ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 402|ئىنكاس: 11
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەگەر ئۈچ كۈن يورۇقلۇققا ئېرىشسەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

37

تېما

193

يازما

1011

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 696
يازما سانى:
193
تىللا:
788
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
139 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3


ئەگەر ئۈچ كۈن يورۇقلۇققا ئېرىشسەم
Three Days to See
خېلىن كېللىر (ئامېرىكا)
Hellen Keller
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: زۇلپىقار بارات



خېلىن كېللىر (1880- 1968) ــ ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر مەجرۇھ ئايال يازغۇچىسى ۋە پېداگوكى. بالىلىق دەۋرىدە كېسەل سەۋەبىدىن كۆرۈش، ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارىدىن بىراقلا مەھرۇم قالغان. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ 1904- يىلى ماسساچۇستېس شىتاتىدىكى بىر ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرگەن. كېيىن، يېزىقچىلىق، مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قەيسەرلىكنىڭ سىمۋولى. تېنى بېجىرىم، لېكىن روھى ساغلام بولمىغان، ياشاش ئىرادىسىنى يوقاتقان، چۈشكۈن كىشىلەر ئۈچۈن بىر جانلىق ئۆرنەك. ئۇنىڭ مەجرۇھ ھالەتتە تۇرۇپ 88 ياش ئۆمۈر كۆرۈشى ۋە نۇرغۇن ساغلام ئەرلەر قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىشى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشى ھەقىقەتەتنمۇ بىر مۆجىزە.


ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى مارك تۋېن كېللىرغا باھا بېرىپ مۇنداق يازىدۇ: «مېنىڭ نەزەرىمدە دۇنيا مىقياسىدا يېقىنقى ئىككى- ئۈچ ئەسىردىن بۇيان پەقەتلا مۇنداق ئىككى ئۇلۇغ ئىنسان ئۆتتى. بىرى ــ ناپالىئون بۇناپارت؛ يەنە بىرى ــ خېللىن كېللىر.» بۇ تېكىست ئۇنىڭ «ئەگەر ئۈچ كۈن يورۇقلۇققا ئېرىشسەم» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدىن ئېلىنغان. تەسىرلىك يېزىلغان بۇ ئەسەر بىزنى يېڭىچە پىكىر، ئىلھام، ياشاشنىڭ قىممىتى ۋە ئادىمىيلىك ھەققىدە ئاز- تولا چۈشەنچىگە ئىگە قىلسا ئەجەب ئەمەس.
مەن دائىم: «ئەگەر بىر ئادەم ياش ۋاقتىدا تۇيۇقسىز بىر نەچچە كۈن كور بولۇپ قالسا ناھايىتى ياخشى ئىش بولاتتى» دەپ ئويلايمەن. قاراڭغۇلۇق ئۇنى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان قىلىدۇ. جىمجىتلىق ئۇنىڭغا ئاۋازنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
ئىلگىرى مەن ھەمىشە كۆرۈش قۇۋۋىتى نورماك دوستلىرىمنى سىناپ، ئۇلاردىن نېمە كۆرگەنلىكىنى سورايتتىم. يېقىندا، ئورمانلىقتىن ئەمدىلا قايتىپ چىققان بىر يېقىن دوستۇم مېنى كۆرگىلى كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن نېمىلەرنى بايقىغانلىقىنى سورىدىم. «ھېچقانداق ئالاھىدە نەرسىمۇ يوق ئىكەن» دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. ئەگەر مۇشۇنداق جاۋابلارغا ئادەتلىنىپ قالمىغان بولسام، بۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. كۆزى كۆرەلەيدىغان ئادەملەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاز نەرسىنى كۆرىدىغانلىقىنى ناھايىتى بۇرۇنلا ھەقىقىي بىلىپ يەتكەنىدىم.
بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ مەن ئۆز- ئۆزۈمدىن: «ئورمانلىقتا بىر سائەت ئايلىنىپ تۇرۇپمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىگۈدەك ھېچنېمىنى كۆرمىگەنمىدۇ؟» دەپ سورىدىم. مېنىڭ كۆزۈم كۆرمىگەچكە سىيلاش ئارقىلىق مېنى قىزىقتۇرىدىغان خىلمۇ- خىل نەرسىلەرنى بايقىيالايمەن. بىر تال يۇپۇرماقنىڭ شۇنچىلىك نەپىس ھالەتتىكى سىممېتىرىكلىكىنى ھېس قىلالايمەن. قوللىرىم بىلەن باراقسان ئۆسۈپ ياشىرىپ تۇرىدىغان ئاشۇ دەرەخلەرنى، قارىغايلارنىڭ يىرىك قوۋزاقلىرىنى سىيلاشنى ياخشى كۆرىمەن. باھاردا مەن تولىمۇ ئۈمىدۋارلىق بىلەن دەرەخ شاخلىرىنى سىيلاپ، يۇمران بىخلارنى تاپماقچى بولىمەن. ئۇ تەبىئەتنىڭ قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغانغانلىقىنىڭ تۇنجى شەپىسى. مەن گۈللەرنىڭ كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان يۇمران نوتىلىرىدىن ھوزۇر ئالىمەن. تەبىئەتنىڭ قىسمەن مۆجىزىلىرى ماڭا مۇشۇنداق ئايان بولىدۇ. تاساددىپىي ھالدا تەلىيىم كېلىپ قالسا، قوللىرىم بىلەن بىر تۈپ دەرەخنى ئاۋايلاپ تۇتىمەن. قۇشلار سايرىغاندا خۇشاللىقتىن تىتىرەپ كېتىمەن. مەن بارماقلىرىمنى ئېچىپ، ئېرىقتىكى مۇزدەك سۇنىڭ بارماقلىرىم ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتۈشىنى ياخشى كۆرىمەن. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، يەر يۈزىگە خۇددى گىلەمدەك يېيىلغان قارىغاي يۇپۇرماقلىرى ۋە ياپيېشىل ئوت- چۆپلەر ئەڭ ئېسىل پارس گىلىمىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، رەڭگارەڭ پەسىللەر كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان مەڭگۈ ئاياغلاشماس تىياتىر بولۇپ، بارماقلىرىمنىڭ ئۇچىنى ئاستا سىيلاپ بىر- بىرلەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
بەزىدە مەن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن نىدا قىلىمەن، ھەممە نەرسىنى بىر كۆرۈپ باقسام دەپ ئۈمىد قىلىەمن. پەقەت سىيلاش، تۇتۇش ئارقىلىقلا مۇشۇنداق ھوزۇرغا ئېرىشەلەيمەن. ئەگەر كۆزۈم كۆرگەن بولسا، قانچىلىك گۈزەل نەرسىلەرنى بايقار ئىدىم- ھە! ھالبۇكى، كۆرەلەيدىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ كۆرگىنى تولىمۇ ئاز. ئۇلار رەڭگارەڭ جانلىق دۇنيانى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ قىلچە ھاياجانلانمايدۇ. بۇ بەلكىم ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى بولسا كېرەك. ئۆزىمىزدە بار نەرسىلەرنى ئازراقمۇ قەدىرلىمەيمىز. ئۆزىمىزدە يوق نەرسىلەرگە بولسا تەلمۈرۈپ تەشنا بولۇپ كېتىمىز. نۇرلۇق دۇنيادا، تەڭرى ئاتا قىلغان كۆرۈش قۇۋۋىتى بىر خىل قۇلايلىق ۋاسىتە دەپ قارىلىدۇ. ئەمما ئۇ ھاياتنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈۋېتەلمەيدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.
مەن ئەگەر ئالىي مەكتەپنىڭ مۇدېرى بولۇپ قالغان بولسام، «كۆزىڭىزدىن قانداق پايدىلىنىسىز؟» دېگەن بۇ زۆرۈر دەرسلىكنى تەسىس قىلغان بولاتتىم. بۇنداق بولغاندا پروفېسسورلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا قانداق قىلغاندا كۆز ئالدىمىزدىن ھەش- پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى ھەقىقىي «كۆرگىلى» بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىقنى ئاۋۇتقان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇخلاپ ياتقان قاشاڭ ئورگانىزملىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئويغاتقان بولاتتى.

مەنبەسى ئەلىمالىم سالونى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

3

تېما

158

يازما

465

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 932
يازما سانى:
158
تىللا:
298
تۆھپە:
3
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
51 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-7

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-10-26 11:22:05 | ئايرىم كۆرۈش
ئىنسان ئۈچۈن كۈزى ئېچىق تۇرۇشتىنمۇ،جېنى تىنىدا تۇرۇشتىنمۇ ئارتۇق نىئمەت بولمىسا كىرەك.
سەبىر ۋە شۈكۈرلەرنى ئ‍ۆزىگ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-10-26 13:01:27 | ئايرىم كۆرۈش
كۆزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى ..ناملىق بۇ ئەسەرنى مەن ئۈچ يىل بۇرۇن ئوقۇپ چىققان ئىدىم.ئەسەردىكى ئاپتورنىڭ كۆز كۆرمەي تۇرۇپمۇ تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى تەسۋىرلىگەندىكى يىنىك تەسۋىرلىرى ،ئۇنىڭ ئۆگىنىش يولىدىكى قەيسەرلىكلىرى ،ئۆزىگە تەكلىب قىلىپ بېرىلگەن ئوقۇتقۇچىسى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچىراشقاندىكى تەسۋىرلەر مېنى بەك ھاياجانغا سالغان ئىدى.
ئادەمنى ئىرادىلىك بولۇشقا،ئالغا ئىلەئىرلەشكە ئۈندەيدىغان ئەسەر بۇ،بەرىكەتلىك بۇلۇڭ!
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-10-27 11:32:26 | ئايرىم كۆرۈش
.بۇ ئەسەرنى ئوقىغاندەكلا قىلىمەن.يەنە قايسىبىر ئايال يازغۇچى بار ئىدىغۇ.قۇلىقى ئاڭلىمايدۇ،ماڭالمايدۇ،ئەمما قەلەم بىلەن ھاياتىنى مەنىلىك تەسۋىرلىگەن .ھېلىقى‹............... قېيىقتا ئوڭدىسىغا يېتىپ  قوللىرىمنى كۆلگە سوزماقتىمەن،بارماقلىرىم ئارىسىدىن كىچىك بېلېجانلار،سۈپسۈزۈك سۇلار سىرغىپ ئۆتمەكتە،....›دەپ يازغان بىر ئەسىرى بار،شۇ ئەسەردىمۇ ئىرادىلىك،قەيسەر بولۇشقا ئۈندىگەن.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-10-27 11:33:07 | ئايرىم كۆرۈش
توۋا،دەل مۇشۇ ئەسەركەنغۇ.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-10-27 11:34:51 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى ئوقىغانچە ئۆزۈمنى بەكلا تەييارتاپ ھېس قىلىمەن.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

37

تېما

193

يازما

1011

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 696
يازما سانى:
193
تىللا:
788
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
139 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-27 20:46:27 | ئايرىم كۆرۈش
ئەزىزىم يوللىغان ۋاقتى  2015-10-27 11:34
بۇ ئەسەرنى ئوقىغانچە ئۆزۈمنى بەكلا تەييارتاپ ھېس قىلى ...

ھې ھې مەن ئوقۇمىسامۇ ئۆزۈمنى تەييارتاپ ھېس قىلايمەن

37

تېما

193

يازما

1011

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 696
يازما سانى:
193
تىللا:
788
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
139 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-27 20:54:22 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-10-26 13:01
كۆزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى ..ناملىق بۇ ئەسەرنى مەن ئۈ ...

رەھمەت ، سىز تۇردا ئوقۇغان مۇ يا كىتابخانىدىن سېتىۋېلىپ ئوقۇغان مۇ ؟ كىتابخانىدا بولسا سېتۋالاي دىگەن

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-10-27 21:30:41 | ئايرىم كۆرۈش
ئوقۇغۇم يوللىغان ۋاقتى  2015-10-27 20:54
رەھمەت ، سىز تۇردا ئوقۇغان مۇ يا كىتابخانىدىن سېتىۋېل ...

كىتابخانىدىن سېتىۋالغان ئىدىم.
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

37

تېما

193

يازما

1011

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 696
يازما سانى:
193
تىللا:
788
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
139 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-28 12:13:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-10-27 21:30
كىتابخانىدىن سېتىۋالغان ئىدىم.

ھە باھاسى قانچە پۇل كەن قىممەت بولسا تورغا چىقماي پۇل تېجەپ ئالاي شۇ كىتابنى  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:45 , Processed in 0.136630 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش