تۈننىڭ تىۋىشلىرى بارچە ئۇيقۇ ئېگىلىرىنىڭ تىنىقلىرىدا سۆزلەۋاتقان بۇ پەيت
ئىسمىڭدىن باشلىنىدىغان خىياللىرىمنى قايتا ۋاراقلىدىم
گۈللەرگە ئوخشايدىغان رەنجىشلىرىڭدىن تارتىپ
سېغىنىشقا تولغان يالغۇزلۇقۇمنى يۈدۈپ،
كېچىلەردىن تاڭغا ئۇلىشىشنى داۋام ئەتمەكتىمەن.
كۈنلەر جىمجىت بىر پارچە شېئىردەك
ئېسەدىمەكتە
توپا باسقان كۈلكىلىرىم
تەقەززا تىنىقلىرىم
ھايات دەپ چاقىرىلىدىغان ئۆلۈم يولى
كۆزلىرىمگە سانجىلىپ قالغان يىغا
ساڭا ئېرىشىشنىڭ قارشى قىرغىقى
ئېرىشكىنىم ئىدى پەقەتلا
ئەي
مېنى مەندىنمۇ بەك يالغۇز قالدۇرغۇچى
تۈننى ئۆچۈرۈش پەيتى كەلدى…
بەختىيار ئابلەت |