ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 720|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بېيجىڭدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلار مەھەللىسىنىڭ ئاساسى ئەھۋالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

بېيجىڭدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلار مەھەللىسىنىڭ ئاساسى ئەھۋالى


چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە بېيجىڭدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلار مەھەللىسى


بېيجىڭدىكى چاڭئەن كوچىسىنىڭ تيئەنمەن مەيدانىدىن ئۆتىدىغان بۆلىكىنىڭ جۇڭنەنخەي بىلەن تۇتۇشىدىغان جەنۇبىي قىسمىغا «شەرقىي ئەنفۇ» نامى بىلەن ئاتالغان بىر تار كوچا جايلاشقان. مانا بۇ كوچىدا مەنچىڭ دەۋرىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇرلار مەھەللىسىنىڭ قالدۇق ئىزنالىرى تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
ياپونىيە ئۇيغۇرشۇناسلىرىدىن ئونۇما تاكاھىرو ئەپەندىنىڭ 2009 - يىلى ئېلان قىلغان «250 يىللىق تارىخقا ئىگە بېيجىڭدىكى <ئۇيغۇرلار لاگېرى>» ناملىق ماقالىسى بۇ ھەقتىكى يېڭى مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئونۇما ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ماقالىسى ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى نەق مەيدان تەكشۈرىشى ھەمدە بېيجىڭ خان سارىيى مۇزېيى ۋە بېيجىڭ دۆلەت كۇتۇپخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن ئېرىشكەن ھۆججەتلىرى ئاساسىدا يورۇقلۇققا چىققان.
مەلۇم بولۇشىچە، «خۇيزىيىڭ» ياكى «خۇيخۇي يىڭ» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭدىكى لاگېرى مانجۇ خانى چىيەنلوڭنىڭ 25 - يىلى، يەنى 1760 - يىلىنىڭ بېشىدا تەسىس قىلىنغان. مىلادىيە 1758 - يىلى مەنقىڭ سۇلالىسى «ئاق تاغلىق» خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى تۇنجى قېتىم ئىستىلا قىلغان. ئىككىنچى يىلى چىيەنلوڭ خان ئۆزلىرىگە ياردەملەشكەن خوجا ئەۋلادلىرى ۋە بەگلەردىن بولۇپ 126 نەپەر كىشىنى بېيجىڭگە تەكلىپ قىلىپ يۇقىرى ئەمەل - مەنسەپلەر بىلەن تارتۇقلىغان. ئاندىن ئۇلارنى بېيجىڭدا ئېلىپ قېلىپ خانبالىقنىڭ غەربىي - جەنۇبىي سېپىلىگە يانداش كېلىدىغان جايدىن (بۈگۈنكى غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ شەرقىي ئەنفۇ مەھەللىسى) ئورۇن بېرىپ، مەخسۇس مۇسۇلمانلار ئولتۇراق رايونى تەسىس قىلغان. شۇندىن باشلاپ بېيجىڭ خانبالىقتا مەشھۇر بولغان ئۇيغۇرلار مەھەللىسى بارلىققا كېلىپ بارغانسېرى كېڭەيگەن ھەمدە مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر رايۇنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشتىكى كۆزنىكىگە ئايلانغان. چىيەنلوڭ خان خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا زور تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق شارائىتتا ئاۋام خەلقنى قوزغىتالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەچكە ئۇلارنى بېيجىڭدا تۇتۇپ قالغان. پەقەت مانجۇ خان جەمەتىگە مەنسۇپ بولغان يوقۇرى قاتلام كىشىلىرىلا تۇرالايدىغان خانبالىقنىڭ سېپىلى ئىچىدىن ئورۇن بەرگەن. ئۇلار يوقۇرى قاتلام مانجۇ ئەمەلدارلىرىغا بېرىلىدىغان ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمان بولغان. مانجۇ قىزلىرىغا ئۆيلىنىشىگە، ئۆلگەندىن كېيىن ئۆز يۇرتىدا يەرلىككە قويۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان. 1763 - يىلى يازدا خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە چىيەنلوڭ خاننىڭ پەرمانى بىلەن مەسچىت قۇرۇلۇشى باشلانغان ھەمدە بىر يىلدىن كېيىن پۈتكەن. ھەيۋەتلىك مەسچىت بىناسىنىڭ ئالدىغا چىيەنلوڭ خاننىڭ مەسچىت قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى پەرمانى مانجۇ، خەنچە، موڭغول ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرىدا تاش پۈتۈككە ئويۇلۇپ ئابىدە قىلىپ تىكلەنگەن. شۇندىن باشلاپ، بېيجىڭ خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ ئولتۇراق ئاھالىمۇ كۆپەيگەن. مەنچىڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر ئېلىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئېھتىماللىققى بار دەپ گۇمان قىلغان يۇقىرى قاتلام بەگ ۋە خوجا ئەۋلادلىرىنى داۋاملىق تۈردە بېيجىڭغا يۆتكەپ بۇ يەرگە ماكانلاشتۇرغان. ئۇندىن باشقا خان سارىيى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن ئۇستىلار، مۇزىكانتلار ھەتتا دارۋازلارمۇ بۇ مەھەللىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان.
تەتقىقاتچى ئونۇما ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىمۇ دەل چىيەنلوڭ دەۋرىدە بېيجىڭدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلار مەھەللىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ بېيجىڭ خانبالىقتا ئۇيغۇرلار مەھەللىسى تەسىس قىلىشى ھەمدە خوجا ئەۋلادلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇشى شۇ دەۋرنىڭ ئۆزىدە مەلۇم ئىستراتېگىيىلىك پىلان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان.
تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەنچىڭ سۇلالىسى بېيجىڭ خانبالىقتا يەرلەشكەن خوجا ئەۋلادلىرىدىن پايدىللىنىپ ئۇيغۇر رايۇنىنىى تىنجىتىش ھەمدە غەربتىكى چېگرا رايونلىرىنىڭ ئەمىنلىكىنى ساقلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان. شۇڭلاشقا خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسى مەنچىڭ سۇلالىلىسىنىڭ ئۇيغۇر رايۇنى ھەققىدە سىياسەت بەلگىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇندىن باشقا، مانجۇ خانلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايۇنىغا چۈشۈرگەن پەرمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەمدە مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى قوقان ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن بولغان خەت - ئالاقىلىرىنىڭ ھەممسى خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە تەييارلانغان. ئونۇما ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭدا ئولتۇراقلاشقان خوجا ئەۋلادلىرى مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر رايۇنىدىكى ھۆكۈرانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا مانجۇ خانلىرىنىڭ «ئادالەتلىك پادىشاھ» ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا بويسۇنماقنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەشۋىق قىلغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بېيجىڭدا ئۇزاق مەزگىل تۇرغان رۇسىيەلىك پوپ پيوتېر كافاروف ئۆز خاتىرىسىدە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، بۇ يەردىكى ئىمامنىڭ جۈمە نامىزىدا خۇتبىنى مانجۇ خانىنىڭ نامىغا ئوقۇغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىگە كەلگەندە خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ، بېيجىڭنىڭ باشقا جايلىرىغا كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان. 1910 - يىلى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىنى زىيارەت قىلغان ئەنگلىيىلىك مىسسىئونېر برۇمخال بۇ يەردىكى چوڭلارنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدىغانلىقىنى، ئەمما ياشلارنىڭ ئۆز تىلىنى يوقۇتۇپ، ئىسلام دىنىي قائىدىلىرىدىن باشقا مىللىي ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىدە خەنلىشىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. 1912 - يىلى مەنچىڭ خاندانلىقى غۇلىغاندا خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنىمۇ تەسلەشكەن. كېيىنچە يۈئەنشىكەي ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتى مەھكىمىسىنى جۇڭنەنخەينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىسىگە يېقىن جايىغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى مەسچىتتىن كۈندە بەش قېتىم ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئەزان ئاۋازىدىن بىئارام بولغان يۈئەن شىكەي ئەسكەر ئەۋەتىپ مەسچىتنى تاقىتىۋەتكەن. ئەمما ئۇيغۇر مەھەللىسى يەنىلا ساقلىنىپ قالىدۇ. گومىنداڭ دەۋرىدىكى ئىستاتىسكىلارغا قارىغاندا، 1930 - يىللاردا شەرقىي ئەنفۇ كوچىسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 108 تۈتۈن 795 جان بولغانلىقى مەلۇم.
ياپونىيە بېيجىڭنى ئىشغال قىلغان 1930 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدا خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ ھاياتى قايتىدىن جانلانغان. ئونۇما ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، 1938 - يىلى ياپونىيەلىكلەرنىڭ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مەسچىت جامائىتى بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈچەيگەن. شۇ يىلى ياپونىيەلىك مۇسۇلمان كومۇرا فۇجىئو ئەپەندى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىدە خوجانىياز ھاجىنىڭ بېيجىڭغا قېچىپ كەلگەن ئوغلى ئىبراھىم بىلەن بىرقانچە قېتىم كۆرۈشكەن. ئىبراھىم ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن «قۇرئان كەرىم» بىلەن ئىپارخاننىڭ سۈرىتىنى تەقدىم قىلغان. يەنە بىر ياپونىيەلىك مۇسۇلمان ئوكادا يوشىئو 1943 - يىلىدىن 1945 - يىلىغا قەدەر بۇ مەسچىتتە ئىبراھىمدىن دىنىي ساۋاق ئالغان.
1949-يىلدىن كېيىن، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسى زاۋاللىقا يۈز تۇتقان. 1960 - يىللارنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى مەسچىت قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادلىرىمۇ يېزىلارغا كۆچۈرىۋېتىلگەن ھەمدە مىللەت تەۋەلىكى تۇڭگانلارغا قوشۇۋېتىلگەن.


قۇتلان يازمىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-10-28 20:30:06 | ئايرىم كۆرۈش
گۈزەلىم ھورۇنلىشىپ ئۆزىنىڭ تېمىسنىمۇ تەستىقلىمايدىغان بولۇپ كەتتىما بۇ كۈنلەردە؟
مۇنبەر سالونىغا ياخشى تېما بىلەن تەمىنلىگەن گۈزەلىمگە تەشەككۈر
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-29 12:07:08 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-10-28 20:30
گۈزەلىم ھورۇنلىشىپ ئۆزىنىڭ تېمىسنىمۇ تەستىقلىمايدىغا ...

تېمىنى يوللاشقا ئاران ئۈلگىرىپ تەستىقلانمىغانلىقىغا دىققەت قىلماپتىمەن جانىم ،يەنە ئاۋارە قىپتىمەن ئالدىڭىزدا خىجىلمەن
سىزگىمۇ تەشەككۈر،مۇنبەر سالونى ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ تېما بىلەن تەمىنلىيەگىنىمدىن خۇشالمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !

1

تېما

59

يازما

314

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 691
يازما سانى:
59
تىللا:
194
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
13 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-19
يەر
ۋاقتى: 2015-11-3 19:53:55 | ئايرىم كۆرۈش
ئسىل تىما ئكەن مۇنبەرگە كىرەلمەيۋاتىمەن بىر بولسا ئادرسى خاتا چىقىۋاتىدۇ بىر بولسا ئىسمىمنى يازساممۇ كىرەلمەيۋاتىمەن بۇ نىمە ئىش؟

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-4 10:50:53 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇنۇتما يوللىغان ۋاقتى  2015-11-3 19:53
ئسىل تىما ئكەن مۇنبەرگە كىرەلمەيۋاتىمەن بىر بولسا ئاد ...

www.okuguqi.cn     ئادىرسى مۇشۇ شۇ .
بىر زامانلاردا مىنىڭمۇ شۇنداق بۇلۇپ قالغان ، تور كۆرگۈچنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىڭە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !

7

تېما

385

يازما

2588

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 259
يازما سانى:
385
تىللا:
1837
تۆھپە:
120
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
106 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-11-6 08:30:28 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى خەۋەر لەر ئۈزۈلمىگەي.

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-6 11:16:24 | ئايرىم كۆرۈش
قوشماق يوللىغان ۋاقتى  2015-11-6 08:30
ياخشى خەۋەر لەر ئۈزۈلمىگەي.

شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭمۇ قەدەملىرى ئۈزۈلمىگەي
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !

4

تېما

24

يازما

86

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 699
يازما سانى:
24
تىللا:
62
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
6 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-30
8#
ۋاقتى: 2015-11-12 17:50:03 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ مۇنبەردە  ماندا   قاراپ باقسام  قىزلار كۆپ سالماقنى  ئىگەلەيدىكەن  .ئەمەسما   ،،..،.
مۇھەممەد

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-12 17:52:13 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇيقۇت يوللىغان ۋاقتى  2015-11-12 17:50
بۇ مۇنبەردە  ماندا   قاراپ باقسام  قىزلار كۆپ سالماقنى   ...

ۋۇييۇ ما گەپنى ، قىز-ئوغۇللارنىڭ جىق بۇلىشى ھىچ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتسىزغۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇغۇچىنىڭ گۈل قىزلىرى ئادەم يىمەيدۇ چاقمايدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-12 17:53:06 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇيقۇت يوللىغان ۋاقتى  2015-11-12 17:50
بۇ مۇنبەردە  ماندا   قاراپ باقسام  قىزلار كۆپ سالماقنى   ...

مۇنبىرىمىزگە خۇش كەپسىز مۇھەممەد‹ئۇيقۇت›،نادىر تېمىلىرىڭىزنى ھەمدە تېتىملىق ئىنكاسىڭىزنى مۇنبىرىمىزدىن ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:04 , Processed in 0.154331 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش