگەپ چېكەر بەڭگى،
يۈرەكلەر بولدى پاسىق بەزمىسىنىڭ داغى-كۈلدانى.
ئىچىگە تۆكتى شائىر قانچىلاپ تۇزلۇق سىياھداننى،
پەلەكنىڭ پەيلىدىن قورقاق سېلىپ كەلگەندە ئىلھامى.
ئۆمۈر مەدەن قېزىپ سۆز ۋادىسىدىن، يورغىلاپ ئۆتتى،
كېكەچلىك مۇنبىرىدە بىناۋالىق بولدى ئۇنۋانى.
ئۇۋا سالسا ئەقىدە بىرلە چىللاپ قارلىغاچلارنى،
نىتەيكى،ئۆمۈچۈكنىڭ تورلىرىغا تولدى ئايۋانى.
تۇتاشتى يەتتە ئىقلىم تور بىلەن، بىر تەنگە ئايلاندى،
شەرەپلەر يادىغا ئالماس مېنىڭدەك رىسقى يەكتانى.
خىزىرغا تەلپۈنۈپ سۇلغۇن، سەھەر-ئاخشام تاھارەتتە،
يېشەر ھېكمەت بىلەن بىركۈن كېلىپ بۇ سىرى غەۋغانى.
5
باغ ئارا سەيلانىمەن، باغدىن باھار كەتكەندىمۇ،
سولۇشۇپ نازۇك بويىنى، لالىلەر ئەگكەندىمۇ.
نامىلەر پۈتتۈم ساياق بەرگى خازانغا پەم بىلەن،
كۈز ئېيى ئاپئاق قىروۋغا نۇرىنى سەپكەندىمۇ.
ئاڭلىدىم بۇلبۇل ئۈنىنى ناشتىدا گۈلقەنت ئارا،
قۇترىغان جۇتتىن قۇلاققا نالىلەر يەتكەندىمۇ.
دىلبىرىم بىخەستىلىكتىن بىلمىدى ئىستەكلىرىم،
تۈن ئارا سەرسان شامال پىنھان رۇجەك چەككەندىمۇ.
كەيپىدىن خۇشلاشمىدى چۈشلەر ئارا قۇش چاڭگىسى،
ئۈژمىنىڭ مەزمۇت غولىنى ھەرىلەر كەسكەندىمۇ.
بالىلار بىنادا ئېكران ئالدىدا تورغا چۈشۈپ-
ياتتى، باغاقچى سەھەرنىڭ چولپىنى يۈتكەندىمۇ.
قېنى، چىقمامسەن بالام، سولغۇن داداڭ لەگلەكچىدۇر،
يوقمىدۇ پەرۋازغا ئىشقىڭ تۇرنىلار ئۆتكەندىمۇ.
6
شىشىنىڭ قوينىدا ھېكمەتنى قۇچۇپ ياتقان سىياھ،
تەڭرىنىڭ لەۋزىدە تەقدىردىن ساداق ئاتقان سىياھ.
رەڭگىدىن تولغان ئەقىلنىڭ كۆزىمۇ بولغاي غەلەت،
قاپقارا چېھرىگە ئىرپان يۇلتۇزى ياققان سىياھ.
بىر قاراشتا قاپقارا، ئاققا مىجەزى مۇپتەلا،
ئاق-قارا چېگراسىدا چاقماقلىرىن چاققان سىياھ.
بىر بۈيۈك پەرمان بىلەن، ئالەمشۇمۇل ئارمان بىلەن،
ئىجتىھاتنىڭ شۇ پايانسىز بەھرىگە ئاققان سىياھ.
ئوتمۇ سەن، تۇپراقمۇ سەن، ياكى نەپەسمۇ، سۇمۇ سەن،
كائىناتنىڭ نەسلىدىن ئۆز زاتىنى تاپقان سىياھ.
ھەق ماڭا بەرگەن قەلەمنىڭ باغرىدا دولقۇن ياساپ،
قولۋىقىمنى لەيلىتىپ مەنزىلنى بويلاتقان سىياھ.
قان بىلەن جان پۇشتى سەن،باتىلغا ھەقنىڭ مۇشتى سەن،
ناتىۋان سۇلغۇنغا تامچە خۇلقىنى چاچقان سىياھ.
7
دېدىممەن گۈلگە قاراپ:دىلرەباكەن،
ئوزارى لەختە-لەختە، بىناۋاكەن.
دېدى گۈل: ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلايمەن،
ئىنساننىڭ قۇلاقلىرى بىداۋاكەن.
دېدىم مەن: يۇلتۇزلارغا قەدەم يەتتى،
ئىنسانلار پاراسىتى نۇر ئاراكەن.
دېدى گۈل: ھەممە ئىشلار راۋان بوپتۇ،
كۆڭۈللەر كۆڭۈللەرگە بىراۋاكەن.
دېدىممەن: شېكەر بىلەن دوست ئىكەنسەن،
ۋۇجۇدۇڭ گۈلقەنت ئارا مىڭ ياراكەن.
دېدى گۈل: شېشىلەردە ئېرىپ كەتتىم،
كەچكۈزدە شېكەر قوينى بىر لاۋاكەن.
دېدىم: بۇلبۇل گۈلىستاندا سايرىغاندا،
كىمگە دەپ ئاراڭلاردا ماجەراكەن.
دېدى گۈل:بارچە گۈلنىڭ زاتى بىردۇر،
گۈللەرگە ھەسەت ئوتى بىر قازاكەن.
دېدىم: سۇلغۇن، كامالەت، نازاكەتتە،
گۈل بىلەن پەنجىلەشسەڭ مىڭ خاتاكەن.
8
دىل سىرىمنى ئاشكارا قىلساممۇ كارىڭ بولمىدى،
سۆزلىرىم قاتار-قاتار، ھېچ ئېتىبارىڭ بولمىدى.
باغلىرىڭدا تام ئىكەن، تاملاردا شورا بار ئىكەن،
شۇنچە پەرۋىش ئەيلىسەم، ئالما-ئانارىڭ بولمىدى.
قايسى قىسماقتا قىسىلدىڭ، كۆزلىرىڭدە ياش يۇقى،
يۇلقىنىپ چىقماققا نېچۈن، بىر قارارىڭ بولمىدى.
نەۋجۇۋانلىق پەسلىدە رەڭگىڭدە ئەگىيدۇ خازان،
پەملىسەم ئەنبەرگە تولغان گۈل باھارىڭ بولمىدى.
تالى قەددىڭ تەۋرىتىپ، ھەربىرقەدەمدە سەۋر ئېتىپ،
ھەرتامان يۈرسەڭمۇ، يارىڭ-ئىپتىخارىڭ بولمىدى.
يا نىگارىڭ بولمىدى، يارغا خۇمارىڭ تولمىدى،
ياكى مېھرىڭگە سازاۋەر بەختىيارىڭ بولمىدى.
سەنكى سۇلغۇن، بىر مۇساپىرسەن مۇھەببەت ئىلكىدە،
بۇ مۇساپىر شەھرىدە ھېچ خېرىدارىڭ بولمىدى.
9
سېنىڭدىن شۇنچە مەنالار، گۈزەللىك ھەمدە ئېھسانلار،
ئۆزۈركى، مەندە شۇنچە بىۋاپالىق، شۇنچە نۇقسانلار.
قۇسۇرۇم ئۆزرە ياغدى مەرىپەت ھەم مەغپىرەت سەندىن،
ئازارمەن ھەر قەدەمدە، ھەر قەدەمدە شۇنچە پۇشمانلار.
ماڭا ئىدراكنى سەن بەرگەن، ھاياتقا تۇزۇتەم بەرگەن،
سوراقلاپ قىلمىشىمدىن ئالغۇسى ھېسابنى ۋىجدانلار.
ھىدايەت شولىسىغا زاتىدا پىنھانە مايىللىق،
جاھاننىڭ ئەيشىگە مەست بولدى، كەلدى، كەتتى ئىنسانلار.
سوراشتى، ئازمىغانلار ئاز ئىكەن ئۆتكۈنچى ئالەمدە،
چىشىمۇ ياكى ئەركەكمۇ كۆرۈنمەس جىنسى شەيتانلار؟
چىشى مەردانىلەرگە ۋە لېكىن، زەيپانىلەرگە ئەر،
ئۆگەتتى ھەق تۇغىنى چىڭ تۇتۇپ مىراجغا چىققانلار.
ئايا، سۇلغۇن، قۇسۇرۇڭغا باقار لىللاھ نەزەر بىرلە،
قەلەمنىڭ دەردىگە ئاشنا بولۇپ، ھەققە يولۇققانلار.
10
ئۆتتى دەۋرانلار، كى بەرھەم تاپمىدى بۇ ھالىمىز،
پاتتى باتىلغا ئىنايەت ئىستىگەن بۇ غارىمىز.
ھەققە تەلمۈرگەن كۆزۈمنى توستى تىللا سايىسى،
ئاقچىلار شاۋقۇنلىرىغا بولدى غەرق مۇڭ-زارىمىز.
ھەرزامان شاھىتكى، ئىنسان قىسمىتىگە بۇ پەلەك،
خۇلقىمىزنىڭ قات-قېتىدا بار ئىكەن ئەغيارىمىز.
ھەقنى يىتتۈرگەن سەپەر ھىجرانغا مەھكۇمدۇر ئەبەد،
ئاقمىدى ھەرجان ئۆزىگە پەرۋەرىشتە چارىمىز.
دەھرىلىك ئۆرتەيدۇ يىگانە ھەقىقەت ئەھلىنى،
گەر ھەقىقەت ئەھلى خار بولسا، سامان دىدارىمىز.
سەبرىنىڭ ئىنئامى بەش كۈندە نېسىپ بولماس ئىكەن،
دىل تازا بولماس، ۋېسال كۆرسەتمىگەي دىلدارىمىز.
كۆردى ياقۇپمۇ يۈسۈپنىڭ شەۋكىتىنىڭ تەمىنى،
ئاقلىنار سۇلغۇن، دۇرۇس بىر بەندىلىكتە ئارىمىز.
ئاھ يۈرەكىم ،ئاھ يۈرەكىم،ئاھ يۈرەك!...
ئاي ئىكەنسەن كۆك بۇلاقتا يۇيۇنغان،
گۈل ئىكەنسەن خۇشپۇراققا تويۇنغان.
ئويناپ تۇرار كۆزۈڭ كەپتەر كۆزىدەك،
مۇھەببەتنىڭ ئىمزالىرى ئويۇلغان.
قىزىل ئاتەش باغ ئارىلاپ كەزگەندە
يېشىل ياپراق قۇچتى شېرىن ئۈنۈڭنى.
كۆڭۈل پىنھان بىر تىترەشنى سەزگەندە
ئۇنتۇدۇڭمۇ قۇرغاق ئۆتمۈش كۈنۈڭنى؟
ھېجران پەيتى ھۇۋلىغاندا بورانلار،
توزان ئىچرە پۇلاڭلىدى ئاق بىلەك.
بىر ناخشىنى ئېيتىپ ماڭدىم يول بويى،
ئاھ يۈرەكىم ،ئاھ يۈرەكىم،ئاھ يۈرەك!...
كۆيگەن دېڭىز
1
بىر ئىجاتچان مىۋە بەرگەن ئەي شېئىرنىڭ ئىلاھى
سالقىن كېچە سېنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ھۈجەيرەڭ
مۇئەللىقىڭدە توختاپ قالغان قەترە يېشىم شۇ كۈندۈز
ياكى تاڭدا بەرگەن قەسەم يەڭگىل پەرۋاز ئەيلىگەن .
قارىغۇ بىر لەھزىسىدە پارە قىلدىم ئەينىكىمنى
نەسلى ئۆچكەن گۈل ئۇچقۇنى ئېزىپ قالدى كەڭلىكىمدە
زىمىن تۈسلۈك شەكلىڭ بىلەن قىلدىڭ ئىشارە ئوقۇ دەپ
ئىچىمدىكى ئېچىرقاشنىڭ نامى يۈتكەن شەكلىنى .
قانداق تىلىسەن لۇغەتلەردىن يىقىلغاندا يۆلىگەن
بەردىڭ ناماز كەشتىلەنگەن ئىبلىسلىقىم ئەركىنى .
2
گۇڭگا تەبەسسۇمىڭدا تارنىڭ تۇيدۇرماي ئۈزۈلۈشى
چېچېلغاق باشلارنىڭ ئاراچلىرىدا ،
كۆپۈكلەرنىڭ چاقناپ -چاقناپ يېرىلىشى ،
سۇنساڭ قولۇڭنى
چىنلىق شۈبھىسىگە ئايلىنىدۇ يالقۇنلارنىڭ قىيپاش گىرادۇسلىرى
بۇلۇتلار بەرباتلىقىدىن ئۈنگەن شاماللارغا يۈزلىنىپ -
ئەقىلدەك تەن تىنچلىقىدا ئاقار چەكلىرىم
يوقىلار تىنچلىق شۈبھىسىدىن تۈزۈلگەن پىرىنسىپ .
دېڭىز بىلەن كۆك ئارىسىدا جىم بولۇشنى ئويلايدۇ جىملىق
كېچىنىڭ سىرلىرىنى ساقلاش بىلەن چاقنىغان .
ئەسلىرىم ئويناپ ئولتۇرىدۇ قاڭقىپ چىققان بۇزغۇن تاشلىرنى
سۇنىڭ ناشۇدلۇق تېگىپ چاچراپ كەتكەن شۇ كۆزلىرىنى ،
كۆرسەم ئىدى كۆز يېشىنى رەقىپسىز شۇ ئادەمنىڭ
ئاقسام مەنمۇ سەرخۇشلۇقتا نام -نىشانسىز شۇنىڭدەك .
ئويناتساڭچۇ مۇزەپپەر سۈپۈرگەڭنى زەر تاللىق
قىرسىز دەرگاھلارنىڭ يۇمىلاق رەستىسىدە يۈرەي ئايلىنىپ .
3
كىم ئىكەن تاڭ ئارىمىزدىن گەپ سۆزسىزلا يوقالغان
تۈگۈلمەكتە ئەسسىز تاشلار ياتقۇزۇلغان بىر رەستە
ئەي يەردىكى بەربات بولغان ساييارە
نۇرۇڭ قېنى ئەگەشتىمۇ شۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا
رەسەتخانا ئەينىكىدە يەم بولدۇڭمۇ تومۇزغا؟
ئەڭ ئاداققى چاقىرىشلار ئۇچقۇنلىدى قار بولۇپ
چىقار ئەمدى چوغلۇقسىمان قەسىدەڭنى بوشلۇققا
ئايەت ئېيى شولىسىدا قايرىۋەتسۇن كېپەننى ،
ئۆرتىنىشنىڭ كۈيى ئاقسۇن دەريا بولوپ تاشلىقتا .
4
ماي قوڭغۇزى قارغىش تېگىپ شۇنداق ئۇچار چوغ بولغانسەن
ئالۋاستى چۆچىكىدە ماڭا ئېتىلغان تاش ئىدىڭ ئەسلى
كىرپىك بۇرۇختۇملىقىدا شەبنەم بولدى پىرىخۇن چۈشىدىكى قوي مەرىشى
قورقۇش قەھرىتاننىڭ زەھەرخەندە مېۋىسى
بولدۇم شۇڭا مۈگدىشىڭدە "يۇلتۇزغا تولۇپ يېرىلغان ئانار "
كۆتۈرۈپ گۈل تىكەنلىرى مېنى خېرىدار چاقىرىدۇ ساما يولىدا
ھۇۋلاش زۇلمىتىگە ئەۋەتتى مېنى مەڭگۈلۈك قولى
نۇسرەت جىلغىسىدا مەرسىيە شامىلى كېزەر ، باقسام
ئاسانلىق تۇيىقىدىن چىققان بىر ئۇچقۇنغا ئايلاندى پىراقلىرىم
چوقۇلاپ قۇت داغلىرىنى بولۇپ كەتتى ياپىلاق
ۋەسىيەت قۇندىقىغا قونغان خوراز تۇمشۇقى
ئۇپۇق ئەينىكىدىن قېچىپ كەلگەن چىللاشلار
قانىتىنى باتىنىغا يۆتكىۋالغان قۇشلار سەن .
5
ماياك تۇمانىدا غايىب بولدى رەڭدار قولۋاقلىرىم
شەبىستان بارمىقىدىكى ئالتۇن گۈلنىڭ تۆكۈلگەن بەرگىدەك
سۈت شىرنىلىكىگە چۆكمەكتە ئاستا ئۆزەكلىرىم
تۇمانمۇ سەن ، يالقۇنمۇسەن سۇ يۈزىدە تەرلەتكەن
قارچۇقۇمدا قولۇڭنىڭ خوشلاشقان دەمدىكى پۇلاڭلىشى
يۈتكەن مەرمەرلىرىڭ شۇ ئاستىدا بولدى سوراقلار ...
بېلىق سۇغا كىرىپ تىرىلگەن مىشەك
ئىنتىلىش شۇڭلىرىنى ئېلىپ بارار مۇز دەۋرنىڭ چېكىنىشىگە
ئەنە ، دەھرى قوللىرىدىن چۈشكەن ئاپقۇرلار
ئۇچقۇر مېھراپ پەيزى بىلەن كۈتۈشلەرگە ئايلانسا
سوزۇلۇشنىڭ بىر چېكىتى يوللىرىمنى قۇچىدۇ .
شۇنداق كۈيمەن ، نوتىلىم توزۇپ كەتكەن كەتكەن گۈل رەڭلىك
تېكىستىمتۇر ، شۇ قارايغان چايقىلىشى شارابنىڭ
ئۈپۈشلەرنىڭ تەختىگاھى يىقىلىدۇ ، قوپىدۇ
نېمىشقىدۇ سۇ لەھزىدە شېھىت ماڭا ئايلاندى .
6
ئوت يالمىدى مەن تۇغۇلغان ئۆينىڭ ئېسىنى
تۆكۈلدۈم سۇمۇرغ بايرىمىغا كۆك ئاسماننىڭ ئۇرۇقى بولۇپ .
ئۇركىستىر تەكلىرىدىن رەڭگى ئۆچۈپ چىققان تومۇزغىلار
قۇندى ئوچاق بېشىدا يىغلاۋاتقان چىڭقى چۈشنىڭ بېشىغا .
دىل تەكتىدە چېكىپ بىر پەس قىشنىڭ دەردلىك سۆزىنى
سەزمەپتىمەن گۈلدەستەڭنىڭ كېتىشىنى يىراقلاپ .
نەم سەھەرنىڭ يۇمرانلىقتا يانغان يىلىڭ كۆكسىگە
شالى ئېقىپ ھارارەتنىڭ ، باستى كەپسىز ئالۋۇنى
ئاتەش ، ئاتەش
مەيدەك قىزىل سوقۇشنىڭ رەيھانى
يۇمشاق جاھىل سوقۇشىڭدا رېتىملارنىڭ ئىمانى
كەل دوستلىرىم ،ئوت ئىچىدىن سۈزۈپ بىرەي قوڭغۇرق
چال خاراپ مەپىسىدە ، شەپەق يايسۇن ئىشتىياق .
7
خەنجەر باراڭ تىلىپ ئۆتتى سەزگۈر ھاۋانىڭ باغرىنى
ئۇيۇپ كەتكەن ۋەھىيلەرگە ئاقتىم مەنمۇ قان بويلاپ
چاقماق يوچۇن رەنجىش بەلكىم قىيىن ۋىسال دەملىرىدىكى
ئۆكسۈشلەر قالدى بۇلۇتنىڭ چوغىدا تەقدىر بىلەن تەڭ ئويناپ
كىملەر بىلسۇن تىكىلىشىمنى ياقىسىدىن قۇچۇشلارنىڭ
تىكىلىشىم شاش بىر ئاتتەك غايىپ بولۇر دۆڭلەردە
ئېيتقانلىرىم شۇنچە ئىتتىك قۇرۇپ كەتكەن ئەي، شەھەر
چىللاپ كەتتى سادالارمۇ ۋاقىت ئۆتكەن بېكەتكە .
8
كۈزنىڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى ئارا كۆيدى يېزىقلىرىم
يوقلۇق ئاسمنى بولۇپ چىقتى قۇرۇپ چىققانلىرىم
سۇندۇم چاقناش ئىچىدە دۇنيا سىرتىغا قوللىرىمنى
ئېزىش بولدى يەنە ئىزلار ئىچىدە ئۇتقانلىرىم
لەۋلەر تىترەيدۇ ، لەۋلەر_تۇغۇلىۋاتقان روھ
شەبنەم ھەسىتىدىن تەملەنگەن تەر بولدى يۇتقانلىرىم
يۈرەك كىتەر چېغىدا ئېيتالمىدى ئاخىرقى سۆزىنى
تۈۋرۈككە باغلانغان كىپىنەك بولدى سۈكۈتتىن ئۇققانلىرىم
كېچە تاش بولۇپ قاتقان چاناق ئىسىملىك پىلانىتا
كۆيدى ساداق ئۈچۈن تىككەن قويۇق ئورمانلىرىم
گىياھلىرىڭ دەرگاھىڭدا چايقالغاندۇ ئەي، ئوغۇز
ئىزدەپ يامغۇر نەملىكىنى ئۇچۇرما بولدى جىرالىرىم
خاتا ئوقۇپ تاش دەۋرىگە پۈتۈلگەن بىر سەدىرنى
تاتلىق تىكەن ئۇچلىرىدا چېچەكلىدى گۇناھلىرىم .
9
ياشار ۋاھىز ئىبادىتى زامان قۇرتنىڭ زۇۋانىدا
يامرىماقتا قەسەم ئوتلىرى پەرھىزكارنىڭ تامانىدا
كىم بۇ يەردە قانات قاققان ، ناخشىنىڭ جەۋھىرىگە سايە تاشلاپ
بىغۇبار تادۇ ئىچىدە تىڭشاۋاتسام ئۆزۈمنى
قارا، تاشنىڭ قاناتلىرى چاۋاكلار ئارا ئېرىپ يوقالغان
يىتىم ئەرۋاھنى ئەسلىتىدۇ مۇڭلۇق ئۇچقان ساي شاماللىرى
يىرتىلغان تارىخ ۋاراقلىرى ، تۆكۈلگەن ۋەدە ياپراقلىرى
ئېيتىڭلار سىلەر ئۇچىسىلەر كىملەرنىڭ شاتلىقى ئۈچۈن ؟
قۇرۇق گەپنىڭ جىۋەك مۈشۈكلىرى ، پانۇس قەغىزىدە
تىرناقنىڭ ئىزى
يۇرۇپ تۇرغان قانداق تەسىرات ، نىمە قىلىسىلەر ئېلىپ ئۇنى ؟
مېتىئورىتنىڭ يۈتكەن نۇرى بىلەن گىرىم قىلىش ھارغىنلىقى
قونار گۈل دەپ قەۋرىستانلىقنىڭ تىرىلگەن كىپىنەكلىرى
ئۆڭكۈر تاشلىرىغا سۇنسا ئۇرۇلۇپ _
پال ئۆيىنڭ ئويۇقلىرىدىكى پارقىرق ئەينەكلەر
تۇنجى گۇلخان ئەلەڭگىسى بەردى ھارارەت .
10
دېڭىز تامام ئۇنتۇپ كەتتى ناخشىسىنى ، ئېھتىمال ،
ئىزدەپ ئۇنى يىرقلىدى قاردەك يارقىن دولقۇنلار .
ئەپسانىۋى بىر شەھەرنىڭ خىلۋىتىگە چۆكۈشەر ،
چىملىق ئارا كۆيۈپ تۇرغان كۆزدەك ئالتۇن بېلىقلار .
سوراپ باققىن ، شاۋقۇنلارغا ئىكەك سالغان كىم ئىكەن
قۇم باغرىدا تارلار چىڭىپ ، ئەسلەر غايىپ نىكاھنى
بارماقلارنىڭ خىسلىتىدىن كۆيەر بۇلبۇل پەيلىرى
تەن ماگمىسى لەيلەتمەكتە چۆكۈپ كەتكەن نىگاھنى
ساكيامونى ، رۇجەكلىرىڭ تاشلاپ كەتتى نىمىشقا
كۆرمەكتسەن قەترە سۇنىڭ سىرغىشىدىن داغلارنى
داغلار سېنى بىشارەتنىڭ سايىسىگە چىللىدى
كۆرمەي قالدى ئاسىيلىقىڭ چېچەك ئاچقان باغلارنى .
بىر زەررە نۇر ئىزھار قىلار دېڭىز ئارا مەۋجىڭنى
ۋەھىي پۈتكەن ۋاراقلىرىڭ يەلكەن بولدى ياشلارغا
قىرغاقتا بىز
روھىمىزغا يول ئالمىدۇق تېخىچە
پەرھىزلەرنى قويماقتىمىز بىراق ، ئاشۇ قاشلارغا .
قەلەم ۋە شائىر
قەلەم، قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر.
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا،
نومۇس بەكمۇ يامان ، زاۋالىمنى بەر.
چىلاپ سېنى تۈندەك قارا سىياغا،
سىزاي چوغلۇق گۈلى دىللارغا.
ئېرىپ سەندە بوغدانىڭ ئاپئاق قارلىرى،
ئەگىز بولۇپ، شارقىراپ كىرسۇن تىللارغا.
قەلەم قەلەم ئەمەس، مىسالى ئەلەم،
ئۇنىڭ ھېكمىتىگە بويسۇنار ئالەم.
جاھان تەسۋىرىنى يورۇتۇپ ھەردەم،
ئۆزىنى قايتىدىن ياراتتى ئادەم.
ھاكىم بىلەن دېھقان تەڭدۇر قەلەمدە،
پادىچى ھەم دەنا ئوخشاش مۆجىزە.
پاشىنىڭ ئۆلۈمى تەڭداشسىز ماتەم،
ھايات تەرىپىگە ئەگەر ئەرزىسە.
شائىر كۆرسە توڭلاپ تىترىگەنلەرنى،
قىپقىزىل قېنىنى ئوت قىلىپ چاچار.
ئۆزگىلەرگە بېرىپ گۈزەل ئەركىنلىك،
ئۆزى تۇتقۇنلۇقتا ئۆرتىنىپ ياتار.
قەلەم، قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر.
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا،
نومۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر.
مەنبە: «كۆيگەن دېڭىز» ناملىق شېئىرلار توپلىمى
ناخشامدا ياراتتىم قىشتىمۇ باھار
ئۇخلىسام، سۈرەنلىك ھاياتقا خوش دەپ،
باھارىم كۈلكىسى چۈشۈمدە ئايان.
خىياللار بەھرىگە چىللايدۇ،بىراق،
رۇجەكنى چېكىشىپ قىشتىكى بوران.
سەھەرنىڭ دىلرەبا جىمجىتلىقىدا،
قار ئۆزرە لاۋۇلداپ كۆيىدۇ شەپەق.
بالىلىق قايتىدىن توغۇلدى گويا،
ئېڭىمدا يالقۇنغا بولغىنىمدا غەرق.
قىراۋدىن يارىلىپ يەنە بىر دۇنيا،
كۆزنەكتە نامايان باراقسان ئورمان.
ئورماننىڭ ئىچىدە ئېرىق بويىدا،
يار بىلەن مەنىلىك ياشايمەن پىنھان.
بىر پەستە شۇ ھايات، شۇ گۈزەل ئورمان،
كۆزنەكنىڭ يۈزىدە ئايلاندى ياشقا.
ھاياتنىڭ ئەبەدىي قۇچاقلىرىدا،
نېمە بار ناخشا ھەم ئارماندىن باشقا.
تاپماققا يارالغان لەۋلەرگە مەلھەم،
ناخشامدا ياراتتىم قىشتىمۇ باھار.
ئونىشىپ قۇياشنىڭ ساقىلى بىلەن،
ئۆيۈمنىڭ سىرتىدا پارقىرايدۇ قار.
<<مىللەتلەر ئەدەبىياتى>> ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.
تۇز قەسىدىسى
باشقىچە كۈيلەيدۇ ئالۋۇن مەپىسى،
شاخلاردا تۈنىگەن قانداق بىر ئانار؟
كېلىپلا يوقالدى سىياھ پەنجىسى،
پەنجىلەر كۆكىدىن يوپۇرماق ياغار.
تۇغۇلدۇم خىيابان قۇشنىڭ رەڭگىدە.
شاخلارنىڭ ئەۋجىدىن يۈكسىلەر ئاسمان،
چۆكۈپ يەر يوپۇرماق قاينىمى ئىچرە.
كېلىپلا يوقالدى سىياھ پەنجىسى
پەنجىلەر كۆكىدىن يۇپۇرماق ياغار.
تۇغۇلدۇم خىيابان قۇشنىڭ رەڭگىدە.
شاخلارنىڭ ئەۋجىدىن يۈكسىلەر ئاسمان.
چۆكۈپ يەر يوپۇرماق قاينىمى ئىچرە،
قۇترىغان ئوت كەبى ئۈزىدۇ ھەر يان.
بىلسەڭلا باغلاردىن باشلىنار يولۇم،
قېنىمغا ئىبادەت ئەيلىدىم ھەر ئان.
يوقالغان چاقماقىنىڭ ئېغىر تېشىدا،
ئاھ مېنىڭ جىملىقىم قىلىپتۇ جەۋلان.
توزۇتسا ئۆيۈمنىڭ كېسەكلىرىنى.
ئۆيلىرىم ئىزدىدى، تۇرۇشتى يوقلاپ،
ئېسىمدە، «خوش» دېدىم ئاداققى بىر رەت:
يەنىلا شۇ يەرگە كەلدىم دۇدۇقلاپ.
ئۆلۈم ناخشىسى
بال ھەرىسىنىڭ ئىزدەشلىرىگە،
قوزغۇن سايىسىنى قالدۇردى دېسەم،
بېرىپ كېتىپسەنغۇ پىچىرلىشىڭنى !
ئاتەش قۇتىسىدىن چېچىلغان ئۇچقۇن،
ئالما رەڭ كۈلكەڭگە تىزاي دەپ چاڭگا.
غازاڭ دۆۋىسىنى يۈرەر مالتىلاپ.
