|
تۈرك ئالىم ، پروفېسسورلاردىن ئوكتاي سىنان ئوغلى مۇنداق دەيدۇ : « بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ ياخشى تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن ئىنگىلىزچىنى بىلىدىغان ئەمەس ، ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغان مىڭلىغان مۇتەخەسىسلەرنى يېتىشتۈرۈپ ئون مىڭلىغان ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلدۇرۇش لازىم . » (تەتقىقاتچى يازغۇچى تۇرغاي تۈپەكچى ئوغلى : « پروفېسسور دوكتۇر ئوكتاي سىنان ئوغلى ۋە تۈركچە » ، 289 - 290 – بەتلەر ) ،« ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇنيانىڭ ھازىرقى ۋەئۆتمۈشىدىكى ئەڭ بۇيۇك ، ئەڭ ئىنسانىي مەدەنىيىتىنى ياراتقان ئىدى . ئىنساننىڭ باياشاتلىغى ، ھۇزۇرى ۋە بەخت – سائادىتىنى ئاساس قىلغان دۆلەت ھاكىمىيىتى چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يۇرت سورىغانلارمۇ ئۇيغۇرلاردۇر . باشقا تۈرك دۆلەتلىرى ۋە ئاخىرىدا ئوسمانلىقلارمۇ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشنى ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى بۇيىچە داۋاملاشتۇرغان . » ( شۇ كىتاپ ، 252 – بەت ) ، « تۈرك دۇنياسى ، ھەتتاپۈتكۈل ئىنسانلار ئۇيغۇرلارغا كۆپ جەھەتتىن قەرزدار . ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇيۇك مەدەنىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن . دۇنيا بۇيىچە ئىنساننىڭ بەخت –سائادەتلىك بولىشىنى ئالدىنقى رەتتە قويغان دۆلەت باشقۇرۇش ئېڭىنى ۋە تۈزۈلمىسىنى، نۇرغۇنلىغان سەنئەت ۋە تېخنىكىنى ، ئەڭ ئىلغار تېرىقچىلىق ۋە سۇغۇرۇش ۋە بوستانلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۇلار ئىجات قىلغان . ئوسمانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېيىنكى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بۇيۇك مۇۋاپپىقىيەتلىرى مانا شۇ ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن... 20 يىل بۇرۇن ياپۇنىيىدىكى جىددىي ئىزدىنىشلىرىم جەريانىدا ياپۇنلارنىڭ دىققىتى قوزغالدى .ھازىر ئۇلار تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى . بىز ياپۇنلار بىلەن بىرلىشىپ «ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىش مەركىزى» نى قۇرىشىمىزلازىم . ئوسمانلىق ئارخىپ بەلگىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر بىلىم قوشۇنىنىڭ يېنىدا يەنە ئۇيغۇر تىلى ،يېزىغى ۋە تارىخى بۇيىچە كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەرنى تېزلىكتە يېتىشتۈرىشىمىز لازىم.» ( شۇ كىتاپ ، 283 – بەت )
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كونا مەدەنىيەت مېنىستىرى نامىك كەمال زەيبەك ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ : « .... تۈركىيىدە قوللىنىلىۋاتقان ‹ئۇيغارلىق› دېگەن سۆزنىڭ ئەسلىسىمۇ ‹ئۇيغۇرلۇق› تۇر . .... « ھازىرقى زامان تارىخى » ئىنسانىيەت تارىخىنى ئەڭ كۆپ 6 – 7 مىڭ يىل كەينىگە قايتۇرۇپ سۈمەرلەر بىلەن باشلىنىدۇ . ... ئەمما تارىخنى تېخىمۇ كەينىگە سۈرىۋاتقان تەتقىقاتچىلارمۇ بار . مەسىلەن ، « مۇ » ( MU)ئۇيغارلىغى ناملىق ئىلمىي ماقالىنى كۆرىدىغان بولساق ، ئۇنىڭدا ، بۈگۈن ياشىۋاتقان دۇنيامىزغا 12 مىڭ يىل بۇرۇن ھاكىم بولغان ، دۇنيانى باشقۇرغان بىرئىمپېراتۇرلۇق بار بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىسمى «ئۇيغۇر ئىمپېراتۇرلىغى»دىن ئىبارەت..... دېگەن ئۇلۇق ئىلمىي ھەقىقەت ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان » ، « قوللىنا –قوللىنا ئۆگۈنۈپ قالغان ئاشۇ « ئۇيغارلىق » دېگەن سۆزگە بىر قاراپ باقايلىمۇ ؟ بۇنىڭ ئەسلىسى « ئۇيغۇرلۇق » تۇر . «ئۇيغۇرلۇق» دېگەن سۆز بىرئاز ئۆزگەرتىلىش ئارقېلىق مانا شۇنداق «ئۇيغارلىق» دېيىلىدىغان بولۇپ قالغان . ... بۇ ئۇيغۇرلار زادى كىم ؟... نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلۇق ؟ چۈنكى ، مۇندىن 12 مىڭ يىل ئىلگىرى ئاسيا ۋەياۋرۇپانى ئۇيغۇرلار باشقۇرغان ۋە پۈتكۈل خەلقلەرگە «ئۇيغارلىق» نى ئېلىپ كەلگەن ئىدى .بىلىنگەن پۈتكۈل مەدەنىيەتلەرنىڭ تۇنجى مەنبىئىمۇ ئۇيغۇرلار ئىدى . ....ئاتا تۈرك نىمە دېدى ؟ خوش ، تارىخىي قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنلەر ئۇيغۇرلارنى نەگە باغلايدۇ ؟ جەيمز چېچۋود « مۇ ئۇيغارلىغى » دەيدۇ ۋە «مۇ قىتئەسى» قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . ئاتا تۈركمۇ يۇقېرى قابىلىيىتى ، ئالاھىدە سەزگۈ كۈچى ۋە ھەقىقىي ئىلمىي تەھلىللىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاسيادا ياشىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . 50 مىڭ يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسيادا بىر–بىرىگە تۇتاش دېڭىزلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ئىچكى دېڭىز بار ئىدى . بۇ ئىچكى دېڭىزنىڭ ئەتراپىدا كۆركەم بىر مەدەنىيەت ( ئۇيغارلىق ) بار ئىدى. بۇ ئۇيغارلىق ئامېرىكا قىتئەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۈتكۈل دۇنيانى ئىدارە قىلدى،تەسىرلەندۈردى ۋە ئۇيغارلىقنى تارقاتتى. .... »
( نامىك كەمال زەيبەك :« ئاناتولىيەگە قاچان كەلدۇق ؟ » )
مەشھۇر تارىخشۇناس مورگان ئەپەندى : «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تارىم دەريا ۋادىسىغا كۆمۈگلۈكتۇر . قاچان شۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرىمۇ شۇ چاغدا ئېچىلىدۇ .» دەيدۇ.
رۇس ئالىمى كۇزنىتسوف : « ئوتتۇرا ئاسيانى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ بىر ئوچىغى دەيدىكەنمىز، شۇ مەدەنىيەتنى ياراتقۇچىلار ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ئونۇتماسلىغىمىز كېرەك .»دەپ ئالاھىدە ئىزاھلايدۇ .
يۇقارقى قىسقا بايانلار : ‹‹ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرتىل - يېزىغىنىڭ ئالەمشۇمۇل تارىخى رولى توغرىسىدا ›› دىگەن ماقالىدىن ئىلىندى.
ھەر قانداق مىللەت مىللىي تارىخىنى،ۋەتەن تارىخىنى بىلىش ۋە بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.بۇ تولىمۇ نورمال ئىنسانپەرۋەرلىككە ئۇيغۇن ئىنسانىي ھوقۇق قارشىدۇر.ھەر قانداق ۋاستىلەر بىلەن بۇ ھوقۇقنى بوغماق،ھاقارەتلىمەك ۋە بۇرمىلىماق زېمىن كېڭەيمىچىلىكى ۋە مىللىي شوۋىنىزىم ئالامىتى بولۇپ،ئومۇمىيلىق جەھەتتە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋە مەدەنىيەتكە زىت زوراۋانلىقتۇر.مىللەتلەرنى مىللەتلەرگە،پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بىر-بىرگە قارشى قويۇش بىلەن مىللەتلەرنى،ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت تۈركۈملۈك ئالاھىدىلىكلىرىنى،بۇلاردىن تەبئىي يوسۇندا كېلىپ چىقىدىغان ھوقۇقىي مۇمكىنلىكلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋىجدانسىزلىق،ئادالەتسىزلىك ۋە قەستىكارلىق ھېسابلىنىشى لازىم.
ـ《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》دىن
ئۇنتۇلغان ۋە يادىغا ئېلىشقا ئىدرىكى يەتمىگەن تارىخ،بىر يۇمىلاپلا ھاقارەتلەنگەن ۋە《ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى》نىڭ پۇت قويۇش تاختىسى بولغان تارىخقا ئايلىنىپ قالغان!مېنڭىچە،تارىخ تەتقىقاتنىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسى ۋە نۇرانە مەسئولىيىتى كۆمۇلگەن تارىخنى تېخىمۇ كۆمۈپ تاشلاش،ئېچىلىپ قالغان قىسىمىنى بۇرمىلاش ئەمەس،بەلكى ئۇنى ئۆز ھەقىقىتىي،سالاھىيىتى بىلەن يورۇق دۇنياغا ئېلىپ چىقىشتۇر.
ـ《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》دىن
تارىخ-تولىمۇ نازۇك ۋە قايتا-قايتا تاسقاپ تۇردىغان ئەگلەك!مىليون تىللا ياكى مىليون قوشۇن بىلەنمۇ تارىخنى ئالدىغىلى ياكى قورقۇتقىلى بولمايدۇ.
-《يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت》دىن
|
|
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
|
|
|
|
|