قاپاق تېرەكتىكى جىن
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلار،.قانداق ئەھۋالىڭلار؟
ئازراق كوتۇلداپ قويۇپ چىكىتەي دەپ بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتادىم.يازماقچى بولغىنىم ئاپامنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئىشلار، بەزىسى راست،بەزىسى يالغان.بۇ يازمىدىكى مەن ئەسلى مېنىڭ ئاپام.ئۇنداقتا سۆزلەۋېرەي ھە،سەھنە ھازىر مېنىڭ بولغانكىن.ئاۋۋال گەپنى مەلىمىزنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان مەسچىت ئالدىدىكى تۆت ئادەمنىڭ غۇلىچىغا ئاران پاتقۇدەك يوغان قاپاق تېرەكتىن باشلاي،ھاممام مېنىڭدىن يەتتە ياش كىچىك نەۋرە سىڭلىمنى سۈتتىن بېيىتىش ئۈچۈن بىزنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ بەردى.بۇ شاكىچىكنى ئاساسەن مەن باقاتتىم.ئارىدىن ئون كۈندەك ۋاقىت ئۆتكەندە ھاممام قىزىنى ئالغىلى كەلدى،بىراق بۇ شاكىچىك ئاپىسىنى كۆرۈپلا ئېمىمەن،دەپ غەلۋە قىلغىلى تۇردى،ھاممام بالىسىغا چىدىمىسىمۇ بالىنى ماڭا قويۇپ بېرىپ نېرىقى ئۆيدە يىغلاپ ئولتۇردى،ئانامنىڭ :
—دەرەخ يېلىمى ئەپ كىر،ھامماڭنىڭ كۆكسىگە تېڭىپ قويساق بالىسى قورقۇپ ئەممەيدۇ—دېدى.مەن ھە دەپ ئۆستەڭ ياقىسىغا چىقىپ ھېچبىر تېرەكتىن يېلىم تاپالماي يېنىنپ كىردىم.ئانام كېلىن ئاچامنى بۇيرىدى.كېلىن ئاچام بىردەمدىلا ئۆڭسۆلى ئۆچكەن ھالدا كىرىپ كەلدى.
—ۋاي ئانا،قاپاق تېرەك چاتاقمۇ نىمە،تېرەك غولىنىڭ ئوتتۇرىدەراق يېلىم تۇرىدۇ،چاپاي دەپ بىر پالتا سالغىنىمنى بىلىمەن،كىچىك بالىنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى،قارىسام مەن چاپقان يەردىن قاندەكلا سۇيۇق بىر نىمە ئېقىۋاتىدۇ.قورقۇپ كېتىپ يېنىپ كىردىم.
—ۋاي ئوبدان بالام،نىمىدەپمۇ ئۇ قاپاق تېرەككە پالتا چاپقانسىز،يۈز يىلدىن ئارتۇق ياشىغان تېرەكتە جىن بولماي قالاتتىمۇ،ئەمدى قانداق قىلارمىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمشاق يېلىم بولمىسا قاتتىق يېلىمنى نىم قىلىمىز،ئەستا،...
ئانام قاقشىغىلى تۇردى،كېلىن ئاچام شۈمشەيگىنىچە يىغلاپ ئولتۇردى.
—بولدى بالام،يىغلىماڭ،بۇرۇنمۇ ئۇ قاپاق تېرەككە چېقىلغانلار ھايات قالغان بىلەن ئېلشىپ قالغانلىرى بولغان،بۇ بىر ياخشى ئىش ئەمەس،شۇڭا سىزدىن ئەنسىرەپ قالدىم بالام،خۇدايىم ساقلا،شۇنداقتىمۇ ئېرىڭىزنى چاقىرىڭ،قوشنا مەلىدىن داخان تېپىپ كەلسۇن—دېدى.كېلىن ئاچام چىقىپ كەتتى،بىردەمدە ئاكام كۆتۈرۈپلا كىرىپتۇ.
—ۋاي نىم بولدى؟بايا ساقتىغۇ؟
—بىلمىدىم،ئانام سىزنى قوشنا مەلىدىن داخان ئەكەلسۇن،دەۋېتىپلا يىقىلىپ قالدى.
—ۋاي ئانامەي،تېز بول،ئايالىڭغا مەن قارايمەن—دېدى ئانام.—رۇقىيەم،قىزىڭنى ئېلىپ ھازىرلا كەت،بالاڭغىمۇ چاپلاشمىسۇن بۇ مەرەزلەر.
ئانامنىڭ كىمنى تىللاۋاتقىننى بىلمىدىم،نىم دەۋاتقىننىمۇ بىلمىدىم.بىردەمدە ئىككى ئۈچ پەلپەتىش كىيىنگەنلەر ئۆيگە كىرىپ كەلدى، ئانام ئۇلارغا چاي قويدى،ئاندىن ئالدىغا پۇل قويۇپ بولغان ئەھۋالنى دېدى.ھە،ئەسلى كېلىن ئاچامغا جىن چېپىلىپ قاپتۇمىش.بىر ئىشنىپ بىر ئىشەنمەي تۇرسام ئۇلار كېلىن ئاچامنى ئايرىم بىر ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى، ئانام ئەنسىرەپ مېنى دەرىزىدىن ماراپ تۇرۇشقا بۇيرىدى.ئۇلار ئاۋۋال كېلىن ئاچامنى بىر ئەدىيالغا يۆگەپ چىۋىق بىلەن ساۋىغىلى تۇردى،بىر دەمدە كېلىن ئاچام تىركىلاڭشىپ سەت چىقىراپ كەتتى،ھېلىقى كىشلەر بىرنىمىلەرنى كالدىرلىشىپ كېلىن ئاچامنى يوتقانغا پۈركەپ تىزلاپ بېسىپ تۇردى،كېلىن ئاچام بىردەمدىلا جىم بولۇپ قالدى.مەن ئەنسىرەپ ئانامنىڭ يېنىغا يۈگۈردۈم:
—ۋاي ئانۇي،ئۇ خەقلەر ئاچامنى يۇتقانغا پۈركەپ تىزلاپ بېسىپ قويۇپ بەرمىدى.كېلىن ئاچام يىغلاپ چىقىرىسىمۇ قويۇپ بەمىدى،ئاچام جىم بوپ قالدى،ئۆلۈپ قالغان ئوخشايدۇ.
—ماڭە ساراڭ بالا،شۇم سۆزلىمەي،چىقىرغىنى جىن،ئاچاڭ ھوشىدىن كېتىپتۇ ئەمسە.
ئانامغا قاراپ ھەيران بولغان ھالدا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىردىم.ھېلىقى كىشلەر كۆزلىرىنى يۇمۇپ كالدىرلىشىپ بەس-بەستە بىر نىملەرنى ئوقۇيتى،تۇرۇپلا كېلىن ئاچام كۆزىنى يوغان ئېچىپ:
—ۋاي قولۇم،بەك ئاغرىپ كېتۋاتىدۇ،—دېدى.شۇنىڭ بىلەن چەتتە ئولتۇرغان بىرى كېلىپ:
—ئەزەنتەلە ئوقۇيمەن،
جىنغا توقۇم توقۇيمەن،
جىن سەكرىسە سەكرىسۇن،
مەن سەكرىمەي ئوقۇيمەن.
جىننىڭ ئىسمى بەكرى،
قۇيرىقى بىر تۇتام كەكرى،
يا بىسمىللا،بىسمىللا،بىسمىللا.
بىسمىللا شافىي،بىسمىللا كافىي،
يا بىسمىللا،بىسمىللا،بىسمىللا.
...... .......... .......
ئاڭلاۋېرىپ يادا بوپ قالدى بولغاي،مەنمۇ تەڭ توۋلىغىلى تۇردۇم،ئانام قوغلاپ چىقىرۋەتتى.شۇنداق قىلىپ كېلىن ئاچاممۇ ساقايدى.ئارىدىن بىر ئايچە ئۆتكەندە مەسچىتنى يېڭىلاپ سالىمىز دەپ قەشقەردىن،خوتەندىن كەلگەن تامچى ئۇستىلار مەسچىتنى قايتا سېلىشنى باشلىۋەتتى،نامازنى ۋاقتىنچە ئانامنىڭ زالدەك كەڭ مېھمانخانىسىدا ئوقۇيدىغان بولدى.قۇرۇلۇش ماتېريالىنى بەزى ناكەسلەر ئوغرىلىغانمۇ قانداق،كۈندە ئىككىدىن ئادەم نۆۋەتلىشىپ قاپاق تېرەكنىڭ تۈۋىدە كىگىز سېلىپ يېتىپ قوپۇپ يۈردى،ئارىلىقتا ئىككى قەشقەرلىك ئۇيغۇر ئاكاشقا نۆۋەت كەلگەندە بىرەيلەن نەگە كەتتىكىن،ھېلىقى يالغۇز قالغان ئاكاش كېچىدە ئۇخلاپ ياتسا كۆزلىرىگە بىر نىمىلەر كۆرۈنۈپ كېتىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ھېچ ياتالماي كېچىچە ئۆرە ئولتۇرۇپتۇ.سەھەرلىك ناماز ۋاقتىدا مەزىن ئەخمەتكام ئەزان توۋلىغىلى ئانامنىڭ ئۆيى ئالدىغا ماڭسا بىرەيلەن قاپاق تېرەك ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ،ئايەت ئوقۇۋاتقۇدەك،يېقىن بېرىپ قارىسا ھېلىقى ئاكاش،شۇنىڭ بىلەن مەزىن ئاخۇنىم ھېلىقى ئاكاشنى چاقىرىپتۇ،ئۇ ئاكاش قورىققىنىدىن:
—مەن ساڭا ھېچنىم قىلمىدىم،ماڭا چېقىلما —دېگۈدەك.قارىسا يۈز كۆزلىرى روشەن يارا تۇرغۇدەك.شۇنىڭ بىلەن مەزىناخۇنۇم ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ئۇ ئاكاش خاتېرجەم بولغانكەن.
كېيىن دائىم باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىپ ئوغۇرلاپ ئۆگىنىپ قالغان بىرەيلەن تۇيۇقسىزلا مېيىپ بولۇپ قېلىۋېدى،كىشلەر مەسچىتنىڭ ھەققىنى يېگەن شۇكەن،دېيىشتى.
يازلىق ئورما ۋاقتى يېتىپ كەلدى.مەھەللىنىڭ باللىرى يىگىرمە ئوتتۇزچە بولۇپ چوڭ ئوپچە خاماندا ئوينايدىغان ۋاقىتلاردە بۇ.ھەر ئاخشىمى خامانغا يىغىلىپ مۆكۈشمەك،دۈم -دۈم،ئوغرى ساقچى بوپ ئويناپ مەھەللىنى بىر ئالاتتۇق.راخمان دەپ يېشى چوڭراق بىر يېتىم بالا بولىدىغان.15 ياش چېغىغۇ دەيمەن.بەك كەپسىز ئىدى، دادامنىڭ قويىنى باقاتتى.كەپسىزلىكىدىن تاياققىمۇ يېقىن ئىدى،بىراق داداملار ئۇنى بەك ئەتىۋارلايتى.بىر كۈنى شام ۋاقتى بىلەن مەھەللىدىكى بالىلار يەنە خامانغا يىغىلدۇق.راخمان قولىغا لېگەننى ئېلىپ داپ قىلىپ چېلىپ باخشىنى دوراپ ،كىچىكرەك ئۈچ تۆت بالىنى ئوتتۇرغا چىقىپ ئۆزىگە ئەگىشىپ سەكرەشكە بۇيرىدى،بالىلار راخماندىن بەك قورقاتتى.قوقمىسىمۇ قېنى قىززىق بۇ بالا ئاچچىقى كەلسە ئۇرۇشتىن يانمايتى.ئۇلار سەكرەيتى،ئالىجوقا توۋلايتى،بىز چەتتە ئولتۇرۇپ كۈلەتتۇق،بارا بارا باخشىلىقتىن نەغمىگە ئۆتۈپ ناخشىنى بۇزۇپ ئېيتىپ ئۆز ئويۇنىمىزدىن كۈلۈشتۇق.شۇ چاغدا راخمان بۇ ئويۇندىنمۇ زېرىكتى بولغاي،بوم ئاۋازى بىلەن:
—ھە بالىلار،قاراڭغۇ چۈشۈپ كۈنمۇ يوقىدى،ئەمدى مۆكۈشمەك ئوينايمىز،جىندىن قوققانلار ئۆيۈڭگە كېتىش،قوقمىغانلار،ئويناش،ھېلى چىداشمىساڭ بۇرنۇڭدىن بۇلاق چىقىرىمەن ...
—ئوينايمىز،چىدايمىز...—تەرەپ-تەرەپتىن چۇرقىراشتۇق،راخمان يەنە:
—ئەمسە ئىككى نۆۋەت مەن تاپىمەن،كېيىنكىسى سىلەرگە ئامانەت...—ھەممىمىز بىردەك قوشۇلدۇق،شۇنىڭ بىلەن راخمان بىردىن باشلاپ سانىغىلى تۇردى،بىراق ھېچكىم مۆكمىدى،بەزىلەر قوقتى،بەزىلەر راخماننىڭ يەنە ئىلگىركى قېتىمقىدەك تەرەت قىلىپ ، بىز ئانىكام قىلىپ تالىشىپ قۇچاقلايدىغان سېمۇنىت سىتۇلبىغا چوڭ تەرىتىنى سۇۋاپ قويۇپ بىزنى ئەخمەق قىلىشىدىن ئەنسىردۇق.دېگەندەك راخمان ئوتتۇزغىچە ساناپ بولۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆزى ئوچۇقلا ساناۋېتىپ بىزنى كۆرۈپ قالدى.بىز كۈلۈشتۇق،ئۇمۇ كۈلۈپ كەتتىدە:
—ھە شەيتانلار،پوقۇمنى قۇچاقلاشتىن قوقۇپسىلەردە،بولدى،شۇ بىر قېتىم قىلدىم،ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن،مەنمۇ ماز ئەمەس.
بىز گەپ قىلمايلا دۈپۈرلىشىپ مۆكىدىغان جاي ئىزدىدۇق.راخمانمۇ كۆزىنى ئېتىپ باشقىدىن ساناشقا باشلىدى.راخماننىڭ سانىغانلىرىنى ئاڭلىدۇق،ئەمما قاراڭغۇلۇقتا ئۇنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيتۇق،شۇ ئەھۋالدا تۇرساق راخماننىڭ :
—پىشتىمۇ؟—دەپ توۋلىغىنى ئاڭلاندى.بىرەيلەن پىشتى دېيىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چالدى.ئۇياق بۇياققا ماڭغان شىپىرلىغان ئاۋازلارنى ئاڭلىدۇقيۇ،بېشىمىزنى كۆتەرمىدۇق.ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن بولسىمۇ راخمان كېلەي دىمەيتى،ئىككى ئۈچى قولچىراقنى يورۇتۇپ قاراپ بېقىپ :
—راخمان،راخمان،—دەپ توۋلاپ باقتى،ھېچبىر سادا يوق،ئەنسىرەپ تۇرغىنىمىزدا ئارىدىن بىرى :
—باخشىنى دوراپ جىننى قوغلاپ ئويناپ جىنغا يەم بولدىمۇ يا بۇ ساراڭ،دادام جىن ناماز شام ۋاقتىدا جاھانغا تارايدۇ،دېگەن،دېمەسمۇ،بىر بەزىلىرىمىز يېنىمىزدىكىلەرگە يېپىشتۇق،بەزىلىرى مىشىلدىغىلى تۇردى.شۇنىڭ بىلەن،ھەممىمىز قايتىپ كەتتۇق.رەيھان ئاچام بىلەن ئۆيگە كىرسەم راخمان ھاسىرىغىنىچە ئارقىمىزدىنلا يۈگرەپ كىرگەن پېتى ئانامغا ئۆزىنى ئاتتى.
—ۋاي چولپاچۇي،جىن...جىن،مېنى جىن قوغلاپ كەتتى،ۋايجان،ئۇف،ۋاييەي،سېۋەتباشكەن(بۈدۈر چاش دىمەكچى)بەك ئۇزۇنكەن چېچى.ئاپپاقكەن.باللىنى تاپاي دەپ پىشتىمۇ دېسەم سىلەرنىڭ خامانغا تۇتاش باغ ئىچىدىن بىر تال چالما چىقتى،شۇ يەرگە مۆككەن ئوخشايدۇ دەپ باغقا كىرسەم شۇنداق ئۇزۇن ئاپپاق چېچى بار بىر سى دۈمبىسىنى قىلىپ كۈلگىلى تۇرۇپتۇ،ئاۋازىمۇ بەك چىرايلىقكەن،قۇچاقلاي دەپ يېقىن بېرىۋېدىم،كەينىگە ئۆرۈلدى.يوغان سەت چىشىنى كۆرۈپ قاچتىم،تۇتىۋالغىلى قىل قالدى.ئىشىكتىن كىرىپ بولۇپ قارىسام يوق تۇرىدۇ.
—چاڭ.
تۇيۇقسىزتەككەن شاپىلاقتىن راخمان ئانامغا چەكچەيگىنىچە جىملا بولدى.
—ئۇنداق نەرسىنى كۆرسەڭ ھېچكىمگە دىمە،بولمىسا ساڭا دۈشمەنلىك قىلىدۇ دەپ مەن نەچچە دېدىم ساڭا.
ھەممىمىز ھەيران بولدۇق،بىلدۇقكى،راخمانغا بۇ تۇنجى قېتىمقى ئەمەسكەن،بۇ دەلدۈش قوي باقتىم دەپ نە ئۇتتۇر كەلسە يېتىپ ئۇخلاپ ھېلىمۇ ساراڭ بوپ قالماپتۇ.شۇ كۈنى كېچىچە راخماننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆزگە ئۇيقۇ كېلەمدىغان،خىيال بىلەن يېتىپ تەرىتىم قىستىغانلىقىنى بىلدىم.تەرەتكە چىقاي دېسەم قوقتۇم،شۇنداقتىمۇ نىمە ئامال،قولچىراقنى ئېپ چىقتىم،ئەتراپىمغا توختىماي قاراۋاتىمەن.تۇيۇقسىز ھويلىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تونۇر ئىچىدىن قىپقىزىل تۇخۇم چوڭلۇقىدىكى بىر چوغنى كۆردۈم،ئېنىقكى ئۇ لەيلەۋاتاتتى،نەيزە بويى ئۆرلەپ لەپپىدە يەرگە چۈشۈپلا ئۆچتى.قوققىنىمدىن ئىشتاننى كۆتەرگەن پېتى قاچتىم.يۇتقانغا كىرىپ كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمدۇم.بىراق كېچىچە ئىككى مۆشۈكنىڭ بوغۇشۇپ چىقىراشقان ئاۋازىدىن يۈرۈكۈم قوزغىلىپ كەتمىسىمۇ بىر نېمە بولدى.ئەتىسى كۈندۈزدە قارىسام چوڭ ئانامنىڭ يۈزلىرى كۆك،ئۇششۇق تۇرىدۇ،نىم بولغىننى سورىسام دەپ بەرگىلى ئۇنمىدى.ئانام شۇ كۈنىلا قۇرئان ئوقۇتتى،بىر ئىككى كۈن جامائەتكە نەزىر قىلدى.
كېيىن مەنمۇ چوڭ بولدۇم،شۇ چاغلاردا راخماننى كۆرسىەكلا شۇ ئىشلارنى سۆزلىشىدىغان بولدۇق،ئەسلىدە شۇ ئاخشىمى چوڭ ئانامغىمۇ كۆرۈنۈپ ئۇرۇپ سۆرەپ كېتىپتىكەن.ئانام قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغان ،چۈشىگە بىر چار ساقاللىق كىشى كىرىپ قاپاق تېرەكتە جايلاشقان جىنلار بىلەن سىلەرنىڭ ئېغىلدىكى جىنلار جېدەللىشىپ قاپتۇ،نەزىر بېرىڭلار،دەپتۇمىش.شۇنىڭ بىلەن نەزىر بېرىپ بۇ ئىشلارمۇ بېسىققان بولدى.توۋا دېمسە ئەقلى ھەيران كىشىنىڭ.
ئوقۇغۇچىدا ۋەھىمىلىك ئەسەر يوق دېسە،مەن بەك ئامراقتىم شۇنداق ئەسەرلەرگە.بۇ يازما ئانچە قورقۇنۇشلۇق بولمىسىمۇ ئاساسەن راست ئىشلار.شۇڭا كۆڭۈل ھوزۇرى،دەپ يېزىپ قويدۇم.ئەيىپكە بۇيرىمغايسىلەر. |