ئۇپۇق سەھنىسىدە كۆرسىتىپ سېھىر،
سەن ماڭا قالدۇرغان پىلاستىنكىنى،
كىمدۇر ئورماندىن قاچتى ئوغۇرلاپ.
دېرىزە ئالدىدا تۇرىمەن ئەمدى،
قېنى دەپ ئىمزاسى سېخىي رەسسامنىڭ،
ئالدىمدا خۇشپۇراق تەۋرەنگەي توقاي.
قۇشلار ناخشىسىدىن يوللاپ بىر مەكتۇپ،
مېنى ئېلىپ كەتتى بۇ يەردىن چىللاپ.
شەھەردىكى بالىلار
يېشىل - يېشىل ئورمانلار ،
نەگە كەتكەندۇ؟
ئاسمان تۇتۇق، نىمە دەرد،
ئاڭا يەتكەندۇ؟
ئېگىز بىنا كەينىدىن،
چىققاندا قۇياش.
ئاپام بولار ئالدىراش،
دادام ئالدىراش.
ئاڭلىمايمىز پۈتۈن ياز،
قۇشلار سازىنى.
كۆرەلمەيمىز پاقلاننىڭ ،
ئوماق نازىنى.
ئۆتۈپ گۈزەل بالىلىق ،
بولماقتا ئادا.
تونۇمدىكىن بىزلەرنى ،
تەبىئەت ئانا؟
ھېچكىم يوق
شاۋقۇنلارنىڭ تىلسىمىدا ئۆزۈمنى تىڭشىدىم،
ئاۋازىمنى كەستى ئاپىلېسىن رەڭگى.
ئۇنتۇلماقتىمەن ئاۋات كوچا چىرىغىدەك،
كىرىۋالىمەن كەچكۈزنىڭ تىترەك قوينىغا.
ھاۋا سوغۇق، ئاۋازغا ئايلانغان كۈنۈم،
توڭلاپ كەتتىم سايىلەرنىڭ يامراشلىرىدىن.
كالا گۆشى سۇيۇقئېشى تۇرار ھورلىنىپ،
قۇچاقلىدى بىر قۇيۇن ئەخلەت دۆۋىسىنى.
شاكىلات ھەم شىرشىم كەمپۈت قەغەزلىرى،
نۇر بەھرىدە ئۈزەر ئىدى بېلىجانلاردەك.
مېڭىپ يۈردۈم مىغ - مىغ ئادەم ئارىسىدا،
ئەركىنلىكىم، سۆيگىنىم پەلەك سىىرتىدا .
قەلبىمدىكى كۈي قۇشلىرى،
تاشتىن يىراق، ئورماندىكى سۆگەت شېخىدا.
قەسەملەرگە ئوخشىغان ۋارقىراشلىرىم،
پىتنىلەرگە ئەگىشىپ كەتتى ۋاقىتقا.
كىم ئۇ بۇلبۇللارنى مېتالدىن ياساپ،
ئېسىپ قويغان بوتكىلارنىڭ ئەينەكلىرىگە؟
كىم ئۇ پەرىشتىلەرنىڭ ھەيكەللىرىنى،
ئۇزۇن بامبۇك تايىقىدا كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
بىر توپ ئالساڭ ئالتە كوي دېگەن؟
يەر ئاستى ئۆتۈشمىنىڭ پەشتىقىدا،
كىم ئۇ كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە.
ئالدىراش ئادەملەرگە غىجەك چالغان،
ئاقارماقتا پۇل بىلەن ۋەھشىي داغلار .
كىتابىنى دۇربۇن قىلىپ بىر سەنئەتكار،
ساناپ باقتى بانكىنىڭ پەلەمپىيىنى.
كەتسەڭ مەيلى
كەتسەڭ مەيلى يالغۇز قالىمەن،
تەن بەرمىسەم بولماس ھىجرانغا.
مىسكىن يۇلتۇز بولۇپ يانىمەن،
سىرلىرىمنى چېچىپ ئاسمانغا!
سەن كېتەرسەن ئېلىپ بەختىمنى،
كەتسەڭ مەيلى قىلىپ دىۋانە.
تەنھالىققا قۇراي تەختىمنى،
كېچە ماڭا قالسۇن يېگانە!
ھېچنەرسەم يوق ساڭا بەرگۈدەك،
بىر يۈرەك بار سوقار مەردانە.
مەن ۋەسلىڭگە تەلمۈرگەن گۆدەك،
تەسەددۇقمەن بولۇپ مىڭ دانە...
|